خىتاي ج خ مىنىستىرى جاۋ كېجى: «شىنجاڭدىكى كۈرەشتە شى جىنپىڭنىڭ ئۈمىدى ئەمەلگە ئاشتى!» (1)

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

يېقىندا ئاشكارا بولۇپ كەتكەن «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» نامىدىكى توپلامدا خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى جاۋ كېجىنىڭ يېزىققا ئايلاندۇرۇلغان نۇتۇق خاتىرىسى ئۇچرايدۇ. 2018-يىلى ئىيۇندا سۆزلەنگەن ۋە «مەخپىي» دەپ تامغا ئۇرۇلغان بۇ نۇتۇقتا جاۋ كېجى شۇ ۋاقىتقا قەدەر بىر يىل داۋام قىلغان زور تۇتقۇننى «دەسلەپكى زور غەلىبىگە ئېرىشتى» دەپ خۇلاسىلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي باش سېكرېتارى شى جىنپىڭنىڭ بىۋاستە قوماندانلىقى ۋە ھەمدەم بولۇشى بىلەن ئەمەلگە ئاشقان بۇ خىلدىكى تۇتقۇن ۋە «تەربىيەلەش» نى ئاساس قىلغان سىياسىي كۈرەشنى بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق خىزمەت پىلانىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىپىسى قىلىش ھەققىدە كۆرسەتمە بەرگەن.

«بەش يىللىق پىلان تولۇق ئۇتۇق قازانغان!»

ئۇيغۇر دىيارىدىكى زور تۇتقۇن ۋە سىياسىي باستۇرۇش ھەركىتى 2016-يىلى ئاۋغۇستتا چېن چۇەنگونىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى بولۇپ تەيىنلىنىشى بىلەن رەسمىي ھالدا باشلانغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر يىلدا «قاتتىق زەربە بېرىش» نامىدا يۈز مىڭلارچە كىشى توپ-توپى بىلەن «تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى لاگېرلارغا قامىلىشقا باشلىدى. بۇ جەرياندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى بولغانلار «تېرورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇق» كاتېگورىيىسىگە مەنسۇپ بولغان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي تىللىق خەلقلەر بولدى. بولۇپمۇ بۇنىڭدىن ئىلگىرى پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىغا بىر تۇتاش تارقىتىپ بېرىلگەن «ئاھالىلارنىڭ ئۇچۇرنى توپلاش جەدۋىلى» ئارقىلىق ھەر بىر ئائىلىدىكى ھەر بىر نوپۇسنىڭ تەپسىلىي ئۇچۇرى توپلانغاندىن كېيىن، بۇ ئۇچۇرلار كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈلگەن ھەمدە شۇ بويىچە كىمنىڭ «ئىشەنچسىز» ياكى «گۇمانلىق» ئىكەنلىكى ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. كېيىنكى ئەمەلىيەت بولسا مىللىي ۋە دىنىي كىملىك چۈشەنچىسىگە ئىگە بولغانلىكى كىشىلەرنىڭ ھېچقانداق سوئال-سوراقسىزلا بىردەك بۇ كاتېگورىيەگە مەنسۇپ قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ئەنە شۇ يوسۇندا تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەر دەسلەپكى قەدەمدە لاگېرلارنى توشقۇزغان ھەمدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەت تازا يۇقۇرى پەللىگە چىقىۋاتقان 2018-يىلى ئىيۇندا، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى جاۋ كېجى ئۇيغۇر دىيارىغا كېلىپ ئۈرۈمچى، خوتەن، قىزىلسۇ، قەشقەر ۋە بىڭتۇەن 14-دىۋىزىيەسى قاتارلىق جايلاردا مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتتىن قوشۇلغان نەچچە ئون كىشىلىك كاتتىباشلارنىڭ ھەمراھلىقىدا نەق مەيدان تەكشۈرىشىدە بولغان. شۇ قېتىملىق تەكشۈرۈشتىن كېيىن ئۇ يۇقۇرى دەرىجىلىك «يەرلىك رەھبەرلەر» بىلەن سۆھبەت يىغىنى چاقىرغان ھەمدە ئۇلار بىلەن نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت توغرىسىدا تەپسىلى سۆزلەشكەن.

جاۋ كېجىنىڭ نۇتۇق تېكىستىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش پائالىيىتىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ ۋە خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭنىڭ تەستىقى بويىچە ئىشقا ئاشقانلىقىنى، بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشنىڭ مەقسىدى 2018-يىلى 6-يانۋاردا شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ ئۆتكەن «شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسى» نىڭ ئەمىلىشىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، «تېرورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىق بەرپا قىلىش» خىزمىتىنىڭ ئۇتۇقلىرىنى خۇلاسىلەش ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. شۇنىڭدەك بۇنىڭدا ھازىر قامالغانلارنى باشقۇرۇش ھەمدە بىڭتۇەننى جەنۇبقا كېڭەيتىشنىڭ مۇھىم نۇقتا ئىكەنلىكىنىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتكەن. ھۆججەتتە ئېيتىلىشىچە، ج خ مىنىستىرى جاۋ كېجى ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ۋە قىرغىنچىلىقنى ئىجرا قىلىشنىڭ «ئاۋانگارت يېتەكچىلىرى» بولغان جۇ خەيلۇن (ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق سېكرېتارى) ۋە ۋاڭ مىڭشەن (ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ نازىرى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى) نىڭ دوكلاتلىرى ۋە سۆزلىرىدىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى «سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىكىنى، شۇنىڭدەك تېرورلۇققا قارشى تۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تونۇپ يەتتىم» دېگەن.

جاۋ كېجىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇقىملىق ۋەزىيىتى توغرىسىدا شى جىنپىڭ ئالاھىدە يوليورۇق بېرىپ: «شىنجاڭدىكى ۋەزىيەتنىڭ مۇقىم بولۇشى يالغۇز شىنجاڭ ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن مەملىكەت ۋە پۈتۈن پارتىيە ئۈچۈنمۇ ئاچقۇچلۇق مەسىلە» دەپ كۆرسەتكەن. شۇنداقلا «بۇ مەسىلىنى ياخشى ھەل قىلىش ئۈچۈن 19 ئۆلكە ۋە شەھەرنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشى شەكلىدە سىياسەت، تۈر، مەبلەغ ۋە تالانت ئىگىلىرى بىلەن تەمىن ئەتكەن.» بۇ جەرياندا ساقچىلار قوشۇنىنى كېڭەيتىش، تۈرمىلەر ۋە لاگېرلارنى كېڭەيتىش دېگەنلەرگە شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى مەركىزىي كومىتېت بىۋاستە 50 نەچچە مىليارد سوم (تەخمىنەن سەككىز مىليارد ئامېرىكا دوللىرى) مەبلەغ ھەل قىلىپ بەرگەن؛ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەھبۇسلاردىن ئوتتۇز مىڭغا يېقىن كىشىنى بىڭتۇەن تۈرمىلىرىگە، شۇنىڭدەك چىڭخەي، سىچۇەن، گەنسۇ قاتارلىق جايلاردىكى تۈرمىلەرگە يۆتكەشكە ياردەملەشكەن. جاۋ كېجى مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئەسلەپ ئۆتكەچ، «نۆۋەتتىكى تۈرمىلەرنىڭ ۋە تەربىيەلەش مەركەزلىرىنىڭ زىيادە ئادەمگە تولۇپ كېتىشى ۋە ساقچىلار قوشۇنىنىڭ يېتىشمەيۋاتقىلىقىدەك بۇ ئىككى مۇھىم مەسىلىدە بىز تېزدىن مەركەزگە دوكلات يوللايمىز. ئىشەنچىمىز كامىلكى بۇنىڭغا لازىملىق مەبلەغ تېز ئارىدا ھەل قىلىپ بېرىلىدۇ،» دېگەن.

جاۋ كېجى مۇشۇ ئەھۋاللارنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرگە نەق مەيدان تەكشۈرۈشى ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىدا «بىر يىلدا ئىشنى ئىزىغا سېلىش، ئىككى يىلدا مۇستەھكەملەش، ئۈچ يىلدا دائىملاشتۇرۇش، بەش يىلدا ئومۇميۈزلۈك مۇقىملىق ئورنىتىش» نىڭ غايەت زور ئىلگىرىلەشكە ئېرىشكەنلىكىنى، بۇنىڭ بىلەن «دەسلەپكى مەزگىللەردىكى دىلىغۇللۇق تۈگىتىلىپ ئىشەنچ بەرپا قىلىنغانلىقى، نەتىجىدە باش سېكرېتار شى جىنپىڭنىڭ ئارزۇسى ۋە ئۈمىدى تولۇق ئەمەلگە ئاشقانلىقى» نى قايتا-قايتا ئەسكەرتكەن. دەرۋەقە، كېيىنكى ئەمەلىيەت خىتاي ھۆكۈمتىى ئېيتقان بۇ «بەش يىللىق پىلان» نىڭ 2022-يىلى تولۇق ئورۇنلانغانلىقىنى نامايەن قىلىپ بەرگەن. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا «كومۇنىزىم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتۇر ئادريان زېنز بۇ بايانلارنىڭ ھەممىسىلا ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشنىڭ باش لاھىيىلىگۈچىسى ۋە ئىجراچىسى شى جىنپىڭ ئىكەنلىكىنى ھۆججەتلىك ھالدا دەلىللەيدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ:

«بۇ ھۆججەتلەر مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ، جۈملىدىن شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدىكى زور تۇتقۇنغا قانداق قول تىققانلىقىنى، بۇنىڭدا قانداق روللارنى ئوينىغانلىقىنى، ئەڭ ئاددىسى ئۇلارنىڭ بۇ ئىشلاردىن تولۇق خەۋەردار ئىكەنلىكىنى دەلىللەپ بېرىدۇ. بۇنىڭدا جاۋ كېجىنىڭ سۆزى ئالاھىدە سالماقنى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇ ھازىرمۇ خىتاينىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. بەلكىم بۇ يىل كۈزدىكى قۇرۇلتايدا ئالماشتۇرۇلۇشى مۇمكىن. ئەنە شۇ كىشى بۇ ئىشلاردا مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ۋە شى جىنپىڭنىڭ قولى بارلىقىنى بىۋاستە تىلغا ئالغان. بۇ بولسا ھازىرغا قەدەر تۇنجى قېتىم مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭدىكى زور تۇتقۇنغا بىۋاستە مەسئۇل بولغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان ئەڭ بىۋاستە ھۆججەتتۇر. يېقىندا ئالماشتۇرۇۋېتىلگەن چېن چۇەنگو بولسا پەقەت بۇ يوليورۇقلارنى ئىجرا قىلغان ھەمدە بۇ ئىشلارغا بىر قوللۇق نازارەتچى بولغان. بۇلاردىن باشقا ئوتتۇرا دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ ۋە ئادەتتىكى گۇندىپايلارغىچە بولغان كىشىلەرنىڭ بۇ لاگېرلار دائىرىسىدە قانداق رول ئالىدىغانلىقىمۇ بايان قىلىنغان. جاۋ كېجىنىڭ سۆزىدە شى جىنپىڭدىن نەقىل ئېلىنىپ ‹باش سېكرېتار يېڭى لاگېرلارنى قۇرۇپ لاگېرلارنى كېڭەيتىش ھەمدە ساقچىلارنى كۆپەيتىشنى بۇيرۇدى. چۈنكى ھازىر لاگېرلارغا ئادەم سولىغۇدەك يەر قالماپتۇ› دەيدۇ. ئۇنىڭ (جاۋ كېجى) ئۆزى بولسا بېيجىڭدىكى ھۆكۈمەتنىڭ نۆۋەتتىكى لاگىرلارنى ئىدارە قىلىشتا دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلاردىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ھەمدە تەربىيەلەش مەركەزلىرىنى ماڭدۇرۇشقا لازىملىق خىراجەتلەرنى ھەل قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.»

«ئون تۈرلۈك خىزمەتنى ‹ياخشى› دەپ باھالاشقا بولىدۇ!»

جاۋ كېجى بۇ قېتىملىق سۆھبەت يىغىنىدا شۇ ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۇەنگونىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشتا، بولۇپمۇ «باش سېكرېتار شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسى ھەمدە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك ئەمىنلىك بەرپا قىلىشتەك باش نىشاننى ئورۇنلاشتا ئوينىغان رەھبەرلىك رولى» غا يۈكسەك باھا بەرگەن. جاۋ كېجىنىڭ بايان قىلىشىچە، چېن چۇەنگو مەركەزنىڭ ئۆزىدىن كۈتكەن ئۈمىدىنى ئاشۇرۇپ ئورۇنلاش بىلەن بىرگە، ئون تۈرلۈك خىزمەتنى «بىجانىدىللىق بىلەن ئورۇندىغان.»

بۇ جەھەتتە جاۋ كېجى ئالاھىدە قىلىپ، 2013-يىللاردىن باشلاپ قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىققان «قاتتىق زەربە بېرىش ھەركىتى» نى بۇ جەھەتتىكى ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ ئۇتۇقلۇق غەلىبە، دەپ كۆرسىتىدۇ. بولۇپمۇ «تېرورلۇق بولغانلىكى ھەرىكەتكە قاتتىق زەربە بېرىش، باش كۆتۈرگەن ھامان زەربە بېرىش ۋە يىلتىزىدىن قېزىپ زەربە بېرىش» نىڭ ئۇتۇقلۇق بولغانلىقىنى تەكىتلەپ، 2017-يىلىدىن بۇيانقى بىر يىل ئىچىدە 20 نەچچە مىڭ تېرورلۇق گۇرۇھىنىڭ يوقىتىلغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن ئۆتكەن 13 ئايدا ھېچقانداق «تېرورلۇق ۋەقەسى» يۈز بەرمىگەنلىكىنى، تۈرمىلەرگە ئادەم پاتماي قېلىش تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن سەۋىيىگە يەتكەندىمۇ چەكلىك ساقچى كۈچلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى بىخەتەرلىك خىزمىتىنى ياخشى ئورۇنلاپ، «چوڭ ئىش چىقماسلىق، ئوتتۇراھال ئىش چىقماسلىق، كىچىك ئىشمۇ چىقماسلىق» قا كېپىللىك قىلغانلىقىنى ئالاھىدە تەقدىرلىگەن.

جاۋ كېجىنىڭ بىلدۈرىشىچە، «باش سېكرېتار شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيسى دىنىي ئاشقۇنلۇقنى ئىدىيىۋى ئاساس قىلغان» دېگەن يوليورۇقى بويىچە «مەنبەنى تازىلاش» خىزمىتى ياخشى ئىشلەنگەن. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئېيتىۋاتقان «ئاشقۇنلۇق» ۋە ئۇنىڭ 75 تۈرلۈك ئالامىتى ھەققىدىكى بەلگىلىمە ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلار ئاممىسىنىڭ ھەممىسىنى «جىنايەتچى» گە ئايلاندۇرۇپ قويىدىغان بولسىمۇ، جاۋ كېجى بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلەرنى «ئىككى يۈزلىمىچى» كادىرلار، «ياۋا ئاخۇنلار» ۋە «ئۈچ خىل كۈچلەر» گە قارشى كۈرەش بىلەن ئوخشاش بولغان «نەسەبىنى، يىلتىزىنى، ئالاقىسىنى ۋە مەنبەسىنى كېسىپ تاشلاش» شەكلىدە داۋام قىلدۇرۇشنىڭ توغرا ۋە ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.

پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىغا يېيىلغان «تۇغقان بولۇش» سىياسىتىنى «خەلق قەلبىنى زىچ ئۇيۇشتۇرۇش» دەپ تەرىپلىگەن جاۋ كېجى خىتاي تىلىنىڭ يەسلىدىن ئالىي مەكتەپكىچە ئورتاق قوللىنىلىدىغان تىلغا ئايلاندۇرۇلۇشىنى «تۆتنى ئېتىراپ قىلىش» (خىتاي ۋەتەن كىملىكىنى ئېتىراپ قىلىش، خىتاي مىللىي كىملىكىنى ئېتىراپ قىلىش، خىتاي مەدەنىيىتىنى ئېتىراپ قىلىش، سوتسىيالىزىم يولىنى ئېتىراپ قىلىش) نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى دېگەن. شۇنىڭدەك بۇنىڭ «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دىكى ئەڭ مۇھىم ئۆگىنىش مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى بولغانلىقىنى ماختىغان. جىنايەت گۇماندارىنى جىنايەت پاكىتلىرى بويىچە ئەمەس، بەلكى سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىكى كومپيۇتېر سىستېمىسى كۆرسىتىپ بەرگەن بەلگە بويىچە تۇتقۇن قىلىشنى «زامانىۋى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق % 99.9 خەتەرنى يۈز بېرىشتىن ئىلگىرىلا بىت-چىت قىلىش» دەپ تەرىپلىگەن. ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرۇلغان 7628 ئورۇندىكى «خەلققە قولايلىق ساقچى پونكىتى» نىڭ «خەلق ئاممىسى» غا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئاتا قىلغانلىقىنى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى 5700 كىلومېتىردىن ئۇزۇن بولغان دۆلەت چېگراسىغا تىكەبنلىك سىم تارتىلىپ، چېگرا لىنىيەسى بويىدىكى ئاممىنىڭ ھەمكارلىشىشى ئارقىلىق «قانۇنسىز بىرمۇ ئادەم چىقالماسلىق، بىرمۇ ئادەم كىرەلمەسلىك» تەك ۋەزىيەتنىڭ يارىتىلغانلىقى ئالقىشلانغان.

جاۋ كېجىنىڭ شۇ قېتىملىق خىزمەت تەكشۈرىشىدە ئالاھىدە مۇھىم نۇقتا بولغان ئىشلارنىڭ بىرى بىڭتۇەننىڭ جەنۇبقا كېڭيىشىگە دائىر مەسىلىلەر بولۇپ، بۇنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنى بىرلەشتۈرۈشتەك «ئۇلۇغۋار پىلان» غا ئۇل سېلىش ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نوپۇسنى مەركەزلىك ئەلالاشتۇرۇش» نىڭ مۇھىملىقىنى تىلغا ئېلىپ، بۇ جەھەتلەردە دەسلەپكى قەدەمدە ئۇتۇق قازىنىلغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى بېيجىڭدىن ئۈرۈمچىگە قەدەر «بىر تاختا شاھمات» كەبى ئىش كۆرۈشى ھەققىدە سۆز بولغاندا، دوكتۇر ئادريان زېنز بۇ خىلدىكى ئاچچىق رېئاللىقنىڭ ۋە دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ غەرب دۇنياسىدىكى ۋە ئوتتۇرا-شەرقتىكى تېخىمۇ كۆپ ھۆكۈمەتلەرنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەت ھەققىدە ئويلىنىپ كۆرۈشكە دەۋەت قىلىشى مۈمكىنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ: «دەرۋەقە، بىز بەزى ھۆكۈمەتلەرنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانىنىڭ ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى كۆرمەكتىمىز. بۇ جەھەتتە گېرمانىيەنىڭ ئىپادىسى ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىقتىساد مىنىستىرى روبېرت خابېك (Robert Habeck) ئېنىق قىلىپ: ‹بىزنىڭ خىتاي سىياسىتىمىز مەغلۇپ بولدى. ئەمدى بۇنى ئۆزگەرتىشنىڭ ۋاقتى كەلدى› دېدى. ھازىر بۇ خىلدىكى پىكىرلەر گېرمانىيە ھۆكۈمىتىگە تېخىمۇ ئېغىر بېسىم پەيدا قىلىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ ھازىرقىدەك دۇنيانىڭ دىققىتى روسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا مەركەزلىشىپ قېلىۋاتقان بىر پەيتتە، ياۋروپادىكى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي سىياسىتىنى ئۆزگەرتىش ھەققىدە سۆز قىلىشى ئىجابىي قىممەتكە ئىگە. شۇڭا بۇ خىل دەلىل-ئىسپاتلار تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنى ئويغاتسا، يەنە بىر ياقتىن ھېلىھەم بازار تېپىۋاتقان ‹بۇ دېگەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ياكى مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئويۇنلىرى› دېگەندەك پىتنە-ئىغۋالارغا كۈچلۈك رەددىيە بېرەلەيدۇ. شۇنداقلا شىنجاڭدىكى بۇ مەسىلىلەرنىڭ يالغۇز كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى بىر قانۇنىي مەسىلە ئىكەنلىكىنىمۇ تەقەززا قىلىدۇ.»

جاۋ كېجى شۇ قېتىملىق خىزمەت زىيارىتى جەريانىدا ھېچقانداق «ئاشۇرۇۋېتىلگەن مەسىلە» نى بايقىمىغان. شۇنىڭدەك ئۆزى ئىگەللىگەن ئەھۋاللارغا ئاساسەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى باستۇرۇش خىزمىتىنى تېخىمۇ كەڭ ساھەگە تەدبىقلاش ھەققىدە كۆرسەتمە بەرگەن.

بۇ پروگراممىنىڭ داۋامىغا قىزىقساڭلار، دىققىتىڭلار كېيىنكى ئاڭلىتىشىمىزدا بولسۇن.