تەزىيەنامە
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى
2014-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى
ھۆرمەتلىك ۋەتەنداشلار،
شۇنى شەكسىز قايغۇ ئىچىدە سىلەرگە يەتكۈزمەكچىمىزكى، بۈگۈن قەدىرلىك دوستىمىز، سەپدىشىمىز ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى، مەن تۈرمىدىن چىققان 10 يىلدىن بېرى ۋەتەن-مىللەت ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان كۈرەشتە مېنىڭ بىلەن بىر سەپتە ماڭغان مۆھتەرەم ھەسەن ھۈسەن ئەپەندى كېسەللىك سەۋەبىدىن بىزدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلدى. ھاياتى بويى خەلقىمىزنىڭ يىغىسىنى يىغلىغان، كۈلكىسىنى كۈلگەن ۋە ھۆرلۈكى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ھەسەن ئەپەندىنىڭ ۋاپاتى شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ۋە خەلقى ئۈچۈن چوڭ يوقىتىشتۇر. مەن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھەسەن ئەپەندىنىڭ ئايالى گۈلىستان خانىمغا، قىزى يەسمىگە ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە دوست-يارەنلىرىگە ئاللادىن سەۋر-تاقەت تىلەيمەن.
ھەسەن ھۈسەن ئەپەندى 1952-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجا شەھىرىدە مەرىپەتپەرۋەر ئۆزبېك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. تىنىمسىز ۋە تىنچسىز ھايات قوينىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن ھەسەن ئەپەندى بىزگە ئۆرنەك بولغۇدەك بىر ھاياتنى قالدۇرۇپ كەتتى.
مەيلى ئۇ ئائىلىسى بويىچە مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا تۆۋەنگە چۈشۈرۈلۈپ غۇلجانىڭ يېڭى تام يېزىسىدا يەرلەشسۇن، مەيلى ئۈرۈمچىدىكى غۇربەتچىلىككە ۋە ئۈمىدكە تولغان ئالىي مەكتەپتە ئىلىم تەھسىل قىلسۇن، مەيلى غۇلجاغا قايتىپ ئوتتۇرا مەكتەپتە كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئىلىم بەرسۇن ۋە كېيىن 1980-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا ئاۋسترالىيەگە چىقىپ يېڭى تۇرمۇشىنى باشلىسۇن، ئۇ باشتىن ئاخىر ئوز خەلقىگە بولغان مەسئۇلىيىتىنى ھېچ قاچان ئۇنتۇپ قالمىدى. ئۆزى قەيەردە بولىدىكەن، شۇ يەردە خەلقىنىڭ خىزمىتىنى قىلدى. ئاجىزلارنىڭ بەشىنى سىيلىدى، ئۇلارغا يۆلەكتە بولدى.
ئۇنىڭ ئۆتكۈر سۆزلىرى ۋە بەجانىدىللىق بىلەن قىلغان پائالىيەتلىرى ئاۋسترالىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان جامائىتى ئارىسىدىلا ئەمەس بەلكى باشقا دۆلەتلەردىكى شەرقىي تۈركىستان جامائەتلىرى ئارىسىدىمۇ بەلگىلىك تەسىر قوزغىدى.
بىر تەشكىلاتچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەسەن ھەسەن ئەپەندى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قۇرۇلۇش خىزمىتىدە مۇھىم رول ئوينىدى. شۇنىڭدەك، ئۇ سىيدنىيدا ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلدى. تاكى ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە بۇ جەمئىيەت ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلدى.
ھەسەن ئەپەندىنىڭ ھاياتى بىر پائالىيەتچىنىڭ، بىر تەشكىلاتىنىڭ، كۆيۈمچان ئۇستازنىڭ ھاياتىدۇر. ئۇنىڭ ھاياتى قاراڭغۇلۇقتا قالغاندا كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدتىن ۋاز كەچمەي ئىلگىرىلىگەن ۋە ئوز خەلقىگە بولغان مۇھەببەتنىڭ ھىماتى بىلەن ھۆرلۈككە ئۆزىنى بېغىشلىغان ھاياتتۇر. بۇ ھايات قەلبىمىزدە مەڭگۈ ئەسلىنىدۇ!
ئەلۋىدا ھەسەن ئەپەندى، ئاللا روھىڭىزنى شاد ئەيلىگەي ۋە سىزگە جەننەت مەرتىۋىسىنى تارتۇق قىلغاي.
رابىيە قادىر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى
2014-يىلى 31-ئۆكتەبىر