يوللانغان ۋاقتى:2021-02-05| سەھىپە: ئۇيغۇر خەۋەرلىرى باشقا دوكلاتلار خەۋەرلەر دوكلاتلار شەرقىي تۈركىستان خەۋىرى
خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ شەخسىي ۋە ئائىلە تۇرمۇشىغا ئائىت ئىشلەپ تارقاتقان ۋىدېيولىرى ھەققىدىكى يېڭى دوكلاتى ئىشلىتىلگەن سۈرەت.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ شەخسىي ۋە ئائىلە تۇرمۇشىغا ئائىت ئىشلەپ تارقاتقان ۋىدېيولىرى ھەققىدىكى يېڭى دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.
«ھۆكۈمەت بىزگە زۇلۇم سالغىنى يوق: خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تەھدىت سېلىپ ئائىلىسىنى پارچىلاش ئۈچۈن ئىشلىگەن گۇۋاھلىق ۋىدېيولىرى» ناملىق بۇ 50 بەتلىك دوكلات بۈگۈنگىچە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئىشلىگەن تەشۋىقات ۋىدېيولىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ تولۇق ۋە پاكىتلىق دوكلات ئىكەن. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى خىتاي ھۆكۈمىتى ئىشلىگەن بۇ ۋىدېيولارنى كۆرۈپ تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن قىسمەتلەر ۋە ئائىلىۋى پاجىئەلەرنى دەلىللەپ چىققان ھەمدە تەھلىل قىلغان. ۋىدېيوغا چىقىرىلغان ئۇيغۇرلار خىتاي تەرىپىدىن بىر مەزگىل ئىز-دېرەكسىز يوق قىلىۋېتىلگەن بولۇپ، كېيىن خىتاينىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن چەت ئەلدىكى ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى ۋە بارلىق ئۇيغۇرلارغا قارشى سۆزلىتىلگەن.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ باش تەتقىقاتچىسى ھېنرىك ئەپەندى بۇ دوكلاتنى تەييارلاشتىكى كۆز قارىشىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ دوكلاتنى تەييارلاشتىكى مەقسەت بىرىنچىدىن، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىشلىگەن نەرسىلىرىدىكى يالغان، ساختا ئۇچۇرلارنى گەۋدىلەندۈرۈش ھەمدە چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتىدىكى تۇغقانلىرىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنىۋالغانلىقىدەك ئېغىر مەسىلىلەرنى تېخىمۇ ياخشى كۆرسىتىش؛ ئىككىنچىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتى نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى ئائىلىسىدىن ئايرىپ قۇل ئىشچى قىلىۋەتتى. ئۇيغۇر ئائىلە ئەزالىرى بىر-بىرى بىلەن ئالاقىلىشالمايدۇ، بىر-بىرىنىڭ خەۋىرىنى ئالالمايدۇ. بەزى ئۇيغۇرلار گۇۋاھلىق بەرگەندىن كېيىن خىتاي بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ ئۇلارغا تۇغقانلىرىنى كۆرسەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇزاق ۋاقىت كۆرۈشەلمىگەنلەر بىر-بىرى بىلەن كۆرۈشۈۋالغان بولدى. بىز مۇشۇ نۇقتىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە قىلىۋاتقان بۇزغۇنچىلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈشنى نىشان قىلدۇق.»
تەپسىلاتى...