مەريەم سۇلتان: «خىتاي ماڭا ئاپامنىڭ ئاغزى ئارقىلىق تەھدىت سالدى»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

تۈركىيىدە تۇرۇپ تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى توختىماي قوبۇل قىلىپ، خىتاي تەرىپىدىن لاگېرغا قامالغان ئاپىسى ۋە بارلىق ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇنلارنى ئاڭلىتىپ كېلىۋاتقان ياش ئۇيغۇر زىيالىيسى مەريەم سۇلتان بىر قانچە كۈن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇ بەتلىرىدە بىر خەۋەرنى ھەمبەھىرلىگەن. يەنى ئۇ ئۆزىنىڭ ئاقسۇ ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ئاپىسى، پېنسىيىگە چىققان پېشقەدەم ئوقۇتقۇچى ئايگۈل سۇلتاننىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن سۆزلىگەن ۋىدېيولۇق كۆرۈنۈنىشىنى ھەمبەھرلىگەن.

قارىماققا كېسەلچان ھەم ئاجىز كۆرۈنىدىغان ئايگۇل سۇلتان خانىم ۋىدېيودا قىزىغا قارىتىپ مۇنداق دەيدۇ: «بىزنى ئېكراندا كۆرۈپسىز، بىزنىڭ بەختلىك ئىنتايىن تىنچ-خاتىرجەم ياشاۋاتقانلىقىمىزنى كۈرۈپ ئىنتايىن خوشال بولدىڭىز، بۇنداق دېسىڭىز قانداق بولىدۇ؟. . . سىزنىڭ گېپىڭىزنىڭ ھەممىسى يالغان، ‹3خىل كۈچ› لەرنىڭ قۇتراتقۇچىلىقىغا ئىشەنمەڭ، پىتنە-ئېغىۋا تارقاتماڭ! . . .»

2018-يىلى 10-ئايدا ئايدا ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتور ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقان مەريەم سۇلتان، ئاپىسى ئايگۇل سۇلتان خانىمنىڭ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى رادىيومىزغا ئاڭلاتقان ھەمدە ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى. ئەينى چاغدا مۇخبىرىمىزنىڭ ئونسۇ ناھىيەسىگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، ئايگۈل سۇلتان خانىمنىڭ 2017-يىلى 10-ئايدىن بېرى يىغىۋېلىش لاگېرىدا ئىكەنلىكى دەلىللەنگەن ئىدى. ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا ئۇنىڭ لاگېرغا ئونسۇ ناھىيە بازىرىدىكى شىچېڭ (غەربى شەھەر) ساقچىخانىسى خادىملىرى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ئايدىڭلاشقان ئىدى.

تەپسىلاتى...

شاھىتلارنىڭ بايانىدىكى لاگېرلار: سىستېمىلىق قىيناق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر (3)

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

لاگېرلاردا تۇتقۇنلارنى جىسمانىي، روھىي، غۇرۇرى ۋە دىنىي ئېتىقاد جەھەتتىن ۋەيران قىلىدىغان جىنسىي تاجاۋۇز

تىرىك جانلار، روھلار، ھەتتا ئۆلۈكلەرمۇ خورلىنىدىغان خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىدىن قۇتۇلۇپ چىققان ئەر-ئايال لاگېر شاھىدلىرى، ئۆزلىرى ئۇچرىغان خورلاش ۋە قىيىن-قىستاقلار ئىچىدە ئەڭ دەھشەتلىك قىيىن-قىستاقنىڭ باسقۇنچىلىق ۋە تۈرلۈك شەكىللەردىكى جىنسي تاجاۋۇز ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئۇلار بۇ خىل خورلاشلارنىڭ تۇتقۇنلارنى روھىي، جىسمانىي ۋە ئىنسانىي غۇرۇر جەھەتتىن ۋەيران قىلىۋېتىدىغانلىقى، ھەتتا ئۇلارنى ھاياتتىن ئۈمىدىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈشكە مەجبۇر قىلىدىغانلىقىنى تەكرار بايان قىلماقتا.

دۇنيا مەتبۇئاتلىرىغا بىگۇناھ ئاياللارنىڭ خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا سىستېمىلىق ھالدا باسقۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بۇ رەھىمسىز جىنايەتنىڭ قۇربانى ئىكەنلىكىنى دادىللىق بىلەن پاش قىلغان، ھازىر ئامېرىكادا داۋلىنىۋاتقان لاگېر شاھىدى تۇرسۇناي زىياۋۇدۇن خىتاينىڭ مەقسىدى «پەقەت بىزنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىشتۇر» دەيدۇ.

تەپسىلاتى...

شاھىتلارنىڭ بايانىدىكى لاگېرلار: سىستېمىلىق قىيناق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

1. ئەرلەر لاگېرىدىكى ۋەھشىيلىكلەر

زور كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە لاگېر

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ۋە سىستېمىلىق بىر تەرىپى كەڭ كۆلەملىك جازا لاگېرلىرىدۇر.

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك تۈركىي خەلقلەرنى «قايتا تەربىيەلەش» نامىدا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، لاگېرلارغا قامىشى-2016 يىلىنىڭ ئاخىرلىرى، يەنى چېن چۇەنگو ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پارتكوم سېكرىتارلىقىغا يۆتكەپ كېلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا باشلانغان. دەرۋازىسىغا ئاتالمىش «قايتا تەربىيلەپ ئۆزگەرتىش مەركىزى»، «كەسپىي تېخنىكا تەربىيىلەش ئورنى» دېگەندەك ۋىۋىسكىلار ئېسىلغان، ئەتراپى تىكەنلىك سىم توسۇقلار ۋە ئېگىز تاملار بىلەن قورشالغان، قوراللىق ساقچىلار كۆزەتچىلىك قىلىدىغان بىر قاتار قانۇنسىز يېپىق جازا لاگېرلىرى رەسمي قۇرۇلۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشتىن ئىلگىرىلا رايوندا باشلانغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇندا ساقچىخانا، تۇتۇپ تۇرۇش ئوريۇنلىرى، تۈرمە، ئىشلىتىلمىگەن ھۆكۈمەت، مەكتەپ بىنالىرىمۇ توشۇپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى.

تەپسىلاتى...

ئاتۇشتا مىسىرغا بالا ئەۋەتكەن بىر جەمەتتىن ئاز دېگەندە ئىككى كىشىنىڭ لاگېردا جان ئۈزگەنلىكى ۋە 5 كىشىنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئالدىنقى ھەپتە لاگېردىن چىقىپلا جان ئۈزگەن تىجارەتچى قۇربانجان ئابدۇكېرىم ھەققىدە تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، ئۇنىڭ مىسىردىن قايتىپ كەلگەن 4 نەپەر جيەنىنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكى ۋە ئىنىسى سىېيىتئاخۇننىڭ بالىلىرىنى مىسىردا ئوقۇتقانلىقى ئۈچۈن كېسىلىپ نۆۋەتتە جازا مۇددىتىنى ئاتۇشتىكى ئاغۇ تۈرمىسىدە ئۆتەۋاتقانلىقى دەلىللەندى. يەنە ئۆتكەن يىلى لاگىردا ئۆلگەنلىكى دەلىللەنگەن مىسىردىن قايتقان ئوقۇغۇچى ئىلھام قارىنىڭمۇ قۇربانجان ئابدۇكېرىمنىڭ جيەنلىرىدىن ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، ئۆتكەن ھەپتە لاگېردا جان ئۈزگەن قۇربانجان ئابدۇكېرىمنىڭ ئائىلە ئەھۋالى ھەققىدە ئېلىپ بېرغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا تۆت جيەنىنىڭ مىسىردا ئوقۇغانلىقىنىڭمۇ سەۋەپ بولغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى. مەلۇم بولۇشىچە، قۇربانجان ئابدۇكېرىمنىڭ 3 قېرىندىشى بار بولۇپ، بۇلاردىن ئىنىسى سېيىتئاخۇن، قۇربانجان بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئىبراھىم ۋە ئەزىمەت ئىسىملىك ئىككى ئوغلىنى2013 ‏-يىللىرى مىسىرغا ئوقۇشقا ئەۋەتكەن. 2017 ‏-يىلىنىڭ بېشىدا سېيىتئاخۇن ئاتۇشتىكى ساقچىلارنىڭ چاقىرتىشى بىلەن تىجارەت قىلىۋاتقان قىرغىزىستاندىن قايتىپ كەلگەن. ئۇ كېلىشىگىلا مىسىردىكى ئىككى ئوغلىنى قايتۇرۇپ ئەكىلىشكە مەجبۇرلانغان. ئۇنىڭ ئىككى بالىسى قايتۇرۇپ كېلىنگەندىن كېيىن، دادا-بالا ھەر ئۈچىلىسى تەڭلا قاماققا ئېلىنغان. زىبىبۇللانىڭ دېيىشىچە، سېيىتئاخۇن ئىككى بالىسىنى مىسىردا ئوقۇتقانلىقى ئۈچۈن 18 يىللىق كېسىۋېتىلگەن. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئاتۇش بۆگەندىكى ئالاقىدار خادىملار، سېيىتئاخۇنىڭ قىرغىزستاندا رەخت تىجارىتى قىلىۋاتقان يېرىدىن قايتۇرۇپ ئەكىلىنگەنلىكى ۋە بالىلىرىىنى مىسىردا ئوقۇتقانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقى، شۇنداقلا 12 يىللىق كېسىلگەنلىكى ۋە نۆۋەتتە ئاتۇشتىكى ئاغۇ تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقىنى دەلىللىدى.

تەپسىلاتى...

ئاتۇشتا مىسىرغا بالا ئەۋەتكەن بىر جەمەتتىن ئاز دېگەندە ئىككى كىشىنىڭ لاگېردا جان ئۈزگەنلىكى ۋە 5 كىشىنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئالدىنقى ھەپتە لاگېردىن چىقىپلا جان ئۈزگەن تىجارەتچى قۇربانجان ئابدۇكېرىم ھەققىدە تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، ئۇنىڭ مىسىردىن قايتىپ كەلگەن 4 نەپەر جيەنىنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكى ۋە ئىنىسى سىېيىتئاخۇننىڭ بالىلىرىنى مىسىردا ئوقۇتقانلىقى ئۈچۈن كېسىلىپ نۆۋەتتە جازا مۇددىتىنى ئاتۇشتىكى ئاغۇ تۈرمىسىدە ئۆتەۋاتقانلىقى دەلىللەندى. يەنە ئۆتكەن يىلى لاگىردا ئۆلگەنلىكى دەلىللەنگەن مىسىردىن قايتقان ئوقۇغۇچى ئىلھام قارىنىڭمۇ قۇربانجان ئابدۇكېرىمنىڭ جيەنلىرىدىن ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، ئۆتكەن ھەپتە لاگېردا جان ئۈزگەن قۇربانجان ئابدۇكېرىمنىڭ ئائىلە ئەھۋالى ھەققىدە ئېلىپ بېرغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا تۆت جيەنىنىڭ مىسىردا ئوقۇغانلىقىنىڭمۇ سەۋەپ بولغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى. مەلۇم بولۇشىچە، قۇربانجان ئابدۇكېرىمنىڭ 3 قېرىندىشى بار بولۇپ، بۇلاردىن ئىنىسى سېيىتئاخۇن، قۇربانجان بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئىبراھىم ۋە ئەزىمەت ئىسىملىك ئىككى ئوغلىنى2013 ‏-يىللىرى مىسىرغا ئوقۇشقا ئەۋەتكەن. 2017 ‏-يىلىنىڭ بېشىدا سېيىتئاخۇن ئاتۇشتىكى ساقچىلارنىڭ چاقىرتىشى بىلەن تىجارەت قىلىۋاتقان قىرغىزىستاندىن قايتىپ كەلگەن. ئۇ كېلىشىگىلا مىسىردىكى ئىككى ئوغلىنى قايتۇرۇپ ئەكىلىشكە مەجبۇرلانغان. ئۇنىڭ ئىككى بالىسى قايتۇرۇپ كېلىنگەندىن كېيىن، دادا-بالا ھەر ئۈچىلىسى تەڭلا قاماققا ئېلىنغان. زىبىبۇللانىڭ دېيىشىچە، سېيىتئاخۇن ئىككى بالىسىنى مىسىردا ئوقۇتقانلىقى ئۈچۈن 18 يىللىق كېسىۋېتىلگەن. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئاتۇش بۆگەندىكى ئالاقىدار خادىملار، سېيىتئاخۇنىڭ قىرغىزستاندا رەخت تىجارىتى قىلىۋاتقان يېرىدىن قايتۇرۇپ ئەكىلىنگەنلىكى ۋە بالىلىرىىنى مىسىردا ئوقۇتقانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقى، شۇنداقلا 12 يىللىق كېسىلگەنلىكى ۋە نۆۋەتتە ئاتۇشتىكى ئاغۇ تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقىنى دەلىللىدى.

تەپسىلاتى...

خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردا بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى قارىلاپ قاماققا ھۆكۈم قىلىشى ئېغىرلاپ كەتكەن

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

«كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش» تورىنىڭ 24-فېۋرال ئېلان قىلغان خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشچە، يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھەر خىل جىنايى بەتناملارنى چاپلاپ، ئۇلارنى ئۇزۇن مۇددەتلىك كېسىۋېتىش قىلمىشى ئېغىرلاپ كەتكەن. 2016-يىلنىڭ ئاخىرىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى «تېررورلۇققا قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكىتىنى باشلىغاندىن بېرى، خىتاي جىنايى ئىشلار سوتى 250 مىڭ ئادەمگە گۇناھ ئارتىپ، ھۆكۈم ئېلان قىلغان.

گەرچە خىتاينىڭ سوت ۋە ھۆكۈم ئېلان قىلىش ئىشلىرى ئىنتايىن مەخپىي ئېلىپ بېرىلسىمۇ، بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى قاتتىق قامال قىلسىمۇ، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزەتكۈچىلەر 60 قا يېقىن دېلونى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ھېچقانداق جىنايەت ئۆتكۈزمىگەن ئەھۋالدىمۇ جىنايەت سادىر قىلدى دەپ ھۆكۈم قىلىنىپ، تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەن. ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ كىشىلەر ئەمەلىيەتتە ئۆز تۇرمۇشى ۋە ئېتىقادى بىلەن ياشاپ كېلىۋاتقان ئادەتتىكى كىشىلەر ئىكەن.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستاتستىكىلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، 2017-يىل خىتاي سوتى 99 مىڭ 326 ئادەمگە ھۆكۈم ئېلان قىلغان بولسا، 2018-يىلغا كەلگەندە 133 مىڭ 198 ئادەمگە ھۆكۈم ئېلان قىلغان. 2019-يىلدىكى ساننى تېخى ئېلان قىلمىغان. ئەمما كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزەتكۈچىلەر 2019-يىل 8000 ئادەمنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى خاتىرىلىگەن بولۇپ، ھۆكۈم قىلىنغۇچىلارنىڭ سانى ئۆتكەن ئىككى يىلنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە تەڭ بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ «تېررورلۇققا ۋە ئەسەبىيلىككە قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى» ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ساقچى ئىدارىسى، تەپتىش مەھكىمىسى، سوت مەھكىمىسى قاتارلىق ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان دۆلەت تېرورلۇقى بولۇپ، «خالىغانچە تۇتۇش، خالىغانچە كېسىش، خالىغانچە ئۆلتۈرۈش» ئۇنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى ئىكەن. ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە دىنىي ئېتىقادى بىلەن ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇ زىيانكەشلىكتىن ئامان قالمىغان.

تەپسىلاتى...

گۈلباھار خاتىۋاجى: خىتاي بىگۇناھ خەلققە تېررورلۇق ئىشلىتىۋاتقان ھەقىقىي تېررورچى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاينىڭ «يەرشارى ۋاقتى» گېزىتى 2-فېۋرال «ئەمەلدارلار: شىنجاڭنى زىيارەت قىلىشىڭلارنى قارشى ئالىدۇ» تېمىسىدا خەۋەر تارقاتتى. خەۋەرگە قارىغاندا 1-فېۋرال كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بېيجىڭدا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى «يىغىۋېلىپ لاگېرلىرى»، «مەجبۇرىي ئەمگەك» قاتارلىق تېمىلاردا بىر قىسىم چەتئەل ۋە خىتاي تاراتقۇ مۇخبىرلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن.

بۇ ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنىڭ ئوخشاش تېمىدا ئۆتكۈزگەن 3-قېتىملىق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رويتېرىس ئاگېنتلىقى، CNN، بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، پاكىستان بىرلەشمە ئاگېنتلىقى قاتارلىق بىر قىسىم چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى تەكلىپ قىلغان.

تەپسىلاتى...

ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپى: توقۇلما پاكىتلار، مەجبۇرلانغان گۇۋاھچىلار ئارخىپىمىزنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرەلمەيدۇ

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى 2-فېۋرال كۈنى بېيجىڭدا ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە ئىككىنچى قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، نورۋېگىيەدىكى «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپى» ناملىق تەتقىقات مەركىزىنى «يالغانچىلىق ئارخىپى» دەپ ئەيىبلىگەنىدى. مەزكۇر خەۋەر مۇھاجىرەتتىكى ئالاقىدار پائالىيەتچى ۋە گۇۋاھچىلارنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىدى. مەزكۇر تەتقىقات مەركىزى، خىتاي تەرەپنىڭ گۈلنار ئوبۇل قاتارلىق مۇستەقىل پىكىر قىلىش ئەركىنلىكى بولمىغان كىشىلەرنى ئۆز كەچمىشى ھەققىدە يالغان سۆزلەشكە مەجبۇرلىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويسا؛ گۇۋاھچى ئەنۋەر غوجى خىتاي تەرەپنىڭ غايىب ئاكىسى ئەخەت غوجىغا تۆھمەت چاپلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

تەپسىلاتى...

مەن لاگېردىن قانداق ھايات قالدىم

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

لاگېر شاھىدى گۈلباھار خاتىۋاجى بىلەن يۈرۈشلۈك سۆھبەت (1)

گۈلباھار خاتىۋاجى: خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كەسپىي جەھەتتىن تەربىيىلەۋاتىمىز دېگىنى پۈتۈنلەي يالغان

يېقىندا «خىتاي گۇلاگىدىن ھايات چىققان گۈلباھار خاتىۋاجىنىڭ گۇۋاھلىقى» ناملىق كىتاب فرانسىيىدە فرانسۇز تىلىدا نەشردىن چىقتى. لاگېر شاھىدى گۈلباھار خاتىۋاجى خانىم بىر مېھرىبان ئانا ۋە بىر ئايال زىيالىدۇر. ئۇ-2006 يىلى ئائىلىسى بىلەن فرانسىيەگە كۈچۈپ كېلىشتىن ئىلگىرى، خىتاي باش نېفىت شىركىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى قاراماي نېفىت-ماشىنىسازلىق شىركىتىنىڭ مېخانىك ئىنژېنېرى بولۇپ خىزمەت قىلغان ئىدى.

-2016يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئۇ ئىدارىسى تەرىپىدىن پېنسىيە رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش ئۈچۈن قارامايغا چاقىرتىلغاندا، بۇنىڭ بىر قىلتاق ئىكەنلىكىنى ئۆيلاپمۇ باقمىغان ئىدى.

گۈلباھار خانىم بىلەن ئۆتكۈزگەن «مەن لاگېردىن قانداق ھايات چىقتىم» ناملىق يۈرۈشلۈك سۆھبىتىمىزدە، ئۇ ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ جازا لاگېرىدا ئىككى يىلدىن ئارتۇق چەككەن ئازابلىرى ۋە ئۇ يەردىن ھايات قۇتۇلۇپ چىقىش جەريانىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. ئۇ يەنە ھەممىسى دېگۈدەك مۇقىم مائاشلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن تەركىب قارامايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ-كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرلارغا قامىلىشى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى «كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەۋاتىمىز» دېگەن باياناتلىرىنىڭ «قىپ-قىزىل كۆز بويامچىلىق» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە بىلەن گۇلباھار خانىمنىڭ سۆھبىتىگە قۇلاق سالغايسىلەر.

تەپسىلاتى...

مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ھەقىقىتى: لاگېرلاردىكى زاۋۇتلار

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىر قىسىم لاگېر شاھىدلىرىنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشى بىلەن لاگېرلارنىڭ قىسمەن ئەھۋاللىرى تاشقىي دۇنياغا ئاشكار بولۇشقا باشلىغان بولسىمۇ، بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر «مەجبۇرىي ئەمگەك مەيدانى» دەپ ئاتاۋاتقان لاگېرلاردىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە دائىر كۆپلىگەن ئەھۋاللار تازا ئېنىق بولماي كەلگەن ئىدى. «بازفىد خەۋەرلىرى» نىڭ مۇخبىرلىرىدىن مېگا راجاگوپالان ۋە ئالىسون كىللىڭ 2020-يىلىدىن تارتىپ بىرلىكتە ئىشلەۋاتقان لاگېرلار ھەققىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتى لاگېرلارنىڭ كېڭىيىشى ۋە لاگېرلارنىڭ ئىچكىي قىسىمىدىكى قەبىھلىكلەر ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتلار بېرىپ كەلگەن ئىدى. مەزكۇر چاتما دوكلاتنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلىنغان 4-قىسمى بولسا لاگېرلاردىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ جەريانىغا بېغىشلانغانلىقى بىلەن ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى يېڭىدىن قۇرۇپ چىققان لاگېرلارنىڭ سانى يۈزدىن ئاشىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ مۇئەسەسسەلەر يالغۇز ئادەم قاماشقا ئەمەس، ئەكسىچە قامالغان كىشىلەرنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشقا ئىشلىتىلمەكتە ئىكەن. بولۇپمۇ ئۆتكەن ئۈچ يىل مابەينىدە پەيدا بولغان لاگېر رايونىدىن ئاز دېگەندىمۇ 135 ئورۇندا زاۋۇت بارلىقى، بۇ زاۋۇتلاردا غايەت زور كۆلەملىك مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى نۆۋەتتىكى رېئاللىقنىڭ سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى تەقەززا قىلىدىكەن.

تەپسىلاتى...