ئاتۇشتا پوچتىخانا پېنسىيونېرى غىياسىدىن ئابلا 69 يېشىدا لاگېردىن چىقىپ جان ئۈزگەن

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئاتۇشلۇق بىر مۇھاجىرنىڭ رادىيومىزغا يوللىغان ئەڭ يېقىنقى بىر ئىنكاسىدا بايان قىلىنىشىچە، ئاتۇشتا پوچتىخانا ساھەسىدىن پېنسىيەگە چىققان غىياسىدىن ئىسىملىك بىر كىشى 2018-يىلىنىڭ ئاخىرى دىنىي ئەسەبىيلىك گۇمانى بىلەن لاگېرغا ئەكېتىلگەن ۋە ئۈچ ئاينىڭ ئالدىدا لاگېردىن قويۇپ بېرىلىپ، ئۆتكەن ئايدا جان ئۈزگەن. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، يۇقىرىقى ئۇچۇرلارنىڭ توغرىلىقى دەلىللىنىش بىلەن بىرلىكتە مەرھۇمنىڭ فامىلىسىنىڭ ئابلا ئىكەنلىكى ۋە ھاياتىدىن ئايرىلغاندا يېشىنىڭ 69 ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

ئاڭلىغۇچىلىرىمىز 2017 ۋە 2018-يىللىرى تۇتقۇنلار ۋە غايىبلار ھەققىدە كۆپلەپ ئىنكاس يوللىغان بولسا، 2020- ۋە 2021-يىللىرى لاگېردىن چىققان جەسەتلەر ۋە ئېغىر كېسەللەر ھەققىدە ئىنكاسلار يوللىماقتا. ئاتۇشلۇق بىر مۇھاجىرنىڭ ئىنكاسىدا بايان قىلىنىشىچە، بۇ يىل 69 ياشقا كىرگەن غىياىسىدىن دېگەن كىشى، ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەن. قاتنىشىۋاتقان بىر جامائەت سورۇنىدىن تۇتۇپ ئەكېتىلىپ، ماڭالمىغۇدەك ھالەتتە ئائىلىسىگە قايتۇرۇلغان بۇ كىشى، ئائىلىسىدە بىر ئايچە كۈتۈنگەندىن كېيىن، ھاياتىدىن ئايرىلغان. دېيىلىشىچە، مەرھۇم پوچتىخانا ساھەسىدىن پېنسىيەگە چىققان بولۇپ، ئاتۇشنىڭ سۈنتاغ يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق ئىكەن.

تەپسىلاتى...

سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ھەمدۇللا ۋەلىينى خىتايغا قايتۇرىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

54 ياشلىق ئۇيغۇر ھەمدۇللا ۋەلى 2020-يىلى 11-ئايدا سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئۆمرە ئىبادىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن مەككە شەھىرىگە بارغاندا سەئۇدى ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ھازىرغىچە قويۇپ بېرىلمىگەن.

ھەمدۇللا ۋەلىينىڭ قىزى سۈمەييە خانىم قىسقىچە سىنئالغۇ فىلىمى تەييارلاپ، دادىسى ھەمدۇللا ۋەلىينىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىن خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلدى ۋە دۇنيا جامائىتىگە دادىسىنى قۇتۇلدۇرۇشقا چاقىرىق قىلدى.

ئۇ سىنئالغۇ فىلىمىدا، سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان دادىسى ھەمدۇللا ۋەلى ۋە دادىسى بىلەن بىرگە تۇتۇلغان روزى نۇرمۇھەممەت ئىسىملىك ئۇيغۇرنى سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش توغرىسىدا 3-دېكابىر ئۇقتۇرۇش چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

تەپسىلاتى...

«بەختلىك ئۇيغۇرلار» نىڭ بەختسىزلىكىگە دائىر دەلىل-ئىسپاتلار

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاينىڭ خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئۇيغۇر رايونىدا 1 مىليون 549 مىڭ ئادەمنىڭ تۆۋەن كاپالەتلىك ياردەم پۇلىغا تايىنىپ ھايات كۆچۈرۈۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

4-يانۋار خىتاي خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدە «2021-يىلىغا نەزەر. شىنجاڭدا خەلق ئۈچۈن ئىشلەش، خەلقنى سۆيۈشنىڭ ئەمەلىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدىكى بەختنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى» ناملىق بىر ماتېرىيال ئېلان قىلىندى. ماتېرىيالدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى تەييارلىغانىدى. ئۇيغۇر رايونىنىڭ 2021-يىللىق ھاياتلىق كارتىنىسىنى يورۇتۇپ بېرىشكە بېغىشلانغان بۇ ھۆكۈمەت ماتېرىيالىدا دىققەتنى چېكىدىغان بەزى سانلىق مەلۇماتلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، رايوندىكى خەلقنىڭ نەقەدەر ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كۆچۈرۈۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن.

تەپسىلاتى...

دىنىي مۇئەللىمە خاسىيەتنىڭ قۇرئاننى تىقىۋالغانلىقى قوشۇلۇپ 14 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى دەلىللەندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ماناسلىق دىنىي مۇئەللىمە خاسىيەت ئەخمەتنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى توغرۇلۇق خەۋىرىمىز بېرىلگەندىن كېيىن، ئاڭلىغۇچىلاردىن بىرى رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، خاسىيەتنىڭ 14 يىللىق كېسىلىپ بولغانلىقىنى، شۇنداقلا دېلوغا مەسئۇل خادىمنىڭ كىملىكىنى مەلۇم قىلدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ئۇچۇرنى ئالغاندىن كېيىن ئىلگىرىلەپ ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، ئۇنىڭ 14 يىللىق كېسىلىشىگە، بالا ئوقۇتۇشتىن باشقا، ساقچىلار قۇرئاننى يىغىۋاتغان مەزگىلدە ئىككى قۇرئاننى تىقىۋالغانلىقىنىڭمۇ سەۋەب بولغانلىقى ئايدىڭلاشتى.

تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگرامما مىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان كىشىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، خاسىيەتنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا ئۇنىڭ بالا ئوقۇتۇشىدىن باشقا، 2016 ‏-يىلى دائىرىلەر ماناستا «قانۇنسىز دىنىي ماتېرىياللار» نى يىغىۋېلىۋاتقان مەزگىلىدە ئائىلىسىدە قۇرئانى كېرىمدىن ئىككىنى تىقىۋالغانلىقىمۇ سەۋەب بولغان. دېيىلىشىچە، ئۇنىڭ بالا ئوقۇتۇشىغا 7 يىللىق ۋە قۇرئاننى تىقىۋالغىنىغا 7 يىللىق بولۇپ جەمئىي 14 يىللىق كېسىۋېتىلگەن. بىز خاسىيەت ئەخمەتنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە بۇ يېڭى تەپسىلاتلارنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ماناس ناھىيەسىدىكى ساقچى ئورگانلارغا قايتىدىن تېلېفون قىلدۇق.

تەپسىلاتى...

يالقۇن روزى قاتارلىق تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۈچۈن يېڭى يىل ھارپىسىدا ئېلان قىلىنغان چاقىرىقلار ئىنكاس قوزغىدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئۇيغۇرلار 2022-يىلنى دۇنيا خەلقىگە ئوخشاش، كونا يىلدا يۈز بەرگەن ۋە قىلغان ئىشلىرىنى خۇلاسىلەش، يېڭى يىل ئۈچۈن تۈزۈلگەن پىلان ۋە ئارزۇ-ئۈمىدلىرى ئىچىدە كۈتۈۋالدى.

بولۇپمۇ ئانا يۇرتى ۋە قېرىنداشلىرىدىن ئايرىلىپ، تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن چەتئەللەردە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، 2017-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا ئەۋجىگە چىققان «لاگېرلارغا قاماش»، تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى «تۈرمىلەرگە قاماش» قا قارشى ئۆز پائالىيەتلىرىنى يېڭى يىل مەزگىلىدىمۇ ھەر خىل ئۇسۇللاردا داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.

30-دېكابىر كۈنى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «دۆلەتنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ 15 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان يازغۇچى يالقۇن روزىنىڭ ئامېرىكادىكى قىزى تۇمارىس يالقۇن ۋە دادىسىنىڭ ئۆلۈمىدە ناماز ئوقۇدى دېگەن جىنايەت ئارتىلىپ 18 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان چەرچەندىكى ئوقۇتقۇچى رەناگۈل غېنىنىڭ ئامېرىكادىكى سىڭلىسى قەلبىنۇر غېنى تەرىپىدىن تۋىتتېر ۋە فەيسبوك قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىدە ئېلان قىلىنغان سىنتلىق چاقىرىق كەڭ تارقىلىپ مۇنازىرە قوزغىدى.

تەپسىلاتى...

ماناستا بالا ئوقۇتقان دىنىي مۇئەللىمە خاسىيەت ئەخمەت خانىمنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

مەلۇم بولوشىچە، ماناس ناھىيە بازىرى ئىچىدە ئولتۇرۇشلۇق خاسىيەت ئەخمەت خانىم 2017 ‏-يىلى 5 ‏-ئايدا يېرىم كېچىدە ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ۋە تا ھازىرغىچە ھېچقانداق ئىز-دېرىكى بولمىغان. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، خاسىيەت خانىم تۇتۇلۇشتىن 9 يىل ئاۋۋال، ئۇنىڭ يولدىشى «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ، مۇددەتسىز كېسىلىپ كەتكەن. ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ تۇتۇلۇشىغا مەھەللىدىكى ئۆسمۈر بالىلارغا دىنىي دەرس بەرگەنلىكى سەۋەب بولغان ئىكەن. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلغان ماناستىكى ساقچى خادىملىرى دىنىي مۇئەللىمە خاسىيەت ئەخمەت خانىمنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، ماناس ناھىيە بازىرىدا ئولتۇرۇشلۇق خاسىيەت ئەخمەت خانىم يولدىشى2009 ‏-يىلى مۇدددەتسىز كېسىلىپ كەتكەندىن كېيىن، بالا ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن مەنىۋىي دۇنياسىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇپ كەلگەن. ئۇنىڭ ئوقۇتۇش ئىشلىرى ئۆسمۈر بالىلارنىڭ قۇرئان ساۋادىنى چىقىرىش ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەر بويىچە ياشاشنى ئۆگىتىشتىن ئىبارەت بولغان. ئۇ بۇ قىلغانلىرى سەۋەبلىك2017 ‏-يىلى 5‏-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغان ۋە تا ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى غايىب بولغان.

تەپسىلاتى...

لاگېردا ئاشقازىنىدىن مەسىلە چىققان شاھزادىگۈل تۆمۈر مەجبۇرىي ئەمگەك مەيدانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاي ساقچىلىرى داۋانچىڭدىكى 3-نومۇرلۇق تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىنىڭ سىرتقى كىرىش ئېغىزىدا پوستا تۇرۇۋاتقان كۆرۈنۈش. 3-نومۇرلۇق تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزى خىتاي بويىچە ئەڭ چوڭ بولۇپ، ۋاتىكان شەھىرىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. 2021-يىلى 23-ئاپرېل.

ئۆتكەن ھەپتە رادىيومىزغا كەلگەن بىر نامسىز ئىنكاستا توقسۇن ناھىيەسىنىڭ بوستان يېزىسىدىن لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن شاھزادىگۈل تۆمۈر ئىسىملىك بىر ئايالنىڭ بۇلتۇر 9-ئايدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان بىر فابرىكادا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى بايان قىلىنغان. خەتتە دېيىلىشىچە، شاھزادىگۈل تۆمۈر لاگېرغا ئەكىتىلىپ بىر يىلدىن كېيىن ئاشقازىنى ئاغرىشقا باشلىغان. شاھزادىگۈل سالامەتلىكىدىكى بۇ ئۆزگىرىشنى لاگېر مەسئۇللىرىغا مەلۇم قىلغنىدا، مەسئۇل خادىملار ئۇنىڭ بۇ خىل شىكايەتلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئەمەسلىكىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇنىڭ شىكايىتىگە پەرۋا قىلمىغان. نەتىجىدە ئاشقازان ئاغرىقى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ بۇلتۇر9-ئايغا كەلگەندە مەجبۇرىي ئەمگەك مەيدانىدا قان قۇسۇپ ھۇشىدىن كەتكەن ۋە ھاياتىدىن ئايرىغان. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا مەزكۇر ئۆلۈم خەۋەرىنىڭ توغرىلىقى دەلىللەندى.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، شاھزادىگۈل تۆمۈر توقسۇن ناھىيەسىنىڭ بوستان يېزىسىدىن بولۇپ، ئۇ 2018-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرى لاگېرغا ئەكىتىلگەن ۋە ئۆتكەن يىلى 9-ئايلاردا لاگېردىن جەسىتى چىققان. دېيىلىشىچە، ئۇ سالامەتلىكىدىن مەسىلە چىقىپ جان ئۈزگەن مەزگىلىدە توقسۇننىڭ ئالغۇي يېزىسىدىكى بىر پايپاق زاۋۇتىدا، زور بىر تۈركۈم لاگېر تۇتقۇنلىرى بىلەن بىرلىكتە مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان ئىكەن. بىز بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن توقسۇن ناھىيەلىك ۋە بوستان يېزىلىق ئالاقىدار ئىدارە ئورانلارغا تېلېفون قىلدۇق.

تەپسىلاتى...

4 يىلدىن بۇيان ئىز-دېرەكسىز غايىب قىلىنغان ژۇرنالىست قۇربان مامۇتقا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىنماقتا

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئۇيغۇر دىيارىدىكى تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك نوپۇزلۇق ژۇرنال – «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» نىڭ باش مۇھەررىرى، 70 ياشتىن ئاشقان قۇربان مامۇت ئەپەندى. 2017-يىلى فېۋرال، ۋاشىنگتون.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى نوپۇزلۇق ژۇرنال «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» نىڭ پېنسىيىگە چىققان سابىق باش مۇھەررىرى، ژۇرنالىست قۇربان مامۇت 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئۈرۈمچىدە تۇتقۇن قىلىنىپ، ئىز-دېرەكسىز غايىب قىلىۋېتىلگەن ئىدى. 22- ۋە 23-دېكابىر كۈنلىرى ئۇنىڭ ئامېرىكادىكى ئوغلى بەھرام سىنتاش، شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپى، ئۇيغۇر ھەركىتى قاتارلىق چەت ئەللەردىكى تەشكىلاتلار ئۆزلىرىنىڭ تۋىتتېر، فېيسبۇك ۋە باشقا ئىجتىمائىي تاراتقۇ مۇنبەرلىرىدە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ژۇرنالىست قۇربان مامۇت ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشىنى، ئۇنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

تۆھپىكار ژۇرنالىست قۇربان مامۇت ئۇيغۇر رايونىدىكى نوپۇزلۇق ژورنال بولغان «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» نىڭ ئۇزۇن يىللىق سابىق باش مۇھەررىرى ئىدى. ئۇ 2017-يىلى 2-ئايدا ئامېرىكادىكى ئوغلى بەھرام سىنتاشنى يوقلاپ، بىر ئايدىن كېيىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەتكەن. 2017-يىلى 12-ئايدا ئۇنىڭ تۇيۇقسىز غايىب بولغانلىقى مەلۇم بولغان. ژۇرنالىست قۇربان مامۇت تۇتقۇن قىلىنغاندىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئىزچىل تۈردە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمەي كەلدى. 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ئۇنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى رەسمىي دەلىللەپ، خەۋەر ئېلان قىلدى.

تەپسىلاتى...

مىللەتلەر نەشىرىياتىنىڭ تەجرىبىلىك مۇھەررىرى، تارىخچى ئابلىز ئورخۇننىڭ 3 يىلدىن بۇيان تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

تارىخچى ئابلىز ئورخۇن (ئارقا رەت ئوڭدىن 2-كىشى) دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە سەيدۇللا سەيپۇللايوف (ئالدى رەت ئوتتۇرىدىكى كىشى) نى يوقلاپ بارغاندا چۈشكەن سۈرەت. 2001-يىل ياز، ئۈرۈمچى.

تارىخچى ئابلىز ئورخۇن (ئارقا رەت ئوڭدىن 2-كىشى) دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە سەيدۇللا سەيپۇللايوف (ئالدى رەت ئوتتۇرىدىكى كىشى) نى يوقلاپ بارغاندا چۈشكەن سۈرەت. 2001-يىل ياز، ئۈرۈمچى.

بېيجىڭدىكى مىللەتلەر نەشىرىياتى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ تەجرىبىلىك مۇھەررىرى، «شىنجاڭ تەزكىرەچىلىكى» ژۇرنىلىنىڭ سابىق مەسئۇل مۇھەرىرى، «ئۇيغۇر نامى ۋە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ شەكىللىنىش تارىخى» قاتارلىق يىرىك ئىلمىي ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورى ئابلىز ئورخۇنمۇ يېقىنقى يىللاردا ئىز-دېرىكى ئۇشتۇمتۇت غايىپ بولغان زىيالىلارنىڭ بىرىدۇر. مۇخبىرىمىزنىڭ ئالاقىدار ئىدارە-ئورگانلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، قۇمۇل ۋىلايەتلىك دۆلەت ئامانلىق ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تارىخچى ئابلىز ئورخۇننىڭ 3 يىلدىن بۇيان تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى

مەلۇم بولۇشىچە، تارىخچى ئابلىز ئورخۇن1969 ‏-يىلى قۇمۇلدا تۇغۇلغان، 1991‏-يىلى شىنجاڭ ئونىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ فاكۇلتىتىنى پۈتتۈرۈپ، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق تەزكىرە كومېتىتىدا خىزمەت قىلغان، 1994 ‏-يىلدىن باشلاپ «شىنجاڭ تەزكىرەچىلىكى» ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىگەن. 2008‏-يىلىدىن بۇيان بېيجىڭدىكى مىللەتلەر نەشىرىياتى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ ئالىي مۇھەررىرى، مەزكۇر نەشىرىياتنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. ئابلىز ئورخۇننىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئوقۇرمەنلىرىدىن نورۋېگىيەدە تۇرۇشلۇق ھۈسەنجان ئەپەندىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئابلىز ئورخۇن2018 ‏-يىلنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ئىز-دېرىكى غايىب بولغان.

تەپسىلاتى...

تۇتقۇندىكى پېنسىيونېر نىياز ناسىرنىڭ لاگېردىن جەسىتى چىققان

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ۋاتىكان شەھىرىنىڭ ئىككى ھەسسىسى بىلەن تەڭ، 10،000 جىنايەتچى سىغىدىغان ئۈرۈمچى 3-تۈرمىسىنىڭ ئالدى كۆرۈنۈشى. 2021-يىلى 23-ئاپرېل.

ئائىلىسىدە 3 پەرزەنتى دۆلەت خىزمەتچىسى بولغان، ئۆزىمۇ ئاشلىق ئىدارىسىدىن پېنسىيەگە چىققان 78 ياشلىق نىياز ناسىر، لاگېردا ئېغىر كېسەل ھالىتىدىمۇ قويۇپ بېرىلمىگەن. خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ دادىسىنى كاپالەتكە قويۇپ بېرىش تەلىپى كەسكىن رەت قىلغان. نەتىجىدە 2018‏-يىلى تۇتۇپ كېتىلگەن نىياز ناسىرنىڭ ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرى لاگېردىن جەسىتى چىققان.

توققۇزاقلىق بىر مۇھاجىرنىڭ رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، توققۇزاق ئاشلىق ئىدارىسىنىڭ پېنسىيونېرى نىياز ناسىر دېگەن كىشى 2018-يىلى 76 يېشىدا لاگېرغا ئېلىپ كىتىلگەن. خېلى بىر مەزگىلگىچە ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشتۈرلمىگەن نىياز ناسىر 2018-يىلنىڭ ئاخىرلىرى ئائىلىسى بىلەن ئېكراندا كۆرۈشتۈرۈلگەن. دىيىلىشىچە، نىياز ناسىرنىڭ ئۈچ پەرزەنتى دۆلەت خىزمەتچىسى بولۇپ، ئۇلار دادىسىنىڭ ئېكراندىكى ھالىتىنىڭ بەكمۇ ئاجىز ۋە ناچار ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ سالامەتلىكدىن ئەندىشىە قىلغان. ئۇلار دادىسىنىڭ ئائىلىدە تەربىيەلىنىشىنى تەلەپ قىلىپ كاپالەتكە قويۇپ بېرىش ھەققىدە ئالاقىدار ئورگانلارغا ئىلتىماس سۇنغان. دائىرىلەر نىياز ناسىرنىڭ سالامەتلىكىدە مەسىلە يوقلۇقى ۋە باشقىلاردىن ئالاھىدە ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ لاگېردىن قويۇپ بېرىلىشىنى رەت قىلغان. توققۇزاقتىكى بۇ نەپەر ئۈچ دۆلەت خىزمەتچىسىنىڭ ئىككىسى كومپارتىيە ئەزاسى تۇرۇقلۇق، كۆزلىرى بارغانسېرى چوڭقۇرلاپ، ئىڭەكلىرى چوقچىيىپ ۋە چىرايى تاتىرىپ كېتىۋاتقان دادىسىنى لاگېردىن ئېلىپ چىقىشقا قۇربى يەتمىگەن. ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، نىياز ناسىرنىڭ جەسىتى ئائىلىسىگە تاپشۇرۇلغان.

تەپسىلاتى...