يوللانغان ۋاقتى:2022-03-29| سەھىپە: ئۇيغۇر خەۋەرلىرى جازا لاگېرلىرى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش خەۋەرلەر شەرقىي تۈركىستان خەۋىرى نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر
خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

2014 -يىلى كېرىيەلىك بىر مۇھاجىرنىڭ ئىنكاس قىلىشى بىلەن، رادىيومىز كېرىيەنىڭ ئارىش يېزىسىدىكى زەينەپخان مەمتىمىن ئىسىملىك ئايالنىڭ ھامىلىسىنى ئالغۇزىۋېتىش ئۈچۈن دوختۇرخانىغا ئەكېلىنگەنلكىدىن خەۋەر تاپقان ۋە مۇخبىرىمىزنىڭ ئىز قوغلاپ خەۋەر ئىشلىشى داۋامىدا، زەينەپخان دوختۇرخانىدىن قېچىپ كېتىش يولى بىلەن ھامىلىنى قۇتقۇزۇپ قالغانىدى. ئاشكارىلىنىشىچە، زەينەپخاننىڭ بالىسى 3 ياشقا كىرگەندە، يەنى 2017 -يىلى لاگېرغا ئەكېتىلىپ كېسىۋېتىلگەن، 2020 -يىلىغا كەلگەندە ئۇنىڭ تۈرمىدىن جەسىتى چىققان. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.
2014 -يىلى ھامىلىدار قوشنىسى زەينەپخان مەمتىمىننىڭ بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەسى ئۈچۈن دوختۇرخانىغا ئەكېتىلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەن كېرىيەلىك مۇھاجىر ئارىدىن 7 يىل ئۆتكەن ئالدىنقى ھەپتە مەزكۇر قوشنىسىنىڭ تۈرمىدىن جەسىتى چىققانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بەردى. بۇ ئىنكاستا دېيىلىشىچە، زەينەپخان مەمتىمىن 2017 -يىلىدىكى چوڭ تۇتقۇن باشلانغاندا، ئىلگىرى دوختۇرخانىدىن قېچىپ كەتكەن قىلمىشى ئۈچۈن، جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇش ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن. دېيىلىشىچە، ئۇ لاگېرغا، ئەينى چاغدا دوختۇرخانىدىن قېچىشىغا يېتەكچىلىك قىلغان يولدىشى مەتقۇربان ئابدۇللا بىلەن تەڭ ئېلىپ كېتىلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، 2018 -يىلىنىڭ ئاخىرى، ئۇيغۇر رايوندىكى زور بىر تۈركۈم لاگېرلار تۈرمىگە ئۆزگەرتىلگەندە، زەينەمخان مەمتىمىن بىلەن مەتقۇربان ئابدۇللا 10 يىللىقتىن كېسىلىپ تۈرمىگە تاشلانغان. بىز بۇ ئەھۋالنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، ئاۋۋال كېرىيە ناھىيەسىدىكى ئالاقىدار ئىدارە ئورگانلارغا تېلېفون قىلدۇق. خادىملار ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا، بۇ ئەھۋاللار ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى.
تەپسىلاتى...