يەركەندىكى بىر كەنت يەسلىسىدە ئوقۇۋاتقان 30 بالىدىن 25 نەپىرىنىڭ تۇتقۇنلار پەرزەنتى ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى
خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

يۇرتىغا قايتسا لاگېرغا ئېلىپ كېتىلىشتىن قورقۇپ، تۈركىيەدە تۇرۇپ قالغان مەرىپەت خانىم، يۇرتىدا قالغان 4 بالىسىنىڭ رەسىمىنى مۇخبىرغا كۆرسەتكەن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 21-ئاۋغۇست، ئىستانبۇل.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇلارنىڭ يۇرتىدا قېلىپ قالغان غايىب پەرزەنتلىرى ھەققىدە ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، يەركەن چاھارباغ يېزىسىدىكى بىر كەنت يەسلىسىدە ئوقۇۋاتقان 30 بالىدىن 25نەپىرىنىڭ ئانىسى ياكى دادىسى تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، چاھارباغ يېزىسى 15 كەنتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بىر كەنتتە 150 چە ئائىلە نوپۇسلۇق ئىكەن. يەنە ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا ئالاقىدار خادىملاردىن بىرى ئاتا-ئانىسىدىن ھەر ئىككىسى تۇتۇپ كېتىلگەن بالىلارنىڭ پاراۋانلىق مەركىزىدە ئايرىم تەربىيەلىنىۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلدى.
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، بىز مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىز-دېرىكى بولمايۋاتقان پەرزەنتلىرى ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، ئاتا-ئانىسى تۇتقۇن قىلىنىپ كەتكەن بالىلارنىڭ ئايرىم مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقانلىقى، بۇ مەكتەپلەرنىڭ ساقچى ۋە ئامانلىق خادىملىرىنىڭ 24 سائەت نازارىتىدا باشقۇرۇلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.
كۇچانىڭ ئىشخالا يېزىسىدا قۇرۇلغان بىر پاراۋانلىق يەسلىسىدە 40 نەپەرچە ئوقۇغۇچى بار بولۇپ، بۇ يەسلىنىڭ ئامانلىق خادىمى كېچە-كۈندۈز نۆۋەتچىلىكتىن باشقا ئۆزلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ھالدا سىياسىي ئۆگىنىشلەرگە قاتنىشىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. مەلۇم بولۇشىچە، بالىلارنى ئاتا-ئانىلىرى بىلەن ئىېكراندا كۆرۈشتۈرۈش ۋە ئۇلارنى بەزلەش، بۇ ئامانلىق خادىملىرىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىدىن بىرى ئىكەن.
تەپسىلاتى...