دوكتورانت رابىيگۈلنىڭ ئاتا-ئانىسى «قوشنىسىغا دىنىي تەبلىغ پلاستىنكىسى بەرگەنلىكى» ئۈچۈن لاگېرغا تۇتۇلغان

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرە شەھىرىدىكى ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرىستىدا تۈركولوگىيە كەسپىدە ئوقۇۋاتقان دوكتورانت ئوقۇغۇچى رابىيگۈل خىتاينىڭ لاگېرىغا قامالغان ئاتا-ئانىسى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بىر سىن كۆرۈنۈشى تارقاتتى.

بىز رابىيگۈلنىڭ ئاتا-ئانىسى توغرىسىدا مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن رابىيگۈل بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.

رابىيگۈل ئاتا-ئانىسىنىڭ لاگېرغا قامالغانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ، دادىسى ھېيتھاجى قاسىم (57 ياش) ۋە ئانىسى تۇخان ھاجىنىڭ (52 ياش) كورلا شەھىرى خوتۇنسۇمبۇل «خېجىڭ» ناھىيەسى قارامۇدىن بازىرى ئۇلاغ بازىرى كەنت 15-ئۆيدىن 2017-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

تەپسىلاتى...

ئاقسۇ شەھەرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى كېڭەيتىلىپ لاگېر قىلىنغان

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئاقسۇ شەھەر سىرتىغا قۇرۇلغان ئىككى چوڭ لاگېرنىڭ سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى ھەققىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا تېپىلغان پاكىتلار، بۇ لاگېرنىڭ بىرىنىڭ ئەسلىدىكى ئاقسۇ شەھەرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىنى كېڭەيتىپ ياسالغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. بۇنىڭدىن باشقا يەنە بۇ لاگېرلار ياسالغان ئوخشاش ۋاقىتتا، ئاقسۇ ئايرودرومىدا ئادەم ئىچكى ئەزاسى يېشىل كارىدورى ئېچىلغانلىقىدەك ئامىللار پاش بولدى. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ نەزىرىدە بۇلار، خىتاينىڭ ئادەم ئىچكىرى ئەزالىرىنى يۆتكەش جىنايەتلىرىنىڭ دەلىلى بولالايدىكەن. مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە مەلۇمات بېرىدۇ.

ئاقسۇ شەھىرى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىنىڭ شەرقىگە 900 مېتىر كېلىدىغان يول بويىغا 2017-يىلىدىن باشلاپ قۇرۇلغان لاگېر ھەققىدە، ئۇنىڭ ئورنى ۋە ئەتراپىدىكى جايلارنى ئىنچىكىلەپ تەكشۈرۈشلىرىمىزدىن ئاقسۇ شەھەرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىنىڭ دەل بۇ لاگېرنىڭ مەركىزى قىسمىدا ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى. ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارپىنىڭ دىرېكتورى بەختىيار بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «2003-يىلىدىن باشلاپ خاتىرىلەنگەن سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىدىن باشلاپ بۇ دوختۇرخانا ئەتراپىدىكى قۇرۇلۇش ۋە ئۆزگىرىشلەرنى سېلىشتۇرغاندا، 2017-يىلىغا قەدەر، بۇ جايدا مەزكۇر دوختۇرخانا بىناسىدىن باشقا قۇرۇلۇش يوق بولۇپ، لاگېر مۇشۇ دوختۇرخانىنى مەركەز قىلىپ قۇرۇلغانلىقىنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ ھەم بۇ جاي داۋانلىق كېڭەيتىپ قۇرۇلماقتىكەن».

تەپسىلاتى...

ئاقسۇدىكى ئىككى لاگېرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر جەسەت كۆيدۈرۈش ئورنى بايقالدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

 

نورۋېگىيەدىكى «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپى» بايقىغان ئاقسۇ شەھىرىدىكى لاگېرنىڭ ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى جەسەت كۆيدۈرۈش ئورنىنىڭ سۈنئىي ھەمراھىدىن تارتىلغان سۈرىتى. 2020-يىلى نويابىر.

نورۋېگىيەدىكى «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپى» تەمىنلىگەن «Google Earth Pro» سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى، 2017-يىلدىن 2019-يىلغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە تارتىلغان.

سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىدىن لاگېرلارنىڭ 2017-يىلى قۇرۇلۇشقا باشلىغان بولسا 2018-يىلدىن باشلاپ لاگېرلارنىڭ يېنىغا غايەت زور زاۋۇتلار قۇرۇلۇشقا باشلىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ تۇرىدۇ.

مەزكۇر ئورۇننىڭ دىرېكتورى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى: «مۇئەللەقتىن تارتىلغان بۇ سۈرەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە قۇرغان ئاتالمىش ئىختىيارىي تەربىيىلەش، كەسپىي تەربىيىلەش مەركەزلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە تۈرمە شەكىلدە باشقۇرۇۋاتقان جازا لاگېرلىرىلا بولۇپ قالماي، خىتاينىڭ لاگېر سىياسىتىنىڭ 2018-يىلىدىن باشلاپ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەنلىكىنىڭ ئىنكار قىلغۇسىز ئىسپاتى» دەپ قارايدۇ.

ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپىنىڭ بايقاشلىرى، خەلقئارادىكى لاگېرلار ھەققىدە مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسنىڭمۇ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتماقتا. كوممۇنىزم قۇربانلىرى فوندىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور ئادرىئان زېنز، بۇ بايقاشلار ھەققىدە گېرمانىيە BILD ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە تىۋىتتېرىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ: «بۇ لاگېرنىڭ ئىزى تەخمىنەن 72 مىڭ كۋادرات مېتىر، زاۋۇت رايونى (ناھايىتى ئېگىز تاملار بىلەن قورشالغان) يەنە 27 مىڭ كۋادرات مېتىر. 2018-يىلدىن 2019-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا قۇرۇلغان، بۇنىڭغا ھەممە ئادەم ئېرىشەلەيدۇ» دەپ يازغان.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دوكتور ئادرىئان زېنز، سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىگە قارىتا ئانالىزىنى مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: «مېنىڭ قارىشىمچە، بۇنىڭ ئالدىدا بايقالغان لاگېر ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە دائىر باشقا ئارخىپ ۋە ماتېرىياللار ھەمدە شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىقلىرىمۇ ھەممىگە مەلۇم. ئاپېلسىن رەڭلىك فورما كىيگەن 1000 دىن ئارتۇق لاگېر مەھبۇسلىرىنىڭ لاگېر ۋە زاۋۇت بىناسىنىڭ ئالدىدا تىزىلغان بۇ سۈرەتلىرى ئۇيغۇر رايونىدا داۋام قىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەكنى كۆز بىلەن كۆرسىتەلەيدىغان ئىنتايىن مۇھىم بىر پاكىت».

تەپسىلاتى...

جازا لاگېرلىرىنىڭ ئورنىنى تۈرمىلەر ئىگىلەۋاتامدۇ؟

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۈرمىلەرنىڭ كۆلىمىنىڭ بارغانسېرى كېڭىيىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

8-نويابىر گېرمانىيەنىڭ NTV ناملىق تېلېۋىزىيە قانىلى «خىتاي ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى قانداق پروگراممىلاۋاتىدۇ؟» ناملىق بىر خەۋەرنى ئېلان قىلغان. خەۋەردە خىتاي ھاكمىيىتىنىڭ ئاتا-ئانىسى جازا لاگېرلىرىغا ياكى تۈرمىلەرگە قامىلىپ يېتىم قالغان 900 مىڭ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى يىغىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ مېڭىسىنى «پروگراممىلاۋاتقانلىقى»، يەنى ئۇلارنىڭ مېڭىسىدىن ئۇيغۇر كىملىكىنى يۇيۇپ چىقىرىۋېتىپ، خىتايلاشتۇرىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

9-نويابىر گېرمانىيەدە نەشردىن چىقىدىغان «يېشىل تىنچلىق» ناملىق قوش ئايلىق ژۇرنال «خىتاينىڭ غەربىي-شىمالىدىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ ئورنىنى ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ئىگىلىمەكتە» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىدا خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا «ئوقۇش پۈتتۈرگەن» لەر ياكى تۇتقۇندىكى ئۇيغۇرلاردىن 10 مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ 5 يىللىقتىن باشلاپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا قەدەر بولغان يۇقىرى قاماق جازالىرىغا مەھكۇم بولغانلىقى بايان قىلىندى.

تەپسىلاتى...

«ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپى» لاگېر، زاۋۇت ۋە مەھبۇسلار ئىپادىلەنگەن سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىنى ئاشكارىلىدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

نورۋېگىيەدىكى «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپى» ئاقسۇ شەھىرىدە ئىككى ۋە كورلىدا يەنە بىر جەمئىي 3 لاگېرنىڭ سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىنى تاپقان. سۈرەتلەرنىڭ بەزىلىرىدىن ئاپېلسىن ۋە كۈك رەڭلىك كىيىم كىيگەن مەھبۇسلارنىڭ جازا لاگېرىدىن سەپ-سەپ بولۇپ، لاگېرغا يانداش سېلىنغان زاۋۇت سېخلىرىغا ئېلىپ مېڭىلغانلىقى ئاشكارىلانغان. بۇ سۈرەتلەردىن يەنە لاگېرلارغا يىراق بولمىغان جايدا جەسەت كۆيدۈرۈش ئورۇنلىرىنىڭ بارلىقى مەلۇم بولغان. ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە دىرېكتورى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى، رادىئومىز بىلەن لاگېر، مەھبۇس ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك باغلانغان بۇ ئىسپاتلىق ماتېرىياللارنى ئورتاقلاشتى. گۈلچېھرە مەلۇمات بېرىدۇ.

ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپى رادىيومىز بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئاقسۇ شەھىرى ۋە كورلا شەھىرى ئەتراپىدا قۇرۇلغان لاگېرلار ھەققىدىكى يىغقان سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىنى ئورتاقلاشتى. بۇ سۈرەتلەرنىڭ بىرىنچى قىسمى، ئاقسۇ شەھىرى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىنىڭ شەرقىگە 900 مېتىر كېلىدىغان يول بويىغا قۇرۇلغان لاگېرغا تەۋە بولۇپ، بۇ لاگېرىنىڭ سۈرەتلىرى 2018-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى تارتىلغان.

بۇ لاگېر ھەققىدىكى بىر سۈرەتنىڭ بىر قىسمىدا 1200 ئەتراپىدىكى ئاپېلسىن رەڭلىك مەھبۇس كىيىمى كىيگەن كىشىلەرنىڭ لاگېر رايونىدىن چىقىپ مەجبۇرىي ئەمگەك رايونىغا ئۆتۈۋاتقان بىر كۆرۈنۈشى بايقالغان. مەجبۇرىي ئەمگەك بىرلەشتۈرۈلگەن بۇ لاگېرنىڭ سۈرىتىدە، يۇقىرى بىخەتەرلىك دەرۋازىسىدىن تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈپ، مەجبۇرىي ئەمگەك زاۋۇتىغا قاراپ يالاپ ئېلىپ مېڭىلغان بۇ ئادەملەرنى ۋە ئەتراپتىكى كۆزەتكۈچى ۋە ساقچىلارنىمۇ سانىۋالغۇدەك دەرىجىدە پەرقلەندۈرۈش مۇمكىن ئىكەن.

تەپسىلاتى...

قايسى سانغا ئىشىنىش كېرەك؟

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاينىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى قامىغان لاگېرلار ھەمدە مەجبۇرىي ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن ئىچكى ھۆججەت ۋە ماددىي ئىسپاتلار تاشقى دۇنياغا ئاشكارا بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇشىنى «قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاشقا يۈزلىنىۋاتقان بىر پەتتە، خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى لاگېرغا مۇناسىۋەتلىك ئوخشىمىغان سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلىپ كەلمەكتە. مۇتەخەسسىسلەر بولسا بۇنى «خىتاينىڭ لاگېر ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە پەرقلىق سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلىپ خەلقئارا جەمئىيەتنى قايمۇقتۇرۇش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا» دەپ ئانالىز قىلماقتا. بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلار ھەققىدە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە تەييارلىغان مەلۇمات دېققىتىڭلاردا بولسۇن.

خىتاي ھۆكۈمىتى دەسلەپتە مىليونلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇر ۋە باشقىلار قامالغان جازا لاگېرلىرىنى ئېتىراپ قىلمىغان بولسىمۇ، لاگېر ھەققىدىكى ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىشى، ئۆلۈم لاگېرىدىن قۇتۇلۇپ چىققان شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىقى ئالدىدا زۇلۇملىرىنى يوشۇرالماس ھالغا يەتكەندە بولسا لاگېرلارنى «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەربىيەلەش مەركىزى»، «كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ ئاتاپ دۇنيانى ئالداشقا باشلىغانىدى.

تەپسىلاتى...

ئۇچتۇرپان ئىماملىرىمدىكى جامبىزىم كوچىسىدىن لاگېرغا ئەكېتىلگەن 17 كىشىدىن ئۈچى ئۆلگەن، ئۈچى مېيىپ بولغان

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

رادىيومىزغا كەلگەن بىر ئىنكاسقا ئاساسەن مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا ئۇچتۇرپاننىڭ ئىماملىرىم يېزىسىدىكى ئۇزۇنلۇقى بىر كىلومېتىرچە كېلىدىغان، نوپۇسى 180 ئەتراپىدا بولغان جامبىزىم ناملىق بىر كوچىدىن 3 يىلنىڭ ئالدىدا 17 كىشى لاگېرغا ئەكېتىلگەن. نۆۋەتتە بۇلاردىن ئۈچى لاگېردا جان ئۈزگەن، ئۈچى لاگېردىن مېيىپ چىققان، بەش نەپىرى كېسىۋېتىلگەن، ئىككى نەپىرى زاۋۇتقا يوللانغان، قالغان 5 نەپىرىنىڭ ئىز-دېرىكى غايىب بولغان.

ئۇچتۇرپانلىق مۇھاجىرلاردىن بىرى رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، يۇرتى ئۇچتۇرپان ئىماملىرىمدىكى جامبىزىم ناملىق كىچىككىنە بىر كوچىدىن 20 نەچچە كىشىنىڭ لاگېرغا ئەكېتىلگەنلىكى ۋە بۇلاردىن ئۈچ كىشىنىڭ لاگېردىن جەسىتى چىققانلىقىنى مەلۇم قىلغان ئىدى. بىز بۇ ئۇچۇرنى دەلىللەش ئۈچۈن ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ۋە ئۇنىڭ ئىماملىرىم يېزىسىدىكى بىر قىسىم ئالاقىدار خادىملارغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىماملىرىمدىكى بىر كەنت ساقچىسى مەزكۇر ئىنكاستا دېيىلگەن جامبىزىم كوچىسىنىڭ بىر كىلومېتىرچە ئۇزاقلىقتا ئىكەنلىكى ۋە نوپۇسىنىڭ 180 ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

تەپسىلاتى...

ئۇچتۇرپاندا سابىق ۋالىبول كوماندا ھۇجۇمچىسى ئابلەت باۋۇدۇن لاگېردا يېتىپ ھاساتاياقلىق بولۇپ چىققان

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئۇچتۇرپان ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ سابىق ۋالىبول كوماندا ھۇجۇمچىسى ئابلەت باۋۇدۇن، 2017-يىلى يىل بېشىدا لاگېرغا ئەكېتىلىپ، ئىككى يىلدىن كېيىن بۆرىكىدىن چاتاق چىققان ۋە بەدەنلىرى ئىششىشقا باشلىغان. ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى كۈندىن-كۈنگە يامانلىشىپ لاگېرىنىڭ مەشغۇلاتلىرىغا ماسلىشالمىغاندىن كېيىن كېپىللىككە قويۇپ بېرىلگەن. تېخى ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا بىر مېتىر 90 سانتا ئېگىزلىكتىكى بويى، كېلىشكەن تەقى-تۇرقى ۋە ۋالىبول مەيدانىدىكى چەبدەس ھەرىكەتلىرى بىلەن تاماشىبىنلارنىڭ ھەۋىسىنى قوزغاپ كەلگەن ئابلەت باۋۇدۇن، نۆۋەتتە ئىككى قولتۇقى ھاساتاياقتىكى ئاجىزانە ھالىتى بىلەن ئۇرۇق-تۇغقان ۋە مەھەللە كويلىرىنىڭ يۈرىكىنى ئەزمەكتە.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇچتۇرپانلىقلاردىن بىرى بىر شەخسىي سۆھبىتىمىز داۋامىدا، ئۇچتۇرپان ئىماملىرىمدىكى بىر ۋالىبولچى ياشنىڭ لاگېردا ئىككى يىل يېتىپ ھاساتاياقلىق بولۇپ چىققانلىقىنى تىلغا ئالغانىدى. بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان، ئۇچتۇرپان ئىماملىرىمدىكى بىر كەنت ئامانلىق مۇدىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇچتۇرپاندىكى سابىق ۋالىبول كوماندا ھۇجۇمچىسى ئابلەت باۋۇدۇن، 2017 ‏-يىلى لاگېرغا تۇتۇپ كېتىلىپ، 2019-يىلىنىڭ ئاخىرى كېپىللىككە قويۇپ بېرىلگەن. لاگېرغا ۋالىبول مەيدانىدا توپ ئۇرۇۋاتقان مەزگىلىدە تۇتۇپ ئەكېتىلگەن ئابلەت باۋۇدۇن، كېپىللىككە قويۇپ بېرىلگەندە ئىككى قولتۇقى ھاساتاياقلىق ھالەتتە ساقچىلارنىڭ نازارىتىدە ئۆيىگە كىرگەن. دېيىلىشىچە، بۆرىكى زەخىملەنگەن ئابلەت باۋۇدۇن بىر يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان ئۇنىڭ يۈز-كۆزىدىكى ئىششىق تېخى يانمىغان، ئىششىق بەزىدە پۈتۈن بەدىنىگە تارقالغان.

تەپسىلاتى...

لاگېر ئوقۇتقۇچىسى قەلبىنۇر: مەن ئۇ يەردە كۆرگەن قىرغىنچىلىق ئىچىمگە پاتمىدى (4)

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاي ئۇيغۇر دىيارىدا لاگېرلارنى قۇرۇشتىن بۇرۇنلا رايوندا قوزغىتىلغان «قوشماق تۇغقانلىشىش» سىياسىتى، خىتاي ھۆكۈمىتى چېن چۇئەنگونى تىبەتتىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا 2016-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرى يۆتكەپ كەلگەندىن كېيىن، «بەشتە بىر بولۇش» تەدبىرى ئارقىلىق يېڭى بىر باسقۇچقا كىرگەن. بىر مىليون كادىر سەپەرۋەر قىلىنىپ «قوشماق تۇغقانلىشىش» نى ئىجرا قىلىدىغان خىتاي كادىرلارنىڭ ئىككىنچى سېپى شەكىللەنگەن. 2017-يىلى مايدا، خىتاي ھۆكۈمىتى «بەش بىللە بولۇش» ناملىق يېڭى پروگراممىنى ئېلان قىلدى.

لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىقنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەسلىدىلا ھەر يىلى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىق ئېيى قىلىپ بېكىتىلگەن 5-ئايدىكى بىر ئايغا سوزۇلىدىغان پائالىيەتلەردە، ئۇلار خىتايلار بىلەن ئادەتتە بىللە ئېلىپ بارمايدىغان، ئۇسسۇل ئويناش، ناخشا ئېيتىش، تاماق ئېتىپ يېيىش، سوغات بېرىش، ئۆيىگە مېھمانغا بېرىش دېگەندەك ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ كەلگەن. بۇ سۈنئىي ئىتتىپاقلىق كەلتۈرگەن بىزارلىق يەتمىگەندەك، 2017-يىلىغا كەلگەندە خىتاي كادىرى تۇغقان بولۇپ كىرمىگەن بىرمۇ ئۇيغۇر ئائىلىسى قالمىغان. دائىرىلەر بۇنىڭدىكى مەقسەتنى «بۆلگۈنچىلىك، ئاشقۇنلۇق ۋە تېررورلۇقتىن ئىبارەت «ئۈچ رەزىل كۈچ» نىڭ بۇزغۇنچىلىقىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش دەپ چۈشەندۈرگەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار مىليونلىغان كۆزىتىش ئاپپاراتلىرى، مەجبۇرىي نازارەت قىلىش دېتالىدىن باشقا، «قوشماق تۇغقان» دىن ئىبارەت ئەر جىنسلىق يات مىللەتتىن بولغان كۈتۈلمىگەن مېھماننىڭ ئۆيىگە خالىغانچە كېلىپ، يەپ-ئىچىپ، ھەتتا ئۇلار بىلەن بىر ئۆيدە قونىدىغان ئەھۋاللارغا دۇچ كەلگەن.

تەپسىلاتى...

لاگېرغا تۇتۇپ كېتىلگەن ئەر-خوتۇندىن تۇرسۇنجاننىڭ 10 كۈندىن كېيىن جەسىتى چىققان، گۈلبەھرەم تېخىچە ئىز-دېرەكسىز

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئەر-خوتۇن تەڭ تۇتۇلۇپ كېتىش، بىر-بىرى بىلەن كۆرۈشەلمەسلىكلا ئەمەس، ئاقىۋىتىدىن 3 يىلدىن كېيىنمۇ خەۋەرسىز قېلىش ئۇيغۇر رايونىدا لاگېرلار قۇرۇلغاندىن بۇيان مىسالى كۆپ كۆرۈلگەن تراگېدىيەلىك بىر ھادىسىدۇر. غۇلجا ناھىيەسىنىڭ دۆڭمازار بازىرى 2-كەنت ئەزاسى تۇرسۇنجان ساۋۇت بىلەن ئايالى گۈلبەھرەم 2017-يىلنىڭ بېشىدا بىر كېچىدە تەڭلا تۇتۇپ كېتىلگەن. ساپمىساق ئەكېتىلگەن تۇرسۇنجان ساۋۇتنىڭ 10 كۈندىن كېيىن جەسىتى چىققان ؛ ئەمما، ئايالى گۈلبەھرەمدىن تا ھازىرغىچە ئائىلە ۋە تاۋابىئاتى ۋە مەھەللە-كوي ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىغان.

غۇلجا ناھىيەلىك بىر مۇھاجىرنىڭ رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، 2017-يىلىنىڭ بېشىدىكى بىر كېچىدە 30 دىن ئارتۇق ساقچى ماشىنىسىنىڭ سىگناللىرىنى بولۇشىغا قويۇپ بېرىپ دۆڭمازارنىڭ 2-كەنت 2-مەھەللىسىدە پەيدا بولغان ۋە بۇ مەھەللىدىكى دېھقان تۇرسۇنجان ساۋۇتنىڭ قورۇسىنى قورشاۋغا ئالغان. ئىنكاستا تەسۋىرلىنىشىچە، تۇرسۇنجان ساۋۇتنىڭ قورۇق تېمىدىن ئاتلاپ چۈشكەن 10 نەچچە قارا كىيىملىك ساقچى، بۇ ئۆيدىن ئىككى كىشىنىڭ بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈپ ئېلىپ چىققان ۋە ساقچى ماشىنىسىغا ئىتتىرىپ سولىغىنىچە يەنە شۇ ئەنسىز سىگناللىرى بىلەن مەھەللىدىن ئايرىلغان. ئارىدىن 10 كۈن ئۆتكەندە، ئالدىنقى قېتىمكىدەك كۆپ ساندا ساقچى ماشىنىلىرى بۇ مەھەللىدە يەنە بىر پەيدا بولغان. بۇ نۆۋەت ساقچى ماشىنىسىدىن بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈلگەن ئىككى تىرىك جان ئەمەس، ئاق خالاتقا يۆگەلگەن بىر جەسەت ھويلىغا ئېلىپ كېرىلگەن ۋە جەسەت ھويلىدىكى بىرقانچە كىشىگە تۇتقۇزۇلغاندىن كېيىن، ئۇزۇن تۇرغۇزۇلماستىن، يەنە شۇ ساقچى ماشىنىلىرىنىڭ نازارىتىدە دۆڭمازار تەۋەلىكىدىكى زاراتگاھلىققا ئېلىپ كېتىلگەن.

تەپسىلاتى...