ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى گېرمانىيىدە قۇربان ھېيتلىق چاي بەردى

2009-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى

قۇربان ھېيت، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىڭ يىلدىن بۇيان ئىپتىخار ۋە سۆيۈنۈش بىلەن تەبرىكلەپ كەلگەن دىنىي ۋە مىللىي بايرىمى .مۇشۇ مۇبارەك كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن،ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى ميۇنخېن شەھىرىدە 29 –نويابىر كۈنى گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مۇبارەك بايرىمىنى تەبرىكلەپ قوي سويۇپ چاي بەردى.

بۇ كۈندە گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرى ۋە باشقا شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزدىن 400 گە يېقىن چوڭ-كىچىك مېھمانلار ئۆزلىرىنىڭ ھېيتلىق كىيىملىرىنى كىيىشىپ،ھېيتلىق ھازىرلىغان يېمەكلىكلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ پائالىيەتكە قاتناشتى.

ۋەتەنداشلىرىمىز بىر-بىرى بىلەن ناھايىتى قىزغىن ,دوستانە،قېرىنداشلىق مېھرى بىلەن قۇچاقلىشىپ بايرامنى مۇبارەكلەشتى.

پائالىيەت باشلىنىشتىن بۇرۇن شەرقى تۈركىستان دۆلەت مارىشى ئورۇندالدى.ئاندىن تەشكىلات رەھبەرلىرى بىردەك سوز قىلىپ “ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قۇربان ھېيتىنى بۇرۇقتۇملۇق ۋە ئېغىر مۇسىبەت تۇيغۇسى ئىچىدە قۇتلۇقلاش بىلەن بىرگە، شاۋگۈئەن ۋە ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى تۈپەيلىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغان، شۇنداقلا ئۆز مىللىتىنىڭ ھۆرلۈكى، ئەركىنلىكى ۋە شان-شەرىپى ئۈچۈن جانلىرىنى قۇربان قىلغان بارلىق شېھىتلىرىمىزنىڭ ئايىلە – تاۋابىئاتنى سەمىمىي ھال سورايدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارغا جانابى ئاللاھتىن سەۋر-تاقەت تىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى ھەم قەھرىمان شېھىتلىرىمىز نۇر ئىچىدە ياتقاي! جانابى ئاللا ئۇشبۇ مۇبارەك كۈندە، خىتاي زىندانلىرىدا جان تالىشىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئازابىنى يەڭگىل قىلغاي!”دەپ دۇئا قىلدى.ھەم لىدىرىمىز رابىيە قەدەر خانىمنىڭ مۇشۇ ھېيتلاردىمۇ سەپەر ئۈستىدە، مىللەت غېمىدە، ۋەتەن دەردىدە ئىكەنلىكىنى، ئەسلى رابىيە ئانىنىڭمۇ بىزگە ئوخشاش ھېيتلاردا ئائىلىدىكىلىرى بىلەن بىرگە جەم بولۇشقا، تۈرمە ھاياتىدا كۆلدىن كەتكەن پۇرسەتلەرنى باللىرى بىلەن بىرگە جەم بولۇپ تولۇقلىشىغا ھەققى بارلىقىنى لېكىن ۋەتەن، مىللەت غېمى خانىمنى يەنە ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرۇپ، ئۇزۇن يوللار، جاپالىق سەپەرنىڭ ئۇنىڭغا ھەر دائىم ھەمراھ ئىكەنلىكىدەك ئانىمىزنىڭ ۋەتەن،مىللەت غېمىدە چارچىماس روھىغا ئاپىرىن ئوقۇدى ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر،سالامەتلىك تىلىدى.

پائالىيەت داۋامىدا، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ماقۇللانغان  قارارى ئالقىشلاندى..كىچىك،ئوماق پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئورۇنلىغان شوخ،نەپىس ئۇسۇللىرى،ئۇسۇل سىنىپىدىكى گۈزەل لاتاپەتلىك قىزلىرىمىز،ئوغۇللىرىمىزنىڭ ھېيت جامائىتىگە ھېيتلىق سوۋغا قىلغان نەپىس،لەرزان ئۇسۇللىرى ,ناخشىلىرى پائالىيەتنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇۋەتتى. بولۇپمۇ ميۇنخېندىكى مەشرەپ ياشلىرىنىڭ 11 ياشتىن تۆۋەن پەرزەنتلىرىمىزگە ئاتاپ تەييارلىغان ھېيتلىقى كىچىك،ئوماق پەرزەنتلىرىمىزنى تېخىمۇ خۇشال قىلىۋەتتى.ئۇلارنىڭ بەس-بەستە ئۆچىرەتتە تۇرۇپ ھېيتلىق پۇللارنى بالدۇرراق ئېلىۋېلىش ئۈچۈن تەقەززا بولۇشلىرى ناھايىتى قىزىقارلىق بولدى.جامائەت ناھايىتى قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئۇزۇن يوللاردىن كەلگەنلەرنى ئۇزىتىپ ئۆيلىرىگە قايتىشتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەشۋىقات مەركىزى

2009-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى.