خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۈزەينەپ ئابدۇرېشىتنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى
ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 1– ئۆكتەبىر
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 28-سېنتەبىر جىددىي بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى ئۇيغۇر ۋىجدان مەھبۇسى بۈزەينەپ ئابدۇرېشىتنىڭ ئەھۋالىنى ئاشكارىلاشقا، ئۇنىڭ ئادىل سوتلانغان-سوتلانمىغانلىقى، ھەق-ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىنغان-قىلىنمىغانلىقىنى ئېنىقلاشقا چاقىرغان.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى باياناتىدا يەنە، دائىرىلەر ئۇنىڭ جىنايەت سادىر قىلغانلىقىغا يېتەرلىك دەلىل كۆرسىتىپ بېرەلمىسە، دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
بۈزەينەپ بۇرۇن مىسىردا 2 يىل ئوقۇغان بولۇپ، 2015-يىلى يۇرتىغا قايتىپ كەتكەن.
تەپسىلاتى...