لاگېر شاھىتى گۈلباھار خاتىۋاجىنىڭ گۇۋاھلىقى فىرانسىيەدە كىتاب بولۇپ نەشردىن چىقتى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

«خىتاي گۇلاگىدىن ھايات قالغان گۈلباھار خاتىۋاجىنىڭ گۇۋاھلىقى» ناملىق فىرانسىيەدە نەشردىن چىققان كىتاب، خىتاينىڭ قارامايدا قۇرغان لاگېرىدا ئىككى يىلچە قامىلىپ، 2019-يىلى يازدا قويۇپ بېرىلگەن ۋە 8-ئاينىڭ 21-كۈنى فىرانسىيە كېلىپ ئىككى قىزى ۋە ئېرى بىلەن جەم بولغان گۈلباھار خانىمنىڭ ھاياتىغا ئائىت بولۇپ، ئۇ خىتاينىڭ ئۆلۈم لاگېرلىرىدىن سالامەت قۇتۇلۇپ چىقالىغان ساناقلىق لاگېر شاھىتلىرىنىڭ بىرى.

شاھىت گۈلباھار خانىم ھازىرغا قەدەر تېخى رەسمىي ھالدا مەتبۇئات ۋە تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ باقمىغان بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئۇنىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇۋاتقان قىزى ئارقىلىق فىرانسىيە ۋە باشقا دۇنياۋى تاراتقۇلاردا ھەمدە رادىيومىزدىمۇ خەۋەر قىلىنغانىدى.

2006-يىلىدىن باشلاپ ئائىلىسى بىلەن فىرانسىيەدە ياشاۋاتقان گۈلخۇمار خاتىۋاجى ئەينى چاغدا، ئاپىسىنىڭ 2017-يىلى-1 ئايدا تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى فىرانسىيەدىكى «فىرانسىيە 24»، «ئېكسپرېس»، «لې موندې»، «ئارتې تېلېۋىزىيەسى» قاتارلىق ئاساسلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، راۋان فىرانسۇز تىلىدا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان مەسىلىسىنى ئۆز ئانىسى ئۇچرىغان زۇلۇملارنى مىسال قىلىپ تۇرۇپ ئاڭلاتقان. بۇ قاتاردا ئۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، گۈلباھار خانىمنىڭ فىرانسىيەدىكى ئائىلىسىنىڭ فىرانسىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى، فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ گۈلباھار خانىمنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىگە ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

گۈلباھار خانىمنىڭ قىزى گۇلخۇمار، 11-يانۋار كۈنى ئۆزىنىڭ فەسېبوئوك بېتىدە ئاپىسىنىڭ لاگېردىكى سەرگۈزەشتلىرىنى كىتاب قىلىپ يېزىپ چىققانلىقىدىن تولىمۇ پەخىرلىنىدىغانلىقىنى ھاياجان ئىچىدە جاكارلىشى بىلەن، بۇ خەۋەر چاقماق تېزلىكىدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تارقالدى ۋە ئۇلارنىمۇ ھاياجانغا سالدى.

چۈنكى بۇ، ئۇيغۇر لاگېر شاھىتى تەرىپىدىن يېزىلغان تۇنجى كىتاب ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ ئالدىدا گەرچە مېھرىگۈل تۇرسۇن، گۈلباھار جېلىلوۋا قاتارلىقلارنىڭ گۇۋاھلىقلىرى كارتون رومانى ۋە باشقا ھېكايە شەكلىدە ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، پەقەت لاگېر ئوقۇتقۇچىسى قازاق شاھىت سايراگۈل ساۋۇتباينىڭ گۇۋاھلىقى رەسمىي كىتاب بولۇپ نەشردىن چىققان بىردىنبىر كىتاب ئىدى.

تەپسىلاتى...

كېڭىيىۋاتقان قاماقخانىلار ۋە ئايىغى چىقماس تۇتقۇنلار سېپى (2)

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلارنىڭ كېڭىيىشى ھەققىدە سۆز بولغاندا جىن بۇنىن ئەپەندى بۇنىڭ لاگېرلاردىن تۈرمىلەرگە قاماق جازاسىنى ئۆتەشكە ئەۋەتىلگەن كىشىلەرنىڭ نىسبىتى بويىچە ھېسابلىغاندا ئەڭ ئېنىق نامايەن بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. بولۇپمۇ بۇ جەھەتتىكى سانلىق مەلۇماتلار ئىلگىرى ئادريان زېنز توپلىغان ئۇچۇرلاردا پۈتۈن-پۈتۈن مەھەللە بويىچە كىشىلەرنىڭ لاگېرغا، تۈرمىگە ياكى يىغىۋېلىش ئورۇنلىرىغا توپلانغانلىقىنى كۆرسەتكەن. بۇ ھەقتىكى گۇۋاھلىق بەرگۈچى شەخسلەرنىڭ بايانلىرى بولسا لاگېرلارغا قامالغان كىشىلەرنىڭ ئاز دېگەندىمۇ يېرىمىنىڭ ئېغىر قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى دەلىللىگەن. بولۇپمۇ يەركەن ناھىيەسىنىڭ ئازاتباغ، چېدىر توغراق، دۆڭ ئۆستەڭ، لەڭگەر قاتارلىق يېزىلىرىدىكى لاگېر تۇتقۇنلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تۈرمىلەرگە يوللىنىشى بۇ نىسبەتنىڭ ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 50 تە 50 ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلغان. بۇ ھال ئاقسۇ، ئالتاي، كورلا، قۇمۇل، ئۈرۈمچى قاتارلىق ئورۇنلارنى بويلىغان شىمالىي يۆنۈلۈشتە سەل تۆۋەن بولغان. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا جىن بۇنىن ئەپەندى لاگېرغا قاماشنىڭ پەقەت بىر باشلىنىش ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

«بۇ خىلدىكى سېلىشتۇرما دەرىجە ئەھۋالىنى لاگىردىكى رېئاللىقتىن كۆرۈۋالغىلى بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە 2017-يىلىنىڭ ئۆزىدىلا نۇرغۇن كىشىلەر چاقماق تېزلىكىدە ئۇزۇن يىللىق قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنىپ بولغان. ‹ئۇزۇن يىللىق› دېگەندە ئون يىل، ئون بەش يىل ياكى يىگىرمە يىل كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ كىشىلەرگە ئارتىلغان ئەيىبلەرگە قارايدىغان بولساق بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ تولىمۇ بىمەنە، يەنە كېلىپ ئادەمنىڭ ھەيرانلىقتىن ئاغزى ئېچىلىپ قالىدىغان ئىشلار ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. بۇ كىشىلەر ھېچقانداق سوت تەرتىۋىدىن ئۆتمەيلا ياكى ھېچقانداق ئۇرۇق-تۇغقىنى قاتناشمىغان يېپىق سوتتا چاقماق تېزلىكىدە قاماققا ھۆكۈم قىلىنىپ تۈرمىلەرگە يوللاپ بېرىلگەن. بۇ يوسۇندىكى تۈرمىگە يوللاش ئەھۋالى 2017-يىلىدىن 2019-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىغىچە داۋام قىلدى. بۇ جەرياندا مەيلى لاگېرلار ياكى تۈرمىلەر ئ‍ۆز فۇنكىتسىيەسىدىن توختاپ قالمىدى. تۇتقۇنلارمۇ ئايىقى ئۈزۈلمەي كېلىپ تۇردى. ئەمما شۇ جەرياندا ئاتالمىش ‹قانۇنىي سىستېما› ئارقىلىق تۈرمىلەرگە يوللاپ بېرىلگەن يۈزلىگەن، مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ بىگۇناھ ئىكەنلىكى شۇنچە ئايدىڭ مەلۇم بولۇپ تۇردى. يەنە بىر ياقتىن 2018-يىلى ۋە 2019-يىلىنىڭ ئۆزىدىلا تۇغقانلىرىنىڭ لاگېرلارغا قامالغانلىقى گۇۋاھلىق بەرگەن كىشىلەرنىڭ سانى تېزدىن كۆپەيگەن بولسىمۇ، ھازىر بۇنداق گۇۋاھلىق بايانلىرى ئازلاپ قالدى. مۇشۇ ئەھۋالغا قاراپ ئۇ كىشىلەرنىڭ جەمىيەت قوينىغا ئەمەس، بەلكى ئاللىقاچان تۈرمىلەرگە يوللىنىپ بولغانلىقىنى قىياس قىلىش قىيىن ئەمەس. مۇھاجىرەتتە بۇ ھەقتە گۇۋاھلىق بېرىۋاتقانلارنىڭ بايانلىرىنى ئاڭلىسىڭىز ھەقىقەتەنمۇ يۈرەك-باغرىڭىز ئېزىلىپ كېتېىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ بايانلىرى قايتا-قايتىلاپ ئوخشاپ كېتىدىغان بىر رېئاللىقنى تەسۋىرلەيدۇ.»

تەپسىلاتى...

كېڭىيىۋاتقان قاماقخانىلار ۋە ئايىغى چىقماس تۇتقۇنلار سېپى (1)

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى 2020-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىغا قەدەر ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئېغىر قاماق جازالىرى ھەققىدە ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن ئىشلەنگەن خەۋەرلەرنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن بىر قىسىم كىشىلەر بايقىغان بىر ئالاھىدە ھادىسە بۇ ھالنى كىشىلەرنىڭ «نۆۋەتتىكى سىياسىي باستۇرۇشنىڭ يېڭى تەرەققىياتى» دەپ چۈشىنىش ھەمدە ئۇھسىنىش بىلەن توختاپ قېلىش ھادىسىسى بولدى. ھالبۇكى، ئاشۇ نەچچە ئون يىللاپ قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان كىشىلەرنىڭ بىر قىسمى دەرۋەقە مەلۇم ۋاقىت قاماقخانىدا تۇرغاندىن كېيىن ئون-يىگىرمە يىلغا سوزۇلغان ھۆكۈم ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشلارنى تاپشۇرۇۋالغان بولسىمۇ، ئەمما نۆۋەتتە بارغانسېرى كۆپلەپ مەلۇم بولۇشقا باشلىغان پولاتتەك ئىسپاتلار بۇ كىشىلەرنىڭ زور قىسمىنىڭ ئەمەلىيەتتە قانۇنىي باسقۇچلاردىن ئۆتمەيلا قاماققا يوللىنىپ تۈرمىلەرنى تولدۇرۇۋاتقانلىقىنى نامايان قىلماقتا. ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدىن بۇيان لاگېرلارغا قامالغانلارنىڭ گۇۋاھلىق ئىشلىرى ئۈچۈن ئاكتىپلىق بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقان جىن بۇنىن ئەپەندى ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ يېزىشقا باشلىغان «ش ئۇ ئا ر ھەققىدىكى تىل قىسىلچىلىقى» سەرلەۋھىلىك چاتما ماقالىنىڭ ئىككىنچى قىسمىدا دەل مۇشۇ مەسىلىلەر جانلىق پاكىتلار بىلەن بايان قىلىندى.

ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېر ۋە تۈرمىلەرنىڭ كېڭىيىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ھۆكۈمەت تەرەپكە مەنسۇپ رەسمىي ھۆججەتلەر 2019-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئاشكارا بولغان بولۇپ، «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» ۋە «دۆلەتلىك ئاممىۋى رادىئو» (NPR) دا رەسمىي يورۇقلۇققا چىققاندىن كېيىن، زور دىققەت قوزغىغان. بولۇپمۇ بۇ ھۆججەتلەردىن مەلۇم بولغان ئۇچۇرلاردا 2017-يىلى ۋە 2018-يىلىنىڭ ئۆزىدىلا 230 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئون يىل بىلەن يىگىرمە يىل ئارىلىقىدىكى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ ساننىڭ ئەمەلىيەتتە 350 مىڭ كىشىگە يەتكەنلىكى مەلۇم بولغان. ھالبۇكى، تەقدىرى لاگېرلاردا، قاماقخانىلاردا ياكى تۈرمىلەردە ئاياغلاشقان كىشىلەرنىڭ سانى «مىليون» دېگەن بىرلىكتە تەخمىن قىلىنىۋاتقاندا ئاشۇ غايىب بولغان ئىنسانلار ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنىڭ سانى كۈتكەندىن كۆپ يىراق بولۇپ كەلگەن.

تەپسىلاتى...

خىتاي لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىقنىڭ گۇۋاھلىقىنى يالغانغا چىقىرىشقا ئۇرۇنماقتىكەن

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

قەلبىنۇر سىدىقنىڭ سابىق ئېرى تۇرسۇن ئىسمائىل بىلەن ۋىدېودا كۆرۈشكەن كۆرۈنۈشى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىدا 3 مىليونغا يېقىن بىگۇناھ ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنى لاگېرلارغا سولىغاندىن باشلاپ، لاگېردىن تىرىك قۇتۇلۇپ چەتئەللەرگە چىقالىغان ناھايىتى ئاز ساندىكى لاگېر شاھىتلىرىدىن باشقا يەنە، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى لاگېرلارغا قامالغان مۇھاجىرەتتىكى نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلار، خىتاينىڭ ھەر تۈرلۈك تەھدىت ۋە بېسىملىرىغا قارىماي، ئۇيغۇر دىيارىدىكى يۇقىرى بېسىملىق نازارەت ۋە سىياسەت ئاستىدا داۋام قىلىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرى پاش قىلىپ كەلمەكتە.

بولۇپمۇ لاگېر شاھىتلىرىنىڭ دۇنيا ئاخباراتى ۋە ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىگە ھەمدە خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىغا ئۆزىنىڭ جازالاش لاگېرلىرىدا ئۇچرىغان زۇلۇملارنى پاكىتلىق ئاڭلىتىشى، خەلقئارادا خىتاينى «قىرغىنچىلىق» بىلەن ئەيىبلەش ئاۋازىنىڭ كۈچىيىشىدە ھالقىلىق رول ئويناپ كەلدى. ھالبۇكى خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قارشى تەدبىرلىرىنى قوللانماقتا. خىتاي تەشۋىقات ئاپپاراتلىرى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك ئاپپاراتلىرىنى ئىشقا سېلىپ، چەتئەللەردە خىتاينىڭ زۇلۇملىرىنى ئاڭلىتىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قارىتا تۈرلۈك تەھدىت ۋە بېسىملىرىنى ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيمىز.

خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى» گېزىتى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىقلار ئىلگىرى ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر يېتەكچىلىرىدىن رابىيە قادىر خانىم، لاگېر شاھىتلىرىدىن مېھرىگۈل تۇرسۇن، زۇمرەت داۋۇت، ياش پائالىيەتچىلىرىدىن فۇرقەت جەۋدەت ۋە ئەرەفات ئەركىن قاتارلىقلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئۇلارغا قارشى سۆزلىتىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ تاراتقۇلارغا دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسىگە رەددىيە بەرگۈزۈپ، مەخسۇس خەۋەرلەر تارقاتقانىدى.

گوللاندىيەدە پاناھلانغان لاگېر شاھىتى، سابىق لاگېر ئوقۇتقۇچى قەلبىنۇر سىدىقنىڭ رادىيومىزغا يەتكۈزگەن ئۇچۇرلىرىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل يالغانچىلىق تەشۋىقاتىنىڭ ئەمدى قەلبىنۇر سىدىقنى نىشان قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.

قەلبىنۇرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇلتۇر 2-ئايدا، ئۆزىنىڭ قەلبىنۇر بىلەن ئاجراشقانلىقىنى ۋە ئاخىرقى قېتىم ئالاقە قىلىۋاتقانلىقىنى جاكارلاپ ئالاقىسىنى ئۈزگەن ئۈرۈمچىدىكى سابىق ئېرى، تەڭرىتاغ رايونلۇق قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى تارماق شىركىتىدىكى تۇرسۇن ئىسمائىل، بۇ يېڭى يىلنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭغا ئۆزى بىلەن جىددىي ئالاقىلىشىش ھەققىدە ئۇچۇر ئەۋەتكەن. تۇرسۇن ئىسمائىلنىڭ «مېنى ئويلىمىساڭمۇ قېرىنداشلىرىڭنى ئويلاپ قوي. . .» دېگەندەك تەھدىتلىرى تەسىرىدە، قېرىنداشلىرىنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئەنسىرىگەن قەلبىنۇر ئۇنىڭ بىلەن تېلېفوندا ۋېدىئولۇق كۆرۈشكەن. تۇرسۇن ئىسمائىل ئۇنىڭغا شەھەرلىك تارماقلارنىڭ مەھەللە ساقچىلىرى بىلەن 2020-يىلى 19-دېكابىر كەچ سائەت 8 دىن 12 غىچە مەخسۇس ۋېدىئوغا ئېلىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان.

تەپسىلاتى...

ئۈرۈمچى دوستلۇق دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى سەييارە نىجات 3 يىلدىن بۇيان ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولغان

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئۈرۈمچى دوستلۇق دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى سەييارە نىجات خانىم. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)

ئۈرۈمچى دوستلۇق دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى سەييارە نىجات 2017-يىلى 5-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇنىڭ غۇلجا شەھىرىدىكى ئاتا-ئانىسى شۇ يىلى 9‏-ئاينىڭ 17‏-كۈنى ئۇنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3‏-قاماقخانىدا تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تاپشۇرىۋالغان. ئەمما شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى غۇلجا ۋە ئۈرۈمچىدىكى ئالاقىدار ساقچى ئورگانلىرىنىڭ ھەممىسىگە بېرىپ باققان بولسىمۇ، تا ھازىرغىچە سەييارەنىڭ نەدىلىكى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىغان. بۇ ئەھۋالدىن تېخى يېقىندا خەۋەر تاپقان سەييارەنىڭ چەت ئەلدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى رادىيومىزغا بۇ ئەھۋالنى ئىنكاس قىلدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا سەييارە ئىشلىگەن دوختۇرخانا ۋە ئالاقىدار ساقچى ئورگانلىرىمۇ سەييارە ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى.

2014‏-يىلى شىخەنزە مېدىتسىنا ئونۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن سەييارە نىجات ئۈرۈمچى دوستلۇق دوختۇرخانىسىغا خىزمەتكە چۈشۈپ 3 يىل ئۆتكەندە، ئۈرۈمچىدىكى يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر قاتارىدا ئۇنىڭمۇ بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرلگەن. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈلگەنلەرنىڭ لاگېرغا ئەكىتىلگەندىن كېيىن بىر قىسمىنىڭ كېسىۋېتىلگەنلىكى، بىر قىسمىنىڭ زاۋۇت-فابرىكىلارغا مەجبۇرىي ئىشچىلىققا يوللانغانلىقى ھەققىدە ئائىلىسىگە ئاغزاكى ياكى يازما ئۇقتۇرۇش بېرىلگەن بولسىمۇ، يەنە زور بىر قىسمىنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىلمىگەن. ئىنكاس قىلىنىشىچە، ئەنە شۇ تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن ئىز-دېرىكى بولمايۋاتقان غايىپلاردىن بىرى سەييارەنىڭ ئامېرىكادىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن رەخى ھاجىنىڭ رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، سەييارەنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ تۇتقۇندىن كېيىن ئىز-دېرىكى يوقالغانلىقى ھەققىدە چەت ئەلدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ئۇچۇر بېرىشكىمۇ جۈرئەت قىلالمىغان. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك دوستلۇق دوختۇرخانىسىنىڭ خادىمى بۇ دوختۇرخانىدا سەييارە نىجات ئىسىملىك بىر دوختۇرنىڭ بار ياكى يوقلىقىدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى. ئۇ بۇ ئىشنىڭ ئۆزىنىڭ ۋەزىپە دائىرىسىدە ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ، سەييارە ھەققىدە ئالاقىدار بۆلۈملەردىن ئۇچۇر ئېلىپ بېرىشنىمۇ رەت قىلدى.

تەپسىلاتى...

خەلقئارا تۆمۆر سودىسى قىلىۋاتقان بىر نەۋرە ئاكا-ئۇكىلارغا غۇلجادىكى لاگېردا ئاشپەز-ناۋايلىق «ئۆگىتىلمەكتىكەن»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايوندىكى ئاتالمىش «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە سولىۋېلىنغانلار ئارىسىدا كۆپ ساندا ئىلمىي تەتقىقاتچىلار ۋە پەن-تېخنىكا خادىملىرى بولغىنىدەك، خەلقئارا تىجارەتنىڭ ھەرقايسىي ساھەلىرىدە ئىلگىرىلەپ كېتىۋاتقان تەجرىبىلىك تىجارەتچىلەرنىڭمۇ بارلىقى يېڭى-يېڭى پاكىتلار بىلەن ئاشكارىلانماقتا. دەلىللىنىشىچە، غۇلجادا ئۇزۇن مەزگىل تۈمۈر سودىسى بىلەن شۇغۇللانغان ۋە كېيىن تېىجارىتىنى قازاقسىتانغا كېڭەيتكەن بىر نەۋرە ئاكا-ئۇكا تىجارەتچىلەردىن ئەكبەر يۈسۈپ بىلەن ئابدۇسلام ئابدۇۋەلى غۇلجا شەھىرىدىكى يېڭىيەر لاگېرىدا ئاشپەز ۋە ناۋايلىق ئۆگەنمەكتىكەن

قازاقىستاندا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، قازاقىستان بىلەن تۆمۈر سودىسى قىلىۋاتقان بىر نەۋرە ئاكا-ئۇكا تىجارەتلەردىن ئەكبەر يۈسۈپ بىلەن ئابدۇسالام ئابدۇۋەلى 2017-يىلى يۇرتى غۇلجاغا قايتقاندىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولغان. ئۇلارنىڭ قازاقىستاندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى سۈرۈشتە قىلىش ئارقىلىق بۇ ئىككىسىنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى ۋە 2019‏-يىلى 4‏-ئاينىڭ 4-كۈنلىرى تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان. ئەمما ئۇلار ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۇ ئىككىسىنىڭ نېمە سەۋەپتىن تۇتۇلغانلىقى ۋە نەدە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر ئالالمىغان.

تەپسىلاتى...

ياۋروپا پارلامېنتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى قارار قوبۇل قىلدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرى خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى تۈزۈمى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

بۈگۈن 17-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىكى مەركىزىدە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەتنىڭ پارلامېنتتىكى 23 نەپەر ۋەكىلى ئوخشاش بولمىغان تېمىلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات بېرىپ ئۆتتى. بۇ دوكلاتلار ئاساسىدا ھازىرلانغان 23 ماددىلىق بىر قارار بۈگۈن چۈشتىن كېيىن قوبۇل قىلىندى.

ياۋروپا خەلق پارتىيەسى، ياۋروپا سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى، ياۋروپا كونسېرۋاتىپلار ۋە ئىسلاھاتچىلار پارتىيەسى، ياۋروپا كىملىك ۋە دېموكراتىيە پارتىيەسى، ياۋروپا يېشىللار پارتىيەسى، ياۋروپا سولچىللار پارتىيەسى قاتارلىق ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ئاساسلىق چوڭ پارتىيەلەرگە مەنسۇپ بولغان بۇ 23 نەپەر پارلامېنت ئەزاسىنىڭ بۈگۈن خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا داۋام قىلىۋاتقان زۇلۇملىرى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك تۈزۈمىنى ئەيىبلەشتىكى تەلەپپۇزلىرى ھېچقاچانقىغا ئوخشىمايدىغان دەرىجىدە قاتتىق بولدى. بولۇپمۇ گېرمانىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى خىتاينى قەتئىي رەۋىشتە جازالاشنى، جازا لاگېرلىرىنى دەرھال ھەم شەرتسىز تاقاش، مەجبۇرىي ئەمگەكنى توختىتىش ئۈچۈن جىددىي تەدبىر قوللىنىشنى تەۋسىيە قىلىشتى.

تەپسىلاتى...

غۇلجا دۆڭمازاردا 40 يىللىق پارتىيە ئەزاسى، 30 يىللىق ئاياللار مۇدىرى، 73 ياشلىق رۇقىيە ئوسمان 17 يىللىق كېسىۋېتىلگەن

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ياش-قېرى ئايرىماسلىق، ئۆتمۈشىدىكى تۆھپىسى بىلەن ھېساپلاشماسلىق پەقەتلا خاتالىقىنى تارتىپ ئاچىقىش-ئۇيغۇر رايونىدا يېقىنقى 4 يىلدا داۋام قىلغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ھەرىكىتىنىڭ خاسلىقلىرىدىن بىرىدۇر. غۇلجا ناھىيە دۆڭمازار بازىرىدا 40 يىللىق پارتىيە ئەزاسى 73 ياشلىق رۇقىيە ئوسمان 17 يىللىق كېسىۋېتىلگەن. خىتاي سوتى سابىق ئاياللار مۇدىرى رۇقىيە ئوسماننىڭ 30 يىللىق خىزمەت تارىخىدىكى تۆھپىلىرىنى نەزەرگە ئالمىغان، ئۇنىڭ پەقەت بىر قېتىملىق تەبلىغقە قاتنىشىپ قالغانلىقىنى ئۇنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەش ئۈچۈن ئۆلچەم قىلغان

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، غۇلجا ناھىيەسىنىڭ دۆڭمازار بازىرىدا 30 يىل كەنت ئاياللار مۇدىرى بولۇپ ئاكتىپ خىزمەت ئىشلىگەن رۇقىيە ئوسمان، خىزمەت جەريانىدا پىلانلىق تۇغۇتقا ئەمەل قىلماي قالغان كۆپ ساندا كىشىلەرنى سوراق قىلغان. ھامىلىدار ئاياللارنى بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەسى ئۈچۈن دوختۇرخانىلارغا يالاپ ئېلىپ بارغان. مۇقىملىققا ئائىت كۆپ ساندىكى ئاتالمىش «جىنايەت يىپ ئۇچلىرى» نى يۇقىرى دەرىجىلىك ئالاقىدار ئورگانلارغا مەلۇم قىلغان. ئۇ بۇ قىلغانلىرى ئۈچۈن يېزا، ناھىيە ۋە ۋىلايەت تەرىپىدىن كۆپ قېتىملاپ مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. ئەمما 2017‏-يىلىغا كەلگەندە ئۇمۇ مەھەللەداشلىرى قاتارىدا خىتاي دۆلەت بىختەرلىك كۈچلىرىنىڭ تۆمۈر ئورۇندۇقىغا ئولتۇرغۇزۇلۇپ سوراق قىلىنغان. سوراقتا 10 يىل ئاۋۋال قاتناشقان بىر قېتىملىق ئۆلۈم مۇراسىمىدا تەبلىغ ئاڭلاپ قالغانلىقى ئۈچۈن «ھېساب» بەرگەن. غۇلجا ناھىيەسىدىكى ئالاقىدار خادىملار، رۇقىيە ئوسمان ھەققىدە گەپ ئېچىشتىن ئۆزىنى تاررتى. ئىنكاس قىلىنىشىچە، شۇ چاغدا 73 ياشلىق رۇقىيە ئوسمان سوراق جەريانىدا ئۆزىنىڭ 30 يىلدىن ئارتۇق پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە قىلغان خىزمەتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان؛ دۆۋە-دۆۋە گۇۋاھنامىلىرىنى كۆرسەتكەن؛ ئەمما سوراقتا ھېچكىم بۇ پاكىتلارغا پەرۋا قىلمىغان. ئۇ يەنىلا بېشىغا قارا خالتا كەيدۈرۈلۈپ سوراقاخانىدىن قاماقخانىغا ئېلىپ كېتىلگەن.

تەپسىلاتى...

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاقسۇدىكى زور تۇتقۇنغا قۇربانلىق قىلىنغانلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاقسۇنىڭ مەلۇم بىر يېرىدە تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرغا قامالغان 2000 ئۇيغۇرنىڭ چوڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىكى ئۇچۇرى ھەققىدە بىر پارچە مۇھىم دوكلات ئېلان قىلدى. بۇ تىزىملىككە «ئاقسۇ تىزىملىكى» دەپ نام بېرىلگەن. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى بۇ تىزىملىكنى تەتقىق قىلىش، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە تىزىملىكتىكى 2000 ئۇيغۇرنىڭ «ئۇنىۋېرسال بىرلەشمە مەشغۇلات سۇپىسى» دەپ ئاتىلىدىغان چوڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرى تەرىپىدىن قارا چىكىت قويۇلۇپ، تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بايقىغان.

دوكلاتتا ئۇلار مۇنداق دېگەن: «ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدىكى، ئۇنىۋېرسال بىرلەشمە مەشغۇلات سۇپىسى (IJOP) ‹ئاقسۇ تىزىملىكى› دىكى بۇ 2000 كىشىگە چىكىت ئۇرغان، يەرلىك خادىملار ئەھۋالنى باھالاپ چىققاندىن كېيىن، ئۇلارنى لاگىرلارغا ئەۋەتكەن.»

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى ھەققىدىكى ئالىي تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭ بۈگۈن بىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «‹ئاقسۇ تىزىملىكى› دە 2000 كىشىنىڭ نېمە ئۈچۈن چوڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرى تەرىپىدىن چىكىت قويۇلغانلىقى ۋە ئاقىۋەتتە لاگېرلارغا ئەۋەتىلگەنلىكى يېزىلغان. بۇ سەۋەبلەر ‹ناماز ئوقۇش، قۇرئان ئوقۇش، چەت ئەللەردە ئۇرۇق-تۇغقىنى بولۇش ياكى ئۇلار بىلەن بىر قانچە قېتىم تېلىفونلاشقان بولۇش› قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ‹ئاقسۇ تىزىملىكى› خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ھېچقانداق قانۇنىي تەرتىپ بولماي تۇرۇپ، ئۆز مەيلىچە ۋە كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى يەنىمۇ ئېنىق ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.»

تەپسىلاتى...

لاگېردا «ئۆگىنىش» نى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەنلەرنىڭمۇ جازادىن خالى بولالمايدىغانلىقى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى دەلىللەندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئۇيغۇر رايونىدا 4 يىلدىن بۇيان مەۋجۇتلۇقى داۋام قىلىۋاتقان لاگېرلاردا «ئۆگىنىش» تە ئەلا نەتىجە قازانغانلارنىڭمۇ جازادىن خالىي بولالمايۋاتقانلىقى، يەنى كەسىپكە چىقىش نامى ئاستىدا لاگېر ئىچى-ياكى سىرتىدىكى زاۋۇتلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى. ئۇچتۇرپاننىڭ ئىماملىرىم يېزىسىدا لاگېردىكى «ئۆگىنىش» نى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن خانزۆھرە سەيدئەخمەت بىلەن ئەنۋەر تەۋەككۈل كەنتلەردە ئۆگىنىش نەتىجىسىنى نامايان قىلىپ تەسىرات ۋە لېكسىيەلەرنى سۆزلىگەن بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا ئاقسۇدىكى خۇافۇ توقۇمىچىلىق زاۋۇتىغا مەجبۇرىي ئەمگەككە ئەۋەتىلگەن. ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا، تۇرپاندا لاگېردىكى ئۆگىنىشىنى تۈگەتكەنلەرنىڭ شېغىل زاۋۇتىدا ئىشقا سېلىنغانلىقى، قەشقەردىكى پېشقەدەم شوپۇر ئەركىن ھاشىمنىڭ بىر يۈكخانىدا ھامماللىق قىلىۋاتقانلىقى دەلىللەنگەنىدى.

بىر ساقچى خادىمىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، دائىرىلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئۇچتۇرپان ئىماملىرىمدا لاگېردا ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى دەپ قارالغان ۋە خىتاي تىلى سەۋىيەسى يۇقىرى بولغان خانزۆھرە سەيىدئەخمەت بىلەن ئەنۋەر تەۋەككۈل كەنتلەرگە بېرىپ لاگېرلار ھەققىدە تەشۋىقات ئېلىپ بارغان. خىتاي دائىرىلىرى بۇلارنى ئاھالىلەرگە «ياخشى تەربىيەلەنگەن» دەپ تونۇشتۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ يەنىلا ئائىلىسىگە قايتىشى ۋە تۇرمۇشىنى نورمال داۋاملاشتۇرۇشىغا يول قويمىغان. ئۇلارنى ئۆيلىرىدە پەقەت بىر كېچىلا تۇرغۇزۇپ، ئاقسۇ شەھەر ئەتراپىدىكى خۇافۇ توقۇمىچىلىق زاۋۇتىغا مەجبۇرىي ئەمگەك ئۈچۈن يولغا سالغان. ئاقسۇدىكى بۇ زاۋۇت ھەققىدە خىتايدا تۇرۇپ خىتايغا قارشى بايانات ئېلان قىلغان تۇتقۇن مىرئادىل ھەسەنمۇ شىكايەت قىلغان. ئۇ زاۋۇتلارنىڭ يەرلىك ئەمەلدارلار بىلەن شېرىكلىشىپ، ئۇيغۇر ياشلىرىنى قۇل ئورنىدا ئىشلىتىۋاتقانلىقى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن. بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، ئاقسۇدىكى خۇافۇ توقۇمىچىلىق زاۋۇتىدا لاگېردىن ئەكېلىنگەن 20 مىڭچە كىشى بارلىقى دەلىللەنگەن ئىدى. خەۋەر ئارخىپلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، تۇرپان توقسۇندا لاگېردىكى «ئۆگىنىش» نى تۈگەتكەنلەر شېغىل ۋە سېمونت زاۋۇتىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇ شېغىل زاۋۇتىمۇ بىر كاتتا خىتاي شىركىتىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولۇپ، زاۋۇتتىكىلەرنىڭ سىرتقا چىقىشى ۋە سىرتتىكىلەرنىڭ ئىچىگە كىرىشى چەكلەنگەن ئىكەن.

تەپسىلاتى...