قارامايدىكى جامائەت ئەربابى يۈسۈپ ساقالنىڭ يېتىم-يېسىرلارغا ئىگە چىققانلىقى ئۈچۈن 14 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى دەلىللەندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئۇيغۇر ئېلىدا 2014‏-يىلى قوزغالغان ئاتالمىش «تېرورلۇققا قارشى قاتتىق زەربە بېرىش» دولقۇنى زور بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ياشلىرىنى قاماققا تاشلىغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر جامائەت ئەربابلىرىنىڭ زىممىسىدىكى ۋەزىپىسىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرغان. ئىنكاس قىلىنىشىچە ۋە دەلىللىنىشىچە، قارامايدىكى جامائەت ئەربابلىرىدىن يۈسۈپ ساقال دېگەن كىشى مەھبۇسلار ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغانلىقى ئۈچۈن «جىنايەتچىنى قانات ئاستىغا ئېلىش» گۇمانى بىلەن تۇتۇلۇپ، 14 يىللىق كېسىۋېتىلگەن.

ئىنكاس قىلىنىشىچە، قارامايدا «يۈسۈپ ساقال» ۋە «يۈسۈپ لوبەن» دەپ تونۇلغان يۈسۈپجان مەمتىمىن، 2017‏-يىلى سابىق گۇماندارلار قاتارىدا تۇتۇپ كېتىلىپ، 2018‏-يىلنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە 14 يىللىق كېسىۋېتىلگەن. مۇھاجىرەتتىكى بىر ئاڭلىغۇچىمىزدىن كەلگەن بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللەش ئۈچۈن، بىز قارامايدىكى ئالاقىدار ئىدارە-ئورگانلارغا تېلېفون قىلدۇق. قاراماي شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاپ بەرمىدى.

تەپسىلاتى...

بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەسىگە قارشى تۇرغان ئاتا 8 يىللىق كېسىلىپ تۈرمىدە جان ئۈزگەن

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

مۇھاجىرەتتىكى كېرىيەلىكلەردىن بىرىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، كېرىيەنىڭ لەڭگەر يېزىسىدىكى ئابدۇرېشىت ئوبۇل ئىسىملىك بىر دېھقان، 2012-يىلى يۇرتى كېرىيەدىن كۆچۈپ كېتىش يولى بىلەن ھامىلىدار ئايالىنى بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەسىدىن ساقلاپ قالغان. ئۇ كېيىنچە يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ پىلانلىق تۇغۇت جەرىمانىسىنى تۆلىگەن بولسىمۇ، 2017-يىلىغا كەلگەندە، ئۇنىڭ بالىسىنى قۇتقۇزۇپ قېلىشى دىنىي رادىكاللىقنىڭ ئىپادىسى دەپ قارىلىپ تۈرمىگە تاشلانغان. ئۇ تۈرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە ھاياتىدىن ئايرىلغان. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرىلىق دەلىللەندى.

كېرىيەلىك بىر مۇھاجىرنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، كېرىيەنىڭ لەڭگەر يېزا سايباغ كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ئابدۇرېشىت ئوبۇل، 2012-يىلى ياز ئايلىرىدا، ھامىلىدار ئايالىنى ئېلىپ كېرىيەدىن كۆچۈپ كەتكەن. ئۇ ئايالى يەڭگىپ بالىسى بىر ياشقا كەلگەندە يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن. بۇ چاغدا يېزا ساقچىلىرى ئابدۇرېشىت ئوبۇلنى تۇتقۇن قىلىپ بىر ھەپتىچە سولاپ قويغان ۋە ئاتالمىش سىياسىي تەربىيە بەرگەندىن كېيىن قويۇپ بەرگەن ۋە پىلاندىن ئارتۇق تۇغۇلغان بالا ئۈچۈن يېزىلىق ھۆكۈمەت ئۇنىڭغا 20 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويغان. كېرىيەلىك مۇھاجىرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، گەرچە ئابدۇرېشىت ئوبۇل جازاسىنى تارتىپ بولغان ۋە جەرىمانىنى تۆلەپ بولغان بولسىمۇ، 2017-يىلىغا كەلگەندە، بۇرۇن بىر ھەپتە تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن سابىق تۇتقۇنلار قاتارىدا لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن. ئۇ لاگېردا ئىككى يىلچە ياتقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ 5 يىل ئىلگىرى ھامىلىدار ئايالىنى پىلانلىق تۇغۇت ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرماسلىقى دىنىي ئاڭنىڭ، يەنى دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ تەسىرى دەپ قارالغان، ئۇنىڭ ئائىلىسى بويىچە بىر مەھەل مۆكۈنۈپ ياشىشى، ھۆكۈمەت بىلەن قارشىلىشىش ۋە جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇش دەپ قارالغان ھەم 8 يىللىق كېسىۋېتىلگەن.

تەپسىلاتى...

ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق يۇقۇرى سوت ۋە تەپتىشنىڭ خىزمەت دوكلاتى رايوننىڭ ئۆتكەن يىللىق تۇتقۇن ئەھۋالىنى قىسمەن ئاشكارىلىغان

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 3-مارت كۈنىدىكى سانىدا ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق يۇقۇرى سوت مەھكىمىسى ۋە تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ 2021-يىللىق خىزمەت دوكلاتى ئېلان قىلىندى.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئىككى دوكلات ئەسلى 2022-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-قېتىملىق يىغىنىدا ئوقۇپ ئۆتۈلگەن ئىكەن.

بۇ ئىككى دوكلاتنىڭ تەپسىلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئىككى ئورگاننىڭ خىزمەت دوكلاتىدا ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر رايونىدا بىر تەرەپ قىلىنغان دېلولارنىڭ خېلى زور كۆپ بىر قىسمىنىڭ «تېرورلۇققا زەربە بېرىش» ۋە «مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش» نامىدىكى سىياسىي باستۇرۇشلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

تەپسىلاتى...

شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى نۇرمەمەت ئۆمەر ئۇچقۇننىڭ 10 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى دەلىللەندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى نۇرمەمەت ئۆمەر ئۇچقۇن. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)

«كۆزۈڭنى ئاچ، ئۆزۈڭنى تاپ ئەركەكلەر» ناملىق ماقالىلەر توپلىمىنىڭ ئاپتورى، «چوڭ شاھمات تاختىسى» ناملىق ئامېرىكا ئىستراتېگىيە دەستۇرىنى ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلغان نۇرمەمەت ئۆمەر ئۇچقۇننىڭ 10 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى ۋە نۆۋەتتە كېرىيە تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقى دەلىللەندى.

ئىنكاس قىلىنىشىچە، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى نۇرمەمەت ئۆمەر ئۇچقۇن «دۆلەت مەدەنىيىتىنى چەتكە قېقىش» ۋە «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش» بىلەن ئەيىبلىنىپ 10 يىللىق كېسىۋېتىلگەن. بۇ ئۇچۇر نۇرمەمەت ئۆمەر ئۇچقۇننىڭ نۆۋەتتە نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان ساۋاقدىشى ھۈسەنجان ئەپەندى تەرىپىدىن ئىگىلەنگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئەدەبىيات، تەرجىمە، تەتقىقات ۋە كومپيۇتېر قاتارلىق كۆپ خىل ساھەدە ئۆزىنى پۇختا يېتىلدۈرگەن ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە مەزكۇر ساھەلەردە كۆزگە كۆرۈنەرلىك مېۋىلەرنى سۇنۇپ كېلىۋاتقان نۇرمەمەت ئۆمەر ئۇچقۇن 2018 ‏-يىلىنىڭ بېشىدا تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ئىككى يىل ئاۋۋالقى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا دەلىللەنگەن بولسىمۇ، ئەمما كېسىلگەن-كېسىلمىگەنلىكى نامەلۇم ئىدى. ئۇنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ھۈسەنجان ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئالاقىدار قاناللىرى ئارقىلىق، نۇرمەمەت ئۆمەر ئۇچقۇننىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ئىزچىل مەلۇمات ئىگىلىگەن ۋە ئۇنىڭ كېرىيە تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقىدىنمۇ خەۋەر تاپقان.

تەپسىلاتى...

ئۇيغۇر نوپۇسى 7 مىڭغا بارمايدىغان ماناس ناھىيەسىدە 800 گە يېقىن ئۇيغۇرنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاينىڭ 2017‏-يىلىدىكى نوپۇس ئىستاتىسكىىسىدا، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ماناس ناھىسيىدە ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ 6193 نەپەر ئىكەنلىكىنى ۋە ناھىيە ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ ئاران 2.5 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر نوپۇسى مۇشۇ دەرىجىدە ئاز بولغان ماناس ناھىيەسىدىمۇ لاگېردىن بىرسى بار بولۇپ، ئۇنىڭغا 800 گە يېقىن ئۇيغۇر تۇتقۇن قاماقلىق ئىكەن.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، ئۆتكەن يىلى ماناستىكى غايىب دىنىي مۇئەللىمە خاسىيەت ئەخمەت ھەققىدە ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، 2017‏-يىلى تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە 14 يىللىق كېسىلگەنلىكى دەلىلىنىش بىلەن بىرلىكتە، ماناس ناھىيەسىدىمۇ بىر ياكى بىر نەچچە لاگېرنىڭ بارلىقى ئېھتىماللىقى مەلۇم بولغان ئىدى.

بىز شۇنىڭدىن كېين ماناستىكى ساقچىخانا، قاماقخانا ۋە ئەدلىيە پونكىتلىرىغا تېلېفون قىلىپ، ماناستىكى لاگېرلار ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق. خادىملار كۆپىنچە ھاللاردا ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىشكە ھوقۇقلۇق ئەمەسلىكىنى بايان قىلدى.

تەپسىلاتى...

پېنسىيونېر بائىمخان مامۇت لاگېردا ئىككى يىل يېتىپ چىققاندىن كېيىن قايتا تۇتۇلۇپ 10 يىللىق كېسىۋېتىلگەن

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

نۆۋەتتە ئامېرىكادا ياشاۋاتقان نۇربىيەنىڭ رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، ئۇنىڭ خوتەن ۋىلايەتلىك پوچتا-تېلېگراف ئىدارىسىدىن پېنسىيەگە چىققان ئانىسى بائىمخان مامۇت، 2017‏-يىلى لاگېرغا ئەكىتىلىپ، ئىككى يىل ئۆتكەندە سالامەتلىكىدە مەسىلە كۆرۈلۈپ قويۇپ بېرىلگەن. ئۇ بىر مەزگىل داۋالىنىپ سالامەتلىكى ئەسلىگە كلگەن ھامان قايتا تۇتقۇن قىلىنىپ 10 يىللىق كېسىۋېتىلگەن. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، بۇ يىل 61 ياشقا كىرگەن مائىمخان مامۇتنىڭ ئۆتكەن يىلى 10 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى دەلىللەندى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، ئامېرىكادا ياشاۋاتقان نۇربىيەنىڭ بايان قىلىشىچە، 2017‏-يىلدىن باشلاپ ئۇنىڭ خوتەندىكى ئاتا-ئانىسى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلگەن. ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندە، ئۇ ئۆزىنىڭ بەزى مۇناسىۋەت تورلىرى ئارقىلىق ئاپىسىنىڭ لاگېرغا تۇتۇلغانلىقى ۋە كېيىنچە لاگېردىن كېسەل ھالەتتە چىققانلىقىدىن خەۋەر تاپقان. ئۇ يەنە ئانىسىنىڭ كېسەللىك سەۋەبىنى سۈرۈشتە قىلىش جەريانىدا، لاگېردا ياتقانلارنىڭ ئاياقلىرىنىڭ سالدۇرىۋېلىنغانلىقى، لاگېر ياتاقلىرىنىڭ سوغۇق ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان. ئۇ بۇ ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ئانىسىنىڭ ئەنە شۇ لاگېردىكى مەزگىلدە، پۇتى ئۈششۈگەن بولۇشى ۋە ئىچكىي ئەزالىرىغا سوغۇق تەگكەن بولۇشى مۇمكىنلىكى، شۇ سەۋەبتىن قويۇپ بېرىلگەنلىك ئېھتىماللىقىنى پەرەز قىلغان. ئەمما ئۆزى ئائىلە ئەزالىرى بىلەن بىۋاستە كۆرۈشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئانىسىنىڭ ئاتالمىش «تەربىيەلىنىش» نى تۈگىتىپ قويۇۋېتىلگەنلىكى ۋە ياكى نازارەت ئاستىدا داۋالىنىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپالمىغان.

تەپسىلاتى...

كورلا 6‏-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى، ئىقتىدارلىق مائارىپچى شەرەپ ھېيتنىڭ 18 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى دەلىللەندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

بۇلتۇرقى ئېنىقلاشلىرىمىزدا كورلا 6-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى، ئىقتىدارلىق مائارىپچى شەرەپ ھېيتنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەنگەن ئىدى. شەرەپ ھېيتنىڭ چەت ئەلگە چىقىپ كەتكەن ئوقۇغۇچىلىرىدىن بىرىنىڭ رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، ئالاقىدار قاناللىرى ئارقىلىق ئۇزۇن مەزگىل سۈرۈشتە قىلىش نەتىجىىسىدە ئۇستازى شەرەپ ھېيتنىڭ 18 يىللىق كېسىلىپ كەتكەنلكىدىن خەۋەر تاپقان. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقى دەلىللەندى.

بۇ يىل 50 ياشلار چامىسىدا بولغان كورلا 6‏-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى شەرەپ ھېينىڭ چەت ئەلگە چىقىپ كەتكەن ئوقۇغۇچىرلىرىدىن ھۈسەنجان ئەپەندىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئۇ تۇتقۇندىكى ئۇستازى شەرەپ ھېيت ھەققىدە ئۇزۇن مەزگىل سۈرۈشتە قىلىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ 18 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكىدىن يېقىندا خەۋەر تاپقان. ئۇنىڭ دېيىشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى بىر ئالىي مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن، خىتايچىدىن باشقا ئىنگىلىزچىنىمۇ بىلىدىغان شەرەپ ھېيت ئەتراپلىق بىلىم قۇرۇلمىسى، دۇرۇس ئەخلاقى، مەسئۇلىيەتچان خىزمەت پوزىتىسيەسى بىلەن كورلادا تېزلا كۆزگە كۆرۈنگەن. ھۈسەنجاننىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكلىرى نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر سەركىلىرىگە ئوخشاشلا خىتاينىڭ كۆزىگە پاتقان ۋە 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا ئەڭ دەسلەپتە بېشىغا قارا خالات كىيدۈرۈلگەن. ھۈسەنجان ئۇنىڭ 18 يىل كېسىۋېتىلگەنلىك خەۋىرىنى ئىلگىرى كورلادا خىزمەت قىلغان ۋە كېيىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن كەلگەن بىر خىتايدىن تونۇشىدىن ئۇققان. بىز بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، كورلادىكى ئالاقىدار ئىدارە جەمئىيەتلەرگە تېلېفون قىلدۇق. خادىملاردىن بەزىلىرى شەرەپ ھېيتنى تونۇمايدىغانلىقىنى بىلدۈرسە، بەزىلىرى ئۇنىڭ تەقدىردىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى.

مەلۇم بولۇشىچە، شەرەپ ھېينىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن بىرى نۆۋەتتە ياپونىيەدە ياشاۋاتقان بولۇپ، ئۇمۇ شەرەپ ھېيتنىڭ ئىقتىدارلىق بىر ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ تەسىرى مەكتەپ دائىرىسى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، بەلكى پۈتكۈل كارلاغا ۋە ئۇيغۇر رايوننىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىغا تارقالغانلىقىنى تىلغان ئالدى. شەرەپ ھېيتنىڭ ھۈسەنجان ئىسىمىلىك ئوقۇغۇچىسىنىڭ بايان قىلىشىچە، شەرەپ ھېيت خىزمەتكە چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، كورلا 6-ئوتتۇرا مەكتەپكە مۇدىر بولغان، يەنە بىر مەزگىل كورلا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىمۇ باشلىق بولۇپ خىزمەت قىلغان. ئەمما مىجەزىدىكى دۇرۇستلۇق سەۋەبىدىن خىتاينىڭ مائارىپ ئىدارىسىدا ئۇزۇن مەزگىل ئىشلىيەلمىگەن.

ئۆتكەن يىلىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، شەرەپ ھېيتنىڭ كىملىكىگە ئائىت ئۇچۇرلارنىڭ توغرىلىقى ئايدىڭلاشقان ئىدى. ھۈسەنجاننىڭ دېيىشىچە، شەرەپ ھېيت مۇدىر مەزگىللىرىدە قولىدىكى ئىمكانىيىتىىدىن پايدىلىنىپ، بىر قاتار مەدەنىيەت-سەنئەت پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغان. بۇ پائالىيەتلەر داۋامىدا ئۇيغۇر تارىخىي ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرى ھەققىدە مۇھاكىمە ۋە مۇنازىرىلەر ئۇيۇشتۇرغان. كورلادا ئېچىلغان بىر نەچچە قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنىغا نۆۋەتتە تۇتقۇندىكى مەشھۇر ئوبزورچى يالقۇن روزى بىلەن شائىر ئابدۇقادىر جالالىدىننى تەكلىپ قىلغان. ھۈسەنجاننىڭ ئىچكىرىدىكى خىيتاي خىزمەتدىشىدىن ئىگىلىشىچە، شەرەپ ھېيتنىڭ يالقۇن روزى، ئابدۇقادىر جالالىدىن بىلەن بولغان دوستلۇقى، بولۇپمۇ ئۇلارنى بىر نەچچە قېتىملىق لېكسىيەگە تەكلىپ قېىلىشى، ئۇنىڭ 18 يىللىق كېسىلىسشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەردىن بىرى بولغان ئىكەن.

ئاخىرىدا تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان كورلا شەھەر بازارلىق ساقچى ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى شەرەپ ھېيتنىڭ تۇتۇلۇش ۋە كېسىلىشى جەريانىدىن ۋە دېلونى كىملەرنىڭ ئىشلىگەنلىكىدىن خەۋىرى بارلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ئارقىىدىن شەرەپ ھېيتنىڭ 18 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى ۋە نۆۋەتتە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقىنى دەلىللىدى. ئەمما ئۇنىڭ قايسىي تۈرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقى ۋە ئايال-بالىلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى.

تەپسىلاتى...

سابىق مەشئەل يەتكۈزگۈچى، ئاكتىپ ئەمەلدار ئادىل ئابدۇرېھىمنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىدا ئۇيغۇر تەنھەركەتچى دىلنىگار ئىلھامجاننىڭ مەشئەل كۆتۈرگەنلىكى خەلقئارا جامائەت پىكرىنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولۇۋاتقان بىر مەزگىلدە، 2008‏-يىلىدىكى بېيجىڭ ئولىمپىكىدا مەشئەل كۆتۈرگەنلەردىن بىرى بولغان ئۈرۈمچى شەھەر سايباغ رايونلۇق مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئادىل ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ ئىككى جيەنىنىڭ نۆۋەتتە تۈرمىدە ئىكەنلىكى ئىجتىمائىي ئاخبارات ۋاستلىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، ئادىل ئابدۇرېھىمنىڭ نۆۋەتتە تۈرمىدە ئىكەنلىكى ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى تەرىپىدىن دەلىللەندى.

بىر ھەپتىدىن بۇيان تاراتقۇلاردا داۋام قىلىۋاتقان تەنھەركەتچى دىلنىگار ئىلھامجاننىڭ بۇ يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىدا مەشئەل كۈتۈرگەنلىكى توغرىلىق تالاش-تارتىشلاردا، 2008‏-يىلدىكى ئۇيغۇر مەشئەل كۆتۈرگۈچىلەرنىڭ تەقدىرى ۋە بۈگۈنكى پوزىتسىيەسمۇ ئوتتۇرىغا چىقتى. نورۋېگىيەدىكى پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ئۆتكەن ھەپتە تىۋىتتېردا ئىنكاس قىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئادىل ئابدۇرېھىم، 2008‏-يىلىدىكى بېيجىڭ ئولىمپىكىدا مەشئەل كۆتۈرگەن ئىكەن. ئابدۇۋەلىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى خۇددى بۈگۈنكى دىلنىگارغا ئوخشاشلا شۇ چاغدىمۇ ئادىل ئابدۇرېھىمغا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى پەردازلاش ئۈچۈن مەشئەل تۇتقۇزغان. بۇ ئىشنىڭ ماھىيىتى 2017‏-يىلى رايوندا چوڭ تۇتقۇن باشلانغاندا، ئادىل ئابدۇرېھىمنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى بىلەن تېخىمۇ ئايدىڭلاشقان. ئابدۇۋەلى ئايۇپ بۇ ئۇچۇردىن 2019‏-يىلى خەۋەر تاپقان.

تەپسىلاتى...

«تېلېفونى بۇزۇلۇپ قالغان» دوكتور ئابدۇخېلىل ئابدۇرېھىمنىڭ ئەسلىدە تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

نۆۋەتتە ياپونىيەدە ياشاۋاتقان ئابدۇسەمى ئابدۇرېھىم ياپونىيەدە ئوقۇپ قايتقان ئاكىسى ئابدۇخېلىل ئابدۇرېھىمنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىپ ئۈرۈمچىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا تېلېفون قىلغىنىدا، قارشى تەرەپ، ئابدۇخېلىل ئابدۇرېھىمنىڭ «تېلېفونى بۇزۇلۇپ قالغانلىقى»، شۇڭا كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلالمايۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرگەن. ئەمما ئابدۇسەمى ئاكىسى كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان ھەرەمباغ شىركىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان تور بېتىنىڭ كۈندىلىك يېڭىلىنىشتىن توختىغىنىغا قاراپ، ئاكىسىنىڭ تەقدىرىدىن ئەندىشە قىلىشقا باشلىغان. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، دوكتور ئابدۇخېلىل ئابدۇرېھىمنىڭ بۇلتۇر 12-ئايدا ئۈرۈمچى غالىبىيەت ساقچىخانىسى تەرىپىدىن ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى ۋە ھېلىھەم تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەندى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

تەپسىلاتى...

78 ياشلىق خەلچەم پازىلنىڭ 17 يىللىق كېسىلگەنلىكى ۋە سانجى ئاياللار تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقى دەلىللەندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

كورلادىكى بىر ئائىلىدىن 5 ئايال كىشىگە ئېغىر جازا كېسىلگەن ھۆكۈمنامىدە خەلچەم پازىلنىڭ كېسىۋېتىلگەنلىكى قەيت قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما جازا مۇددىتى تىلغا ئېلىنمىغان ۋە ئۇنىڭ قەيەردە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقى مەلۇم ئەمەس ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ كورلادىكى ئالاقىدار ئورگانلار ۋە سانجى ئاياللار تۈرمىسىگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، ئۇنىڭ «جامائەت تەرتىپىنى قالايمىقان قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، 17 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى ۋە سانجى ئاياللار تۈرمىسىنىڭ 4‏-ئەترىتىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقى دەلىللەندى.

كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كورلادىكى بىر ئائىلىدىكى 5 ئايال ئۈستىدىن ئېغىر جازا كەسكەن ھۆكۈمنامىسىدە، 1944-يىلى تۇغۇلغان 78 ياشلىق خەلچەم پازىل ئىسىملىك ئايالمۇ مەھكۇملار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. ھۆكۈمنامىدە دېيىلىشىچە، خەلچەم پازىل «مىللىي كەمسىتىشكە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» ۋە «توپلىشىپ جامائەت تەرتىپىنى بۇزۇش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن. ئۇنىڭ ئاتالمىش «قانۇنسىز بىر تەبلىغ» قە قېتىلغانلىقى ۋە بۇ «تەبلىغقە سورۇن ھازىرلاپ بەرگەن» لىكى، ئۇنىڭ يۇقىرىقى ئاتالمىش «جىنايىتى» گە پاكىت قىلىنغان. ھۆكۈمنامىدە خەلچەم پازىلنىڭ باشلانغۇچ مەدەنىيەت سەۋەيىسىگە ئىگە ئىكەنلىكى، كورلا شەھەر ئىچىدىكى چىلانباغ كوچا باشقارمىسىدا ئولتۇرۇشلۇق ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ مەزكۇر ئاتالمىش «جىنايەت» نى كورلا كونا بازاردىكى قېرىنداشلار مېھمانخانىسىنىڭ 2-قەۋەتتىكى ئۆيىدە سادىر قىلغانلىقى قەيت قىلىنغان.

تەپسىلاتى...