قىرغىنچىلىقنىڭ باسقۇچلىرى ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىجتىمائىي ئۆلۈم (2)

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاساسىي نىشان قىلغانلىقى ھەمدە بۇنىڭ بىر پۈتۈن مىللەتنى «ئېرىتىپ تۈگىتىش» شەكلىدە يوقىتىشقا مەركەزلىشىۋاتقانلىقى ئوخشىمىغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بايانلىرىدا ئوخشىمىغان شەكىلدە يەر ئ‍ېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئەنگلىيەدىكى شەففىيلد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى دېيۋىد تابىن بولسا بۇنىڭ قەدەم-باسقۇچلۇق ئورۇنلىنىۋاتقان قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى باشقا نۇقتىلاردىن سېلىشتۇرما تەتقىقات شەكلىدە بايان قىلىدۇ.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، «قىرغىنچىلىق» ئىنسانىيەت تارىخىدىكى بەكمۇ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە قەدىمىي جىنايەت بولسىمۇ، «قىرغىنچىلىق» دېگەن سۆزنىڭ ئۆزى تېخى يېقىندا پەيدا بولغان يېڭى سۆز ھېسابلىنىدىكەن. 13-ئەسىردە چىڭگىز خان ئۆزىگە قوشنا تاڭغۇتلار (غەربىي شيا) دۆلىتىنى موڭغۇل ئىمپېرىيەسىگە قوشۇۋېلىش جەريانىدا تاڭغۇتلارنى مىللەت بويىچە قىرىپ تاشلىغانلىقى، 18-ئەسىردىكى مانجۇ ئىمپېرىيەسى غەربكە كېڭىيىش جەريانىدا جۇڭغارىيە ۋادىسىدىكى جۇڭغارلارنى قۇچاقتىكى بوۋاقلارغىچە قىرىپ تاشلىغانلىقى دېگەنلەر كىشىلەرگە ئەڭ تونۇشلۇق بولغان «قىرغىنچىلىقنىڭ مىساللىرى» بولۇپ كەلگەنلىكتىن، كىشىلەر ھەرقاچان «قىرغىنچىلىق» دېگەندە ئاشۇ خىلدىكى زور كۆلەملىك ئۆلۈمنى تەسەۋۋۇر قىلىپ ئادەتلىنىپ قالغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە يەھۇدىيلارنىڭ زور كۆلەمدە ئۆلتۈرۈلۈشى بولسا بۇنىڭ ئەڭ يېڭى مىسالى بولۇپ قالغان.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە بولسا ھازىرقى زاماندىكى «قىرغىنچىلىق» نىڭ تەبىرىگە كۆپلىگەن مەزمۇنلار كېيىنكى ۋاقىتلاردا قوشۇلغان. شۇنداقلا بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭ بەشتىن ئون ئىككىگىچە بولغان ئوخشىمىغان باسقۇچلارغا ئايرىلىدىغانلىقىنى خۇلاسىلەپ چىققان. بۇنىڭدا ھەرقاچان «بىز» ۋە «ئۇلار» دېگەن ئىككى كاتېگورىيە مەۋجۇت بولۇپ، «بىز» كاتېگورىيەسى ئۈچۈن خەتەرلىك بولغان «ئۇلار» كاتېگورىيەسىدىكى خەلقلەر ھەرقاچان قىرغىنچىلىقنىڭ ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ كەلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا بۇنىڭدىن ئون يىللار ئىلگىرىلا «ئۇلار» نى يۇمشاق ئۇسۇلدا «ئېرىتىش» ئۈچۈن «ئىتتىپاقلىق» شوئارىنى ھەممىلا يەرگە چاپلىغان. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا پروفېسسور دېيۋىد تابىن مۇنداق دەيدۇ.

«شۇڭا مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم ھازىرقى ئەڭ چوڭ مەسىلە كومپارتىيە دۆلىتى بۇ خىل كىملىك مەسىلىسىنى ئۇلارنىڭ ‹بىخەتەرلىك› ئامىلىغا تەھدىت، دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلار كومپارتىيە دۆلىتىنىڭ بۇ خىل پۈتكۈل مىللەتنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىۋېتىش ياكى پاك-پاكىزە يوق قىلىۋېتىش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن ئەڭ زور تەھدىت بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىۋاتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن خىتايلار ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقانداق نارازىلىقى ياكى قارشىلىقىنى دەرھاللا تېررورلۇققا باغلاپ چۈشىنەلەيدۇ. كومپارتىيە دۆلىتىنىڭ سىياسەتلىرىمۇ ئەمەلىيەتتە خىتاي پۇقرالىرىنى بىخەتەر تۇيغۇغا ئىگە قىلمايدۇ، ئەكسىچە ئۇلارنى تېخىمۇ زور قورقۇنچقا گىرىپتار قىلىدۇ. ‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئارقىلىق بىخەتەرلىك بەرپا قىلىش› خىيالى ئەمەلىيەتتە ‹توقماق› قا ‹ھالۋا› سۈركەپ ‹قاتتىق زەربە بېرىش›تىن ھېچقانچە پەرق قىلمايدۇ. چۈنكى بۇلار ھەرقاچان ‹ئۇلار بىزگە ئوخشىسۇن. بولمىسا بىزگە قارشى چىققان بولىدۇ› دېگەن مەنتىقىنىڭ تەكرارلىنىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. بىز كۆرگەن ‹ئىتتىپاقلىق بەخت، بۆلگۈنچىلىك ئاپەت› دېگەن شوئار ھەرقاچان پارقىراپ تۇرغان مىلتىقلارنىڭ سايىلىرىدە كۆزگە چېلىقىدۇ. نەيزىلىك ئاپتوماتلارنى كۆتۈرگەن ئەسكەرلەر بىلەن لىق تولغان ئاپتوموبىللارغا ئېسىلغان بۇنداق شوئارلار ھازىر ھېچكىمنى ئىشەندۈرەلمەيدۇ. ئۇيغۇرلارمۇ بۇنداق شوئارلارنى كۆرگەندە بۇنىڭدا ھېچقانداق ئىتتىپاقلىق بولمايدىغانلىقىنى، ئەكسىچە بۇنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە ھەققىدىكى شوئار ئىكەنلىكىنى دەرھاللا ئاڭقىرالايدۇ.»

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خەلقئارالىق قانۇنلاردا «قىرغىنچىلىق» ھەققىدە سۆز بولغاندا ھەرقاچان زور كۆلەملىك ئادەم ئۆلتۈرۈش ياكى مەلۇم بىر مىللىي تۈركۈمنى مىللەت بويىچە يوقىتىشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشى تەكىتلىنىدۇ. جەمئىيەتشۇناسلاردىن كلاۋديا كارت بولسا «ئىجتىمائىي ئۆلۈم» ئىبارىسى ئارقىلىق مەلۇم بىر قوۋمنى باشقىچە قوۋم قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ھەمدە ئۇلارنىڭ ھاياتىنى ئۇلارغا نامەلۇم بولغان شەكىلدە بەلگىلەپ بېرىشنى ئىپادىلىگەن. بۇ مەنىدىن ئالغاندا ئانا تىلدىن ئايرىلىش، روھىي گاراڭلىققا گىرىپتار بولۇش، ئۆز قوۋمىدىن ئايرىلىپ قېلىش قاتارلىق «ئىجتىمائىي ئۆلۈم» ھەرقاچان «جىسمانىي ئۆلۈم» شەكلىدىكى بىۋاسىتە قىرغىنچىلىقتىن كۆپ ئېغىر ۋە ۋەھشىي بولىدىكەن. شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىدىن ئايرىلىپ قېلىشى، مىللىي ئېتىقادىدىن مەھرۇم بولۇشى، ئىقتىسادىي جەھەتتىن يەكلىنىشى ۋە گۆدەكلەرنىڭ ئۆز توپىدىن ئايرىپ تاشلىنىشى قاتارلىق كۆپلىگەن ھادىسىلەر دەل مۇشۇ خىلدىكى ئىجتىمائىي ئۆلۈمنى ھاسىل قىلىدىكەن. چۈنكى بۇ خىل ئۆلۈمدە بىر قىسىم مىللەتلەرنىڭ قىرغىنچىلىقتىن كېيىن كۈچ توپلاپ قايتىدىن قەد كۆتۈرۈشىدەك مۇمكىنچىلىك ئەبەدىيلىككە ھەمدە تۈپ يىلتىزىدىن يوق قىلىنىدىكەن. بۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان بايانلار بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆججەتلىرىدە «نەسەبىنى ئۈزۈپ تاشلاش، يىلتىزىنى كېسىپ تاشلاش، ئالاقىسىنى بۇزۇپ تاشلاش ۋە مەنبەسىنى ئۈزۈپ تاشلاش» دېگەن شەكىلدە كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا مۇنداق دەيدۇ.

«مەن تۇنجى قېتىم بۇ خىل شەكىلدىكى بايانلارنى ياۋروپا مۇستەملىكىچىلىكىنىڭ تارىخىنى ۋاراقلىغاندا ئۇچراتقان ئىدىم. بۇ تېكىستلەرنى ئوقۇغان ۋاقتىڭىزدا ئاشۇ مەدەنىيەتلەرنىڭ كۆرۈنۈشكە تەبىئىي تەرەققىياتقا ئوخشاپ كېتىدىغان مۇھىتتا قىلچىلىكمۇ تەبىئىي بولمىغان شەكىلدە كۆزدىن يۈتۈۋاتقانلىقىنى بايقايسىز. ئەمدى قارايدىغان بولساق شى جىنپىڭ پۈتۈن زېھنىنى ‹يۇغۇرۇلۇش› ئىبارىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ ‹مەدەنىيەت دېگەن بىر مىللەتنىڭ روھى› دېگەننى تەكىتلەۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتە بىزگە ئاشكارا بولغان ھۆججەتلىرىگە قارايدىغان بولساق ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە بۇ خىل ‹يۇغۇرۇلۇش›نى ‹مىللىي مەسىلىنى تۈپ يىلتىزىدىن ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى› دېيىلگەنلىكىنى كۆرىمىز. تۈركىي كىملىك ياكى ئىسلام كىملىكىگە تۇتىشىدىغان يىلتىز مەسىلىسى بولسا ئۇلارنىڭ سىياسىي قارىشىدا دەل مۇشۇ مەسىلىنى ‹ئەبەدىيلىككە ھەل قىلىش›تىكى ئەڭ چوڭ تەھدىت بولۇپ قالغان.»

پروفېسسور دېيۋىد تابىن نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر دىيارىدا نەتىجە ئېتىۋارىدىن قارىغاندا قىرغىنچىلىقنىڭ قەدەم-باسقۇچلىرىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، ئەمما كۆرۈنۈشكە كىشىلەر ئادەتلىنىپ قالغان زور كۆلەملىك ئۆلۈم مەنزىرىسىگە ئوخشىمايدىغان ھالەتتىكى «ئىجتىمائىي ئۆلۈم» شەكلىدە داۋام قىلىۋاتقان ھادىسىنى نۇقتا قىلغان ھالدا قىرغىنچىلىقنىڭ نوقۇللا زور كۆلەملىك ئۆلۈم شەكلىدە ۋۇجۇدقا كەلمەيدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە قىرغىنچىلىق كۆپ قىرلىق شەكىلدە كۆرۈلىدىغان بولۇپ، قىرغىنچىلىقنى ئىجرا قىلغۇچىلار ئوخشاش بولمىغان مەنتىقىلەر ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ قىلمىشىنى ئوخشىمىغان ئىجتىمائىي رامكىدا پەردازلاپ كۆرسىتەلەيدىكەن. ئەمما بۇ خىل شەكىللەردىكى كۆپلىگەن باسقۇچلارغا ئايرىلغان قىرغىنچىلىق ھەرقاچان «ئىجتىمائىي ئۆلۈم» شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىقىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئ‍ۇيغۇرلاردىكى تۈركىي كىملىك ۋە ئىسلام كىملىكىنى «يۇغۇرۇلۇش» ئارقىلىق كۆزدىن يوقاتماقچى بولۇشى دەل مۇشۇ خىل ئىجتىمائىي ئۆلۈمنى ۋۇجۇدقا چىقىرىۋاتقان ئۇرۇنۇشلارنىڭ بىرى ئىكەن.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ «يۇغۇرۇلۇش» شوئارىنى دەسلەپ بولۇپ ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما بۇنى قاتتىق يوسۇندا ئىجرا قىلىش شى جىنپىڭ دەۋرىدە ئەمەلگە ئاشقان. بولۇپمۇ ئۇنىڭ «ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئۇزاق مەزگىللىك ئەمىنلىك» ھەققىدىكى يوليورۇقلىرى ئاساسىدا «يۇغۇرۇلۇش» نى تېخىمۇ دەبدەبىلىك بولغان «خىتايچىلاشتۇرۇش» شوئارى بىلەن ئىجرا قىلىشى بۇنىڭدىكى دەسلەپكى «ئۇتۇق» لارنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ئەمما بۇ جەرياندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «يۇغۇرۇلۇش» سىياسەتلىرى ھەرقاچان «ئىلغارلىق» نىڭ ۋەكىللىرى بولغان خىتايچە مەدەنىيەتنىڭ «قالاق ۋە ياۋايى» خاراكتېردىن ئادا-جۇدا بولۇپ كېتەلمىگەن ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ ئورنىنى ئىگىلىشىنى ئالدىنقى شەرت قىلغان. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ئاپتور مۇنداق دەيدۇ. .

«شۇڭا بۇ خىلدىكى يۇغۇرۇلۇشقا قويۇق بولغان دەرىجە ئامىلى يوشۇرۇنغان، دېسەكمۇ بولىدۇ. چۈنكى بۇنىڭدا خىتاي بولۇشقا مەجبۇرلىنىۋاتقانلار ئالدى بىلەن خىتايلارنىڭ ھەممىلا جەھەتتە ئۆزلىرىدىن ئالىي سەۋىيەدە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشى لازىم، دەپ قارىلىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئۇلار بىر بولسا خىتاي كىملىكىنى ئېتىراپ قىلىشى، بىر بولسا ‹قالاق› دەپ قارىلىپ ‹ئىلغار› مىللەتكە ئاسسىمىلياتسىيە بولۇشى لازىم. ئەگەر ئۇ كىشىدە ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى ياكى تۈركىي يىلتىز چۈشەنچىسى مەۋجۇت بولسا ئۇ كىشى خەتەرلىك ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەم خىتاي پۇقراسى ھەم زامانىۋى پۇقرا بولۇشى مۇمكىن بولماي قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ‹تېررورچى› بولۇپ قالغانلار ‹يوقىتىش ئوبيېكتى› بولۇپ قالىدۇ. ئەنە شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن بىز كۆرگەن ‹ئۈچ خىل كۈچلەر› پەيدا بولۇپ قالدى. بۇنىڭدا بىر بولسا ‹خىتاي بولۇپ ھالۋا يېيىش›، بىر بولسا ‹ئەسلى ھالىتىدە قېلىپ يوقىتىش ئوبيېكتى بولۇش›تىن باشقا تاللاش بولمايدۇ.»

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدا «ئىجتىمائىي ئۆلۈم» شەكلىدە يۇغۇرى پەللىگە چىقىۋاتقان نۆۋەتتىكى قىرغىنچىلىقتا ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان زىيالىيلار ۋە ئىقتىساد ساھىبلىرى نىشان قىلىنغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سېكرېتارى جاڭ يۈن بۇ ھەقتە توختىلىپ «ئۇيغۇرلارنىڭ ئاز دېگەندىمۇ 30 پىرسەنتى ئاشقۇنلۇق بىلەن زەھەرلىنىپ بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار جەزمەن ‹قايتا تەربىيە› ئېلىشى لازىم. قالغان 70 پىرسەنتى بولسا تىل ۋە دىن مەسىلىلىرى بويىچە ئاشقۇنلۇق ئىدىيەلىرى بىلەن زەھەرلىنىش گىرۋىكىدە» دېگەن ئىكەن.