جەنۋەدىكى ب د ت بىناسى ئالدىدا ۋە ستوكھولمدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

2-ئۆكتەبىر كۈنى جەنۋەدىكى ب د ت بىناسى ئالدىدا ھەم ستوكھولمدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قا ۋە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزغا قارىغاندا، 2-ئۆكتەبىر كۈنى جەنۋەدىكى ب د ت بىناسى ئالدىدا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قا ۋە 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قارشى بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن. نامايىشنى شىۋېتسارىيەدىكى يەرلىك ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن جەنۋە» ناملىق تەشكىلات ئۇيۇشتۇرغان.

د ئۇ ق نىڭ جەنۋەدىكى ۋەكىلى كەرىم شەرىف ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ نامايىشنى جەنۋەنىڭ شەھەر باشلىقى ئۇچۇر يوللاپ تەبرىكلىگەن. نامايىشقا قاتناشقان ھەبىبۇللاھ ئىزچى ئەپەندى جەنۋەدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، نامايىشنىڭ ئالدى بىلەن «لاگېر قۇربانلىرى» غا تەزىيە بىلدۈرۈپ، سۈكۈتتە تۇرۇش بىلەن باشلانغانلىقىنى، ئاندىن «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن جەنۋە» ناملىق تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىرى نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى قاتتىق ئەيىبلىگەنلىكىنى، شىۋېتسارىيە ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى خىتاي بىلەن بولغان دېپلوماتىك مۇناسىۋەتلەردە كۈنتەرتىپكە ئېلىشىنى مۇراجىئەت قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى. شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ رەئىسى ئاندېلى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، گەرچە ئۇ بۇ نامايىشقا بىۋاستە قاتنىشالمىغان بولسىمۇ، ئەمما نامايىشنىڭ مەنىلىك، تەسىرلىك ئۆتكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

2-ئۆكتەبىر كۈنى يەنە شىۋېتسىيە پايتەختى ستوكھولمدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدىمۇ نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن. خىتاي ئەلچىخانىسى ھەر قېتىمقىغا ئوخشاش ئەلچىخانا ئىچىدىن يۇقىرى ئاۋازلىق مۇزىكا قويۇپ بېرىپ، نامايىشقا تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان. ئۇيغۇر نامايىشچىلار بۇنىڭغا قارشى يۇقىرى ئاۋازلىق ياڭراتقۇلارنى ئىشلىتىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىقلال مارشىنى قويۇپ، خىتاينىڭ شاۋقۇنلىرىغا تاقابىل تۇرغان. شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئەخمەتجان ئەپەندى بۇ خۇسۇستا توختالغاندا، بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ 72 يىللىق ئاسارەتلىك زۇلۇملىرىغا قارشى تۇرۇشنى مەقسەد قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مەلۇم بولغىنىدەك، 1-2-ئۆكتەبىر كۈنلىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىك ئۇيغۇرلار مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەردە خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ 72 يىللىق قانلىق تارىخىنى ئەيىبلەپ ھەرخىل كۆلەملەردە نامايىشلار ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.