ياۋروپا ئىتتىپاقى قارار ماقۇللاپ خىتاينى قاتتىق ئەيىبلىگەن

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

8-ئىيۇل ياۋروپا ئىتتىپاقى قارار ماقۇللاپ خىتايغا كۈچلۈك بېسىم ئىشلىتىش ۋە 2022 – يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقىدا بولغان.

گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىيوسىنىڭ 8 – ئىيۇلدىكى «ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرى ئەمەلدارلارنى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىردى، خىتاي بولسا ‹تەنھەرىكەتنى سىياسىيلاشتۇردى› دەپ ئەيىبلىدى» ناملىق خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، 8 – ئىيۇل ياۋروپا پارلامېنتى ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق قارار ماقۇللاپ «بېيجىڭ دائىرىلىرىنى ئەڭ قاتتىق پوزىتسىيەدە ئەيىبلەشنى ھەمدە خىتاي ناۋادا خوڭكوڭ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتمىسە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەمەلدارلىرىنىڭ 2022 – يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسقابىقىسىگە قاتناشماسلىقى» نى تەشەببۇس قىلغان.

چەكلىمىسىز بۇ قارارنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 578 نەپەر ئەزاسى قوللاپ ئاۋاز بەرگەن، 29 نەپەر ئەزاسى رەت قىلغان، 73 نەپەر ئەزاسى ئاۋاز بېرىشتىن ۋاز كەچكەن. قارار مۇتلەق كۆپ قىسىم پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قوللىشى بىلەن ماقۇللىقتىن ئۆتكەن. بۇ قارار «ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ يەنىمۇ بىرقەدەم ئىلگىرىلەپ بۇزۇلۇشىدىن دىرەك بېرىدۇ» كەن. مەزكۇر قارار لايىھەسىنى فرانسىيە پىرىزدېنتى ماكرون تەۋە بولغان ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ئەڭ چوڭ پارتىيە ئە پ پ، يەنى خەلق پارتىيەسى ئوتتۇرىغا قويغان.

قاراردا «مۇبادا خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى، تىبەت، ئىچكىي موڭغۇلىيە ۋە باشقا رايونلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئۆزگەرتكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بىرەلمىسە، ياۋروپا ئىتتىپاقى قۇرۇلمىسى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا بولغان دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى ھەم دېپلوماتلىرى 2022 – يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشنى رەت قىلىشى كېرەك» دېيىلگەن.

گوللاندىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئاسىيە ئۇيغۇر خانىم ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ قارارىغا نىسبەتەن ئۆزىنىڭ ئىجابىي باھالىرىنى بېرىپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە بۇنداق بىر قارارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا قارشى پىكىردە بىرلىك ھاسىل قىلغانلىقىنىڭ دەلىلى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

مەلۇم بولغىنىدەك، 5 – ئىيۇل كۈنى گېرمانىيە باش مىنىستېرى ئانجىلا مەركىل ۋە فرانسىيە پىرىزدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن تور سۆھبىتى ئۆتكۈزگەندە ئۇيغۇرلار ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان ئىدى. بۇ ياۋروپادىكى ئىككى چوڭ دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى خىتاي رەئىسى بىلەن بولغان سۆھبەتتە بىۋاستە ئوتتۇرىغا قويۇشى بولۇپ ھېسابلىناتتى. مەركىل بىلەن ماكروننىڭ ئۇيغۇرلار ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى قايسىي تەرىقىدە، قانچىلىك دەرىجىدە ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ۋە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بۇنىڭغا نىسبەتەن قانداق جاۋاب بەرگەنلىكى ھازىرغا قەدەر ئاشكارە ئەمەس. بىراق، 7 – ئىيۇل گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىيە مىنىستېرى كارېن باۋيېر خىتاي دۆلەت مۇداپىيە مىنىستېرى ۋېي فېڭخې بىلەن «ھىندى – تېنىچ ئوكيان ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆھبەت» ئېلىپ بارغاندا، كۈچلۈك تەلەپپۇزدا «ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئىستىقبالى مەسىلىسى» نى ئوتتۇرىغا قويغان. ئارقىدىنلا 8 – ئىيۇل ياۋروپا بىرلىكىنىڭ مەزكۇر قارارنى ماقۇللىشى 5 – ئىيۇل ئۆتكۈزۈلگەن 3 تەرەپ رەھبەرلىرى سۆھبىتىنىڭ ئانچە نەتىجىلىك بولمىغانلىقىدىن بىشارەتلەر بېرىدىكەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ قېتىمقى قارارىدا خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيەنىڭ بەربات بولۇشى ھەمدە «ئالما گېزىتى» نىڭ تاقىلىشى، ئۇنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ قولغا ئېلىنىشى مەسىلىسىگىمۇ ئالاھىدە سەھىپە ئاجرىتىلغان بولۇپ، خىتايغا قارىتا تېخىمۇ قاتتىق تەدبىر قوللىنىش ئىلگىرى سۈرۈلگەن. خەۋەردە «خوڭكوڭدا يولغا قويۇلغان ‹دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى› نىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا بولغان ئىشەنچىسىنى يوققا چىقارغانلىقى، بېيجىڭنىڭ خەلقئارادىكى ئىناۋىتىنى يەر بىلەن يەكسان قىلغانلىقى» تەكىتلەنگەن.

شۇ كۈنى خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى نارازىلىق باياناتى ئېلان قىلىپ «جۇڭگو ھۆكۈمىتى تەنتەربىيە ھەرىكىتىنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا، جۇڭگونىڭ ئىچكىي ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا، سىياسىي مۇددىئا بىلەن دەخلى قىلىش، توسولغۇ يارىتىش، بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش قاتارلىق قىلمىشلارغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ» دېگەن. بۇ سۆزنى 8 – ئىيۇل خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى ۋاڭ يىمۇ تەكرارلىغان.

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىسى ئابدۇشۈكۈر ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ قارارى ۋە بەزى دۆلەتلەرنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قارارلىرىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتايىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىمۇ بۇ خۇسۇستا ئۆز قاراشلىرىنى ئىپادە قىلدى.