ئەنگلىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ھەرقايسى ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەر ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى «زامانىۋى قۇللار ئەمگىكىنىڭ قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقىشى» دەپ تەرىپلەۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك يېقىندىن بۇيان زور دىققەت قوزغاپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشى ھەمدە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەۋجۇتلۇقى ھەققىدىكى كۆپلىگەن قارارلار ۋە دوكلاتلارنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن بۇ خىل يىرگىنىچلىق قىلمىشنى چەكلەش ھەققىدە تۇشمۇ-تۇشتىن چاقىرىقلار ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. ئەنە شۇ خىل چاقىرىقلارنىڭ بىرى قاتارىدا ئەنگلىيە پارلامېنتى 17-مارت كۈنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدە مەخسۇس زور ھەجىملىك دوكلات ئېلان قىلدى.

دوكلات ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئەڭ يېڭى تەرەققىياتى، بۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن باغلىنىشلىق بولغان تەمىنات زەنجىرىنىڭ ئەنگلىيە بازىرى بىلەن بولغان ئالاقىسى ھەمدە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل رېئاللىققا قارىتا نېمىلەرنى قىلىشى لازىملىقى تەپسىلى شەرھىلەندى.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەۋجۇتلۇقى ھەققىدە نۆۋەتتە تاغدەك دەلىل-ئىسپاتلار توپلىنىپ بولغان بولۇپ، كۆپلىگەن داڭلىق ماركا ساھىبلىرى، پارچە سېتىش شىركەتلىرى ھەمدە پەن-تېخنىكا تارماقلىرى ئوخشىمىغان دەرىجىدە بۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلىپ قالماقتا ئىكەن. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ئاساسىي ئاھالە بولغان بۇ رايوندا 2017-يىلى يۇقۇرى پەللىگە چىققان سىياسىي باستۇرۇشنىڭ بىۋاستە نەتىجىسى مىليونلارچە ئ‍ۇيغۇرنىڭ «قايتا تەربىيەلەش» نامىدىكى لاگېرلارغا قامىلىشىدا ئەڭ كۈچلۈك ئەكس ئەتكەن. شۇنىڭدىن بۇيان ئەنگلىيەدىكى كۆپلىگەن داڭلىق ئاخبارات ۋاستىلىرى ھەمدە خەلقئارا تەشكىلاتلار، بولۇپمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى قاتارلىقلار بۇ ھەقتىكى رېئاللىقنى ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن يورۇتۇپ بەرگەن. بۇنىڭدىن بىرنەچچە ئاي ئىلگىرى بولسا بۇ لاگېرلاردا قىز-چوكانلارنىڭ مەجبۇرىي يوسۇندا تۇغماس قىلىۋېتىلىشى ھەمدە سىستېمىلىق شەكىل ئالغان جىنسىي خورلۇق قىلمىشلىرىنىڭ ئەۋج ئالغانلىقى ئاشكارا بولغان. 2017-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا بولسا ئاللىقاچان 80 مىڭ ئۇيغۇر ئىشچى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا ئەرزان ئەمگەك كۈچى بولۇپ يۆتكىلىپ بولغان. مانا ئەمدىلىكتە ئاز دېگەندىمۇ Amazon ، Apple ، Adidas ، Nike،Samsung، Zara قاتارلىق 80 نەچچە چوڭ شىركەتنىڭ بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق ھالدا ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش بىلەن باغلىنىشلىق بولغان تەمىنات زەنجىرلىرى ئارقىلىق ئۆز سودىسىنى داۋام قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارا بولغان.

ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ بۇ دوكلاتىدا ئالاھىدە تەكىتلەنگەن يەنە بىر نۇقتا ھەرقايسىي پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ نۆۋەتتە ئەنگلىيە بازىرىدا سېتىلىۋاتقان تۈرلۈك توۋارلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن قانچىلىك باغلىنىشى بارلىقىنى تەكشۈرۈش ھەققىدىكى تەلىپى بولغان. نۆۋەتتە بۇنىڭدا ئەنگلىيەنى ئاساس قىلغان شىركەتلەر خىتايدىن مال ئىمپورت قىلغاندا بۇ ماللارنىڭ تەمىنات زەنجىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ھالقىسىنى تەكشۈرۈش ھەمدە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتە ئېنىق قارار چىقىرىشىدەك ئىككى تۈرلۈك مۇھىم خىزمەتنى تاماملاش زۆرۈر ئىكەن. ئۇلار شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەنگليە پارلامېنتى قارمىقىدىكى تاشقىي ئىشلار كومىتېتى (FAC) 2020-يىلى ئوتتۇرىغا قويغان ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ھالقىلىرىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئەنگلىيە بازىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى تەكشۈرۈش ھەققىدىكى تەلەپنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىپ «مايك پومپېيو ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ۋاقتىدا ئاشكارا قىلىپ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان. نۆۋەتتە ئەنگلىيەدىكى كىيىم-كېچەك بازىرى دەل مۇشۇ قىرغىنچىلىققا باغلىنىشلىق مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئايلىنىۋاتىدۇ. بىز بولساق ھازىر 75 يىل بۇرۇنقى ناتىسستلار گېرمانىيەسىنىڭ قىرغىنچىلىق قىلغاندىكى ۋاستىلىرىگە ئوخشاش ۋاستىلارنىڭ يەنە بىر قېتىم تەكرارلانغانلىقىنى كۆرمەكتىمىز،» دېيىلگەن.

دوكلاتتا ئالاھىدە ئورۇن ئىگىلىگەن يەنە بىر مەزمۇن ئۇيغۇر دىيارىدىكى پاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش مەسىلىسى ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ خىتايدىكى پاختا ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ 85 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغان ئ‍ۇيغۇر دىيارى شۈبھىسىزكى خىتاينى ئاساس قىلغان كىيىم-كېچەك زاۋۇتلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ خام ئەشيا بازىسى بولۇپ قالغان. شۇنداق بولغانىكەن، ئەنگلىيە بازىرىغا كەلكۈندەك ئېقىپ كىرىۋاتقان كىيىم-كېچەكلەرنى، بولۇپمۇ خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىۋاتقان كىيىملەرنى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن مۇناسىۋەتسىز، دەپ قاراشقا ھېچقانداق باھانە بولماسلىقى لازىم ئىكەن. ئۇلار بۇ ھەقتىكى ئاكتىپ نەتىجىلەر قاتارىدا ئەنگلىيەدىكى كىيىم-كېچەك سودىسى قىلغۇچى ئىككىنچى چوڭ سودا شىركىتى بولغان «ماركس-سپېنسېر شىركىتى» نىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى مەنئى قىلىش ئۈچۈن ئاشكارا بايانات ئېلان قىلىپ «بىز ئۇيغۇر دىيارىدىن پۈتۈنلەي چېكىنىمىز» دېگەنلىكى ئالاھىدە ئالقىشلىنىدۇ. دوكلاتتا يەنە تىك-توك، دىسنىي شىركىتى قاتارلىق «سىياسىي كونتروللۇق بىلەن ئالاقىمىز يوق» دەپ مەيدىسىگە مۇشتلاپ يۈرگەن شىركەتلەرنىڭ ئەنگليە تارماقلىرى ماھىيەتتە خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قىلمىشىغا ۋاستىلىك ھالدا ياردەم بېرىۋاتقانلىقىمۇ كەسكىن تەنقىدلەنگەن.

دوكلاتنىڭ ئاخىرىدا ئەنگلىيە پارلامېنتى نۆۋەتتە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى قىلالايدىغان ئىشلار قاتارىدا ئۇلارغا بىرنەچچە ئىشنى تەۋسىيە قىلدى. ئۇلارنىڭ بىرى 2015-يىلى ماقۇللانغان «زامانىۋى قۇللار ئەمگىكىگە قارشى تۇرۇش قانۇن لايىھەسى» نىڭ مەزمۇنىنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى رېئاللىققا تەدبىقلىغان ھالدا ئۆزگەرتىش ھەمدە شۇ ئارقىلىق مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئەنگلىيە ئىستىمالچىلىرىغا چېتىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بولدى. يەنە بىر مۇھىم تەۋسىيە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ئوخشاش «قارا تىزىملىك» ۋە «ئاق تىزىملىك» بويىچە ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق شىركەتلەرنى تۈرگە ئايرىپ چىقىش، بۇنىڭ بىلەن تەمىنات زەنجىرىنىڭ بۇلغىنىشىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش ھەققىدىكى مەزمۇنلار بولدى. ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرىدىن نۇسرەت غەنى خانىم بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ «ئەنگلىيەگە كىرىۋاتقان مىليونلىغان توۋارلارنىڭ قايسىسى بۇ خىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئايرىغىلى بولماس بولۇپ كېتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ھۆكۈمەتنىڭ زامانىۋى قۇللۇق ھەققىدىكى قانۇن لايىھىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشى، شۇنداقلا تېخىمۇ قاتتىق بولغان تەدبىرلەرنى ئېلىشى بەكمۇ زۆرۈر،» دېدى.

بۇ ھادىسە شۇ كۈنى «تۈركىيە تەتقىقات مەركىزى» ئ‍ۇيۇشتۇرغان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىدىمۇ ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ ئ‍وخشاش بولمىغان تۆت نەپەر ئەزاسىنىڭ ئاغزىدىن يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بولۇپمۇ مايكىل پولاك ئەپەندى نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان پاجىئەلەرنى كۆپ قىسىم كىشىلەر ئاڭلىغان بولسىمۇ، بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى كۆپ قىسىم كىشىلەرگە ئايدىڭ ئەمەسلىكىنى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇنداق زور ھادىسىنى ھازىرغا قەدەر ئېتىراپ قىلمىغانلىقىنىڭ ئۆزى بۇنىڭ كۆپچىلىك جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك مەسىلە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر بولۇۋاتقاندا بۇنىڭ تېخىمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

پارلامېنت ئەزاسى ستېفېن كىننوك ئەپەندى بولسا قىرغىنچىلىقنىڭ ھەرقاچان مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىلىپ كەلگەنلىكىدەك تارىخىي رېئاللىقنى ئەسلىتىپ ئۆتكەچ: «بىز ئەينى ۋاقىتتا قىرغىنچىلىق قىلغان ھەمدە مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئىجرا قىلغان جىنايەتچىلەرنى بىر قېتىم نيۇرېنبۇرگ سوتىدا سوتلىغان ئىدۇق. ئەمدىلىكتە بۇ خىل ھادىسە قايتا يۈز بېرىۋاتقاندا بىزنىڭ بۇنى ئاخىرىغىچە كۈتۈپ تۇرۇشىمىزنىڭ ھاجىتى قالمىدى،» دېدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ بۇ قېتىمقى دوكلاتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ خاراكتېرى ۋە كۆلىمى ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى مەلۇماتلارنى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دىققىتىگە سۇنغان بولۇپ، بۇ ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە يېڭى قارار ئېلىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ، دەپ قارالماقتا ئىكەن.