خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىقىغا قارشى، دئۇق نىڭ نارازىلىق پائالىيەت كالېندارى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2014-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بېرى، شەرقىي تۈركىستاندا شىددەت بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقى، بىگۇناھ ئىنسانلارنى قانۇنسىز ئېتىپ تاشلاش ۋە تۇتقۇن قىلىشتەك جىنايىتىگە قارشى ، دئۇق تەرىپىدىن دۇنيا مىقياسىدا كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش چاقىرىقىنىڭ روھى بويىچە، ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى جىددىي ھەرىكەتكە كېلىپ، خىتاي ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا، ئاممىۋى سورۇنلاردا نارازىلىق پائالىيەتلىرى، مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىق قىلماقتا.

دئۇق ئىجرائىيە كومىتېتىغا ھازىرغىچە كەلگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا، كانادا، گېرمانىيە، گوللاندىيە، شىۋېتسىيە، ياپونىيە، تەيۋەن قاتارلىق دۆلەتلەردە نارازىلىق پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلىدۇ.

نارازىلىق پائالىيەتلىرىنىڭ ئورنى، ۋاقتى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تۆۋەندىكى پائالىيەت كالېندارىدىن كۆرۈڭ.