كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسى ئىلھام توختىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2018 – يىلى 16– يانۋار

ياۋروپادىكى بىر كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسى 15‏‏-يانۋار ئاتاقلىق ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنىڭ 4 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى ئىلھام توختىنى شەرتسىز ۋە دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.

ئىلھام توختى 2014‏-يىلى 15‏-يانۋار كۈنى بېيجىڭدا تۇتقۇن قىلىنىپ، شۇ يىلى 9‏-ئايدا ئۈرۈمچىدە سوتلانغان. دائىرىلەر ئىلھام توختىنى «بۆلگۈنچىلىك» جىنايىتى ئەيىبلەپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. ئەمما ئۇنىڭغا بېرىلگەن ئېغىر جازا ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.

«ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» نىڭ باياناتىدا تەكىتلىشىچە، ئىلھام توختى ئەدلىيە تەرتىپلىرىگە خىلاپ، ئادالەتسىز سوتلانغان بولۇپ، ئۇ «يىللاردىن بېرى ئۆزىنىڭ سۆز ۋە ھەرىكىتى ئارقىلىق خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلا ر ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق، دىئالوگ ۋە ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى ئالغا سۈرۈپ كەلگەن،» ئىكەن.

باياناتتا يەنە ئىلھام توختىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان ئادالەتسىز سىياسىتىگە تىنچلىق بىلەن قارشى تۇرۇپ، رەھىمسىزلەرچە جازالانغان بىر «ۋىجدان مەھبۇسى» ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن. ئۇنىڭدا «بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىشكە چاقىرىمىز. ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنى، ھۆكۈمەتلەرنى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە بارلىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ئۇنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە ئۈندەيمىز،» دېيىلگەن.

بۇ بايانات مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ د ئۇ ق، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى ۋە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بەزى ئەزالىرى بىلەن بىرگە ئىلھام توختىنى 2018‏-يىللىق «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» نىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسەتكەن مەزگىلدە ئېلان قىلىندى. ئىلھام توختى ھازىرغا قەدەر «مارتىن ئەننالس مۇكاپاتى»، «ئەركىنلىك مۇكاپاتى» ۋە «ۋېيمار كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» قاتارلىق خەلقئارا مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. ئۇ 2016‏-يىلى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ «ساخاروف كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا كۆرسىتىلگەن كۈچلۈك نامزاتلارنىڭ بىرى ئىدى. ئىلھام توختى 2014‏-يىلى 12‏-ئايدىن بېرى ئۈرۈمچى 1‏-تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.