ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى پارلامېنتنىڭ «شىنجاڭدىكى ۋەھشىلىكلەرنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىش تەكلىپىنى رەت قىلغان

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئەنگىلىيەنىڭ بورىس جونسون ھۆكۈمىتى ئەنگىلىيە پارلامېنتىنىڭ «شىنجاڭدىكى ۋەھشىلىكلەرگە قارىتا ئەنگىلىيەنىڭ تەدبىر قوللىنىش مەسئۇلىيىتى» گە دائىر تەلەپلىرىگە جاۋاپ بېرىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلغان. بىراق ھۆكۈمەت پارلامېنتنىڭ ئەندىشىلىرىنى ب د ت پەن، مائارىپ، مەدەنىيەت تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇش، ئەنگىلىيەدىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى بىلەن ئالاقە ئورنىتىش تەكلىپلىرىنى قوبۇل قىلغان. ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىلىشى، لېكىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» جىنايىتىنى سوتنىڭ بېكىتىشى كېرەك ئىكەن.

ئەنگىلىيە پارلامېنتى بۇ يىل 4-ئايدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىپ، ھۆكۈمەتنىڭمۇ بۇ ۋەھشىلىكنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ قوبۇل قىلىشنى، ئۇنىڭغا قارىتا بەزى كونكىرېت تەدبىرلەرنى ئېلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ئەنگلىيە ئاۋام پالاتاسى تاشقىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئاشكارلىشىچە، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى 14-نويابىر پارلامېنتنىڭ تاشقىي ئىشلار كومىتېتىغا دوكلات سۇنۇپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى سىياسىتىنى شەرھىيلىگەن.

ھۆكۈمەت دوكلاتىدا، ئۆزلىرىنىڭ «شىنجاڭدا كەڭ كۆلەملىك ۋە سىستېمىلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئائىت قايىل قىلارلىق پاكىتلارنىڭ بارلىقىغا قوشۇلىدىغانلىقى»، بۇنىڭغا قارىتا پوزىتسىيەسى ئېنىق ئىكەنلىكى، بۇ ھەرىكەتلەر كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلىشقا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى، بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاينىڭ چوقۇم جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەكلىكى» نى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، بىراق «ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارىتا قارار چىقارماسلىق ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇن يىللىق سىياستى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ھۆكۈمەتنىڭ ئېيتىشىچە، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىر جىنايەت بولۇپ، باشقا جىنايەتلەرگە ئوخشاش ئۇنىڭ يۈز بەرگەن ياكى يۈز بەرمىگەنلىكىنى ئىشەنچلىك سوت جەريانى ئارقىلىق بارلىق دەلىل-ئىسپاتلارنى ئويلاشقاندىن كېيىن، ئاندىن قارار قىلىشى كېرەك» ئىكەن. بىراق ھۆكۈمەتنىڭ جاۋابى بەزى ئەنگىلىيە پارلامېنت ئەزالىرىنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن. ئەنگىلىيە ئاۋام پالاتاسى تاشقىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى تام تۇگېنخەت: «ھۆكۈمەتنىڭ پارلامېنتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى سادىر قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دائىر قارىشىنى ئېتىراپ قىلماسلىقى كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. بۇ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ كۆلىمى ۋە ئېغىرلىق دەرىجىسى، خەلقئارالىق كرىزىسقا ۋەكىللىك قىلىدۇ،» دېگەن.

ئەنگىلىيەدىكى بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نى ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلىشى يېڭىلىق ئەمەس ئىكەن.

ئەنگىلىيەلىك سىياسەت تەتقىقاتچىسى، «خەلقئارالىق پارلامېنتلار ئارا خىتاي ئىتتىپاقى» نىڭ باش ماسلاشتۇرغۇچى ئەمەلدارى لۇك دې پۇلفورت مۇنداق دەيدۇ: «ھۆكۈمەتنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانىدا ئ‍ۆزگىرىش بولغىنى يوق. تاشقىي ئىشلار كومىتېتى نۇسرەت غەنىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىك قارار لىيىھەسىنى قوبۇل قىلغان. بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق لايىھەسى پارلامېنتلار ئارا خىتاي ئىتتىپاقىنىڭ لايىھەسى ئىدى. بىز ھۆكۈمەتنىڭ ئىزچىل بۇ قارار لايىھەسىگە قارشى ئىكەنلىكىنى بىلەتتۇق. ئۇلار بۇنىڭغا ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى سوت مەھكىمىسى قارار قىلىشى كېرەك› دېگەن ئاساستا قارشى تۇرۇپ كەلگەن. شۇڭا ھۆكۈمەتنىڭ بۇنىڭغا قارشى تۇرۇشى يېڭىلىق ئەمەس.»

مەلۇم بولۇشىچە، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى يەنە پارلامېنتنىڭ «شىنجاڭ پاختىسى» نى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش، بۇ رايونغا چېتىشلىق مەھسۇلاتلار ۋە شىركەتلەرنى جازالاش تەكلىپىنىمۇ رەت قىلغان. ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى تام تۇگېنخەت، ھۆكۈمەتنىڭ ئەنگىلىيەدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسىۋەت قۇرۇش تەكلىپىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى قارشى ئالغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ «شىنجاڭ پاختىسى» نى چەكلەشنى رەت قىلغانلىقىنى «بەختسىزلىك» دەپ تەنقىدلىگەن. ئۇ، «ھېچقانداق بىر ئەنگىلىيە پۇقراسى بۇنداق ئېچىنىشلىق شارائىتتا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى ئىستېمال قىلىشنى خالىمايدۇ. بۇ چەكلىمە بېيجىڭنىڭ ئاغرىيدىغان يېرىگە تېگەتتى» دېگەن.

ئەنگىلىيەلىك ئادۋوكات، لوندون «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى ھامىد سابى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ «شىنجاڭ پاختىسى» نى چەكلەشنى رەت قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ئەنگىلىيە قانۇنلىرىمۇ چەكلەيدىكەن.

ئۇ مۇنداي دەيدۇ: «قۇل ئەمگىكىنى چەكلەش بۇ دۆلەتتە بىر قانۇندۇر. قۇل ئەمگىكىدە ئىشلەپچىقىرىلغان ھەرقانداق مەھسۇلات ئاپتوموتىك چەكلىنىدۇ، ھۆكۈمەتنىڭ بۇنداق مەھسۇلاتلارنى مۇسادىرە قىلىشى قانۇندا بەلگىلەنگەن. ئەگەر ئۇلار بۇنى مەجبۇرىي ئىشلەپچىقىرىلمىغان دىسە، بۇ باشقا گەپ. بىراق قانۇندا مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئىشلىتىش چەكلەنگەن. شىنجاڭدا ئۇيغۇر تۇتقۇنلار باشقا ئ‍ۆلكىلەرگە ئېلىپ بېرىلىپ ئىشلىتىلگەچكە، مەجبۇرى ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى شىنجاڭ بىلەن چەكلەنمەيدۇ.»

ھامىد سابىنىڭ ئېيتىشىچە، مۇشۇ سەۋەبتىن خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ نورمال يولدا ئىشلەپچىقىرىلغان ياكى ئىشلەپچىقىرىلمىغانلىقىغا قارىتا تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك ئىكەن.

ھامىد سابى يەنە خىتاينىڭ جىنايى ھەركىتى قوبۇل قىلغۇسىز دەرىجىدە بولسىمۇ، بىراق ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز كۈچىنى ئىشلەتمەيۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى. ئۇ 16-نويابىر بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مۇنداق دىدى: «ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى دېمەي كەلدى. بولمىسا، ئۇ خىتاينىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنىڭ قورقۇنچلۇق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئۇ سەن بۇنىڭغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ياكى باشقا بىر ئىسىمنى قويماقچى، بىراق مېنىڭ كارىم يوق، مەن بۇنىڭغا بەك كۆڭۈل قويۇپ كەتمەيمەن، دەيدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جىنايى ھەركىتىنى ھەقىقەتەن قوبۇل قىلغىلى بولمىسىمۇ، بىراق ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى ئەندىشە قىلىۋاتىمىز، دەپلا قويىۋاتىدۇ. ئەندىشە قىلىۋاتىمىز، دېگىنى نىمە؟ ھەممە ئادەم ئەندىشە قىلىدۇ. ئۇنىڭ كۈچى بولسىمۇ، بۇنى ئىشلەتمەيۋاتىدۇ.»

«خەلقئارالىق پارلامېنتلار ئارا خىتاي ئىتتىپاقى» دىكى لۇك دې پۇلفورتنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى دۆلەتلەرنىڭ «خەلقئارا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توسۇش ئەھدىنامىسى» دىكى مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىپ، خىتاينى جازالاش ئىكەن. ئۇ ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ب د ت پەن، مائارىپ، مەدەنىيەت تەشكىلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇشى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشتا يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

دې پۇلفورت 16-نويابىر بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «ب د ت پەن، مائارىپ، مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشتا تامامەن يېتەرلىك ئەمەس. خىتاينىڭ غەربىي-شىمالىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشنىڭ بىردىن بىر يولى دۆلەتلەر بىر يەرگە كېلىپ، بولۇۋاتقان ئىشنىڭ جىددىيلىكىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسىدىكى مەجبۇرىيەتلىرىگە ئەمەل قىلىش، بۇ ئەھدىنامىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش ئۈچۈن تەدبىقلاشتۇر، شۇنداق قىلغاندىلا ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا تەنقىدلەپ قويۇشلار، بىئارام قىلىشتىن باشقا ھېچقانداق ئىشقا يارىمايدۇ.»

ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېيىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، بىراق «شىنجاڭدا كەڭ كۆلەملىك ۋە سىستېمىلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئائىت قايىل قىلارلىق پاكىتلارنىڭ بارلىقىغا قوشۇلىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

دوكلاتتا: «بۇ 2017-يىلدىن باشلاپ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ سىياسىي قايتا تەربىيىلەش لاگېرلىرىدا قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇشى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئىسلامى ئېتىقادىنىڭ سىستېمىلىق چەكلىنىشى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنى نىشان قىلغان كەڭ كۆلەملىك، زورلاش خاراكتىرلىك نازارەت، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ئىچى-سىرتىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ۋە تۇغۇتنى مەجبۇرى كونترول قىلىشقا ئائىت ئىشەنچلىك دەلىللەرنى ئۆ ئىچىگە ئالىدۇ،» دېيىلگەن.