دىلناز كېرىم: «خىتاي ئەلچىخانىسى مېنىڭ ۋەتەندىكى تۇغقانلىرىمنى ‹بۇنداق كىشىلەر مەۋجۇت ئەمەس› دېدى»
خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

«خىتاي ئەلچىخانىسى مېنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمنى ‹بۇنداق كىشى يوق› دەيدۇ، ئائىلەمنى تېپىشىپ بېرىڭلار» دېگەن مۇراجىتى BBC دا تارقىتىلغان، ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق 18 ياشلىق ئۇيغۇر قىزى دىلناز كېرىم.
18 ياشلىق ئۇيغۇر قىز دىلناز كېرىمنىڭ «خىتاي ئەلچىخانىسى مېنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمنى ‹بۇنداق كىشى يوق› دەيدۇ، ئائىلەمنى تېپىشىپ بېرىڭلار» دېگەن مۇراجىتى ئەنگلىيەنىڭ داڭلىق ئاخبارات قانىلى BBC دا تارقىتىلدى. خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن سىياسەتچىلەر ۋە ئانالىزچىلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا پىكىر بايان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئىنكاسىنى ئىنتايىن «قۇرقۇنچلىق» دەپ تەسۋىرلىدى.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتىدا قالغان ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقە قىلالماسلىقىدىكى سەۋەب كۆپىنچە ئۇلارنىڭ تۈرمىگە ياكى لاگېرغا سولانغانلىقى بولاتتى. لېكىن دىلنازنىڭ ئائىلىسى ھەققىدە ئالغان جاۋابى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى چۆچۈتەتتى.
دىلناز كېرىمنىڭ ئېيتىشىچە، دىلناز ئۆزى تۇرۇشلۇق ئورۇننىڭ پارلامېنت ئەزاسىدىن ئائىلىسىنى تېپىشقا ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلغان. لوندوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى دىلناز كېرىمنىڭ ئائىلىسى ھەققىدە بەزىلىرىنىڭ خۇشال ياشاۋاتقانلىقى، بەزىلىرىنىڭ ئۇزۇن يىللىق قاماققا سولانغانلىقى ۋە بەزىلىرىنىڭ «مەۋجۇت ئەمەس» لىكى ھەققىدە پارلامېنت ئەزاسىغا جاۋاب قايتۇرغان.
تەپسىلاتى...