خىتاي ئۇيغۇر يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەشنى يەنە كۈچەيتىشكە باشلىدى

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 12– ماي

خىتاي دائىرىلىنىڭ ئۇيغۇر يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش پىلانى بويىچە، كەلگۈسى 3 يىل ئىچىدە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ قەشقەر ۋە خوتەن ۋىلايىتىدىن 100 مىڭ يېزا ئەمگەك كۈچى تەشكىللىك يۆتكىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. خىتاينىڭ پىلانى، بۇ ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ زور قىسمىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا، بىر قىسمىنى ئۇيغۇر رايونىنىڭ باشقا جايلىرىدىكى كارخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇشتۇر.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 10‏-ئاپرېل ئۆتكۈزۈلگەن بۇ ھەققىدىكى تېلېفون يىغىنىدا، قەشقەر، خوتەن ۋىلايەتلىرىدىكى يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش پىلانى «شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق چوڭ ۋەزىيىتىگە ئالاقىدار» دەپ كۆرسىتىلگەن ھەم ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ بۇ ئىشنى بىر «سىياسىي ۋەزىپە» قاتارىدا تۇتۇشىنى ۋە 1-قول ئەمەلدار مەسئۇل بولۇشنى تەلەپ قىلغان.

«تەڭرىتاغ» تورىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىشىچە، يىغىندا چېن چۈەنگو سۆز قىلىپ، قەشقەر ۋە خوتەندىكى يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇش «باش نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، مۇقىملىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە پايدىلىق»…«بۇ، جەنۇبىي شىنجاڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ياخشى چارىسى» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش پىلانى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى جەمئىيەتكە ئىنتېگراتسىيە قىلىپ، ئۇلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، ئىجتىمائىي ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاشنىڭ ياخشى يولى، دەپ قارىسىمۇ، بىراق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ بۇ يىل ئاپرېلدا ئېلان قىلغان قىسقا دوكلاتىدا، بۇ پىلان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمگەك ۋە باشقا ئىجتىمائىي ھەق-ھوقۇقلىرىغا خىلاپلىق قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىنىڭ قارىشىچە، بۇ پىلان ئەمگەك ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ. د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى، خىتاينىڭ غەرىزى توي قىلىش يېشىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەشكىللىك يۆتكەپ، ئۇلارنىڭ ئائىلە قۇرۇشى ۋە ھەرىكىتىنى كونترول قىلىش، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىر قارىماققا ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى يەڭگىللىتىشكە ئىمكانىيەت بەرگەندەك قىلىدۇ. چۈنكى، بۇ ئىقتىسادى نۇقتىئىنەزەردىن قارىسا ئاشۇنداق كۆرۈنىدۇ. ئەلۋەتتە، بارغان ئىنسانلار ئىشلەيدۇ، ئىقتىساد تاپىدۇ. بىراق خىتاينىڭ سوقۇۋاتقان پىلانى بۇ ئەمەس. 100 مىڭ ئۇيغۇر دېگەن گەپ، 100 مىڭ ئائىلە دېگەن گەپ. 100 مىڭ ئۇيغۇر قىزى بولسا، 100 مىڭ ئائىلە بولىدۇ دېگەن گەپ. 100 مىڭ ئۇيغۇرنى يۆتكەپ كەتكەن بولسا 100 مىڭ كىشىلىك ئورۇن بىكار بولىدۇ. ئەڭ يامان يېرى مۇشۇ. ئۇنىڭ قىسقا مۇددەتلىك پىلانى بۇلارنىڭ كەلگۈسىدە تۇرمۇش قۇرۇپ، ئۆي-ئوچاقلىق بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش. توي قىلىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈپ، ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىنى توسۇش. بۇ ئۇنىڭ ئەڭ ئاددىي پىلانى. بىراق ئۇنىڭ پىلانى بۇ ياشلارنى ئىچكىرىگە ئاپىرىپ، شۇ يەردە كونترول قىلىشتۇر.»

بەزى خىتاي ئانالىزچىلىرىنىڭ قارىشىچە، ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ نورمال يۆتكىلىشى بازار ئىگىلىكىنىڭ ئېھتىياجى بولسىمۇ، بىراق ئەمگەك كۈچلىرىنى مەجبۇرىي يۆتكەش ئۇنىڭغا خىلاپ بىنورمال ھادىسە.

ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق خىتاي ئىقتىسادى ئانالىزچىسى خې چىڭليەن، بۇ خىل تەسىراتنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى مەجبۇرىي يۆتكىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىختىيارىغا قويۇپ بېرىشى كېرەك.

ئۇ: «ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىدىن قارىغاندا، ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ئىختىيارىغا قويۇپ بېرىش كېرەك. ئۇلار خالىسا بېرىپ ئىشلىسۇن. ئەگەر ھۆكۈمەت بۇنى بىر سىياسىي ۋەزىپە قىلىۋالسا، بۇنىڭ ناھايىتى ئاسانلا ئۇقۇشماسلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. بىراق مەن بۇنىڭ ئارقىسىدا قانداقتۇر بىر يامان سىياسىي غەرەز بار، دەپ قارىمايمەن. بۇنىڭدا پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر-خىتاي مۇناسىۋىتىنى قانداق ھەل قىلىش مەسىلىسىدە ئۈنۈملۈك بىر چارىنى ئوتتۇرىغا قويالمايۋاتىدۇ، دەپ قارىساق بولىدۇ» دەپ كۆرسەتتى.

ئۇ يەنە ئاخىرىدا مۇنداق دەيدۇ: «ھۆكۈمەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسىدە بۇنداق مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك تەدبىرلەرنى قوللىنىشىنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولمايدۇ. ئۇلارنى يەنىلا ئۆزىنىڭ يولىنى ئۆزى تاللاشقا قويۇپ بەرگەن ياخشى.»

خې چىڭليەننىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ ئىشقا سېلىشنى ئاكتىپ يولغا قويۇشتىن بىر مەزگىل توختاپ قالغان. خې چىڭليەن، ھازىر ئۇنىڭ بۇ ئىشنى قايتا ئاكتىپ يولغا قويۇشتىكى مەقسىتىنى چۈشەنمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

خې چىڭليەن مۇنداق دەيدۇ: «جۇجياڭ دېلتىسى دۇنيا سانائەت بازىرىغا ئايلىنىپ راسا گۈللەنگەن ۋاقىتلاردا (ھۆكۈمەت) نۇرغۇن ئۇيغۇر ياش ئوغۇل-قىزلىرىنى دېڭىز بويىدىكى رايونلارغا ئىشلەشكە ئېلىپ بارغان. نەتىجىدە، بۇ سۈركىلىش پەيدا قىلىپ، 5‏-ئىيۇل ۋەقەسىنى پەيدا قىلغان ئىدى. 5‏-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ھۆكۈمەت ئىچكىرىگە ئۇيغۇر ئىشلەمچىلىرىنى يۆتكەشنى ئۇنچىلىك تەرغىب قىلمايدىغان بولغان ئىدى. ھازىر ئۇنىڭ بۇ ئىشنى قايتا رىغبەتلەندۈرۈشكە باشلىشىدىكى سەۋەبنى بىلمىدىم.»

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىچكىرىگە يۆتكەشنى يەنە كۈچەيتىشى، چېن چۈەنگونىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان يېڭى مۇقىملىق سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىككەن.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەر ۋە خوتەن رايونلىرىدىكى يەرسىز ۋە ئىشسىز ئۇيغۇر يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى مۇقىملىققا زور يوشۇرۇن تەھدىت، دەپ قاراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى پەيدا قىلغان بۇ ئىشسىزلارنى باشقا يۇرتلارغا پىلانلىق يۆتكەشتىكى ئاساسلىق سەۋەبى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۈمىد ئاگاھى: «خىتاي ئۆزى پەيدا قىلغان بۇ ئىشسىزلىقنى ھازىر ئۆزى ئۈچۈن بىر تەھدىت، دەپ قاراۋاتىدۇ. ئىشسىز بولغان بىر ئىنسان ھېچقاچان ھۆكۈمەتكە ئاسانلىقچە تەھدىت بولمايدۇ. ئۇيغۇرلاردا ھازىرغىچە 80-85 پىرسەنت ئادەم دېھقان بولۇپ كەلگەن. ئۇلار بۇرۇن ھېچقاچان خىتاي ھۆكۈمىتى تەھدىت بولمىغان. چۈنكى، بۇرۇن ھەممە ئادەم قولىدىن كېلىشىچە ئىشلەپ، ئۆزىنىڭ جېنىنى ۋە ئائىلىسىنى باقاتتى. بىراق، بۇلارنىڭ يەرلىرىنى تارتىپ خىتايغا ئېلىپ بەردى. ئاندىن جاھان تەرەققىي قىلىپ، كۆپ نەرسىلەر ماشىنىلىشىپ، ئاخىرىدا ئەمگەك كۈچلىرىگە ئېھتىياج قالمايدىغان بولدى. بۇ خىل ئامىللار ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا دەخلى قىلىپ، ئۇلاردىكى ئىشسىزلىق تېخىمۇ كۈچەيدى. دېمەك، بۇنى كەلتۈرۈپ چىقارغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى. ئۇيغۇرلارغا بولغان چەتكە قېقىش، دۆلەت تېررورى ئۇلارنى مۇشۇ نۇقتىغا ئېلىپ كەلدى.»

ئۇيغۇر رايونىنىڭ قەشقەر، خوتەن ۋىلايەتلىرىدىكى يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش پىلانى قاتتىق ئىجرا قىلىنىدىكەن. «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىشىچە، ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش پىلانىنى تولۇق ئىجرا قىلىش-قىلماسلىق يەرلىك كادىرلارنىڭ يىللىق خىزمەت ئىپادىسىنى باھالاشتىكى مۇھىم ئۆلچەملەرنىڭ بىرى قىلىپ بېكىتىلگەن.

خىتاينىڭ 100 مىڭ يېزا ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەش ھەققىدىكى 3 يىللىق پىلانىدا، بۇ يىل 25 مىڭ ئۇيغۇر يېزا ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئەمما پىلاندا بۇنىڭ قانچىلىك قىسمى ئۇيغۇر رايونىدىكى باشقا جايلارغا، قانچىلىك قىسمىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلمىگەن.