نورۇز ھەققىدە مۇھاكىمە

خەۋەر مەنبەسى: دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى

دۇنيادا ھەر دۆلەت ۋە مىللەتلەرنىڭ „يېڭى يىل“ نى باشلاش ۋاقتى ئوخشاش ئەمەس. قەدىمقى زاماندا، كۈن، ۋاقىت، ئاي- يىللارنى ئەنىق ھىساپلايدىغان ئاسترونومىيەلىك يازما كالېندار يوق ئىدى. ئەينى زاماندىكى مىللەتلەرمۇ يېڭى يىلنى قاچان باشلاپ، يېڭى يىل بايرىمى ئۆتكۈزۈشنى بىلمىگەن.

قەدىمقى زاماندا بەزى قوۋملار ئۆزلىرى ئۈچۈن چوڭ، ئەھمىيەتلىك بولغان كۈننى يېڭى يىل بايرىمى قىلغان. بەزى قوۋملار بولسا يېڭى يىل كۈنىنى پەسىل مەزگىلىگە ۋە ھاۋارايىغا قاراپ بەلگۈلىگەن. يەنە بەزى قوۋملار يېڭى يىل بايرىمىنى، دىنىي ئېتىقات بويىچە بەلگۈلىگەن. دىمەك، دۇنيادا كۆپ مىللەتلەرنىڭ يىل بېشىنى بايرام قىلىش ئادىتى ئۇزاق ئۆتمۈش، تارىخىي جەريانىدا شەكىللەنگەن. بۇ ۋاقىت كاتېگورىيەسىگە باغلىق ھالدا، مىللەتلەرنىڭ ۋاقىت چۈشەنچىسى، تۇرمۇش ئەنئەنىسىگە مۇۋاپىق، يىلنىڭ مەلۇم چاغلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن.

قەدىمقى ئەجداتلىرىمىز دەسلەپتە، يېڭى يىلنى „يىل بېشى“ ياكى „كۈن تۇغدى“ دەپ ئاتىغان. كېيىنچە تەخمىنەن 5- ئەسىردىن كېيىن ئىرانلىقلاردىن „ نورۇز“ سۆزىنى قوبۇل قىلىپ، „باھار بايرىمى“ “ نورۇز بايرىمى“ دەپ ئاتايدىغان بولغان. „ نو“ نىڭ ئوقۇلىشى „نەۋ“ بولۇپ „“ يېڭى“، ئېرىغ“ دىگەن مەنىدە. „رۇز“ نىڭ مەنىسى „ ئاپتاپ“، „ قۇياش“ كۆتۈرۈلۈپ پاتقۇچە يورۇق بولۇپ تۇرىدىغان چاغ دىگەنلىكتۇر. دىمەك، „نورۇز“، „نەۋرۇز“- يېڭى كۈن، قۇياش يېڭىدىن تۇغۇلغان، يەنى ياشارغان كۈن دىگەنلىكتۇر.

نورۇز- يەر شارىنىڭ شىمالىي كەڭلىكى، ئىللىق بەلباغ رايونىدا، جۇغراپىيەلىك ئورۇن جەھەتتە ۋە ئاسترونومىيەلىك ھادىسە بويىچە بەلگۈلەنگەن.

قەدىمقى ئەجداتلىرىمىز كۆچمەن- چارۋۇچىلىق بىلەن ياشىغان دەۋردە، چارۋا- ماللارنىڭ ياشاش تەبىئىتى، تەبىئەت ھادىسىلىرى  توغرىسىدىكى قانۇنىيەتلەرنى ئەتراپلىق بىلگەن. ئات- ئۇلاق، چارۋا- ماللارنىڭ بوغاز بولۇش، تۆللەش دەۋرىمۇ قانۇنىيەتلىك بولۇپ، يازنىڭ ئاخىرلىرى بوغاز بولسا، ئەتىيازدا، تەبى ئېت ئۇيقۇدىن ئويغۇنۇپ، يەر- زىمىن كۆكەرگەندە تۆللەيدۇ. قەدىمكى ئەجداتلىرىمىز بۇ خىل قانۇنىيەتكە ئاساسەن ئالدى بىلەن „ياز“ ۋە „قىش“ نى ئايرىپ چىققان. يىل بېشى، بىر ياز ۋە بىر قىش پەسلىدىن كېيىن يەنە تەكرارلىنىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كەيىن، ئوت- چۆپ، گىياھلارنىڭ ئۈنۈشى، كۆكلەش، باراقسان بولۇپ چېچەكلەش، مىۋىلەش، دان تۇتۇش، خازان بولۇش ۋە چارۋا- ماللارنىڭ بوغاز بولۇش، تۆللەش يېتىلىش، سەمىرىش ئەھۋالىغا „ياز“ ۋە „قىش“ نى تەخىمۇ ئىنچىكىلەپ تۆت پەسىلگە ئايرىپ چىققان.

ئۇلۇغ ئالىمىمىز مەھمۇد قەشقىرى ئۆزىنىڭ „تۈركىي تىللار دىۋانى“ دا مۇنداق توختالغان:“ تۈركلەر يىلنى تۆت پەسىلگە بۆلۈپ، ھەر ئۈچ ئاينى بىر نام بىلەن ئاتايدۇ، تۇنجى باھار ئېيىنى „ئوغلاق ئاي“، كېيىنكىسىنى „ئۇلۇغ ئوغلاق ئاي“، بۇنىڭدىكى سەۋەپ، ئوغلاق بۇ مەزگىلدە چوڭ بولىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىنكىسىنى „ئۇلۇغ ئاي“  دەيدۇ، چۈنكى بۇ ئاي يازنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ،  بۇ چاغدا يەر يۈزى تۈرلۈك نىمەتلەرگە تولۇپ، مال ۋارانلار سەمرىيدۇ، سۈت كۆپىيىدۇ“. شۇنىڭغا ئوخشاش، ئالىملارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشىغان قوۋملار، يىل ھىسابىغا قارىغاندا ئاي ھىسابىنى بالدۇرراق ئۆزلەشتۈرگەن.

ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئاسترونومىيەلىك ھادىسىلەر توغرىسىدا چۈشەنچىلىرىنىڭ چوڭقۇرلۇشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇلار ھەر يىلى، يۇلتۇزلار ئورنىنىڭ ئۆزگۈرۈشىنى كۈزۈتىش ئارقىلىق كۈن( قۇياش) نىڭ بىر يىللىق دەۋرىنى ھىساپلاپ „ يىل بېشى“ نى ئېنىق بەلگۈلەپ چىققان.

ئەجداتلىرىمىز ئاينىڭ تۇغۇلۇشىدىن (ھىلال) تاكى تولۇن بولغىچە ۋە كېمىيىپ كۆرۈنمىغۈچە ئۆتكەن كۈنلەرنى ساناپ، ئاينىڭ كۈن ھىسابىنى ئېنىقلىغان. بىر ئايلىق ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى، ئاينىڭ دەۋر قىلىشى بىلەن ھىساپلانغاچقا، يىلنىڭ ئون ئىككىدىن بىر بۆلىكىمۇ ئاي دىيىلگەن.

قەدىمقى تۈركىي خەلقلەردە ئىلگىرى، سوتكا چۈشەنچىسى كۈن – تۈن بىلەن ئىپادىلەنگەن. كۈن (كۈندۈز)، كۈن (قۇياش) بىلەن، تۈن (كېچە) ئاي بىلەن باغلىق دەپمۇ قارالغان. بىر كۈننىڭ (كۈندۈزى) ئۆتكەنلىكى، كۈننىڭ تۇغۇلۇشى (چىقىشى) ۋە تۈگۈشى( (پېتىشى) بىلەن تۈننىڭ ئۆتكەنلىكى پەقەت كېچىدىلا روشەن بولىدىغان، ئاينىڭ تۇغۇلۇشى ۋە غايىپ بولۇشى بىلەن ئىپادە قىلىنغان.

ئىنسانلار، جۈملىدىن بىزنىڭ قەدىمقى ئەجداتلىرىمىز تەدرىجى ھالدا ئاسمان جىسىملىرى ۋە تەبى ئېتنى كۈزۈتىپ، يىللارنى  ھىساپلاپ مۆچەل بويىچە ئاتايدىغان بولغان. 1030- يىلى،  ئەبۇ رەيھان بېرۇنىي „ قانۇنىي مەسئۇدى“ دىگەن ئەسىرىدە: „ شەرق ئەھلى ئۆز يىللىرىنى 12 دەۋر تەرتىپى بويىچە تۈزگەن ۋە ئۇلارنى ھايۋانلارنىڭ نامى بىلەن ئاتىغان“ دەپ يازغان. ئالىمىمىز مەھمۇد قەشقىرى ئۆزىنىڭ „تۈرك تىللار دىۋانى“ دىگەن ئەسىرىدە“ تۈركلەر 12 خىل ھايۋاننىڭ ئىسمىنى ئېلىپ، 12 يىلغا ئىسىم قويغان“ دەپ يازغان.

بۇ 12 مۆچەلنىڭ ناملىرى مۇنداق: چاشقان، كالا، يولۋاس، توشقان، بەلىق، ئىلان، ئات، قوي، مايمۇن، توخو، ئىت، توڭگۇزدىن ئىبارەت.

دىمەك بىزنىڭ نورۇز بايرىمىمىز ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئاسترونومىيە، جۇغراپىيە ۋە تەبىئەتنىڭ   ھۇسۇسىيەتلىرىگە ئاساسەن ئۆزلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ، تۇرمۇش ئادەتلىرىنى بىرلەشتۈرگەن ئاساستا بارلىققا كەلگەن.

قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە، نورۇز ئاساسەن بىرلا مەزگىلدە داۋام قىلىپ كەلىۋاتىدۇ. ھەر يىلى باھاردا، كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشكەن 3- ئاينىڭ 21-، 22 – كۈنىگە توغرا كەلىدۇ. بۇ باھارنىڭ يەنى كونا يىلنىڭ ئاخىرلىشىپ يېڭى يىلنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇڭا نورۇز يېڭى كۈن دەپمۇ ئاتالغان. شۇڭا قەدىمقى ئەجداتلىرىمىزدىن تارتىپ بۈگۈنىمىزگە قەدەر، بۇ كۈن بىر قۇتلۇق كۈن سانىلىدۇ.

نورۇزنىڭ ئالدى ۋە نورۇز مەزگىلىدە ھەركىم ياخشى ساۋاپلىق ئىشلارنى قىلىشقا تىرىشىدۇ ۋە ئۆزگىنىمۇ شۇنداق قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. ئەجداتلىرىمىز نورۇزنى قۇتلۇق، خاسىيەتلىك دىگەن چۈشەنچىسى بويىچە، كىمكى يىل بېشىدا يەنى نورۇز ئېيىدا ساۋاپلىق ئىش قىلسا، شۇ كىشىگە يىل بويى ياخشىلىق، ساۋاپ نەسىپ بولىدۇ دەپ بىلگەن. شۇڭا قەدىمقى زاماندىن  تارتىپ كىشىلەر، يىلنىڭ ئامان- ئىسەن ۋە مەنپەئەتلىك بولۇپ ئۆتۈشىنى ئارزۇلاپ، نورۇزغا ئاتاپ، ھەر خىل ساۋاپلىق ئىشلارنى قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. نورۇز مەزگىلىدە جامائەت پاراۋانلىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، مەكتەپ قۇرۇش، يول ياساش، كۆۋرۈك سەلىش، قىممەتلىك كىتاپلارنى كۆچۈرۈپ، كۆپەيتىپ تارقىتىش، ئىبادەت ئورۇنلىرىغا قىممەتلىك كىتاپلارنى سوۋغا قىلىش قاتارلىقلار شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

نورۇز بارلىققا كەلگەندىن باشلاپ، ئوخشىمىغان دەۋرلەرنى بەشىدىن كەچۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇمۇ ئۆزىنىڭ بىر قىسىم ئالاھىدىلىكلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.

1. ناغرا، سۇناي چېلىنىپ، نورۇز باشلانغانلىقى يۇرت- مەھەللىلەرگە مەلۇم قىلىنىدۇ.

2. نورۇز كۈنلىرى ھەر خىل سورۇنلار تۈزۈلۈپ، ئومۇمىي خەلق مەرىكە، مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ بايرام قىلىدۇ.

3. ھويلا- ئارام، ئەغىل- قوتان، جامائېت سورۇنلىرى پاكىزە تازىلىنىدۇ.

4. نورۇز ھارپا ئاخشىمى، سوغۇق قوغلاش يىگىتلىرى، ياغلىق قاپاق، پىلتىلىرىگە ئوت يەقىپ، مەھەللە- كويلار، ئېكىنزارلىقلارنى ئايلىنىپ، بېيىت- قوشاقلارنى ئېيتىشىدۇ.

5. نورۇز ھارپا ئاخشىمى، يىگىتلەر گۈلخان يېقىپ ئۇسۇللار ئوينايدۇ، نورۇزغا ئاتاپ ئۆلەن كۈيلىشىدۇ.

6. سوغوق قوغلىغۇچىلارغا نورۇز كۈنى سەھەردە، يۇرت- مەھەللە جامائىتى ئۆز ئەھۋالىغا يارىشا سوغوق يىمەكلىكلەر بىلەن ناشتا بەرىدۇ، سوغوقنى ئۇزۇتىش. مۇناسىۋى بىلەن ئۆزلىرىمۇ شۇ كۈنى سوغوق يىمەكلىك بىلەن غىزالىنىدۇ.

7. نورۇز كۈنى، چۈشكىچە يوقلاش پائالىيىتى بولۇپ،  بۇنىڭدا ئاتا- ئانىلار، ئىگە- چاقىسىز، يىتىم- يېسىر، مېيىپ- ئاغرىلار يوقلىنىدۇ.

8. نورۇز ئېشى، نورۇز كۈنىدە بۇ قۇتلۇق كۈننى خاتېرىشەش نۇقتىسىدىن ھەر خىل يىمەكلىكلەر بىلەن غىزالىنىدۇ.

9. نورۇز سەيلىسى، يوقلاش پائالىيىتى ئاخىرلاشقاندىن كەيىن چوڭ-كىچىك ھەممەيلەن خامان ياكى بوستانلىققا توپلۇشۇپ سەيلە- تاماشا قىلىشىدۇ.

10. نورۇز يارىشى، نورۇزنىڭ ئىككىنچى كۈنى ئاساسەن ئوغلاق تارتىشىش، چېلىشىش قاتارلىق تەنھەرىكەت پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزىلىدۇ.

11. نورۇز مەشرىپى، نورۇزنىڭ 3- كۈنى يۇرت- مەھەللە جامائىتى قاتناشقان چوڭ مەشرەپ ئۆتكۈزىلىدۇ.

12. نورۇزلۇق تىلەك، نورۇزنىڭ 4- كۈنى يۇرت ئاقساقاللىرى، دىنىي ئۆلىمالىرى بىلەن بارلىق يۇرت جامائىتى قاتناشقان شەكىلدە خەتمە ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۆتكەن يىلقى نىمەتلەرگە شۈكۈرانە بىلدۈرۈلۈپ، يېڭى يىلنىڭ ئامان- ئىسەن، تېنچلىق بىلەن ئۆتۈشى، مول- ھوسۇللۇق بولۇشىنى تىلەپ كوللىكتىپ دۇئا- تىلاۋەت قىلىنىدۇ.

دىمەك نورۇز بىزنىڭ قەدىمقى ئەجداتلىرىمىزدىن باشلاپ ھازىرغىچە داۋام قىلىۋاتقان، بىزنىڭ مەنىۋىي بايلىقىمىز، ئۇيغۇر كىملىكىمىزدىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى. خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەتىنىمىزدە بىزنىڭ كىملىكىمىزنى يوقۇتۇش ئۈچۈن رەھىمسىز ۋاستىلەرنى قوللۇنىپ، خەلقىمىزنىڭ  نورۇز ئۆتكۈزۈشىنى چەكلەپ، چاغاننى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلاۋاتىدۇ. بۇنداق بىر پەيتتە مۇھاجىرەتتە ، ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق قەرىنداشلىرىمىز، ئەجداتلىرىمىز بىزگە قالدۇرغان بۇ مىراسقا ۋارىسلىق قىلىشىمىز، ئۇنى ئەۋلاتلىرىمىزگە ئۈگىتىپ ۋە ئۇنى قوغدىشىمىز لازىم.

دئۇق- تەتقىقات مەركىزى، 19.03.2021