د ئۇ ق ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز ئاۋاز چىقىرىپ كەلگەن تۈركىيەدىكى پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ئاخبارات خادىملىرىغا تەشەككۈرىنى بىلدۈردى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن ئىجرائىيە ھەيئىتى رەئىسى ئۆمەر قاناتلار باشچىلىقىدىكى ھەيئەت تۈركىيەدە ئۇزۇن يىللاردىن  بۇيان ئۇيغۇر مەسىلىگە ئىزچىل ھالدا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان، پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىنمۇ تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىدىن فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى بىلەن فەرىدۇن باخشى ئەپەندىلەر بىلەن كۆرۈشتى. كۆرۈشۈشتە ئۇلارغا ئۇيغۇر خەلقى نامىدىن رەھمەت ئېيتتى ۋە خاتىرە بويۇملىرى تەقتىم قىلدى.

15-مارت كۈنى «ئىيى»  پارتىيەسىنىڭ مەركىزىدە فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى بىلەن، ئىشخانىسىدا پارلامېنت ئەزاسى فەرىدۇن باخشى ئەپەندى بىلەن «يېڭى چاغ» گېزىتىنىڭ ئەنقەرەدىكى ئىشخانىسىدا ئورخان ئۇغۇرئوغلۇ  ئەپەندى ۋە مۇخبىر بەرقاي بىگەچ ئەپەندىلەر ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇرلار نامىدىن رەھمەت ئېيىتتى. ئاندىن كېيىن ئۇلارغا ئۇيغۇر دەۋاسىدىكى ئىلگىرىلەشلەر ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.  ئۇلار بىردەك ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەدىكى ئاۋازى بولۇۋاتقانلىقىنى، «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ئىگە چىقىشنىڭ ۋىجدانىي ۋە ئىنسانىي ۋەزىپىلىرى ئىكەنلىكى» نى ئۇيغۇرلار مۇستەقىل بولغۇچە بۇ كۈرەشنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇچرىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مىكروفونىمىزنى پارلامېنت ئەزاسى فەرىدۇن باخشى ئەپەندىگە ئۇزاتتۇق. ئۇ د ئۇ ق ھەيئەتلىرى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىنكى  تۇيغۇرلىرىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «د ئۇ ق ھەيئىتىنىڭ زىيارىتى مېنى بەك خۇرسەن قىلدى. شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقىغا ئېرىشىشى قاتارلىق دەۋالار ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ ئۆز دەۋايىمىزدۇر. بىز قولىمىزدىن كېلىشىچە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى قوللاشقا، ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا ۋە تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولۇشقا تىرىشىمىز.»

ھەر زامان ئۇيغۇرلار توغرىسىدا خەۋەر يېزىپ كېلىۋاتقان «يېڭى چاغ» گېزىتىنىڭ مۇخبىرى بەرقاي بىگەچ ئەپەندى د ئۇ ق ھەيئىتى تەقدىم قىلغان خاتىرە بويۇمىنى ئالغاندىن كېيىن، ئۆز تۇيغۇلىرىنى يازما شەكىلدە بىزگە بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «مەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بەرگەن بۇ  خاتىرە بويۇمىنى ئېلىپ بەكلا خۇرسەن بولدۇم. بۇ خۇشاللىقىمنى سۆز بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلمەيمەن. مېنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بولغان كۆز قارىشىم پەقەت ئۆزگەرمىدى، بۇندىن كېيىنمۇ ئۆزگەرمەيدۇ. مەن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىم مۇستەقىللىققا ئېرىشكىچە ئۇلارنىڭ ئاۋازى بولۇشنى داۋام قىلىمەن. بۇ دەۋاغا ئىگە چىقىش مېنىڭ ۋىجدانىي ۋە ئىنسانىي ۋەزىپەمدۇر.»

د ئۇ ق نىڭ ئەنقەرەدىكى بۇ پائالىيەتلىرى توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى  ئېلىپ باردۇق. ئۇ تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ داۋاملىق ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ھۆكۈمەتكە بېسىم پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى،  شۇڭا ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن بۇنداق بىر پائالىيەت ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى بايان قىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى فوندىنىڭ باشلىقى ئابدۇرېشىت ئابدۇخەمىت ئەپەندى بۇرۇندىن تارتىپ ئۇيغۇر دەۋاسىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ئىككى پارلامېنت ئەزاسى، «يېڭى چاغ» گېزىتىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بىلەن مۇخبىر بەرقاي بىگەچ ئەپەندىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا خاتىرە بويۇمى تەقدىم قىلىپ رەھمەت ئېيتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

2018-يىلى «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدا تەكلىپ لايىھەسى سۇنغان بولسىمۇ، ئەمما رەت قىلىنغانىدى. ئۇ ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدا د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ تۈركىيە پارلامېنت ئەزالىرىغا «تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى» گە ئېتىراز بىلدۈرۈپ يازغان خېتىنى مەزكۇر پارلامېنتتىكى ئومۇمىي يىغىنىدا ئوقۇپ ئۆتكەن ئىدى. پارلامېنت ئەزاسى فەرىدۇن باخشى ئەپەندى بولسا پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىنكى ئىككى يېرىم يىل ئىچىدە تۈركىيە پارلامېنتتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى 20 قېتىمدەك ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.