ئالتاي شەھىرىدىكى بىردىنبىر ئۇيغۇر مەكتەپ – 5-ئوتتۇرانىڭ مۇدىرى رەيھان ئەمەت لاگېردا جان ئۈزگەن

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

مەلۇم بولۇشىچە، 5‏-ئوتتۇرا مەكتەپ ئالتاي شەھىرىدىكى بىردىن-بىر ئۇيغۇر مەكتىپى بولۇپ، بۇ مەكتەپ 2017‏-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئالتايدىكى لاگېر تۇتقۇنىنىڭ باشلانغۇچ نۇقتىسى بولۇپ قالغان. 3 ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە يەتتە نەپەر ئوقۇتقۇچى بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈلۈپ بۇ مەكتەپتىن تۇتۇپ كېتىلگەن. بۇلاردىن مەزكۇر مەكتەپنىڭ مۇدىرى رەيھان ئەمەت لاگېردا سوراق ئۈستىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان.

ئالتاي ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، 2017-‏يىلىنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا، ئالتاي شەھەرلىك 5‏-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 7 نەپەر ئوقۇتقۇچىسى ئارقا-ئارقىدىن مەكتەپتىن غايىب بولغان. بۇلار مەكتەپ مۇدىرى رەيھان ئەمەت، جۇغراپىيە ئوقۇتقۇچىسى رەيھان مۇسا، رۇس تىلى ئوقۇتقۇچىسى ئەكبەر، كومپيۇتېر ئوقۇتقۇچىسى ئالىم قاتارلىقلار ئىكەن. بۇ 7 نەپەر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئالتاي شەھەرلىك دۆلەت خەۋپسىزلىكى ساقچىلىرى تەرىپىدىن بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرلۈپ ئېلىپ مېڭىلىشى، مەكتەپتىكى پۈتۈن ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆز ئالدىدا يۈز بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ نەگە ئەكېتىلگەنلىكى ۋە نېمە ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئۇزۇن مەزگىللەرگىچە سىر پېتى داۋام قىلغان. شۇ يىلى 7‏-ئايدا ئالتاي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر مەكتەپ رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا رەيھان ئەمەتنىڭ «دۆلەت تىلى مائارىپىغا قارشى تۇرۇش» ۋە «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش» جىنايىتى بىلەن تۇتۇلغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. يەنە بىر ئايدىن كېيىن، ئۇنىڭ تۇتۇپ تەكشۈرۈلۈش داۋامىدا يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ جان ئۈزگەنلىكى ئۇقتۇرۇلغان، ئەمما ئۆلۈم خەۋىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلاردىن سىر تۇتۇلۇشى تەلەپ قىلىنغان.

تەپسىلاتى...

مېھرىئاينىڭ سەپىرى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

«مەن ئۆلۈپ كەتسەم، ئەگەر قەبرەم بولسا بىر دەستە قىزىل چوغلۇق قەبرەمنىڭ بەلگىسى بولسۇن» دېگەن جۈملە كۆپىنچىمىزگە ناتونۇش بولمىسا كېرەك. بۇ، مېھرىئاي ئەركىن ئىسىملىك قىزنىڭ ياپونىيەدىن قەشقەرگە قايتىپ ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان دادىسىنى ئىزدەش سەپىرىگە چىقىشتىن بۇرۇن دوستلىرىغا ئەۋەتكەن ئاخىرقى ئۇچۇرى.

مېھرىئاي ئەركىن 2017-يىلى ياپونىيە توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆسۈملۈكلەر بىئولوگىيەسى كەسپى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقنى پۈتتۈرگەن ۋە يەنە دوكتورلۇقتا ئوقۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانىكەن. لېكىن ئۇ، 2017-يىلى 9-ئايلاردا دادىسىنىڭ لاگېرغا ئىلىپ كېتىلگەنلىك خەۋىرىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن مېھرىئاينىڭ ھاياتى ئاستىن-ئۈستۈن بولۇشقا باشلايدۇ. مېھرىئاينىڭ قەشقەرگە قايتىپ كېلىشى ھەققىدە ئاپىسىنىڭ ۋە ساقچىلارنىڭ بېسىملىرى كۈنسېرى ئارتىدۇ. 2019-يىلىنىڭ باشلىرىدا دادىسىنىڭ لاگېردىن باشقا بىر يەرگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ۋە شۇنىڭدىن كېيىن ئىز-دېرىكى بولمىغانلىقى ھەققىدە خەۋەرنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، مېھرىئاينىڭ دادا ھەسرىتى كۈنسېرى ئۇلغىيىپ بارىدۇ ۋە ئاخىرى قايتىشنى قارار قىلىدۇ.

تەپسىلاتى...

مەھبۇس گۈلمىرە ئىمىن «كەڭچىلىككە ئېرىشىپ» جازا مۇددىتى مۇددەتسىزدىن 19 يىل 8 ئايغا چۈشۈرۈلگەن

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

قەشقەردىكى بىر ساقچى خادىمىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىكى تۈرمە ۋە لاگېرلاردا 5-ئىيۇل نامايىشىنىڭ يېتەكچىلىرىدىن بىرى، مەھبۇس گۈلمىرە ئىمىننىڭ ئاتالمىش پۇشايمان باياناتى تەشۋىق قىلىنغان ۋە ئۇنىڭ جازا مۇددىتىنىڭ مۇددەتسىزدىن 19 يىل 8 ئايغا چۈشۈرۈلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلغان. نۆۋەتتە نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ، ئۆز تەجرىبىلىرىگە ئاساسەن، تۈرمىدە مۇھىم مەھبۇسلارنىڭ پۇشايمان باياناتىغا مەجبۇرلىنىدىغانلىقى ۋە ھەتتا بەزىلىرىنىڭ قىيىن-قىستاققا ئېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، گۈلمىرە ئىمىننىڭمۇ دەل شۇنداق قىيىن-قىستاققا دۇچ كەلگەنلىك ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. سابىق ساقچى يولۋاس ئەپەندى 19 يىللىق كېسىلىش بىلەن مۇددەتسىز كېسلىشىنىڭ ماھىيەت جەھەتتىن پەرقسىز ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

تەپسىلاتى...

گۇما كۆكتېرەكتە چېگرادىن قايتۇرۇپ كېلىنگەن 17 كىشىدىن 21 ياشلىق ئىدرىس مەمەت 19 يىللىق كېسىلگەن

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

تۈركىيەدىكى خوتەنلىك مۇھاجىرلاردىن بىرى 2014-يىلى كۈزدە يۇرتى گۇما ناھىيەسىدىن 30 نەچچە كىشىنىڭ ئۆزى بىلەن بىللە شەرقى جەنۇبىي ئاسىياغا قاراپ تەڭ يولغا چىققانلىقى، بۇلاردىن بىرقىسمىنىڭ يول ئۈستىدە، كۆپىنچىسىنىڭ چېگرا ياقىسىدا تۇتۇلۇپ قالغانلىقى، پەقەت ئۆزىنىڭلا ئامان-ئېسەن تۈركىيەگە كېلەلىگەنلىكىنى ئىنكاس قىلغانىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ يېقىنقى ئېنىقلاشلىرىدا، 2014‏-يىلنىڭ ئاخىرى گۇما ناھىيەسىنىڭ كۆكتېرەك يېزىسىدا 17 كىشىنىڭ چېگرادىن تۇتۇپ كېلىنگەنلىكى ۋە بۇلاردىن 21 ياشلىق ئىدرىس مەمەتنىڭ 19 يىللىق كېسىلگەنلىكى دەلىللەندى.

تەپسىلاتى...

ئاتۇش بۇغرا سودا شەھەرچىسىنىڭ قۇرغۇچىسى، مىلياردېر ئىمىنجان رەھمىتۇللامۇ 20 يىللىق كېسىلگەن

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

جەمئىيەتتە «ئاتۇشتىكى سودا-كارخانىچىلارنىڭ سەركىسى» دەپ بىلىنگەن ۋە خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىدىكى كەڭ قوللۇقى بىلەن تونۇلغان كارخانىچى ئىمىنجان رەھمىتۇللا بۇ يىل ئاپرىلنىڭ دەسلەپكى ھەپتىسى سوتلانغان ۋە ئۆتكەن ئاينىڭ دەسلەپكى ھەپتىسى 20 يىللىق كېسىلگەنلىك ھۆكۈم قەغىزى قولىغا تۇتقۇزۇلغان. نورۋېگىيەدىكى «ئۇيغۇريار فوندى» تەرىپىدىن قولغا چۈشۈرۈلگەن بۇ ئۇچۇر مۇخبىرىمىزنىڭ ئاتۇشتىكى ئالاقىدار ئىدارە-ئورگانلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا دەلىللەندى.

نورۋېگەيدىكى «ئۇيغۇريار فوندى» قولغا چۈشۈرگەن ئاتۇشتىكى 4 نەپەر مىلياردېرنىڭ ئالدىنقى ئايدا سوتلىنىپ كېسىلگەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇردا بۇلاردىن بىرنىڭ ئاتۇش بۇغرا سودا شەھەرچىسىنىڭ قۇرغۇچىسى، قەشقەر چەلقئارالىق چوڭ بازارنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى ئىمىنجان بۇغرا ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ تەييارلىغان «تۇتقۇندىكى سودا-كارخانىچىلار ئارخىپى» دىن مەلۇم بولۇشىچە، 1962‏-يىلى تۇغۇلغان ۋە شىنجاڭ مالىيە ئونىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن ئىمىنىجان رەھمىتۇللا سودا ھاياتىنى مېۋە-چېۋە تىجارىتىدىن باشلىغان. ئۇ يېزا-ئىگىلىك ماتېرىياللىرى ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىشنى ئاساس قىلغان، كېيىنكى يىللاردا ئاتۇشتا بۇغرا سودا شەھەرچىسى، قەشقەردە باشقىلار بىلەن بىرلىكتە خەلقئارا چوڭ بازارنى قۇرۇپ، ئۇيغۇر رايوندىكى سودا-كارخانىچىلارنىڭ سەركىلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان. دېيىلىشىچە، ئۇنىڭ ئىلكىدە 9 شىركەت بار بولۇپ، ئۇ بىرقانچە ساھەدە تىجارەت قىلىش بىلەن بىرلىكتە، جەنۇبتىكى ۋىلايەتلەرنىڭ يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلارنى ئوتتۇرا ئاسىيا بازارلىرىغا يۈزلەندۈرۈشتە يېتەكچىلىك رول ئوينىغان.

تەپسىلاتى...

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دولقۇن ئەيسانىڭ ئىنىسىنىڭ مۇددەتسىز كېسىلگەنلىكىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانات ئېلان قىلىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ ئىنىسى خۇشتار ئەيسانىڭ مۇددەتسىز كېسىلگەنلىكى قاتتىق ئەيىبلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خۇشتار ئەيسانى ئاتالمىش «تېررورلۇققا تەييارلىق قىلىش» قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى تەرىپىدىن دەلىللەنگەن ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، خۇشتار ئەيسا 1996-يىلى شىئەندىكى قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئاكىسى دولقۇن ئەيسانىڭ «سىياسىي مەسىلىسى» تۈپەيلى خىزمەت تېپىشتا قىينالغان. ئۇ، 1998-يىلى بىر قېتىم تۇتقۇن قىلىنىپ ئېككى يىل كېسىلگەن. كېيىن ئۇ ئۆز ئالدىغا رېستوران ئېچىپ تېرىقچىلىك قىلغان، ئاندىن ئاقسۇدىكى بىر شوپۇرلۇق مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولغان.

خۇشتار ئەيسا 2017-يىلى قولغا ئېلىنىپ، لاگېرغا تاشلانغان. شۇنىڭدىن كېيىن دولقۇن ئەيسا ئىنىسىنىڭ نەدە ئىكەنلىكىدىن خەۋەر ئالالمىغان.

رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن يەرلىك ساقچى خادىملىرى خۇشتار ئەيسانىڭ لاگېردا ئىككى يىل تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن «تېررورلۇققا تەييارلىق قىلىش» قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن مۇددەتسىز كېسىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ ئىنىسى خۇشتار ئەيسانىڭ مۇددەتسىز كېسىۋېتىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ ئاقسۇدىكى ئىنىسى خۇشتار ئەيسا ئەپەندى. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)

مەلۇم بولۇشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ ئاقسۇدىكى ئىنىسى خۇشتار ئەيسا 1998‏-يىلى بىر قېتىم تۇتقۇن قىلىنىپ ئىككى يىللىق كېسىلگەن ۋە جازا مۇددىتىنى پۈتتۈرۈپ چىققان ئىدى. ئۇ 2017‏-يىلى لاگېر تۇتقۇنى باشلانغاندا، ئۇ سابىق تۇتقۇنلار قاتارىدا قايتا تۇتۇلغان ۋە مۇددەتسىز كېسىۋېتىلگەن. بۇ ئۇچۇر خىتاي دائىرىلىرى دولقۇن ئەيسانىڭ ئانىسى ئايگۇل مەمەتنىڭ لاگېردا جان ئۈزگەنلىكىنى ئىنكار قىلغان، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ خاتىرجەم ياشۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ بايانات ئېلان قىلغان كۈنىدە دەلىللەندى.

خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن ئايدىكى بىر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ ئاقسۇدا ياشاۋاتقان ھەدىسىنى ئېكراندا سۆزلىتىپ، دولقۇننىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئاقسۇدا خاتىرجەم ياشۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ لاگېردا جان ئۈزگەنلىكىنى ئىنكار قىلغان ئىدى. ئەمما دائىرىلەر دولقۇن ئەيسا4 يىلدىن بېرى ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمايۋاتقان ئاكىسى يالقۇن ئەيسا ۋە ئىنىسى خۇشتار ئەيسالار ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن ئىدى.

ئوتكەن ھەپتە ئاقسۇ ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى، دولقۇننىڭ ئاكىسى يالقۇن ئەيسا ۋە ئىنىسى خۇشتار ئەيسانىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك كېسىلىپ كەتكەنلىكىنى، خىتاي تەرەپنىڭ مەزكۇر ئاخبارات يىغىندا بۇ ئۇچۇرلارنى يوشۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

تەپسىلاتى...

پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ئاكىسى ئەركىن ئايۇپ 14 يىللىق، سىڭلىسى ساجىدىگۈل ئايۇپ 12 يىللىق كېسىۋېتىلگەن

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ 14 يىللىق كېسىلگەن ئاكىسى ئەركىن ئايۇپ ۋە 12 يىللىق كېسىلگەن سىڭلىسى ساجىدەگۈل ئايۇپ.

نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان پائالىيتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ جيەنى مىھرىئاي ئەركىننىڭ قەشقەر يانبۇلاق قاماقخانىسىدا جان ئۈزگەنلىكى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، مۇخبىرىمىز ئۇنىڭ تۇتقۇندىكى ئاكىسى ئەركىن ئايۇپ ۋە سىڭلىسى ساجىدىگۈل ئايۇپ ھەققىدىمۇ ئېنىقلاش ئېلىپ باردى. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئالاقىدار خادىملار، ئەركىن ئايۇپنىڭ 14 يىللىق، ساجىدىگۈل ئايۇپنىڭ بولسا 12 يىللىق كېسىلگەنلىكىنى دەلىللىدى.

ياپونىيەدىن يۇرتىغا قايتقان تەتقىقاتچى مىھرىئاي ئەركىننىڭ قەشقەر يانبۇلاق قاماقخانىسىدا جان ئۈزگەنلىكى ئۇچۇرى دەلىللەنگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ يۇرتىغا قايتىشىغا تۈرتكە بولغان دادىسى ئەركىن ئايۇپ، ھاممىسى ساجىدىگۈل ئايۇپنىڭ تەقدىرى ھەققىدىمۇ ئېنىقلاش ئېلىپ باردۇق. توققۇزاق ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسى، بۇ ئىككىسىنىڭ دېلوسى ھەققىدە تېلېفوندا مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. نورۋېيەدىكى ئۇيغۇريار فوندى تەييارلىغان تۇتقۇندىكى زىيالىلار تىزىملىكىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئەركىن ئايۇپ2017 ‏-يىلى 9‏-ئايدا، ساجىدىگۈل ئايۇپ 2017‏-يىلى 4‏-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇيغۇريار فوندىنىڭ قۇرغۇچىسى شۇنداقلا ئەركىن ئايۇپ بىلەن ساجىدىگۈل ئايۇپنىڭ قېرىندىشى بولغان ۋە نۆۋەتتە نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەركىن ئايۇپ توققۇزاق ناھىيەلىك پارتكومدا، ساجىدىگۈل ئايۇپ ناھىيەلىك1 ‏-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتۇچىلىق قىلىۋاتقان مەزگىلىدە تۇتقۇن قىلىنغان. قەشقەر ۋىلايەتلىك تەشتىش مەھكىمىسىنىڭ بىر خادىمىمۇ بۇ ئىككى دېلونىڭ سەزگۈر دېلولار قاتارىدا ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى.

تەپسىلاتى...

لاگېردىن تىرىك قالغان يېرىم جانلار (3)

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن: «مەن ئادالەت ئۈچۈن ياشاۋاتىمەن. . .»

لاگېر شاھىتى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن قازاقىستاندىكى ئېرى خالمىرزانىڭ توختىماي ئەرزى قىلىشى بىلەن گەرچە لاگېردىن چىقىپ قازاقىستانغا كەلگەن بولسىمۇ، لاگېردا ئۇچرىغان جىسمانىي قىيىن-قىستاقلارنىڭ قالدۇرغان قانلىق يارىلىرىدىن ساقىيالماي، ئاۋۋال تۈركىيەگە چىقىپ داۋالىنىش پۇرسىتىنى ئىزدىگەن. تۈركىيەدە تېگىشلىك جىددىي قۇتقۇزۇشقا مۇۋەپپەق بولالمىغان تۇرسۇنئاي، ئاخىرى ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ، بۇلتۇر سېنتەبىردە دەرھال ۋاشىنگتونغا ئېلىپ كېلىنگەنىدى.

تەپسىلاتى...

نۇرى تۈركەل: «خىتاي ھۆكۈمىتى شائىر ئادىل تۇنىياز ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى قويۇپ بېرىشى كېرەك»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

2017-يىل 12-ئايدا مەرھۇم دىنىي ئالىم مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىگە ياكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى، شۇ قاتاردا مەرھۇمنىڭ قىزى نەزىرە مۇھەممەد سالىھ ۋە ئۇنىڭ يولدىشى شائىر ئادىل تۇنىيازنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، ئىككى چوڭ ئوغلىنىڭ قاماققا ئېلىنىپ، كىچىك ئىككى ئوغلىنىڭ يېتىمخانىلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكى رادىيومىز تەرىپىدىن خەۋەر قىلىنغانىدى. «قۇرئان كەرىم» ۋە باشقا مۇھىم دىنىي كىتابلارنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىلا ئەمەس، خەلقئارا ئىسلام دۇنياسىدىمۇ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان دىنىي ئالىم مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىنىڭ 2018-يىلنىڭ بېشىدا يىغىۋېلىش لاگېرىدا ۋاپات بولۇشى خىتاينىڭ ئىسلام دۈشمەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر ساھە ئالىملىرىنى يوقىتىشقا ئۆتكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەنىدى.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى، ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندى شائىر ئادىل تۇنىياز ئۈچۈن ھەققانىيەتنى ياقلاشنى مۇھىم كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، يېقىندا ئۇنى ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ «ۋىجدان مەھبۇسلىرى» قاتارىدا رەسمىي ئېلان قىلغان. مەزكۇر كومىتېتىنىڭ تور بېتىدە بۇ ھەقتە ئاخبارات ئېلان قىلىنغان، شۇنداقلا نۇرى تۈركەل ئەپەندىنىڭ ئادىل تۇنىياز ھەققىدە ئېيتقان سۆزلىرىگە ئورۇن بېرىلگەن، ئۇ مۇنداق دېگەن: «خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر بولغاننىڭ ھەممىسىنى تەھدىت دەپ بېكىتتى. شۇڭا ئۇلار مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلارنى لاگېرلارغا سولىدى. ئادىل تۇنىياز ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ئوخشاش ئۇيغۇرلار بۇ قەبىھ ھاكىمىيەتنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلاندى. بۇ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى تامامەن خىتايلاشتۇرۇش ۋە يىلتىزىنى قۇرۇتۇش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمىدۇر».

تەپسىلاتى...