خىتاينىڭ ئۇيغۇر نوپۇس كونتروللۇقىدىكى 3 چوڭ ۋاسىتە – پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى، يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت ۋە لاگېر
خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا
ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ خىتاينىڭ قاتتىق قوللۇق بىلەن يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى سەۋەبلىك ئىنسانىي قەدىر قىممىتى ۋە قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ ئېغىر دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى گەرچە يېڭى مەسىلە بولمىسىمۇ، ئەمما 29-ئىيۇن گېرمانىيەلىك خىتاي تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنىز دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاشكارىلىغان «ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش، مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش: خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىنى كونترول قىلىش ھەرىكىتى» ناملىق ھۆججەتلىك دوكلاتى ئارقىلىق يەنە بىر قېتىم تەكىتلەندى. دوكلاتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا نوپۇس كونتروللۇقىنىڭ لاگېر قۇرۇلغان مەزگىللەردە تېخىمۇ ئەۋجىگە چىققانلىقى ئاشكارىلانغانىدى.
دوكتور زېنزنىڭ ھۆكۈمەت ھۆججىتىدىكى ستاتىستىكىلارغا ئاساسەن ئانالىز قىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان رايونلارنىڭ ھەممىسىدە تەبىئىي نوپۇسنىڭ ئېشىشى 2014-يىلدىكى 15% تىن 2018-يىلى ئاران 4% كىمۇ يەتمەيدىغان سەۋىيىگە چۈشكەن. ھۆججەتكە ئاساسلانغاندا، 2019-يىلى ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى تۆت ۋىلايەتتە تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللارنىڭ كەم دېگەندە 80% ئىگە ئۈزۈك سېلىپ ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش تەدبىرى ئېلىنغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 2017-يىلدىن بۇرۇن خىتايدىكى تۇغۇلۇش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى رايون بولسىمۇ، لېكىن 2017-يىلدىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە مەزكۇر رايون خىتايدىكى تۇغۇلۇش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن رايونغا ئايلانغان.
تەپسىلاتى...