لاگېر ئوقۇتقۇچىسى قەلبىنۇر سىدىق: مەن ئۇ يەردە كۆرگەن قىرغىنچىلىق ئىچىمگە پاتمىدى (2)

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خەلقئارا جەمئىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىش بىلەن ئەيپلەش كۈچىيىۋاتقان بىر مەزگىلدە، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ۋە رادىئومىزدا تۇنجى سۈرىتىنى ئاشكارىلاشنى قارار قىلغان سابىق لاگېر ئوقۇتقۇچىسى قەلبىنۇر سىدىق خانىم، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ يەكۈنلىگەن ئىدى. ئۇ زىيارىتىمىز داۋامىدا بۈگۈن، مېڭە يۇيۇش، قانۇنسىز تۇتقۇن، تۇغۇت چەكلەش، قىيىن-قىستاق ۋە ئۆلۈم، باسقۇنچىلىققا ئوخشاش ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ۋەھشىيلىكلەر ھەققىدە، ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ۋە لاگېردا شاھىت بولغانلىرىنى ئاڭلاتتى.

مەن كۈلەلمەس بولۇپ قالدىم. . .

خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدە قۇرغان لاگېرىدا خىتاي تىلى ئۆگىتىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان قەلبىنۇر سىدىق، دەسلىپىدە ئۈرۈمچىدىكى ئەرلەر لاگېرىدا خىتاي تىلى ئۆگىتىش جەريانىدا 3000 دىن ئارتۇق مەھبۇسقا، ئارقىدىن يەنە بىر ئاياللار لاگېرىدا 10 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر قىز-ئاياللارغا ئىككى ئاي ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. لاگېرلاردا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرگە شاھىت بولغان قەلبىنۇر سىدىق، گەرچە خىتاينىڭ ئالقىنىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ گوللاندىيەدەك ئەركىن بىر دۆلەتتە ياشاۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ خاتىرىسىگە ئورناپ كەتكەن ئېگىز سىم توساقلىق تاملار، تەلەتى سەت قوراللىق گۇندىپايلار، پاياتلانغان دېرىزە، كىشەنلەنگەن پۇت-قوللار، چېچى چۈشۈرۈۋېتىلگەن باشلار، ئۇرۇشلار، ۋاقىراشلار ئۇ مەيلى نەگە بارمىسۇن، نېمىلا قىلمىسۇن ھېلىھەم ئۇنىڭغا ئەگىشىپ يۈرمەكتىكەن.

«مەن نېمىلا قىلاي، نەگىلا بارماي كۈلەلمەيدىغان بولۇپ قالدىم، خاتىرەمنى، يۈرۈگۈمنى يۇيۇپ مۇشۇلارنىڭ ھەممىنى پاك-پاكىزە چىقىرىۋەتكىلى بولسا كاشكى. . . .» دەيدۇ قەلبىنۇر.

تەپسىلاتى...

ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلارنىڭ شىددەت بىلەن كېڭىيىۋاتقانلىقى يېڭى ئەندىشىلەرنى قوزغىماقتا

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكىتى لاگېرلار مەسىلىسىنىڭ دۇنياغا مەلۇم بولۇشىغا ئەگىشىپ غايەت زور تەنقىدكە ۋە ئەيىبلەشكە دۇچ كەلگەندىن كېيىن خىتاي تېزدىن لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋالماقچى بولدى. ئەمما لاگېرلار ھەققىدىكى كۆپلىگەن ماددىي ئىسپاتلار ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئورۇنلارنىڭ لاگېر ئەمەس، بەلكى «كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشكە باشلىدى. شۇنىڭدەك 2019-يىلى دېكابىردا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ ئېغزىدىن «بۇ مەكتەپلەردىكى كۇرسانتلارنىڭ ھەممىسى تېگىشلىك بىلىملەرنى ئۆگىنىپ ئوقۇش پۈتتۈردى ھەمدە جەمئىيەتتىن بىر كىشىلىك خىزمەت تاپتى» دېگەن مەلۇماتنى تارقاتتى.

ھالبۇكى، مۇھاجىرەتتىكى مىڭلىغان ئۇيغۇرلار ئاللىقاچان ئاشۇ لاگېر سىستېمىسى يۇتۇپ كەتكەن سانسىز قوۋم-قېرىنداشلىرىنىڭ ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلىقى ھەققىدە كۆپلىگەن گۇۋاھلىقلارنى بەرگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئەھۋالنى يەنە بىر قېتىم ئىنكار قىلىپ، بۇ مەكتەپلەرنىڭ يېقىندىن بۇيان ئارقىمۇ-ئارقىدىن تاقىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەشكە ئۆتكەن ئىدى. 2020-يىلى 8-سېنتەبىردە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن: «مەن شۇنى سەمىڭلارغا سېلىپ قوياي: شىنجاڭدا ھېچقانداق ‹تەربىيەلەش لاگېرى› مەۋجۇت ئەمەس. پەقەت ‹كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى› بار. بۇ مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ جەمئىيەت قوينىغا قايتىپ كەلدى،» دېگەن ئىدى.

تەپسىلاتى...

لاگېر ئوقۇتقۇچىسى قەلبىنۇر: مەن ئۇ يەردە كۆرگەن قىرغىنچىلىق ئىچىمگە پاتمىدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

بۇ يىل 51 ياشقا كىرگەن، 20 يىلدىن ئارتۇق دەرس مۇنبىرىدە خىزمەت قىلغان قەلبىنۇر سىدىق ئۆزى سۆيگەن ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنىڭ ئاخىرقى يىلىنىڭ «لاگېر» دەپ ئاتىلىدىغان قاباھەتلىك ئورۇننىڭ ئوقۇتقۇچىلىقى بىلەن ئاخىرلىشىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىكەن.

چۈنكى ئۇ، 1990-يىلى ئۆزىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىنى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى كۈنى بولغان 9-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەر مەركىزىدىكى سايباغ رايونلۇق 24-باشلانغۇچ مەكتەپتە خىتاي تىلىدىن دەرس بېرىش بىلەن باشلىغان تۇنجى كۈنىدىن ئېتىبارەن، ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىگە بولغان ئىشتىياقى ئاشقانىدى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ ئۆزىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىدىكى ئەۋلاد تەربىيەلەش كەسىپچانلىقى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن ئۇيغۇر ئېلى مائارىپ سېپىدە تونۇلغان مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېرلارنى قۇرۇپ ئوقۇتۇش قابىلىيىتى جەھەتتىلا ئەمەس، بەلكى سىياسىي ئىدىيەسى ۋە ئائىلە ئارقا كۆرۈنۈشى جەھەتتىمۇ ئەڭ «ئىلغار» ئوقۇتقۇچىلارنى لاگېردا مېڭە يۇيۇش ئېلىپ بېرىشقا تاللاشقا باشلىغاندا، قەلبىنۇرنىڭ «ئىلغار ئوقۇتقۇچى» دېگەندەك بۇ ناملىرى ئۇنى «جازا لاگېرى» ئوقۇتقۇچىسى بولۇشقا ئايلاندۇرغان.

تەپسىلاتى...

ئاتۇشتىكى بىر كەنتتە تۆۋەن كاپالەت پۇلى ئېلىپ تۇرۇپ ناماز ئوقۇغان 10 كىشى «تەربىيەلەش» كە ئېلىپ كېتىلگەن

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئالدىنقى كۈنىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا ئاتۇشتىكى بىر كەنت ساقچىسى 65 ياشتىن يۇقۇرىلارنىڭلا ناماز ئوقۇش ياكى ئوقۇماسلىق ئەركىنلىكى بارلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. بۈگۈنكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا يەنە بىر كەنت ساقچىسى تۆۋەن كاپالەت پۇلى ئېلىۋاتقانلارنىڭ يېشى قانچە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ناماز ئوقۇشىغا رۇخسەت يوقلۇقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ يەنە ئۆز تەۋەلىكىدىن تۆۋەن كاپالىتى ئېلىپ تۇرۇپ ناماز ئوقۇغان 10 كىشىنىڭ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى دەلىللىدى.

خىتاي دائىرىلىرى ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر رايونىدا كۆپ ساندا كىشىگە تۇرمۇش تۆۋەن كاپالەت پۇلى بېرىۋاتقانلىقى، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنى پۇقرالىق ھەق-ھوقۇقلىرىدىن بەھرىمەن قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. ئالاقىدار خادىملارنىڭ بايانلىرىدىن، دائىرىلەرنىڭ تۆۋەن كاپالەت پۇلىنى ۋاسىتە قىلىپ تۇرۇپ، كىشىلەرنى ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى. ئاتۇشتىكى بىر كەنت ساقچىسىنىڭ بايان قىلىشىچە، 65 ياشتىن ئاشقانلارنىڭلا ناماز ئوقۇشىغا يول قويغان دائىرىلەر «دۆلەتتىن پۇل ئېلىۋاتقانلار دىنغا ئىشەنمەسلىكى كېرەك» بەلگىلىمىسى بويىچە، يېقىنقى 3 يىلدا تۆۋەن كاپالەت پۇلى ئېلىۋاتقانلارنىڭ يېشى قانچە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنى ناماز ئوقۇشتىن چەكلىگەن. ئەگەر ناماز ئوقۇغانلىقى بايقىلىپ قالسا، تۆۋەن كاپالەت پۇلى كېسىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە «تەربىيەلەش» كە ئېلىپ كېتىلگەن

تەپسىلاتى...

غايىپ غوپۇر ھاپىزنىڭ ئۆلۈمى ئىككى يىلدىن كېيىن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومېتىتى ئارقىلىق ئېنىقلانغان

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا
 
8-سېنتەبىر ئاۋسترالىيە ۋاقتى كېچىدە ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېي شەھرىدە تۇرۇشلۇق شائىرە ۋە پائالىيەتچى پاتىمە غوپۇر ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا دادىسىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلاتتى. ئۇ 3 مىنۇتلۇق سىن فىلىمى ئارقىلىق ئۇزۇندىن بۇيان ئىز-دېرىكىنى ئالالمىغان دادىسى غوپۇر ھاپىزنىڭ ئىككى يىل ئىلگىرىلا ۋاپات بولغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بۇ ئۆلۈم خەۋىرىنى تېخى نەچچە مىنۇتنىڭ ئالدىدا بىلگەنلىكىنى يىغلاپ تۇرۇپ، ئېنگىلىز تىلىدا ئاڭلاتتى.

ئېغىر مۇسىبەت ئىچىدىكى پاتىمە خانىم 16-سېنتەبىر كۈنى ئاۋسترالىيەدىن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 8-سېنتەبىر يېرىم كېچىدە ئۇنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ «مەجبۇرى غايىب قىلىۋېتىلگەنلەرنى ئېنىقلاش» گۇرۇپپىسىغا 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى يازغان خېتىگە جاۋاپ كەلگەن. ئېلخەتتە ئۇنىڭ بۇ يىل 63 ياشقا كىرگەن ئاپىسى روشەنگۈل ئابدۇرېھىم خانىمنىڭ قەشقەردە ئۆز ئۆيىدە نورمال ياشاۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ئەمما مەزكۇر خەتتە 2016-يىلى 4-ئايدىن بۇيان پاتىمە بىلەن ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قالغان، 2017-يىلى لاگېرغا قامالغانلىقى مەلۇم بولغان دادىسى غوپۇر ھاپىزنىڭ 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۆپكە تۇبېركۇليۇزى، يەنى سىل كېسىلى بىلەن ۋاپات بولۇپ كەتكەنلىكى ئالاھىدە ئۇقتۇرۇلغان.

تەپسىلاتى...

پېتىر ئىرۋىن: «خىتاي ھۆكۈمىتى ‹ئاق تاشلىق كىتاب› ئارقىلىق مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئېتىراپ قىلدى»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

شىنخۇا تورىنىڭ 17-سېنتەبىر بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئۇچۇر ئىشخانىسى 17-سېنتەبىر كۈنى «شىنجاڭدىكى ئەمگەك ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ كاپالىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلغان.

«ئاق تاشلىق كىتاب» تا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ 2014-يىلدىن 2019-يىلغىچە ھەر يىلى 1 مىليون 300 مىڭغا يىقىن كىشىگە «كەسپىي تەربىيەلەش» ئېلىپ بارغانلىقى ۋە بۇ ھەقتىكى سان-سىفىرلار ئېلان قىلىنغان.

كۆزەتكۈچىلەر، بېيجىڭنىڭ «بۇ ئاق تاشلىق كىتاب» نى ئېلان قىلىشى تۇنجى قېتىم ئاتالمىش «تەربىيەلەش» لاگېرلىرىنىڭ كۆلىمىنى «ۋاسىتىلىق ئېتىراپ قىلغانلىقىدۇر» دەپ قاراشماقتا.

«جەنۇبى خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتى 17-سېنتەبىر ئاق تاشلىق كىتاب ھەققىدە بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، ماقالىدە ئىسىمنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر تەتقىقاتچى مۇنداق دېگەن: «ئەگەر خىتاينىڭ 2014-يىلى باشلانغان ‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش› سىياسىتىدىن باشلاپ ھېسابلىغاندا، 2019-يىلغىچە ھەر يىلى تەربىيەلىنىۋاتقان 1 مىليون 300 مىڭ كىشىنىڭ سانى غەرب تەنقىدچىلىرى مۆلچەرلىگەن لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلارنىڭ سانىغا ئىنتايىن يېقىن كېلىدۇ.»

تەپسىلاتى...

ئەنگلىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىياردىكى جازا لاگېرلىرىنى تەكشۈرۈشنى قارار قىلغان

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا
 
ئەنگلىيە پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتى 16-سېنتەبىر خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىنى تەكشۈرۈشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشىدا تەكىتلىشىچە، مەزكۇر كومىتېت 10-ئاينىڭ 30-كۈنىگە قەدەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىغا ئائىت دەلىللەرنى توپلاپ كۆزدىن كەچۈرىدىكەن، شۇنداقلا ئەنگلىيە شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن پايدىلىنىشىنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا قانداق ياردەم قىلىش، بۇ خىل قەبىھلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش مېخانىزمىنى قانداق كۈچەيتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن.

ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى تام تيۇگېنخاتنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ تەكشۈرۈش ئەڭىلىيەنىڭ نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئاللارنى مەركەز قىلىدىكەن. تام تيۇگېنخات 16-سېنتەبىر ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا: «ۋەھالەنكى، بىزدە ھازىر ئاتالمىش ‹قايتا-تەربىيەلەش› لاگېرلىرىدا بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق، ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان پاكىتلارلار بار،» دېگەن.

تەپسىلاتى...

ئامېرىكاغا كىرىشى چەكلەنگەن جوۋەن كىيىم-كېچەك شېركىتىنىڭ لاگېر بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن كارخانا ئىكەنلىكى دەلىللەندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1 مىليوندىن 3 مىليونغىچە ئۇيغۇرنى «كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ ئاتىۋالغان يىغىۋېلىش لاگېرىدا خورلىغاندىن باشقا يەنە تۈرمە شەكلىدىكى كارخانىلاردا مەجبۇرىي يوسۇندا ھەقسىز ئىشلىتىۋاتقانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارنىڭ ئىسپاتلىنىشى بىلەن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا ئىشلەنگەن خىتاي مەھسۇلاتلىرىنى چېگرادا تۇتۇپ قېلىش بۇيرۇقى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكانىڭ بۇ يېڭى «تۇتۇپ قېلىش بۇيرۇقى» تىزىملىكىگە كىرگەن «ئىلى جوۋەن كىيىم-كېچەك ئىشلەپچىقىرىش چەكلىك شىركىتى» ئالاھىدە دىققىتىمىزنى قوزغىدى. چۈنكى «جوۋەن كىيىم-كېچەك بويۇملىرى شىركىتى» دېگەن نام يېقىندا بىر ئاڭلىغۇچىمىزدىن تاپشۇرۇپ ئالغان ئۇچۇردىمۇ تىلغا ئېلىنغان ئىدى.

ياۋروپادىن ئىسمىنى ئاشكارلىماسلىق شەرتى بىلەن ئۇچۇر بەرگۈچى بۇ ئۇيغۇر ئۆز سىڭلىسىنىڭ 2 يىلدىن بۇيان غۇلجا ناھىيەسىگە قۇرۇلغان «جوۋەن كىيىم-كېچەك شېركىتى» دە مەجبۇرىي ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

تەپسىلاتى...

قەشقەردە «كەسپىي تەربىيىلەش» تىن چىققان تەجرىبىلىك شوپۇر ئەركىن ھاشىم ھامماللىق قىلماقتا

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاي ئاخبارات ئورگانلىرى ئاتالمىش كەسپىي تەربىيىلەش مەركەزلىرىدە تەلىم ئالغانلارنىڭ، يېڭى كەسىپلەرنى ئۆگەنگەنلىكى ۋە ئەمگەك ماھارىتىنىڭ ئۆسكەنلىكى، شۇنداقلا ياخشى ئىش ئىمكانلىرىغا ئېرىشىپ ئىقتىسادىي كىرىمىنىڭ يۈكسەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. قەشقەرگە قارىتا ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا قەشقەر پاختەكلىدە ئىلگىرى مۇستەقىل يۈك توشۇش مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈپ كېتىۋاتقان تەجرىبىلىك شوپۇر ئەركىن ھاشىمنىڭ لاگېرغا كىرىپ-چىققاندىن كېيىن نۆۋەتتە قەشقەردىكى بىر خىتاي يۈك توشۇش شىركىتىدە ھامماللىق قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.

قەشقەر ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى، قەشقەر پاختەكلىدە ئولتۇرۇشلۇق تەجرىبىلىك شوپۇر ئەركىن ھاشىمنىڭ 2017 ‏-يىلنىڭ بېشىدا لاگېرغا ئېلىپ كېتىلىپ 2019 ‏-يىلى قويۇپ بېرىلگەنلىكى، ئىلگىرى يۈك توشۇش ماشىنىسىدا شەھەرلەر ئارا قاتناپ، يەنى ئۆز ئالدىغا يۈك توشۇش مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ ياخشى پۇل تېپىۋاتقان ئەركىن ھاشىمنىڭ لاگېردىن چىققاندا، پۈتۈن مال-مۈلكىدىن ئايرىلىپ بولغان بولغاچقا، قەشقەر شەھىرىدىكى بىر يۈك توشۇش شىركىتىدە ھامماللىق قىلىۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلدى. دېيىلىشىچە ئەركىن ھاشىم لاگېرغا ئەكېتىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئايالى، ئانىسى ۋە ئىككى بالىسى بولۇپ ئائىلىدىكى 4 جان بېقىشسىز قالغان. دەسلەپكى يىلى بۇ ئائىلە ئەركىن ھاشىمنىڭ ساقلاپ قويغان پۇللىرىنى بىلەن كۈن ئۆتكۈزگەن بولسا، ئىككىنچى يىلىغا كەلگەندە، ئائىلىنىڭ بىردىنبىر كىرىم مەنبەسى بولغان يۈك توشۇش ماشىنىسىنى سېتىشقا مەجبۇر بولغان. شۇڭا ئەركىن ھاشىم لاگېردىن چىققاندىن كېيىن ئىقتىسادىي ھاياتتا ئىشنى نۆلدىن باشلاشقا توغرا كەلگەن. بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، پاختەكلىدىكى بىر ساقچى خادىمى، ئەركىن ھاشىمنىڭ ئەسلىدە بىر شوپۇر ئىكەنلىكى، لاگېرغا ئەكېتىلىشتىن ئاۋۋال ئىشلىرىنىڭ ياخشى يۈرۈشۈپ كېتىۋاتقان ھالەتتە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ يەنە ئەركىن ھاشىمنىڭ ئىككى يىل لاگېردا يېتىپ چىققانلىقىنى تىلغا ئالدى.

تەپسىلاتى...

كورلادا تۈرمىگە سىغمىغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ جازا مۇددىتىنى سىرتتا ئۆتەۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

رادىيومىزغا كەلگەن بىر ئىنكاستا كورلادا دائىرىلەرنىڭ لاگېرلارنى ئىخچاملاش ئۈچۈن لاگېرىدىكىلەر ئۈستىدىن جازا ھۆكۈمى ئېلان قىلىپ تۈرمىلەرگە يوللاۋاتقانلىقى، ئەمما مەھكۇملار سانىنىڭ كۆپلۈكى سەۋەبىدىن تۈرمىلەرگە سىغمايۋاتقانلىقى مەلۇم قىلىنغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا كورلادىكى بىر كوچا باشقارمىسىدىن لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلەردىن 25 كىشىنىڭ 3 يىللىقتىن كېسىلىپ، جازاسىنى 5 يىلدىن كېيىن ئىجرا قىلىش ئۈچۈن قويۇپ بېرىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى. قانۇن ساھەسىدىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي قانۇنىدا ئادەتتە جازا مۇددىتىنى كېچىكتۈرۈشنىڭ پەقەت ئۆلۈم جازالىرى ئۈچۈنلا چىقىرىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، كورلادىكى بۇ جازانىڭ تۈرمىلەردە بوش ئورۇن قالمىغانلىقىنىڭ ئالامىتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرىنىڭ رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، دائىرىلەر كورلادا لاگېرلارنى ئىخچاملاش ئۈچۈن لاگېردىكى زور بىر تۈركۈم تۇتقۇنلار ئۈستىدىن جازا ھۆكۈمى چىقىرىپ تۈرمىلەرگە يوللىغان. لاگېردىكى كىشىلەرنىڭ كۆپلۈكى سەۋەبىدىن، توپ-توپ ھالەتتە يوللانغان بۇ مەھكۇملارغا تۈرمىلەردىمۇ ئورۇن قالمىغان. نەتىجىدە جازاسى نىسبەتەن يېنىك بولغان بىر قىسىم كىشىلەر جازاسىنى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش ئۈچۈن شەرتلىك ھالدا قويۇپ بېرىلگەن. ئۆز ئائىلىسىدە يېتىپ-قوپۇشتىن باشقا ئەركىنلىكى بولمىغان بۇ كىشىلەر، ئۈستىدىكى نازارەتنىڭ كۈچلۈكلۈكى سەۋەبىدىن ئىش تېپىش، يەنى تىرىكچىلىك قىلىشتا زور قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن.

تەپسىلاتى...