ئاقسۇدىكى ئىككى لاگېرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر جەسەت كۆيدۈرۈش ئورنى بايقالدى
خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

نورۋېگىيەدىكى «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپى» بايقىغان ئاقسۇ شەھىرىدىكى لاگېرنىڭ ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى جەسەت كۆيدۈرۈش ئورنىنىڭ سۈنئىي ھەمراھىدىن تارتىلغان سۈرىتى. 2020-يىلى نويابىر.
نورۋېگىيەدىكى «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپى» تەمىنلىگەن «Google Earth Pro» سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى، 2017-يىلدىن 2019-يىلغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە تارتىلغان.
سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىدىن لاگېرلارنىڭ 2017-يىلى قۇرۇلۇشقا باشلىغان بولسا 2018-يىلدىن باشلاپ لاگېرلارنىڭ يېنىغا غايەت زور زاۋۇتلار قۇرۇلۇشقا باشلىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ تۇرىدۇ.
مەزكۇر ئورۇننىڭ دىرېكتورى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى: «مۇئەللەقتىن تارتىلغان بۇ سۈرەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە قۇرغان ئاتالمىش ئىختىيارىي تەربىيىلەش، كەسپىي تەربىيىلەش مەركەزلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە تۈرمە شەكىلدە باشقۇرۇۋاتقان جازا لاگېرلىرىلا بولۇپ قالماي، خىتاينىڭ لاگېر سىياسىتىنىڭ 2018-يىلىدىن باشلاپ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەنلىكىنىڭ ئىنكار قىلغۇسىز ئىسپاتى» دەپ قارايدۇ.
ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپىنىڭ بايقاشلىرى، خەلقئارادىكى لاگېرلار ھەققىدە مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسنىڭمۇ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتماقتا. كوممۇنىزم قۇربانلىرى فوندىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور ئادرىئان زېنز، بۇ بايقاشلار ھەققىدە گېرمانىيە BILD ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە تىۋىتتېرىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ: «بۇ لاگېرنىڭ ئىزى تەخمىنەن 72 مىڭ كۋادرات مېتىر، زاۋۇت رايونى (ناھايىتى ئېگىز تاملار بىلەن قورشالغان) يەنە 27 مىڭ كۋادرات مېتىر. 2018-يىلدىن 2019-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا قۇرۇلغان، بۇنىڭغا ھەممە ئادەم ئېرىشەلەيدۇ» دەپ يازغان.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دوكتور ئادرىئان زېنز، سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىگە قارىتا ئانالىزىنى مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: «مېنىڭ قارىشىمچە، بۇنىڭ ئالدىدا بايقالغان لاگېر ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە دائىر باشقا ئارخىپ ۋە ماتېرىياللار ھەمدە شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىقلىرىمۇ ھەممىگە مەلۇم. ئاپېلسىن رەڭلىك فورما كىيگەن 1000 دىن ئارتۇق لاگېر مەھبۇسلىرىنىڭ لاگېر ۋە زاۋۇت بىناسىنىڭ ئالدىدا تىزىلغان بۇ سۈرەتلىرى ئۇيغۇر رايونىدا داۋام قىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەكنى كۆز بىلەن كۆرسىتەلەيدىغان ئىنتايىن مۇھىم بىر پاكىت».
تەپسىلاتى...