لاگېردىكىلەرنىڭ يەنە بىر بۆلىكى «كەسىپكە چىقىرىش» نامىدا زاۋۇتلاردا مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنماقتا

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

لاگېردىكىلەرنىڭ 3 يىلدىن كېيىنكى ئاقىۋىتى ھەققىدە ئۇچۇر ۋە قاراشلار (5)

ئىلاۋە:

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايوندا مىليونلارچە كىشىنىڭ لاگېرغا سولانغانلىقى دۇنياغا ئاشكارىلىنىپ قالغان چاغدا ئۇلارنىڭ جازالىنىۋاتقانلار ئەمەس، بەلكى «كەسىپ ئۆگىنىۋاتقان» لار ئىكەنلىكىنى بازارغا سالغان ئىدى. ئەمما ئارىدىن 3 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ ئائىلىسىنىڭ قۇلۇپلانغان دەرۋازىلىرى تېخى ئېچىلغىنى يوق. يېتىمخانىلارغا، يەنى ئاتالمىش «پەرىشتىلەر مەكتەپلىرى» گە ئەكېتىلگەن پەرزەنتلىرىنىڭ كۆز يېشى توختىغىنى يوق. خىتاي تەشۋىقاتلىرىدا زاۋۇت-فابىرىكالاردا خۇشال-خۇرام ئىشلەۋاتقان كۆرۈنۈشتەارىلاپ كۆرسىتىلىپ تۇرۇلۇۋاتقان بۇ بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى زادى قانداق؟ بۇ سوئالغا جاۋابەن «لاگېردىكىلەرنىڭ ئۈچ يىلدىن كېيىنكى ئاقىۋىتى ھەققىدە ئۇچۇر ۋە قاراشلار» ناملىق چاتما خەۋىرىمىزنىڭ 5‏-قىسمىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

تەپسىلاتى...

لاگېردىكىلەرنىڭ يەنە بىر بۆلىكى كېسىۋېتىلىپ ئۇيغۇر رايونىدىكى تۈرمىلەرگە يۆتكەلگەن

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ 3 يىلدىن كېيىنكى ئاقىۋىتى ھەققىدە ئۇچۇر ۋە قاراشلار (3)

[ئىلاۋە]:

خىتاي دائىرىلىرى لاگېرلارنى ئاقلاپ بەرگەن چۈشەندۈرۈش ۋە باياناتلىرىدا لاگېردىكىلەرنىڭ بىر قىسمىنىڭ قانۇنغا يېنىك دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلار ئىكەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ ئاتالمىش قانۇن ئېڭى ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىن ئائىلىسىگە قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئەمما ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن لاگېردىن ئائىلىسىگە قايتقانلاردىن ئېغىزغا ئالغۇدەك نىسبەتتە كىشى يوق. ئۇنداقتا، بۇلارنىڭ «قانۇن ئېڭى» يەنە قەيەردە، قانداقلارچە «ئۆستۈرۈلۈۋاتىدۇ؟» مانا بۇ سوئالغا جاۋابەن، «لاگېردىكىلەرنىڭ 3 يىلدىن كېيىنكى ئاقىۋىتى ھەققىدە ئۇچۇر ۋە قاراشلار» ناملىق چاتما خەۋىرىمىزنىڭ 3‏-قىسمىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى «قانۇنغا يېنىك دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان» دېگەن باھانە بىلەن تۇتقان بۇ كىشىلەرنى لاگېرلارغا ئەكىرگەندىن كېيىن ئۇلارغا خىتاي تىلى ۋە سىياسىي قانۇن تەربىيەسى بېرىپلا قالماي، ئۇلارنى يەنە تەسىرات سۆزلەتكۈزۈش ۋە ئۆزىنى تەكشۈرتۈش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ قىلمىشلىرىنى پاش قىلىشقا قىستىغان.

تەپسىلاتى...

لاگېرلار پەيدا بولغان 3 يىللىق مۇساپە ھەققىدە سۆھبەت

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر: «لاگېرلارنىڭ تاقىلىشىغا بولغان ئىشەنچىمىز يەنىمۇ كۈچەيدى»

ئۇيغۇر ئېلىدە 3 مىليون ئەتراپىدا ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنىڭ «قايتا تەربىيە لاگېرلىرى» غا قامىلىپ، ئېغىر جىسمانىي ۋە روھىي قىيىن-قىستاققا ئېلىنىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغاندىن بۇيان چەتئەللەردىكى نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مۇشۇ لاگېرلارغا قامالغان، غايىب بولغان يېقىنلىرى ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىپ، ئۆز يېقىنلىرىنىڭ شۇنداقلا پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان زۇلۇمنىڭ ئاياغلىشىشى ئۈچۈن پائال ھەرىكەت قىلدى ھەمدە نۇرغۇن تىرىشچانلىقلار كۆرسىتىلدى. بىز بۈگۈن ئامېرىكادىكى روشەن ئابباس خانىم ۋە فىرقەت جەۋدەتلەرنى زىيارەت قىلىپ ئۇلارنىڭ بۇ 3 يىللىق مۇساپە ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئالدۇق.

ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى رەئىسى روشەن ئابباس خانىم دەسلەپكى مەزگىللەردە ئۇيغۇر ئېلىدە لاگېرلار ئېچىلىپ، ئاز دېگەندە بىر مىليون كىشىنىڭ قامالغانلىقىنى دۇنياغا بىلدۈرۈش خېلى تەس بولدى، دەيدۇ. ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر بەدەل تۆلىگەنلىكىنى، ئۈرۈمچىدىكى ھەدىسى گۈلشەن ئابباسنىڭ ئۆزىنىڭ پائالىيەتلىرى سەۋەبلىك لاگېرغا تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

تەپسىلاتى...

دۇنياۋى سورۇنلاردىكى ئۇيغۇرغا ھەمدەملىك ۋە خىتايغا قايتۇرۇلغان جاۋابلار

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىسلى كۆرۈلمىگەن زور تۇتقۇندا مىليونلارچە كىشىنىڭ بىر كېچىدىلا مەھبۇسقا ئايلىنىپ قالغانلىقىدەك ئاچچىق رېئاللىق دۇنيا ئاخباراتىغا مەلۇم بولغاندىن كېيىن، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن دوكلاتلار ۋە خەۋەر ماقالىلىرى ئوتتۇرىغا چىقتى. ئەمما بۇ ۋاقىتلاردا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتىكى بارلىق ئەيىبلەشلەرنى ئىزچىل ئىنكار قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھېچقاچان لاگېر قۇرمىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ لاگېرلارغا قامالمىغانلىقىنى تەكىتلەشكە باشلىدى.

ھالبۇكى، خەلقئارا جامائەت خىتاينىڭ ئىنكار قىلىشى بىلەنلا توختاپ قالمىدى. بولۇپمۇ بىر قىسىم خەلقئارالىق ئۇچرىشىشلاردا بۇ مەسىلىنىڭ تەكىتلىنىشى دەسلەپكى ۋاسىتىلىك سۆزلىشىشتىن تەدرىجىي ھالدا ئۇدۇل ھەمدە بىۋاسىتە سوئال قويۇش باسقۇچىغا كۆتۈرۈلدى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، ئەركىنلىك سارىيى قاتارلىق ئورۇنلار تۈرلۈك دوكلاتلارنى چىقىرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇلۇشىدىكى تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىدى. شۇنىڭدەك خەلقئارا مەتبۇئاتلارغا بۇ ھەقتە كۆپلەپ ئىسپاتلىق گۇۋاھلىق بەردى. بولۇپمۇ 2019-يىلى جەنۋە شەھىرىدە ئېچىلغان ب د ت يىغىنىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئالاھىدە سۆز قىلىپ، بۇ ھەقتىكى خەلقئارانىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب تەرىقىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانىنى شەرھلىدى. ئۇ سۆزىدە «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نامىدىكى جايلارنىڭ قانداقتۇر لاگېر ئەمەس، ئەكسىچە كەسپىي ماھارەت ئۆگىتىلىدىغان مەكتەپلەر ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە «يۇقۇملىنىپ قالغان بىمارلار» نى داۋالاپ ساقايتىشنى مەقسەت قىلغان مۇئەسسەلەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

تەپسىلاتى...

مېدىتسىنا تەتقىقاتچىسى ئىمامجان ئىبراھىمنىڭ لاگېرغا قامالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

2017-يىلىدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى 1 مىليوندىن 3 مىليونغىچە ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا يەرلىك مىللەت كىشىلىرىنى لاگېرلارغا قامىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا كۆپلىگەن ئۇيغۇر بىلىم ئىگىلىرىمۇ بار ئىدى.

ئامېرىكانىڭ بوستون شەھىرىدە مېدىتسىنا كەسپى بويىچە ئوقۇش ۋە تەتقىقاتىنى تاماملىغاندىن كېيىن 2014-يىلى ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەتكەن ۋە 2017-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرغا قامالغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىمامجان ئىبراھىم ئەنە شۇلارنىڭ بىرىدۇر.

ئىمامجان ئىبراھىمنىڭ ئامېرىكادىكى مەزگىلىدە ئوقۇش ۋە خىزمەت ئۈچۈن يوللىغان ئىلتىماسىدىكى تەرجىمىھالىغا قارىغاندا، ئۇ 1985-يىلى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان. 2004-يىلدىن 2009-يىل 7-ئايغىچە شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دورىگەرلىك كەسپىدە ئوقۇپ باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغان. 2010-يىلى 6-ئايدىن 2011-يىلى 12-ئايغا قەدەر توكيو مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتى دوختۇرخانىسىنىڭ يۈرەك كېسەللىرى بۆلۈمىدە زىيارەتچى ئىلمىي خادىم بولۇپ بىلىم ئاشۇرغان. 2012-يىلىدىن 2014-يىلىغا قەدەر ئامېرىكانىڭ بوستون شەھىرىدە ئوقۇش ۋە تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شوغۇللانغان. بۇ جەرياندا ئۇ بوستوندىكى «بېت ئىسرائىل تېببىي مەركىزى» دە بىر مەزگىل ئىشلىگەن.

تەپسىلاتى...

ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپ ئامبىرى: «خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتى ئاخىرلاشقىنى يوق»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

«ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپ ئامبىرى» يېرىم يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ، خەلقئارانىڭ دىققىتىنى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىگە تارتىشقا تىرىشتى.

دۇنيانىڭ دىققەت ئېتىبارى كورونا ۋىرۇسىغا مەركەزلەشكەن، خەلقئارادا قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى ئۇنىڭ كۆلەڭگۈسى ئاستىغا چۈشۈپ قالغان بۈگۈنكى ۋەزىيەتتە مەركىزى نورۋېگىيەنىڭ ئوسلو شەھىرىدىكى «ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپ ئامبىرى» يېرىم يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ، خەلقئارانىڭ نەزىرىنى يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە تارتىشقا تىرىشقان.

تەپسىلاتى...

خىتاي كۈندىلىك گېزىتى «قاراقاش ھۆججەتلىرى» نىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلاپ قويدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، بۇ يىل 17‏-فېۋرال كۈنى دۇنيادىكى نوپۇزلۇق تاراتقۇلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇۋاتقان لاگېر تۈزۈمىگە ئائىت يەنە بىر مەخپىي ھۆججىتى بىرلا ۋاقىتتا ئېلان قىلىنىپ، زور غۇلغۇلا قوزغىغانىدى.

«قاراقاش ھۆججەتلىرى» دەپ ئاتالغان137 بەتلىك ھۆججەت خوتەننىڭ قاراقاش ناھىيەسىگە قاراشلىق «بوستان» ئاھالىلەر رايونىدىكى 650 دىن ئارتۇق ئائىلىگە چېتىشلىق 300 دەك كىشىنىڭ ئارخىپى بولۇپ، ھۆججەتتە شۇ تەۋەلىكتىكى كىشىلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادى، كۈندىلىك ھاياتى، يۈرۈش-تۇرۇشى، خاراكتېرى، ئىپادىسىدىن باشقا يەنە، لاگېرغا قامالغان ۋە كېسىلگەن كىشىلەرنىڭ ئىسمى، ئۇلارنىڭ لاگېرغا قامىلىش ياكى كېسىلىپ كېتىشتىكى سەۋەبىگە ئائىت مەلۇماتلار ئورۇن ئالغان. ھۆججەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزگەن كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ھەرىكىتىنىڭ ماھىيىتىنى ئاشكارىلاپ بېرىشتە زور رول ئوينىغان.

تەپسىلاتى...

قارامايدىكى لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەن پولات ئىبراھىمنىڭ 10 كۈندىن كېيىن جان ئۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ھازىر ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان مۇنەۋۋەر خانىم يولدىشى پولات ئىبراھىمنىڭ قارامايدىكى لاگېردىن دوختۇرخانىغا ئېلىپ چىقىلىپ 20 كۈن داۋالىتىلغانلىقى، ئاخىرىدا ئۆيىگە قويۇپ بېرىلىپ، 10 كۈندىن كېيىن تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مۇنەۋۋەر خانىم يەنە ئائىلىسىدىن 3 ئىنىسى ۋە 2 سىڭلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرمۇنچە تۇغقانلىرىنىڭ لاگېرغا قامالغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ئەسلى قاراماي شەھىرىدىن بولغان مۇنەۋۋەر ئابلىمىت خانىم ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچى ئىكەنلىكىنى، دادىسى ئابلىمىت ھاجىم بىلەن ئانىسى ئايىمنىسا خانىمنىڭ ئىلگىرى ھەج پەرزنى ئادا قىلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ كۈندە بەش ۋاق ناماز ئوقۇغاندىن باشقا ھېچقانداق گۇناھى يوقلۇقىنى، بىراق خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ ئائىلىسى «دىنىي ئائىلە» دەپ ئانىسىدىن باشقا پۈتكۈل ئائىلە ئەزالىرىنى تۇتۇپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مۇنەۋۋەر خانىمنىڭ بىر قىز، بىر ئوغۇل ئىككى پەرزەنتى بولۇپ، ئۇ پەرزەنتلىرىنى تۈركىيەدە ئوقۇتۇش ئۈچۈن 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى ئىستانبۇلغا كېلىپ ئورۇنلاشقان ئىكەن. مۇنەۋۋەر خانىم بالىلىرىنى ئىستانبۇلدا مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ ئىككى ئايدىن كېيىن قارامايغا قايتىپ كەتكەن. ئۇ قارامايغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن ساقچىلار تەرىپىدىن بىر قانچە قېتىم سوراققا تارتىلغان. ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش بولۇپ، ھۆكۈمەت ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتلىرىنى يىغىۋېلىشقا باشلىغاندا مۇنەۋۋەر خانىم 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى تۈركىيەگە قايتا كېلىۋالغان.

تەپسىلاتى...

مەلىكە ھەبىبۇل: «ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىم كومپارتىيە ئەزاسى ۋە ساقچى خادىمى، ئەمما ئۇلارمۇ تۇتقۇن قىلىندى»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

2010-يىلى ئوقۇش بىلەن مىسىرغا چىقىپ، 2014-يىلدىن بۇيان ئېرى ۋە ئىككى بالىسى بىلەن تۈركىيەگە كېلىپ، يۇرتىغا كىيىم-كېچەك قاتارلىق تۈركىيە ماللىرىنى سېلىش تىجارىتى بىلەن تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان مەلىكە ھەبىبۇل 8-يانۋار كۈنى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 2017-يىلى 6-ئايدىن 2018-يىلىغىچە ئىلگىرى كېيىن بولۇپ، يۇرتى تۇرپاندىكى ئاتا-ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، تەربىيەلەش نامىدىكى لاگېرلارغا قامالغانلىقىنى ھەتتا سوتلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلىكە ھەبىبۇلنىڭ بايانىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تەھدىتلىرى سەۋەبلىك، 2017-يىل 8-ئايدىن بۇيان ئۇنىڭ يۇرتى تۇرپاندىكى ئاتا-ئانىسى ۋە بىر تۇغقان قېرىنداشلىرى بىلەن بولغان تېلېفون ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان.

بۇ جەرياندا ئۇ باشقىلاردىن سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق ئاپىسى مەريەمخان تۇرسۇن، ئاتىسى ھەبىبۇل ئابدۇللانىڭ 2017-يىلى ۋە 2018-يىلى تەربىيەلەش نامىدا لاگېرغا قامالغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان.

تەپسىلاتى...

ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىۋاتقان خىتاي كارخانىلىرىنىڭ مەھسۇلاتىنى چەكلەش توغرىسىدىكى سادالار كۈچەيمەكتە

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

يېقىندا «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتى چاپچال ناھىيەلىك ئەمگەك ئىدارىسىنىڭ 2019‏-يىلى چۈشۈرگەن ناھىيە تەۋەسىدىكى يېزا-كەنت پۇقرالىرىغا «كەسپىي تەربىيە» ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنى كومپارتىيەگە، شۇنداقلا زاۋۇت-كارخانىلارنىڭ تۈزۈمىگە ئىتائەتمەن ئىشچىلارغا ئايلاندۇرۇش توغرىسىدىكى بىر ھۆججىتىنى ئاشكارىلىدى. مەزكۇر ھۆججەتتە، چاپچال ناھىيەسىدىكى ھەر قايسى يېزا-كەنتلەرگە سان چۈشۈرۈپ، بۇ ناھىيەدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ خالىسۇن ياكى خالىمىسۇن چوقۇم زاۋۇت كارخانىلارغا بېرىپ ئىشلىشى، ئىشلەشنى رەت قىلغان ئائىلىلەرنىڭ جازالىنىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. ھۆججەتتە، «كەسپىي تەربىيە» ئارقىلىق يەرلىك پۇقرالاردىكى «چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ كەتكەن ھورۇنلۇق، بىپەرۋالىق، بوشاڭلىق، باشباشتاقلىق، شەخسىيەتچىلىك خاھىشلىرىنىڭ ئۆزگەرتىلىپ، ئۇلارنىڭ شىركەت قائىدە-تۈزۈمىگە ئەمەل قىلىدىغان شەخسلەرگە ئايلاندۇرۇلىدىغانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

مەزكۇر ھۆججەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇرنى كەڭ كۆلەملىك خىتاي كارخانىلىرىغا يۆتكەپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ئەرزان باھالىق ئەمگەك كۈچىگە ئايلاندۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان مەزگىلدە ئاشكارىلاندى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ كىشىلەرنىڭ «كەسپىي تەربىيە» ئارقىلىق مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغانلىقى ۋە «ئەسەبىيلىك» ئىدىيەسىدىن خالى قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، لېكىن مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنى زاۋۇت-كارخانىلارغا يۈزلەندۈرۈپ، خەلقئارادا «لاگېرلار تاقالدى» دېگەن تەسىرات يارىتىشقا كىرىشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ، بىر خىل مۇقىملىق تەدبىرى بولۇپ، خىتاينىڭ پىلانى ئۇيغۇرلارنى «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا زاۋۇت-كارخانىلارغا بەنت قىلىش، ئۇلارنى بۇ ئورۇنلاردا تۇتۇپ تۇرۇش ئىكەن.

تەپسىلاتى...