شاھادىتىنىڭ 24- يىلىدا ئۇستاز نىزامىددىن ھۈسىيىننى ئەسلەيمىز!

نىزامىدىن ھۈسەيىن 20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىدىكى مۆجىزىلىك سەرگۈزەشتلەرگە ئىگە بىر شەخس. ئۇ 1940-يىللاردىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى مەزگىلىدە 16 يېشىدا تاشقورغان پارتىزانلىرىغا قاتناشقان، ئالدىنقى سەپتە جەڭلەردە كۆپ قېتىم يارىلىنىپ، «ئۆلمەس توختىمەت» دېگەن نامنى ئالغان ئۇستاز نىزامىددىن ھۈسىيىن، «11 بىتىم » دىن كېيىن گومىنداڭ ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، يەكەندە تۈرمىسىگە قامالغان. 1946-يىلىنىڭ ئاخىرى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىپ، شىنجاڭ ئىنستىتۇتىنىڭ تارىخ-جۇغراپىيە فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. 1951-يىلىدىن 1957-يىلىغىچە «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسدە مۇخبىر ۋە تەھرىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1958-يىلى خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى مىللى ئارمىيىنىڭ ئوفېتسېر -ئەسكەرلىرى ۋە زىيالىلارغا قاراتقان زىيانكەشلىكىدە، «ئەشەددىي يەرلىك مىللەتچى»، «پانتۈركىست» دېگەن قالپاق كىيدۈرۈلۈپ، تاكى 1978-يىلىغىچە 20 يىللىق ھاياتى تۈرمىدە ئۆتكەن. بۇ جەرياندا ، تەجرىبىلىك ئىنقىلاپچى، پېشقەدەم ئەسكەر، ئۇستاز نىزامىدىن ھۈسىيىن نۇرغۇن قېتىم تۈرمىدىن قېچىپ قارشىلىق كۆرسىتىدۇ ۋە قايتا تۇتۇلۇپ يەنە تۈرمىگە قامىلىدۇ.ئۇستاز نىزامىدىن ھۈسىيىن ئەپەندىم 1980-يىللاردا ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى ۋە ئەقىدە تارىخى بويىچە كۆپلىگەن يىرىك ماقالىلەرنى يېزىپ، كۈچلۈك تەسىر قوزغايدۇ. 1997-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى 71 يېشىدا يەنە تۇتقۇن قىلىنىپ، ئاخىرقى ئۆمرىنى خىتاي تۈرمىسىدە ئۆتكۈزىدۇ. 1998-يىلى 3-ئايدا ئاخىرقى تىنىقى قالغاندا داۋالىنىشقا قويۇپ بېرىلىپ، بىر ئايدىن كېيىن، يەنى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى ئالەمدىن ئۆتىدۇ.
شۇنىڭدىن كېيىن نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ ئىسىم-شەرىپى، ئەسەرلىرى ۋە ئۇ ھەققىدىكى بارلىق ئەل ئارىسىدىكى گەپ-سۆزلەر قاتتىق چەكلىنىدۇ.
نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندى ياشىنىپ قالغانلىقى ۋە سالامەتلىكىنىڭ ناچارلاپ كېتىۋاتقانلىقىغا قارىماي پۈتۈن زېھنى بىلەن يېزىقچىلىق قىلىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ،يەنى 1997-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى كەچ سائەت 10 دىن ئاشقاندا قولغا ئېلىنغان. بۇ ۋاقىت شەرقى تۈركىستاندا ئومۇميۈزلۈك «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» ۋە «25-فېۋرال ئۈرۈمچى ئاپتوبۇس پارتلىتىش ۋەقەسى» دىن كېيىنكى ۋەھىمىلىك كەيپىياتقا چۆمگەن ئىدى.
بۇ قېتىمقى تۇتقۇن قىلىشتا ئاتالمىش ئاپتونۇم رايونلۇق ھۈكۈمەتنىڭ پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن،ۋە خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكىدىن لاۋ گەن ،بىۋاستە قوماندانلىق قىلغان بولۇپ ،تۇتقۇننىڭ پۈتۈن جەريانىنى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى باشلىقى قادىر،ۋە ئاتالمىش ئاپتونۇم رايۇنلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى سىياسى باشقارمىسىدىن ئالىم قاتارلىق ئىجرا قىلغان.
ئۇستاز نىزامىدىن ھۈسىيىن ئەپەندى ياشىنىپ قالغان ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تۈرمە ھاياتى،يىللارنىڭ بوران -چاپقۇنلىرى سەۋەبىدىن كېسەلچان بولۇپ قالغان ئىدى.
بۇنىڭغا قوشۇلۇپ خىتاي تۈرمىسىدە ياشانغاندىكى قىيىن -قىستاق ۋە تەن جازاسى ئۇستازنى خىېلىلا تۈگەشتۈرۈۋەتكەن بولۇپ، خىتاي ھۈكۈمىتى ئاخىرقى كۈنلىرىدە ئۈچىنجى تۈرمىنىڭ تۈرمە دوختۇرخانىسىدا تۇرۇاۋقان نىزامىدىن ھۈسىيىن ئەپەندىنى تۈرمە دوختۇرخانىسىدا ، سوراق قىلىش جەريانىدا ھەددىدىن زىيادە ئىشلىتىلگەن ھورمۇن ئوكۇللار ۋە قالايمىقان بېرىلگەن دورىلار بىلەن زەھەرلىگەن بولۇپ ،خىتاي ھۈكۈمىتى ئۇستازنىڭ تۈرمىدە ئۆلۈپ كەتسە خەلقارا جەمىيەتتە ۋە ئۇيغۇر زىيالىلار ئارىسىدا غۇلغۇلا پەيدا قىلىشىدىن قورقۇپ ئۆيىگە كېپىلگە بەرگەن ئىدى.
ئەمما ئاللىبۇرۇن زەھەرلەنگەن ئۇستاز نەق بىر يىل كېيىن ئۆيىگە بېرىلگەندىن كېيىن 1998-يىلى 4-ئاينىڭ 8 -كۈنى ئۆيىدە شاھادەت شەربىتىنى ئىچتى.
ئۇستاز نىزامىدىن ھۈسىيىن ئەپەندى پۈتۈن ھاياتىنى شەرقى تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھۆرلىكىگە بېغىشلىغان بولۇپ،ئۇ ھاياتىنىڭ ياشلىق ۋاقىتلىرىنى مىللى ئارمىيە ئالدىنقى سېپىدە ئۇرۇشتا ،رازۋېتچىك،ئانتى رازۋېتچىك،مىللى ئارمىيە ئىستىخبارات قىسىمى،ۋە تاشقورغان پارتىزانلىرى ئالدىنقى سېپىدە ئۆتكۈزگەن. كېيىنكى ئۆمرىنى يېزىقچىلىق ىبلەن ۋە خەلقنى ئويغىتىش ، ياشلارنى تەربىيەلەپ مىللەت ۋەتەن ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان جەڭگىۋارلارنى يېتىشتۈرۈش بىلەن ئۆتكۈزگەن. ئۇستاز نىزامىدىن ھۈسىيىن ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قوشقان ئەڭ مۇھىم تۆھپىلىرىدىن بىرى شەرقى تۈركىستاننىڭ خىتاي ئىشغالىدىن كېيىنكى قارشىلىق ھەركەتلىرى ۋە كۈرەش تارىخىنى رەتلەپ ،خاتىرىلەپ توپلىغان بولۇپ بۇ يولدىمۇ نۇرغۇن پىداكار ياشلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن بولۇپ،بۇلار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قارا قۇتىسى سۈپىتىدە خىزمەت قىلماقتا !
ھازىر ئۇيغۇر دىئاسپوراسىدىكى ئالدىنقى سەپتە خىزمەت قىلىۋاتقان ئاۋانگارتلارنىڭ كۆپى مەرھۇم ئۇستازنىڭ تەلىم- تەربىيىسىنى ئالغان بۇلۇپ ،ئۇنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللى ئىنقىلاپ تارىخىدىكى شانلىق ئىزلىرى مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2022-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى