بايىنغولىندا كېلەر 3 يىلدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلماقچى بولغان 19 مىڭ كىشىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ لاگېردىكىلەر ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ئۆتكەن ئاينىڭ 13-كۈنى ئالاقىدار ئىدارە جەمئىيەتلەرگە ھۆججەت چۈشۈرۈپ، كەلگۈسى 3 يىل ئىچىدە 19 مىڭ كىشىنى قۇرۇلۇش ساھەسىگە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ مەزكۇر ھۆججەتتە كۆرسىتىلگەن ئالاقىلىشىش ئىشخانىسى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى داۋامىدا بۇ 19 مىڭ كىشىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ لاگېرىدىكىلەر ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 13-ئىيۇل كۈنى تارقاتقان ھۆججىتىدە يېقىنقى 3 يىل ئىچىدە قۇرۇلۇش ساھەسىدە 19 مىڭ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان. ھۆججەتتە يەنە بۇ جەرياندا 36200 مىڭ ئادەم قېتىم كەسپىي تەربىيىلەش ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. ھۆججەتتە بۇ پىلاننىڭ خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن تۈزۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ۋە بۇ پىلان ئۇيغۇر رايونىدا مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى تەدبىرلەردىن بىرى سۈپىتىدە تونۇشتۇرۇلغان.

ھۆججەتتىكى مەزمۇنلار ۋە ئۇيغۇر رايونىنىڭ، جۈملىدىن بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ يېقىنقى 3 يىللىق سىياسىي ۋەزىيىتى بۇ لايىھەنىڭ لاگېردىكىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتىدە تۈزۈلگەنلىك ئېھتىماللىقىنى ئىشارەت قىلماقتا. شۇڭا بىز بۇ لايىھە ھەققىدە بايىنغولىندىكى ئالاقىدار ئورۇنلاردىن مەلۇمات سورىدۇق. بايىنغولىن ئوبلاستلىق پارتكوم بۇ ھەقتە جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى. بىز ئارقىدىن مەزكۇر ھۆججەتتە قالدۇرۇلغان ئالاقىلىشىش نومۇرىغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى ئالغان خادىم ئۆز ئىشخانىسىنى «19 مىڭ كىشىنى 3 يىل ئىچىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھەسى ئالاقە ئىشخانىسى» دەپ تونۇشتۇردى. بۇ خادىمدىن پىلانلانغان بۇ 19 مىڭ كىشىنىڭ بايىنغولىندىكى لاگېرىدىكىلەر، يەنى ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركىزى» دىكىلەر ياكى ئەمەسلىكىنى سورىدۇق. ئۇ بۇ پىلاندا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلماقچى بولغانلارنىڭ ئارىسىدا لاگېدىكىلەرنىڭمۇ بار ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاش بىلەن بىرلىكتە، يەنە باشقا ھەرقايسى ساھە ۋە مەكتەپتىكىلەرنىڭمۇ بارلىقىنى تىلغا ئالدى.

تەپسىلاتى...

«14‏-ئاھالىلەر رايونى» نامىدىكى يېڭىچە لاگېرنىڭ ئورنى ۋە بىر قىسىم تۈزۈملىرى ئاشكارىلاندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئاشكارىلىنىشىچە، مەكىتتە لاگېردىن چىققانلار ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان ئائىلىلىكلەر لاگېرى يەنى «14-ئاھالىلەر رايونى» مەكىت بازار ئىچىگە جايلاشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە بىر تۈركۈم زاۋۇت كارخانىلار بار ئىكەن. ئائىلىلىكلەر لاگېرىغا سولانغان بۇ كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى شۇ لاگېرنىڭ ئىچىدىكى زاۋۇت-كارخانىلاردا ئىشلىسە؛ يەنە بىر قىسمى لاگېر سىرتىدىكى، يەنى مەكىت بازارىدىكى زاۋۇت-كارخانىلاردا ياكى مۇلازىمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلەمچىلىك قىلىدىكەن. ئەمما ئۇلار سىرتتا ئىشلىگەن ۋاقتىدا ئىشقا مۇناسىۋەتسىز كىشىلەر بىلەن كۆرۈشمەسلىكى ۋە لاگېر ئىچىدىكى ئىشلارنى سىرتقا دېمەسلىكى شەرت قىلىنغانىكەن.

ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىز مەلۇم بولۇشىچە، مەكىت ناھىيىسىدە پارتىيە مەكتەپ تەربىيىلەش مەركىزى، كەسپىي ئوتتۇرا مەكتەپ تەربىيىلەش مەركىزى، تۈمەنتال تەربىيىلەش مەركىزى ۋە كونا كادىرلار ئىدارىسى تەربىيىلەش مەركىزى قاتارلىق ئاز دېگەندە 5 ئورۇندا لاگېر بار بولۇپ، بۇ لاگېرلارنىڭ نۆۋەتتە سان جەھەتتىن يىغىنچاقلانغانلىقى ياكى كۆپەيگەنلىكى مەلۇم ئەمەس. 14-ئاھالىلەر رايونى نامىدا بۇلتۇر 4-ئايدا تەسىس قىلىنغان «ئائىلىلىكلەر لاگېرى ( لاگېردىن چىققانلار لاگېرى) ناھىيە بازىرى ئىچىگە جايلاشقان بولۇپ، كونا كادىرلار ئىدارىسى تەربىيىلەش مەركىزى جايلاشقان «كەيفاچۈ» دىن (ئېچىۋېتىلگەن رايوندىن) ئىككى-ئۈچ كىلومېتىر ئۇزاقلىقتا ئىكەن. مەزكۇر ئائىلىلىكلەر لاگېرىنى مەكىت بازىرىنىڭ نەنباغ دېگەن يېرىگە جايلاشقانلىقىنى بايان قىلغان ئالاقىدار خادىم، بۇ لاگېرغا توپلانغانلار ئارىسىدا ئۆيلەنگەنلەردىن باشقا ئۆيلەنمىگەنلەرنىڭمۇ بارلىقى، ئەمما ھەممىسىنىڭلا مەكىتلىك كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. بۇ خادىمنىڭ دېيىشىچە، 14-ئاھالىلەر رايونىنىڭ قۇرۇلۇشى 2015-يىلى باشلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ دەسلەپتىلا لاگېر ئۈچۈن تەسىس قىلىنغانلىقى ۋە ياكى 2019-يىلى خەلقئارا جامائەتنىڭ بېسىمى بىلەن لاگېر مەسىلىسىنى جىمىقتۇرۇشقا توغرا كەلگەندە، ئېھتىياج سەۋەبىدىن لاگېرغا ئايلاندۇرۇلغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئەمما ئالاقىدار خادىملارنىڭ بايانلىرىدىن لاگېر ئىچىدىكى زاۋۇت-فابرىكىلارنىڭ لاگېرغا سولانغالارغا نىسبەتەن يېتەرسىز ئىكەنلىكى؛ شۇڭا لاگېردىكىلەرنىڭ بىر قىسمىنىڭ لاگېر سىرتىدا ئىشلەمچىلىك قىلىشىغا يول قويۇلغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

تەپسىلاتى...

مەكىتتە «14‏-ئاھالىلەر رايونى» نامىدا مەخسۇس لاگېردىن چىققانلار ئۈچۈن ئائىلىلىكلەر لاگېرى قۇرۇلغان

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى مەكىت ناھىيەسىدە لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەنلەر ئۈچۈن مەخسۇس بىر ئائىلىلىكلەر قورۇسى سېلىنغانلىقى، 7000 دىن ئارتۇق ئائىلە سىغىدىغان بۇ قورۇغا كىرىپ-چىقىشنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى پاش قىلغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا مەكىتنىڭ تۈمەنتال يېزىسىدىن لاگېرغا ئەكېتىلگەن ئىسمائىل داۋۇتنىڭ لاگېردىكى ئاتالمىش ئۆگىنىشىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، «14-ئاھالىلەر رايونى» دەپ نام بېرىلگەن لاگېردىن چىققانلار لاگېرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ لاگېرنىڭ نورمال لاگېردىن پەرقى تۇتقۇنلارنىڭ پەقەت ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە ياشاش ئىمكانىغا ئىگە بولۇشىدۇر.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى رادىيومىزغا ئىنكاس يوللاپ، مەكىت ناھىيىسىدە لاگېردىن چىققانلار ئۈچۈن مەخسۇس لاگېر قۇرۇلغانلىقى، بۇ جايدىمۇ ئىلگىرىكى لاگېردا داۋام قىلغان سىياسىي ئۆگىنىش، ئۆزىنى تەكشۈرۈش، مەسىلە تاپشۇرۇشلارنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقى ؛ پەقەت بۇ لاگېردا تۇتقۇنلارنىڭ ئائىلىسى بىلەن بىللە ياشايدىغانلىقىنى مەلۇم قىلغانىدى. ئىنكاستا يەنە بۇ قورۇدا يۈزلەرچە ئائىلىلىكلەر بىناسى بارلىقى، بۇ قورۇغا كىرىپ-چىقىشنىڭ چەكلەنگەنلىكى ئەسكەرتىلگەنىدى. بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، مەكىت ناھىيەسىدىكى ئالاقىدار ئورگانلار بۇ تېمىدا گەپ قىلىشتىن ئۆزلىرىنى تارتتى. مەكىتنىڭ تۈمەنتال يېزىسىدىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر كەنت ساقچىسى، بۇ كەنتتە مەكىتتىكى شۇ لاگېردىن چىققانلار ئائىلىلىكلەر لاگېرىدا ئىسمائىل داۋۇت ئىسىملىك بىر كىشى بارلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئىسمائىل داۋۇت لاگېردىن چىققاندىن كېيىن تۈمەنتالدىكى ئۆيىگە ئەمەس، مەكىت ناھىيە بازىرىدىكى مەزكۇر قورۇنىڭ ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان؛ نۆۋەتتە ئۇ ئەنە شۇ قورۇنىڭ ئىچىدە ئايال-بالىلىرى بىلەن بىللە ياشايدىكەن؛ ئەمما تۈمەنتالدىكى ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن مەخسۇس قورۇدىن چىقىش رۇخسەتنامىسى ئېلىشى كېرەك ئىكەن. بۇ قورۇنىڭ «14-ئاھالىلەر رايونى» دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان بۇ ساقچى خادىمنىڭ دېيىشىچە، بۇ قورۇدا يۈزلەرچە ئائىلىلىكلەر بىناسى مەۋجۇت ئىكەن.

تەپسىلاتى...

ياش ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەكرەم مەمەت لاگېردا قىيىن-قىستاقتا ھاياتىدىن ئايرىلدىمۇ؟

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن تۈركىيە دۆلىتىنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن تۈركىيەگە كېلىپ، تۈركىيەدە ماگىستىرلىقنى پۈتتۈرۈپ قايتقان ئەكرەم مەمەتنىڭ 2018-يىلى لاگېرغا تاشلىنىپ، 2019-يىلى لاگېردا ئۆلگەنلىكى جەزىملەشكەن. ئۇنىڭ ساۋاقدىشى نۇرەتتىن ئىزباسار ھەر خىل يوللار بىلەن ساۋاقدىشى ئەكرەم مەمەتنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئەكرەم مەمەت 2011-يىلى تۈركىيە دۆلىتىنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن تۈركىيەگە كەلگەن. 2016-يىلى ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ-جۇغراپىيە فاكۇلتېتى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى كەسپىدە ماگىستىرلىقنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ مائارىپ ئىنستىتۇتىدا دەرس بېرىشكە باشلىغان ۋە 2018-يىلى لاگېرغا تاشلانغان.

ئەكرەم مەمەتنىڭ ساۋاقدىشى نۇرەتتىن ئىزباسار ئەپەندى 2005-يىلىدىن تارتىپ ئەكرەمنى تونۇيدىغانلىقىنى، بىللە ئوقۇپ بىر ياتاقتا تۇرغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «مەن نۇرەتتىن ئىزباسار ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ توقسۇ ناھىيەسىدىن. 2005-يىلى بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى بۆلۈمىگە قوبۇل قىلىندىم. قېرىندىشىم ئەكرەم مەمەت بولسا تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ سىڭگىم دېگەن جايىدىن. ئۇمۇ ئىمتىھان بېرىپ بىزنىڭ بۆلۈمگە ئۆتۈپتىكەن. 2005-يىلى مەكتەپتە تونۇشتۇق. 5 يىل بىر سىنىپتا ئوقۇدۇق. يەنە 5 يىل بىر ياتاقتا ياتتۇق. ئاسپىرانتلىق ۋە دوكتورلۇقنى ئوقۇش ئۈچۈن تۈركىيەگە بىللە چىقتۇق. ئەكرەم مەمەت ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ-جۇغراپىيە فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىندى. مەن ئىستانبۇلدىكى مىمار-سىنان گۈزەل سەنئەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ كەسپىگە قوبۇل قىلىندىم. ئۇ، 2016-يىلى ماگىستىرلىقنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ مائارىپ ئىنستىتۇتىدا ئىشقا ئورۇنلاشتى. 2018-يىلىدا جازا لاگېرىغا ئېلىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدۇق».

تەپسىلاتى...

خىتاينىڭ لاگېر «ئازادلىقى»: خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان 300 مىڭ ئۇيغۇر ئىشچى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئۇيغۇر دىيارىدا لاگېرلارنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتى كېيىنچە تۈرلۈك پاكىتلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى بىلەن بۇ لاگېرلارنى «كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى» دەپ چۈشەندۈرگەن ئىدى. كېيىنچە ئۇلار خەلقئارانىڭ كۈچلۈك تەنقىدى ۋە بېسىملىرىغا قارىتا لاگېرلاردىكى كىشىلەرنىڭ «يېتەرلىك ھۈنەر ۋە تېخنىكا ئۆگىنىپ چىققاندىن كېيىن جەمئىيەت قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكى» نى تەشۋىق قىلدى. ھالبۇكى، كۆپلىگەن ئۇچۇرلار بۇ «جەمئىيەت قوينىغا قايتقان» ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆز ئۆيلىرىگە ئەمەس، بەلكى ھەرقايسى جايلاردىكى زاۋۇت ۋە فابرىكىلارغا ئىشچىلىققا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى. ئەنە شۇ خىل مەلۇماتلارنىڭ بىرى خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورىنىڭ 2020-يىللىق 13-ماي كۈنىدىكى بىر پارچە خەۋىرىدىمۇ ئەكس ئېتىدۇ.

مەزكۇر خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات ناھىيەلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتى» دېگەن نامدا 2020-يىلى ئاپرېلغا قەدەر ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردىن تەشكىللىك ھالدا 292 مىڭ كىشىنى «خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرغان». خەۋەردە بۇ خىلدىكى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىسىدا 150 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ «ئۆز قەرەلىدە نامراتلىقتىن خالاس بولغانلىقى» ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. 2020-يىلى يانۋاردىن ئاپرېلغىچە بولغان تۆت ئاي ئىچىدە 12 مىڭ كىشى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشچىلىققا يۆتكەلگەن.

تەپسىلاتى...

ئىلشات ھەسەن: «خىتاي لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى سىر تۇتالمىغاندەك، لاگېردا ئۆلگەنلەرنىمۇ سىر تۇتالمايدۇ»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

لاگېردىكىلەرنىڭ ئۈچ يىلدىن كېيىنكى ئاقىۋىتى ھەققىدە ئۇچۇر ۋە قاراشلار (7)

لاگېر قۇرۇلغان 3 يىلدىن بۇيان قانچىلىغان كىشىلەر، قاتمۇ-قات دەرۋازالار ئىچىدىكى ئەنە شۇ سۈرلۈك لاگېر بىنالىرى ئىچىدە جان ئۈزدى؟ قانچىلىغان جەسەت ئائىلە-تاۋابىئات ۋە يۇرت-جامائەتنىڭ مېھىرلىك قوللىرى بىلەن ئەمەس، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تارتىپ-سۆرەشلىرى بىلەن ئۇ دۇنياغا ئۇزىتىلدى؟ قانچىلىغان باش تاياق-توقماقتىن يېرىلدى؟ قانچىلىغان يۈرەك قېيىن-قىستاقتىن ئېزىلدى؟ ئۈچ يىلدىن بۇيانقى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا بۇ تراگېدىيەلەر تولۇق سانى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقمىغان بولسىمۇ، ئەمما بىر قىسىم تىپىك مىساللىرى بىلەن دۇنياغا ئاشكارىلاندى. «لاگېردىكىلەرنىڭ 3 يىلدىن كېيىنكى ئاقىۋىتى ھەققىدە ئۇچۇر ۋە قاراشلار» ناملىق چاتما پروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى ئاخىرقى قىسمى مانا مۇشۇ تېمىدا ھازىرلاندى.

«قۇرئان كېرىم» نىڭ تەرجىمىسى قاتارلىق كاتتا ئەمگەكلىرى، تەربىيەلىگەن ياراملىق شاگىرتلىرى، يېتىلدۈرگەن ئۈلگىلىك پەرزەنتلىرى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلبىدە تەخت قۇرغان مۇھەممەد سالىھ داموللامنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى مىش-مىش گەپلەر بىلەن جەمئىيەتكە تارقىلىپ، تەخمىنەن 6 ئايچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن دەلىللەندى. ئۈرۈمچىدىكى پۈتۈن ئائىلە ئەزالىرىنىڭ لاگېرغا ئەكېتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن داموللامنىڭ ئۈرۈمچىدىكى بىر لاگېردا جان ئۈزگەنلىكى، ئۈرۈمچىدىكى غالىبىيەت ساقچىخانىسى تەرىپىدىن دەلىللەندى. ئۇنىڭ 2017 ‏-يىلىنىڭ بېشىدا لاگېرغا ئەكېتىلىپ يىل ئاخىرىدا جان ئۈزگەنلىكى مەلۇم، ئەمما ئۇنىڭ جەسىتىنىڭ قايسى خىل ھالەتتە كىملەر تەرىپىدىن نەلەرگە قويۇلغانلىقى تا ھازىرغىچە مەلۇم ئەمەس.

تەپسىلاتى...

لاگېر شاھىتى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن: «يۈرىكىمدىن ھازىرغىچە قان ئاقىدۇ» (2)

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

پروگراممىمىزنىڭ بىرىنچى قىسمىدا، تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇننىڭ كۈنەستىكى ئاتالمىش «تەربىيەلەش ئورنى» غا يىغىۋېلىنغاندىن كېيىن تارتقان كۈلپەتلىرى، ئىككىنچى قېتىم ئۇ ئورۇندىن يۆتكىلىپ، تېخىمۇ قەبىھ جازا لاگېرىغا كىرگەن كۈنى كۆرگەن قورقۇنچلۇق ئىشلار ھەققىدە مەلۇمات بەرگەنىدۇق. بۇ قىسىمدا ئۇنىڭ جازا لاگېرىغا كىرگەندىن كېيىنكى قاباھەتلىك كەچمىشلىرى ۋە يۈرىكىنى لەختە قىلغان ئازابلىق ئەسلىمىلىرى ھەققىدە قىسقىچە خەۋەر بېرىمىز.

تۇرسۇنئاي لاگېرغا قامالغاندىن كېيىن باشقا ئاياللارغا ئوخشاشلا بىر-بىرلەپ تارتىپ چىقىرىلىپ سوراق قىلىنغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ سوراقلار ئەمەلىيەتتە كىشىنى تەتۈر قىيناش، بىر ئامال قىلىپ جىنايەت ئارتىش، ئېتىراپ قىلمىسا قىيىن-قىستاققا ئېلىپ جازالاش، مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇش، تۆھمەتنامىگە مەجبۇرىي قول قويدۇرۇش جەريانى ئىكەن.

لاگېرغا كىرگەن ئاياللارغا ئارتىلغان ئاتالمىش «جىنايەت» لەر ھەققىدە توختالغان تۇرسۇنئاي جازاسى 5 يىلدىن تۆۋەن بولغانلارنىڭ قاماقتا قېلىپ، 5 يىلدىن يۇقىرى بولغانلارنىڭ تۈرمىگە ئەكىتىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ كۆپ بالىلىق بولۇش سەۋەبىدىن لاگېرغا قامالغان بىر ئايالنىڭ ئېغىر دەرىجىدە خورلانغانلىقىنى، ئاندىن ئۇزۇن يىللىق كېسىلىپ، تۈرمىگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى يىغلاپ تۇرۇپ سۆزلەپ بەردى.

تۇرسۇنئاي ئىلگىرى رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تۈرمىنىڭ ئىچىدىكى قاباھەتلەرنى ئاشكارىلىغانىدى. بۇنىڭ ئىچىدە لاگېردىكىلەرنى تۈزۈك تاماق بەرمەي قىيناش، ھاجەتخانىدا يېتەرلىك ۋاقىت بەرمەي قىيناش، كېچىسى بىر-بىرىگە پوست قويۇپ ئۇخلاتماي قىيناش، ئاياللارنىڭ چېچىنى كېسىۋېتىش، مەجبۇرىي ئۈزۈك سالدۇرۇش، كېچىسى ياش قىز-ئاياللارنى چاقىرتىپ ئېلىپ كېتىش… دېگەندەك قەبىھ جىنايەتلەر ھەممىگە مەلۇم بولغانىدى. بۇ قېتىمقى زىيارىتىمىزدە تۇرسۇنئاي بۇلارغا ئائىت تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەندىن باشقا يەنە لاگېردىكى بۇ قىيناشلارغا چىدىمىغان كېسەلچان ئاياللارنىڭ ھەممىدىن بەك قىينىلىدىغانلىقىنى، تېنىدە ئەسلىدىنلا كېسەللىك ياكى ئۆسمە بار ئاياللار ئاغرىپ، بەدىنىدىن قان ئېقىپ تۇرسىمۇ ساقچى-گۇندىپايلارنىڭ كارى بولمايدىغانلىقىنى، ئېچىنىش بىلەن تىلغا ئالىدۇ. بەزىدە ئىشىك ئالدىدا ساقچىلار سۆرەپ ئېلىپ ماڭغان ئۆلۈكلەرنى غىل-پال كۆرۈپ قالىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن بەلكىم بەزى ئاياللارنىڭ لاگېردىلا ئۆلۈپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتىدۇ.

تەپسىلاتى...

ئىلشات ھەسەن: لاگېرلارنىڭ سانى ئازايدى، كۆلىمى زورايدى، بىر مىليونچە تۇتقۇن يەنىلا لاگېرلاردا

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

لاگېردىكىلەرنىڭ ئۈچ يىلدىن كېيىنكى ئاقىۋىتى ھەققىدە ئۇچۇر ۋە قاراشلار (6)

ئىلاۋە:

ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلار ھەققىدە ئاشكارىلانغان دەسلەپكى خەۋەرلەردە، 30 كۋادرات مېتىر چوڭلۇقتىكى بىر ئۆيگە 60 نەچچە كىشى سولانغانلىقى، تۇتقۇنلار كېچىلىرى ئوڭدا ياتسا سىغمىغانلىقى ئۈچۈن يانتۇ يېتىشقانلىقى، ئاتالمىش مەكتەپلەرنىڭ كارىدورلىرىنىڭمۇ ياتاق قىلىنغانلىقى ئاشكارىلانغانىدى. نورمال نەپەس ئېلىشقىمۇ مۇمكىن بولمىغان بۇ ھايات قانداق ۋە قانچىلىك داۋام قىلدى؟ بەزى جايلاردا دائىرىلەر ئىلگىرى سۈرگەن تەربىيەلەش مەركەزلىرىنىڭ سىستېمىلاشقانلىقى ئەنە شۇ نەپەسلەرنىڭ بىرئاز ئازادە ئېلىنىش مۇمكىنچىلىكىدىن بېشارەتمۇ ياكى تېخىمۇ قىسىلىشىدىن بېشارەتمۇ؟

مانا بۇ سوئالغا جاۋابەن «لاگېردىكىلەرنىڭ 3 يىلدىن كېيىنكى ئاقىۋىتى ۋە قاراشلار» ناملىق چاتما خەۋىرىمىزنىڭ 6‏-قىسمىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

تەپسىلاتى...

ئامېرىكا بازارلىرىغا خوتەندىن كەلگەن گۈزەل چاچلار ئەسلى كىملەرنىڭ؟ (1)

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئېلان قىلغان رەسمىي بۇيرۇقىغا ئاساسەن، ئامېرىكانىڭ ھەر قايسى چېگرا ئېغىزلىرى، خوتەننىڭ لوپ ناھىيەسىدىكى «ھاولىن (خاۋلىن) چاچ قوشۇمچە بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتى» نىڭ تاۋارلىرىنى بىردەك تۇتۇپ قېلىشقا باشلىدى. ئامېرىكانىڭ بۇ چەكلىمىنى ئىجرا قىلىشىغا، «خاۋلىن» مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلىدىغانلىقى سەۋەب بولغان، ئەمما ئىنساننىڭ چېچىدىن ياسىلىپ، تا خوتەن لوپتىن ئامېرىكا بازىرىغىچە كىرگەن بۇ بۇيۇملارنىڭ خام ئەشيا زەنجىرىنىڭ لاگېرلارغا تۇتۇشۇش ئېھتىماللىقى ئوتتۇرىغا چىقارماقتا. مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ، بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرىنىڭ بىرىنچى قىسمىغا دىققەت قىلغايسىز.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مىليونلارچە كىشىنى لاگېرغا سولاش بىلەن تەڭ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىپادىسى ياخشى دەپ قارالغانلارنى «كەسىپكە چىقىرىش» دېگەن نامدا، خىتايلار مەبلەغ سالغان زاۋۇت-كارخانىلاردا مەجبۇرىي ۋە ھەقسىز ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىغا دائىر تەپسىلىي ئۇچۇرلار، يېقىنقى مەزگىللەردە كۆپلەپ ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى. لاگېر قورۇسى ئىچىگە ياكى يېقىن جايلاردىكى سانائەت رايونلىرىغا خىتايلار قۇرغان كىيىم-كېچەك، تۇرمۇش بۇيۇملىرى، تازىلىق بۇيۇملىرى، ماشىنا زاپچاشلىرى، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىقلارنى پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان زاۋۇت-كارخانىلارنىڭ لاگېرلادىكى تۇتقۇنلارنى مەجبۇرىي ۋە ھەقسىز ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى دەلىللەنمەكتە.

تەپسىلاتى...

لاگېر شاھىتى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن: «يۈرىكىمدىن ھازىرغىچە قان ئاقىدۇ» (1)

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇيغۇر دىيارىدا لاگېرلار مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىققان ئۈچ يىل مابەينىدە لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىقالىغان شاھىتلار خىتاينىڭ تەھدىت ۋە بېسىملىرىدىن قورقماي خەلقئارا جامائەتكە گۇۋاھلىق بېرىپ كەلدى ھەمدە خىتاينىڭ ئىنسانىيلىققا قارشى جىنايەتلىرىنى پاش قىلدى. ئەمما خەلقئارا جەمئىيەت خىتايغا قارشى يېتەرلىك بېسىم پەيدا قىلالمىدى، لاگېرلارمۇ تاقالمىدى. بەلكى كورونا ۋىرۇسى تۈپەيلىدىن خەلقئارانىڭ دىققەت نەزىرى بۇ نۇقتىدىن بۇرۇلۇپ كەتتى.

مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە لاگېر شاھىتلىرىدىن تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن بۇ يىل 29-ئاپرېل يۇتۇب قانىلىدا ئۆزىنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى بايان قىلدى. شۇندىن كېيىن بۇ ۋىدېيونىڭ تاراتقۇلاردا بەلگىلىك تەسىر پەيدا قىلىپ، كىشىلەرنىڭ لاگېرلار مەسىلىسىگە بولغان دىققىتىنى قايتىدىن قوزغىغانلىقى مەلۇم.

تۇرسۇنئاي بۇ ۋىدىيودا ئۆزىنىڭ قازاقىستانغا چىقىش ئالدىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تەلىپى بويىچە لاگېردا كۆرگەن-بىلگەنلىرىنى ئاشكارىلىماسلىق ھەققىدىكى ۋەدىنامىگە قول قويۇپ بەرگەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالتە قېرىندىشىنى خىتاينىڭ گۆرۆگە ئېلىۋالغانلىقىنى، ئەمما قازاقىستانغا كەلگەندىن كېيىن لاگېردىكى قاباھەتلىك كەچمىشلىرىنى ھېچ ئۇنتۇيالمىغانلىقىنى، ھەر قېتىم ئۇنى ئەسلىگىنىدە يۈرىكىنىڭ قان يىغلايدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

تۇرسۇنئاي لاگېردا قانداق زۇلۇملارغا، ئىنسانىيلىققا يات قىلمىشلارغا ۋە قىيىن-قىستاقلارغا شاھىت بولدى؟ ئۇ تا ھازىرغىچە ئۇنتۇيالمايدىغان قانداق ئازابلىق كەچمىشلەرنى باشتىن كەچۈردى؟ بىز بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۇنى مەخسۇس زىيارەت قىلدۇق. بۇ قېتىملىق زىيارەتتە تۇرسۇنئاي خىتاينىڭ لاگېردا ئېلىپ بارغان جىنايەتلىرى، بولۇپمۇ ئاياللارنى قانداق قەبىھ ئۇسۇلدا خورلىغانلىقى ۋە لاگېردىن چىققاندىن كېيىنكى كەچمىشلىرى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.

تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇننىڭ ئېرى قازاق بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى يولدىشى بىلەن بىرگە قازاقىستاندا ياشىغانلىقى ئۈچۈن گۇمانلىق دەپ قارىلىپ، 2017-يىل 4-ئايدا ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركىزى» گە يىغىۋېلىنغان. بۇ يەردە ئۇ چوشقا گۆشى يېيىشكە، ھاراق ئىچىشكە مەجبۇرلانغان، ئىككى ئاي تۇرۇش جەريانىدا ئاشقازىنى ئېغىر دەرىجىدە ياللۇغلىنىپ كېسەل بولۇپ قالغان. دوختۇرخانىدا بىر ھەپتە يېتىپ داۋالانغاندىن كېيىن ئائىلىسىگە قايتۇرۇلۇپ، «ئۆي قاماق» تا ياشىغان

تەپسىلاتى...