چېلىشچى قاستەر پولات قازاقسىتانلىق ناخشىچىنىڭ ناخشىسىنى «تىك-توك» قا چىقارغانلىقى ئۈچۈن 15 يىللىق كېسىۋېتىلگەن

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئىنكاس قىلىنىشىچە، چۆچەك ۋىلايىتىنىڭ چاغانتوقاي ناھىيەسىدىكى ياش چېلىشچى قاستەر پولات قازاقىستانلىق ناخشىچى دىدار قامىيېۋنىڭ بىر ناخشىسىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن «تىك-توك» قا چىقارغانلىقى ئۈچۈن، ئۆتكەن يىلى 7-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغان. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ناخشىنىڭ مەزمۇنىدىكى ئۆرپ-ئادەتكە ۋارىسلىق قىلىش تەشەببۇسى «دىنىي رادىكاللىقنىڭ تەشۋىقاتى» دەپ قارىلىپ، 20 ياشلىق چېلىشچى قەستەر پولات 15 يىللىق كېسىۋېتىلگەن.

قازاقىستاندىكى لاگېر شاھىتى باقىتئالىنىڭ رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، قەستەر پولات قازاقىستاندىكى سەنئەتكار دىدار قامىيېۋنىڭ ناخشىسىنى «تىك-توك» قا چىقىرىپ دوستلىرى بىلەن ئورتاقلاشقانلىقى ئۈچۈن ئۆتكەن يىلى 7-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ‏8-ئايدا 15 يىللىق كېسىۋېتىلگەن. ئۇنىڭدىن سىرت ئۇنىڭغا يەنە 30 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 20 ياشقا كىرگەن قەستەر پولاتچاغانتوقاي ناھىيەسىنىڭ قارىغاي يېزىسىدىن بولۇپ، ئۇ ئۆتكەن 3 يىلدا چۆچەك بويىچە چېلىشىش مۇسابىقىلىرىدە ئارقا-ئارقىدىن بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن. باقىتئالى تەمىنلىگەن قاستەر پولاتنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە ج خ تارماقلىرى تەرىپىدىن ئائىلىسىگە بېرىلگەن ئۇقتۇرۇشتا ئۇنىڭ «دىنىي ئەسەبىيلىك» نى تەشۋىق قىلىش گۇمانى بىلەن چاغانتوقاي قاماقخانىسىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغان.

تەپسىلاتى...

ئامېرىكا مۇسۇلمانلارنى ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىۋاتقاندا ئەرەب ئەللىرى دىپلوماتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى مەدھىيەلىگەن

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو يېقىندا ھىندىستان ۋە ھىندونېزىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە زىيارەتتە بولغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى كۆپ قېتىم تىلغا ئالدى.

بۇ دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا تۇتقان مۇئامىلىسىگە قارشى سادا چىقىرىشقا چاقىردى. ئۇ تونۇلغان ھىندىستانلىق ژورنالىست شېخار گۇپتانىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندىمۇ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى تونۇشتۇرغان. شېخار گۇپتا بۇنىڭ بىلەن مايك پومپېيودىن «بىر قانچە مىليون مۇسۇلمان لاگېرغا قامالغاندا سۈكۈتتە تۇرغان مۇسۇلمانلارنىڭ ماكرون ۋە فىرانسىيە ھەققىدە بىر ئېغىز گەپ بىلەنلا ھاياجانلىنىپ كېتىشى ئارىسىدىكى بۇ كۈلكىلىك ئىشقا قانداق قارايسىز؟» دەپ سورىغان.

مايك پومپېيو بۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بېرىپ: «مەنمۇ بۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەمدىم، بىلەيمەن. بىراق مېنىڭ ئۈمىدىم بار. مەن خىتاينىڭ غەربىدە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى كۆرگەن ھەر بىر ئىنساننىڭ بۇنىڭدىن قاتتىق چۆچۈشىنى، بۇنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ پەسكەشلىك، ئەڭ ئېغىر زۇلۇم دەپ تونۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇنىڭ بىزگە 1930-يىللاردا يۈز بەرگەن ئىشلارنى سەمىمىزگە سېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. گېرمانىيە، ۋە پۈتۈن دۇنيا. مەيلى ئىسلام دۆلەتلىرى ياكى ھىندى دىنىدىكى دۆلەتلەر ۋە ياكى خرىستىئان دۆلەتلىرى بولسۇن، پۈتۈن دۇنيانىڭ ئورتاق تونۇشقا كېلىپ، خىتاينى ئۇيغۇرلارغا بۇنداق زۇلۇم قىلماسلىققا قايىل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن،» دېگەن.

تەپسىلاتى...

ئۇچتۇرپان ئىماملىرىمدىكى جامبىزىم كوچىسىدىن لاگېرغا ئەكېتىلگەن 17 كىشىدىن ئۈچى ئۆلگەن، ئۈچى مېيىپ بولغان

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

رادىيومىزغا كەلگەن بىر ئىنكاسقا ئاساسەن مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا ئۇچتۇرپاننىڭ ئىماملىرىم يېزىسىدىكى ئۇزۇنلۇقى بىر كىلومېتىرچە كېلىدىغان، نوپۇسى 180 ئەتراپىدا بولغان جامبىزىم ناملىق بىر كوچىدىن 3 يىلنىڭ ئالدىدا 17 كىشى لاگېرغا ئەكېتىلگەن. نۆۋەتتە بۇلاردىن ئۈچى لاگېردا جان ئۈزگەن، ئۈچى لاگېردىن مېيىپ چىققان، بەش نەپىرى كېسىۋېتىلگەن، ئىككى نەپىرى زاۋۇتقا يوللانغان، قالغان 5 نەپىرىنىڭ ئىز-دېرىكى غايىب بولغان.

ئۇچتۇرپانلىق مۇھاجىرلاردىن بىرى رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، يۇرتى ئۇچتۇرپان ئىماملىرىمدىكى جامبىزىم ناملىق كىچىككىنە بىر كوچىدىن 20 نەچچە كىشىنىڭ لاگېرغا ئەكېتىلگەنلىكى ۋە بۇلاردىن ئۈچ كىشىنىڭ لاگېردىن جەسىتى چىققانلىقىنى مەلۇم قىلغان ئىدى. بىز بۇ ئۇچۇرنى دەلىللەش ئۈچۈن ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ۋە ئۇنىڭ ئىماملىرىم يېزىسىدىكى بىر قىسىم ئالاقىدار خادىملارغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىماملىرىمدىكى بىر كەنت ساقچىسى مەزكۇر ئىنكاستا دېيىلگەن جامبىزىم كوچىسىنىڭ بىر كىلومېتىرچە ئۇزاقلىقتا ئىكەنلىكى ۋە نوپۇسىنىڭ 180 ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

تەپسىلاتى...

مىرادىل ھەسەن پاش قىلغان ئاقسۇدىكى خۇافۇ فابرىكىسىنىڭ 20 مىڭدىن ئارتۇق لاگېر تۇتقۇنىنى ئىشقا سېلىۋاتقانلىقى دەلىللەندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاي ئۆلكىسىدە تۇرۇپ خىتايغا قارشى بايانات ئېلان قىلغان غايىب مىرادىل ھەسەن باياناتلىرىنىڭ بىرىدە ئاقسۇدىكى خۇافۇ توقۇمىچىلىق زاۋۇتىنىڭ يەرلىك دائىرىلەر بىلەن شېرىكلىشىپ، لاگېر تۇتقۇنلىرىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىنى پاش قىلغانىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، مەزكۇر زاۋۇتنىڭ شېنجېندىكى ئىشخانا خادىمى ئۆزلىرىنىڭ ئاقسۇدا لاگېردىن يۆتكەپ كېلىنگەن 20 مىڭدىن ئارتۇق ئىشچىسى بارلىقىنى ئاشكارىلىدى.

غايىب مىرادىل ھەسەن خىتاي ئۆلكىلىرىدە تۇرۇپ بەرگەن باياناتىدا ئاقسۇدىكى جېجاڭلىق خىتايلار تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇۋاتقان خۇافۇ توقۇمىچىلىق فابرىكىسىدا، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تۆۋەن ئىش ھەققى بىلەن مەجبۇرىي ئىشقا سېلىنىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغانىدى. توردىكى ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە ئاقسۇدىكى خۇافۇ توقۇمىچىلىق فابرىكىسى جېجاڭ ئۆلكىسىدە 2011 ‏-يىلى قۇرۇلغان خۇافۇ توقۇمىچىلىق شىركىتىگە تەۋە بولۇپ، بۇ شىركەتنىڭ شېنجېن ۋە «شىنجاڭ» شۆبىلىرى مەۋجۇت ئىكەن. شىركەتنىڭ «شىنجاڭ شۆبىسى» نىڭ ئاقسۇدا 12 ئورۇندا زاۋۇت فابرىكىلىرى بار ئىكەن.

غايىب مىرادىل ھەسەن باياناتىدا، خۇئافۇ توقۇمىچىلىق شىركىتىنىڭ يەرلىك دائىرىلەر بىلەن جۈملىدىن ئۇچتۇرپان دائىرىلىرى بىلەن بەلگىلىك مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن شېرىكلەشكەنلىكى ۋە لاگېردىكىلەرنى خۇئافۇ زاۋۇتىدىكىلەرگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتكەنىدى. ئۇچتۇرپان دائىرىلىرى، بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىشنى كەسكىن رەت قىلدى،

تەپسىلاتى...

تيەنجىن سودا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىككى غايىب ئوقۇغۇچىسىنىڭ قاراماي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، خىتايدىكى تيەنجىن سودا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان زىكرۇللا ۋە قەدىردان ئىسىملىك ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ بۇ يىللىق يازلىق تەتىلدىن كېيىن مەكتەپكە قايتىپ كەلمىگەنلىكى ۋە قارامايدا تۇتقۇن قىلىنغانلىق ئېھتىماللىقىنى مەلۇم قىلغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ تيەنجىن سودا ئۇنىۋېرسىتېتىغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا مەزكۇر ئىككى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ نۆۋەتتە مەكتەپتە يوق ئىكەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ قاراماي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەندى.

بىز تيەنجىن سودا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان زىكرۇللا ۋە قەدىردىن شاۋكەت ئىسىملىك ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ بۇ يىللىق يازلىق تەتىلدىن كېيىن مەكتەپكە قايتىپ كەلمىگەنلىكى ۋە يۇرتى قارامايدا ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر تاپشۇرۇۋالغان ئىدۇق بىز بۇ ئەھۋالنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئاۋۋال قاراماي ساقچى دائىرىلىرىگە تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزغا تولىمۇ ئەنسىز مۇئامىلە قىلغان ساقچى خادىملىرى مەزكۇر ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە سوئال سورىشىمىزغىمۇ پۇرسەت بەرمىدى.

تەپسىلاتى...

سەئۇدى ئەرەبىستان خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن ئۇيغۇر مۇساپىرى ئوسمان ئەخمەت توختىنىڭ قۇدىسىنىڭ پۈتۈن ئائىلىسى تۈرمىدە ئىكەن

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى 4 يىل ئىچىدە تۈركىيەدىن ئۆمرە ھەجگە بارغان ياكى سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئاز دېگەندە 5 كىشىنى تۇتقۇن قىلىپ، خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكى مەلۇم بولغان. رادىيومىز خىتايغا قايتۇرۇلغان تۇتقۇنلارنىڭ ئىچىدىكى 4 كىشىنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلاپ چىققان بولۇپ، خوتەنلىك تىجارەتچى ئوسمان ئەخمەت توختى ئەنە شۇلارنىڭ بىرى ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئوسمان ئەخمەت توختىنىڭ تۈركىيەدە قالغان ئائىلىسى ئۇلارنىڭ خوتەندە قېلىپ قالغان 3 پەرزەنتىدىن چوڭ قىزى ۋە ئۇنىڭ يولدىشىنىڭ 15 يىللىق كېسىلگەنلىكى، ئۇنىڭ يولدىشىنىڭ قالغان 2 ئاكىسى بىلەن قېينىئانىسىنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكىگە دائىر ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەن. ئوسمان ئەخمەت توختىنىڭ 3 پەرزەنتى بىلەن تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئايالى سۇدىنىسا خانىم 13-ئۆكتەبىر زىيارىتىمىزنىڭ قوبۇل قىلىپ، قىزى ۋە قۇدىسىنىڭ ئائىلىسىدىكى ئەھۋاللارنى ئاشكارىلىدى.

سۇدىنىسا خانىمنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇنىڭ كۈيئوغلى ئابدۇلېتىپ «قۇرئان» دەرسى ئالغانلىقى ئۈچۈن كېسىلگەن. سۇدىنىسا خانىم مۇنداق دېدى: «بالىلىرىمنىڭ ئەھۋالىدىن ھېچقانداق خەۋىرىم يوق. قېينىئاتىسىمۇ يوق، كۈيۈئوغلۇممۇ يوق، ئۇنى 2016-يىلى 15 يىللىق كېسىۋەتكەن. كۈيۈئوغلۇمنىڭ ئىسمى ئابدۇلېتىپ ئابدۇغېنى ئىدى. ئۇكامنىڭ ئىسمى ئابدۇغېنى ئابدۇلېتىپ، كۈيۈئوغلۇمنىڭ ئىسمى ئابدۇلېتىپ ئابدۇغېنى. ‹ئۇكامنىمۇ ئېلىپ كېتىپتۇ› دەپ ئاڭلىغان، لېكىن قويۇپ بەردىمۇ-بەرمىدىمۇ بىلمىدىم، خەۋىرىم يوق. كۈيۈئوغلۇمنى بىزنىڭ ئۆيدە يولدىشىمدىن ‹قۇرئان› نى يادقا ئالغان، شۇنىڭدىن تۇتۇلغانلىقىنى ئاڭلىدۇق، ئەمما يەنە باشقا قانداق سەۋەب بارلىقىنى بىلمىدۇق.»

تەپسىلاتى...

لاگېر ئوقۇتقۇچىسى قەلبىنۇر: مەن ئۇ يەردە كۆرگەن قىرغىنچىلىق ئىچىمگە پاتمىدى (4)

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاي ئۇيغۇر دىيارىدا لاگېرلارنى قۇرۇشتىن بۇرۇنلا رايوندا قوزغىتىلغان «قوشماق تۇغقانلىشىش» سىياسىتى، خىتاي ھۆكۈمىتى چېن چۇئەنگونى تىبەتتىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا 2016-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرى يۆتكەپ كەلگەندىن كېيىن، «بەشتە بىر بولۇش» تەدبىرى ئارقىلىق يېڭى بىر باسقۇچقا كىرگەن. بىر مىليون كادىر سەپەرۋەر قىلىنىپ «قوشماق تۇغقانلىشىش» نى ئىجرا قىلىدىغان خىتاي كادىرلارنىڭ ئىككىنچى سېپى شەكىللەنگەن. 2017-يىلى مايدا، خىتاي ھۆكۈمىتى «بەش بىللە بولۇش» ناملىق يېڭى پروگراممىنى ئېلان قىلدى.

لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىقنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەسلىدىلا ھەر يىلى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىق ئېيى قىلىپ بېكىتىلگەن 5-ئايدىكى بىر ئايغا سوزۇلىدىغان پائالىيەتلەردە، ئۇلار خىتايلار بىلەن ئادەتتە بىللە ئېلىپ بارمايدىغان، ئۇسسۇل ئويناش، ناخشا ئېيتىش، تاماق ئېتىپ يېيىش، سوغات بېرىش، ئۆيىگە مېھمانغا بېرىش دېگەندەك ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ كەلگەن. بۇ سۈنئىي ئىتتىپاقلىق كەلتۈرگەن بىزارلىق يەتمىگەندەك، 2017-يىلىغا كەلگەندە خىتاي كادىرى تۇغقان بولۇپ كىرمىگەن بىرمۇ ئۇيغۇر ئائىلىسى قالمىغان. دائىرىلەر بۇنىڭدىكى مەقسەتنى «بۆلگۈنچىلىك، ئاشقۇنلۇق ۋە تېررورلۇقتىن ئىبارەت «ئۈچ رەزىل كۈچ» نىڭ بۇزغۇنچىلىقىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش دەپ چۈشەندۈرگەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار مىليونلىغان كۆزىتىش ئاپپاراتلىرى، مەجبۇرىي نازارەت قىلىش دېتالىدىن باشقا، «قوشماق تۇغقان» دىن ئىبارەت ئەر جىنسلىق يات مىللەتتىن بولغان كۈتۈلمىگەن مېھماننىڭ ئۆيىگە خالىغانچە كېلىپ، يەپ-ئىچىپ، ھەتتا ئۇلار بىلەن بىر ئۆيدە قونىدىغان ئەھۋاللارغا دۇچ كەلگەن.

تەپسىلاتى...

كۆپ قىرلىق سەنئەتكار ئابلىكىم كەلكۈننىڭ 18 يىللىق كېسىلىپ كەتكەنلىكى ئاشكارىلاندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

سەنئەت ھاياتى 30 يىل ئاۋۋال ماجىرالىق باشلانغان ۋە بىرنەچچە قېتىم خىزمىتىدىن توختىتىلغان كۆپ قىرلىق سەنئەتكار ئابلىكىم كەلكۈن 2017-يىلى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ھەر ساھە سەركىلىرى قاتارىدا ئەڭ دەسلەپ تۇتقۇن قىلىنغان. ئاتۇشتىكى بىر ساقچى خادىمىنىڭ دەلىللىشىچە، ئابلىكىم كەلكۈن 2018-يىلى 4‏-ئايدا رەسمىي قولغا ئېلىنغان ۋە ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا 18 يىللىق كېسىۋېتىلگەن.

مانا مۇشۇنداق مۇڭلۇق ناخشىلىرى بىلەن تېخى يېقىندىلا سەھنىلەردە ئالقىشقا ئېرىشىپ كېلىۋاتقان كۆپ قىرلىق سەنئەتكار ئابلىكىم كەلكۈن، 2017-يىلىدىن باشلاپ سەھنىدىن، 2018-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ جامائەت سورۇنلىرىدىن غايىب بولغان. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، ئابلىكىم كەلكۈن 2017-يىلى 4-ئايدا تۈركىيە سەپىرىدىن قايتىپ كېلىشىگىلا پاسپورتى ئايرودرومدا تارتىۋېلىنغان. ئارىدىن بىر ئاي ئۆتكەندە لاگېرغا ئەكېتىلىپ بىر مەزگىل تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن قويۇۋېتىلگەن ۋە 2018-يىلى 4-ئايدا قايتا تۇتقۇن قىلىنىپ ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان. ئابلىكىم كەلكۈن ھەققىدە ئۈرۈمچىدىكى ئالاقىدار ئىدارە-ئورگانلارغا ئۇرغان تېلېفونلىرىمىز نەتىجە بەرمىدى. ئۇنىڭ خىزمەت ئورنى بولغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوپېرا ئۆمىكى ئابلىكىم كەلكۈن ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى كەسكىن رەت قىلدى. ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىمۇ ئابلىكىم كەلكۈننىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى.

تەپسىلاتى...

ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلارنىڭ شىددەت بىلەن كېڭىيىۋاتقانلىقى يېڭى ئەندىشىلەرنى قوزغىماقتا

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكىتى لاگېرلار مەسىلىسىنىڭ دۇنياغا مەلۇم بولۇشىغا ئەگىشىپ غايەت زور تەنقىدكە ۋە ئەيىبلەشكە دۇچ كەلگەندىن كېيىن خىتاي تېزدىن لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋالماقچى بولدى. ئەمما لاگېرلار ھەققىدىكى كۆپلىگەن ماددىي ئىسپاتلار ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئورۇنلارنىڭ لاگېر ئەمەس، بەلكى «كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشكە باشلىدى. شۇنىڭدەك 2019-يىلى دېكابىردا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ ئېغزىدىن «بۇ مەكتەپلەردىكى كۇرسانتلارنىڭ ھەممىسى تېگىشلىك بىلىملەرنى ئۆگىنىپ ئوقۇش پۈتتۈردى ھەمدە جەمئىيەتتىن بىر كىشىلىك خىزمەت تاپتى» دېگەن مەلۇماتنى تارقاتتى.

ھالبۇكى، مۇھاجىرەتتىكى مىڭلىغان ئۇيغۇرلار ئاللىقاچان ئاشۇ لاگېر سىستېمىسى يۇتۇپ كەتكەن سانسىز قوۋم-قېرىنداشلىرىنىڭ ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلىقى ھەققىدە كۆپلىگەن گۇۋاھلىقلارنى بەرگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئەھۋالنى يەنە بىر قېتىم ئىنكار قىلىپ، بۇ مەكتەپلەرنىڭ يېقىندىن بۇيان ئارقىمۇ-ئارقىدىن تاقىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەشكە ئۆتكەن ئىدى. 2020-يىلى 8-سېنتەبىردە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن: «مەن شۇنى سەمىڭلارغا سېلىپ قوياي: شىنجاڭدا ھېچقانداق ‹تەربىيەلەش لاگېرى› مەۋجۇت ئەمەس. پەقەت ‹كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى› بار. بۇ مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ جەمئىيەت قوينىغا قايتىپ كەلدى،» دېگەن ئىدى.

تەپسىلاتى...

لاگېر ئوقۇتقۇچىسى قەلبىنۇر: مەن ئۇ يەردە كۆرگەن قىرغىنچىلىق ئىچىمگە پاتمىدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

بۇ يىل 51 ياشقا كىرگەن، 20 يىلدىن ئارتۇق دەرس مۇنبىرىدە خىزمەت قىلغان قەلبىنۇر سىدىق ئۆزى سۆيگەن ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنىڭ ئاخىرقى يىلىنىڭ «لاگېر» دەپ ئاتىلىدىغان قاباھەتلىك ئورۇننىڭ ئوقۇتقۇچىلىقى بىلەن ئاخىرلىشىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىكەن.

چۈنكى ئۇ، 1990-يىلى ئۆزىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىنى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى كۈنى بولغان 9-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەر مەركىزىدىكى سايباغ رايونلۇق 24-باشلانغۇچ مەكتەپتە خىتاي تىلىدىن دەرس بېرىش بىلەن باشلىغان تۇنجى كۈنىدىن ئېتىبارەن، ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىگە بولغان ئىشتىياقى ئاشقانىدى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ ئۆزىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىدىكى ئەۋلاد تەربىيەلەش كەسىپچانلىقى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن ئۇيغۇر ئېلى مائارىپ سېپىدە تونۇلغان مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېرلارنى قۇرۇپ ئوقۇتۇش قابىلىيىتى جەھەتتىلا ئەمەس، بەلكى سىياسىي ئىدىيەسى ۋە ئائىلە ئارقا كۆرۈنۈشى جەھەتتىمۇ ئەڭ «ئىلغار» ئوقۇتقۇچىلارنى لاگېردا مېڭە يۇيۇش ئېلىپ بېرىشقا تاللاشقا باشلىغاندا، قەلبىنۇرنىڭ «ئىلغار ئوقۇتقۇچى» دېگەندەك بۇ ناملىرى ئۇنى «جازا لاگېرى» ئوقۇتقۇچىسى بولۇشقا ئايلاندۇرغان.

تەپسىلاتى...