كورلا 6‏-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى، ئىقتىدارلىق مائارىپچى شەرەپ ھېيتنىڭ 18 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى دەلىللەندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

بۇلتۇرقى ئېنىقلاشلىرىمىزدا كورلا 6-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى، ئىقتىدارلىق مائارىپچى شەرەپ ھېيتنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەنگەن ئىدى. شەرەپ ھېيتنىڭ چەت ئەلگە چىقىپ كەتكەن ئوقۇغۇچىلىرىدىن بىرىنىڭ رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، ئالاقىدار قاناللىرى ئارقىلىق ئۇزۇن مەزگىل سۈرۈشتە قىلىش نەتىجىىسىدە ئۇستازى شەرەپ ھېيتنىڭ 18 يىللىق كېسىلىپ كەتكەنلكىدىن خەۋەر تاپقان. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقى دەلىللەندى.

بۇ يىل 50 ياشلار چامىسىدا بولغان كورلا 6‏-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى شەرەپ ھېينىڭ چەت ئەلگە چىقىپ كەتكەن ئوقۇغۇچىرلىرىدىن ھۈسەنجان ئەپەندىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئۇ تۇتقۇندىكى ئۇستازى شەرەپ ھېيت ھەققىدە ئۇزۇن مەزگىل سۈرۈشتە قىلىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ 18 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكىدىن يېقىندا خەۋەر تاپقان. ئۇنىڭ دېيىشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى بىر ئالىي مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن، خىتايچىدىن باشقا ئىنگىلىزچىنىمۇ بىلىدىغان شەرەپ ھېيت ئەتراپلىق بىلىم قۇرۇلمىسى، دۇرۇس ئەخلاقى، مەسئۇلىيەتچان خىزمەت پوزىتىسيەسى بىلەن كورلادا تېزلا كۆزگە كۆرۈنگەن. ھۈسەنجاننىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكلىرى نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر سەركىلىرىگە ئوخشاشلا خىتاينىڭ كۆزىگە پاتقان ۋە 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا ئەڭ دەسلەپتە بېشىغا قارا خالات كىيدۈرۈلگەن. ھۈسەنجان ئۇنىڭ 18 يىل كېسىۋېتىلگەنلىك خەۋىرىنى ئىلگىرى كورلادا خىزمەت قىلغان ۋە كېيىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن كەلگەن بىر خىتايدىن تونۇشىدىن ئۇققان. بىز بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، كورلادىكى ئالاقىدار ئىدارە جەمئىيەتلەرگە تېلېفون قىلدۇق. خادىملاردىن بەزىلىرى شەرەپ ھېيتنى تونۇمايدىغانلىقىنى بىلدۈرسە، بەزىلىرى ئۇنىڭ تەقدىردىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى.

مەلۇم بولۇشىچە، شەرەپ ھېينىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن بىرى نۆۋەتتە ياپونىيەدە ياشاۋاتقان بولۇپ، ئۇمۇ شەرەپ ھېيتنىڭ ئىقتىدارلىق بىر ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ تەسىرى مەكتەپ دائىرىسى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، بەلكى پۈتكۈل كارلاغا ۋە ئۇيغۇر رايوننىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىغا تارقالغانلىقىنى تىلغان ئالدى. شەرەپ ھېيتنىڭ ھۈسەنجان ئىسىمىلىك ئوقۇغۇچىسىنىڭ بايان قىلىشىچە، شەرەپ ھېيت خىزمەتكە چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، كورلا 6-ئوتتۇرا مەكتەپكە مۇدىر بولغان، يەنە بىر مەزگىل كورلا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىمۇ باشلىق بولۇپ خىزمەت قىلغان. ئەمما مىجەزىدىكى دۇرۇستلۇق سەۋەبىدىن خىتاينىڭ مائارىپ ئىدارىسىدا ئۇزۇن مەزگىل ئىشلىيەلمىگەن.

ئۆتكەن يىلىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، شەرەپ ھېيتنىڭ كىملىكىگە ئائىت ئۇچۇرلارنىڭ توغرىلىقى ئايدىڭلاشقان ئىدى. ھۈسەنجاننىڭ دېيىشىچە، شەرەپ ھېيت مۇدىر مەزگىللىرىدە قولىدىكى ئىمكانىيىتىىدىن پايدىلىنىپ، بىر قاتار مەدەنىيەت-سەنئەت پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغان. بۇ پائالىيەتلەر داۋامىدا ئۇيغۇر تارىخىي ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرى ھەققىدە مۇھاكىمە ۋە مۇنازىرىلەر ئۇيۇشتۇرغان. كورلادا ئېچىلغان بىر نەچچە قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنىغا نۆۋەتتە تۇتقۇندىكى مەشھۇر ئوبزورچى يالقۇن روزى بىلەن شائىر ئابدۇقادىر جالالىدىننى تەكلىپ قىلغان. ھۈسەنجاننىڭ ئىچكىرىدىكى خىيتاي خىزمەتدىشىدىن ئىگىلىشىچە، شەرەپ ھېيتنىڭ يالقۇن روزى، ئابدۇقادىر جالالىدىن بىلەن بولغان دوستلۇقى، بولۇپمۇ ئۇلارنى بىر نەچچە قېتىملىق لېكسىيەگە تەكلىپ قېىلىشى، ئۇنىڭ 18 يىللىق كېسىلىسشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەردىن بىرى بولغان ئىكەن.

ئاخىرىدا تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان كورلا شەھەر بازارلىق ساقچى ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى شەرەپ ھېيتنىڭ تۇتۇلۇش ۋە كېسىلىشى جەريانىدىن ۋە دېلونى كىملەرنىڭ ئىشلىگەنلىكىدىن خەۋىرى بارلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ئارقىىدىن شەرەپ ھېيتنىڭ 18 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى ۋە نۆۋەتتە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقىنى دەلىللىدى. ئەمما ئۇنىڭ قايسىي تۈرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقى ۋە ئايال-بالىلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى.

تەپسىلاتى...

بىر ئائىلىدىكى 5 ئايالغا ئېغىر جازا كەسكەن كورلا خەلق سوت مەھكىمىسى ھۆكۈمنامىسىنىڭ چىنلىقى دەلىللەندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

يېقىندا رادىيومىز كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئائىت بولغان بىر ئائىلىدىكى 5 ئايال كىشىگە ئېغىر جازا كەسكەن بىر «ھۆكۈمنامە» نى قولغا چۈشۈردى.

«ھۆكۈمنامە» دە قەيت قىلىنىشىچە، بىر ئائىلىدىكى ئانا، قىز ۋە كېلىن بولۇپ جەمئىي 5 كىشىگە ئاتالمىش «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت بىلەن شوغۇللاندى» دېگەن جىنايەت بىلەن 7 يىللىقتىن 20 يىللىققا قەدەر قاماق جازاسى بېرىلگەن. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفونىغا جاۋاپ بەرگەن مەزكۇر سوت مەھكىسىنىڭ ئالاقىدار خادىمى 2019‏-يىلى 4‏-ئايدا چقىرىلغان مەزكۇر «ھۆكۈمنامە» گە ئىمزاسى قويۇلغان شىرئەلى مەمەت قاتارلىق 4 نەپەر سوتچىنىڭ نۆۋەتتە كورلا شەھەرلىك سوت مەھكىمىسىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق مەزكۇر سوت ھۆكۈمنامىسىنىڭ چىنلىقىنى دەلىللىدى.

قولىمىزغا چۈشكەن كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ 2019-يىل 312-نومۇرلۇق بىر جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسىدە بايان قىلىنىشىچە، خەلچەم پازىل، مەلىكىزات مەمەت، پاتىگۈل مەمەت، زەمىرە مەمەت ۋە بوستان ئىبراھىم قاتارلىق بەش ئايال ئاتالمىش «قانۇنسىز دىنىي تەبلىغ ئاڭلىغان ۋە بۇنىڭغا سورۇن ھازىرلاپ بەرگەن» لىكى ئۈچۈن، «جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇش ۋە مىللىي ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، 7 يىلدىن 20 يىلغا قەدەر ئوخشىمىغان مۇددەتتە كېسىۋېتىلگەن. مەھكۇملارنىڭ ئەڭ چوڭى خەلچەم پازىل بۇ يىل 78 ياش، ئەڭ كىچىكى بوستان ئىبراھىم 33 ياش بولۇپ، بۇلاردىن بىرسى دۆلەت خىزمەتچىسى، قالغانلىرى ئائىلە ئاياللىرى ئىكەن. ھۆكۈمنامىنىڭ ئاخىرىىغا «باش سوتچى شىرئەلى مەمەت، سوتچى ئەخمەتجان قۇربان ۋە ئىبادەت ياسىن، پۈتۈكچى دىلمۇارات پەرھات» دېگەن ئىسىملاردا ئىمزالار قويۇلغان.

بىز مەزكۇر ھۆكۈمنامىنىڭ چىنلىقىنى دەلىللەش ئۈچۈن، كورلا شەھەرلىك سوت مەھكىمىسىگە تېلېفون قىلدۇق. سوتنىڭ بىر خادىمى، مەزكۇر ھۆكۈمنامىدىكى دېلونىڭ تەپسىلاتى ۋە ھۆكۈمنامىدا ئىمزاسى بار سوتچىلارنىڭ كىملىكى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋابەن، بۇ دېلولار ھەققىدە ساقچىخانىدىن مەلۇمات ئېلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. مەزكۇر خادىم بىزنىڭ بۇ سوتتا مەزكۇر نامدىكى سوتچىلارنىڭ بولغان-بولمىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغىمۇ جاۋاپ بەرمىدى.

ھۆكۈمنامىدە بايان قىلىنىشىچە، مەزكۇر 5 ئايال كورلا شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئەيىبلەنگەن. ئەيىبنامىدە مەزكۇر 5 ئايال تەبلىغىنى ئاڭلىغان كىشىنىڭ خەلچىگۈل مەمەت ئىسىملىك بىرسى ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ نۆۋەتتە چەت ئەلدە ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان. مۇھاجىرەتتىكى كورلالقىلارنىڭ بايان قىلىشىچە، خەلچىگۈل مەمەت ئەينى چاغدا كورلادا جامائەت سورۇنلىرىدىكى ئاكتىپلىقى بىلەن كۆزگە كۆرۈنگەن ۋە بىر دىنىي زات ئائىلىسىدە چوڭ بولغان بىر ئايال بولۇپ، ئۇ نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشىماقتىكەن.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان خەلچىگۈل خانىم، مەزكۇر ھۆكۈمنامىدا تىلغا ئېلىنغان شەخسنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش بىلەن بىرلىكتە، مەزكۇر 5 مەھكۇمنىڭ كىملىكلىرى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بەردى. دېيىلىشىچە، مەزكۇر بەش مەھكۇم ئانا، قىز ۋە كېلىندىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلار ئۆرپ-ئادەتلەر بويىچە، بىر-بىرىنى يوقلاشقان، ئائىلىسىنى زىيارەت قىلغان ۋە بۇ ئۇچرىشىشلىرىدا ئۆزئارا دىنىي ساۋات چىقىرىش، دىنىي مەلۇماتلىرىنى تولۇقلاش ۋە ئەۋلات يېتىشتۈرۈش ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرغان ھەم ياردەملەشكەن ئىكەن. ئۆزىنىڭ بىر دىنىي زات ئائىلىسىدە چوڭ بولغانلىقى سەۋەپلىك بەلگىلىك دىنىي مەلۇماتقا ئىگە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان خەلچىگۈل خانىم، بۇ ئۇچرىشىشلىرىنىڭ ئۇيغۇرلاردا نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان بىر مەدەنىيەت پائالىيتى ۋە ئەنئەنە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە بۇ ۋەقەنىڭ پىلانلىق ۋە تەشكىللىك بىر سىياسىي ھەركەت سۈپىتىدە بىر تەرەپ قىلىنىشىنىڭ، نۆۋەتتە رايوندا داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ جانلىق بىر پاكىتى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

مەزكۇر ھۆكۈمنامىدە قەدرىيە مەمەت ئىسىملىك يەنە بىر مەھكۇمنىڭمۇ ئىسمى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ باشقا بىر دېلودا ئايرىم بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىغان. خەلچىگۈل مەمەت مەزكۇر خانىمنىڭمۇ ھۆكۈمنامىدە ئىسىمى تىلغا ئېلىنغان 5 ئايال بىلەن بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىكەنلىكىنى، مەزكۇر ئائىلىدىكى ئاكا-ئۇكىلاردىن مەھمۇت مەمەت ۋە مۇساجان مەمەت، زۆھرەگۈللەرنىڭمۇ كېسىۋېتىلگەنلىكىنى، يەنى بۇ ئائىلىدىن جەمئىي 9 كىشىنىڭ نۆۋەتتە قاماقتا ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان كورلا شەھەرلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ يەنە بىر خادىمى، مەزكۇر ھۆكۈمنامىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان باش سوتچى شىرئەلى مەمەت، سوتچى ئەخمەتجان قۇربان ۋە ئىبادەت ياسىنلارنىڭ بۇ سوت مەھكىمىسىدە ھېلىھەم خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، مەزكۇر سوت ھۆكۈمنامىسىنىڭ چىنلىقى دەلىللىدى.

مەزكۇر ھۆكۈمنامىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەھكۇملاردىن ئەڭ دەسلەپتە تۇتۇلغىنى مەلىكىزات مەمەت بولۇپ، ھۆكۈمنامە 2019‏-يىلى 4‏-ئاينىڭ 2‏-كۈنى چىقىرىلغان. بۇ ئۇيغۇر رايونىنىڭ سابىق رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ رايوندا ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركەزلىرىنىڭ تاقالغانلىقى» نى ئېلان قىلغان مەزگىلگە توغرا كەلمەكتە.

تەپسىلاتى...

ئاتۇشتا پوچتىخانا پېنسىيونېرى غىياسىدىن ئابلا 69 يېشىدا لاگېردىن چىقىپ جان ئۈزگەن

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئاتۇشلۇق بىر مۇھاجىرنىڭ رادىيومىزغا يوللىغان ئەڭ يېقىنقى بىر ئىنكاسىدا بايان قىلىنىشىچە، ئاتۇشتا پوچتىخانا ساھەسىدىن پېنسىيەگە چىققان غىياسىدىن ئىسىملىك بىر كىشى 2018-يىلىنىڭ ئاخىرى دىنىي ئەسەبىيلىك گۇمانى بىلەن لاگېرغا ئەكېتىلگەن ۋە ئۈچ ئاينىڭ ئالدىدا لاگېردىن قويۇپ بېرىلىپ، ئۆتكەن ئايدا جان ئۈزگەن. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، يۇقىرىقى ئۇچۇرلارنىڭ توغرىلىقى دەلىللىنىش بىلەن بىرلىكتە مەرھۇمنىڭ فامىلىسىنىڭ ئابلا ئىكەنلىكى ۋە ھاياتىدىن ئايرىلغاندا يېشىنىڭ 69 ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

ئاڭلىغۇچىلىرىمىز 2017 ۋە 2018-يىللىرى تۇتقۇنلار ۋە غايىبلار ھەققىدە كۆپلەپ ئىنكاس يوللىغان بولسا، 2020- ۋە 2021-يىللىرى لاگېردىن چىققان جەسەتلەر ۋە ئېغىر كېسەللەر ھەققىدە ئىنكاسلار يوللىماقتا. ئاتۇشلۇق بىر مۇھاجىرنىڭ ئىنكاسىدا بايان قىلىنىشىچە، بۇ يىل 69 ياشقا كىرگەن غىياىسىدىن دېگەن كىشى، ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەن. قاتنىشىۋاتقان بىر جامائەت سورۇنىدىن تۇتۇپ ئەكېتىلىپ، ماڭالمىغۇدەك ھالەتتە ئائىلىسىگە قايتۇرۇلغان بۇ كىشى، ئائىلىسىدە بىر ئايچە كۈتۈنگەندىن كېيىن، ھاياتىدىن ئايرىلغان. دېيىلىشىچە، مەرھۇم پوچتىخانا ساھەسىدىن پېنسىيەگە چىققان بولۇپ، ئاتۇشنىڭ سۈنتاغ يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق ئىكەن.

تەپسىلاتى...

يالقۇن روزى قاتارلىق تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۈچۈن يېڭى يىل ھارپىسىدا ئېلان قىلىنغان چاقىرىقلار ئىنكاس قوزغىدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئۇيغۇرلار 2022-يىلنى دۇنيا خەلقىگە ئوخشاش، كونا يىلدا يۈز بەرگەن ۋە قىلغان ئىشلىرىنى خۇلاسىلەش، يېڭى يىل ئۈچۈن تۈزۈلگەن پىلان ۋە ئارزۇ-ئۈمىدلىرى ئىچىدە كۈتۈۋالدى.

بولۇپمۇ ئانا يۇرتى ۋە قېرىنداشلىرىدىن ئايرىلىپ، تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن چەتئەللەردە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، 2017-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا ئەۋجىگە چىققان «لاگېرلارغا قاماش»، تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى «تۈرمىلەرگە قاماش» قا قارشى ئۆز پائالىيەتلىرىنى يېڭى يىل مەزگىلىدىمۇ ھەر خىل ئۇسۇللاردا داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.

30-دېكابىر كۈنى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «دۆلەتنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ 15 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان يازغۇچى يالقۇن روزىنىڭ ئامېرىكادىكى قىزى تۇمارىس يالقۇن ۋە دادىسىنىڭ ئۆلۈمىدە ناماز ئوقۇدى دېگەن جىنايەت ئارتىلىپ 18 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان چەرچەندىكى ئوقۇتقۇچى رەناگۈل غېنىنىڭ ئامېرىكادىكى سىڭلىسى قەلبىنۇر غېنى تەرىپىدىن تۋىتتېر ۋە فەيسبوك قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىدە ئېلان قىلىنغان سىنتلىق چاقىرىق كەڭ تارقىلىپ مۇنازىرە قوزغىدى.

تەپسىلاتى...

لاگېردا ئاشقازىنىدىن مەسىلە چىققان شاھزادىگۈل تۆمۈر مەجبۇرىي ئەمگەك مەيدانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاي ساقچىلىرى داۋانچىڭدىكى 3-نومۇرلۇق تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىنىڭ سىرتقى كىرىش ئېغىزىدا پوستا تۇرۇۋاتقان كۆرۈنۈش. 3-نومۇرلۇق تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزى خىتاي بويىچە ئەڭ چوڭ بولۇپ، ۋاتىكان شەھىرىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. 2021-يىلى 23-ئاپرېل.

ئۆتكەن ھەپتە رادىيومىزغا كەلگەن بىر نامسىز ئىنكاستا توقسۇن ناھىيەسىنىڭ بوستان يېزىسىدىن لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن شاھزادىگۈل تۆمۈر ئىسىملىك بىر ئايالنىڭ بۇلتۇر 9-ئايدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان بىر فابرىكادا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى بايان قىلىنغان. خەتتە دېيىلىشىچە، شاھزادىگۈل تۆمۈر لاگېرغا ئەكىتىلىپ بىر يىلدىن كېيىن ئاشقازىنى ئاغرىشقا باشلىغان. شاھزادىگۈل سالامەتلىكىدىكى بۇ ئۆزگىرىشنى لاگېر مەسئۇللىرىغا مەلۇم قىلغنىدا، مەسئۇل خادىملار ئۇنىڭ بۇ خىل شىكايەتلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئەمەسلىكىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇنىڭ شىكايىتىگە پەرۋا قىلمىغان. نەتىجىدە ئاشقازان ئاغرىقى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ بۇلتۇر9-ئايغا كەلگەندە مەجبۇرىي ئەمگەك مەيدانىدا قان قۇسۇپ ھۇشىدىن كەتكەن ۋە ھاياتىدىن ئايرىغان. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا مەزكۇر ئۆلۈم خەۋەرىنىڭ توغرىلىقى دەلىللەندى.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، شاھزادىگۈل تۆمۈر توقسۇن ناھىيەسىنىڭ بوستان يېزىسىدىن بولۇپ، ئۇ 2018-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرى لاگېرغا ئەكىتىلگەن ۋە ئۆتكەن يىلى 9-ئايلاردا لاگېردىن جەسىتى چىققان. دېيىلىشىچە، ئۇ سالامەتلىكىدىن مەسىلە چىقىپ جان ئۈزگەن مەزگىلىدە توقسۇننىڭ ئالغۇي يېزىسىدىكى بىر پايپاق زاۋۇتىدا، زور بىر تۈركۈم لاگېر تۇتقۇنلىرى بىلەن بىرلىكتە مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان ئىكەن. بىز بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن توقسۇن ناھىيەلىك ۋە بوستان يېزىلىق ئالاقىدار ئىدارە ئورانلارغا تېلېفون قىلدۇق.

تەپسىلاتى...

مىللەتلەر نەشىرىياتىنىڭ تەجرىبىلىك مۇھەررىرى، تارىخچى ئابلىز ئورخۇننىڭ 3 يىلدىن بۇيان تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

تارىخچى ئابلىز ئورخۇن (ئارقا رەت ئوڭدىن 2-كىشى) دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە سەيدۇللا سەيپۇللايوف (ئالدى رەت ئوتتۇرىدىكى كىشى) نى يوقلاپ بارغاندا چۈشكەن سۈرەت. 2001-يىل ياز، ئۈرۈمچى.

تارىخچى ئابلىز ئورخۇن (ئارقا رەت ئوڭدىن 2-كىشى) دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە سەيدۇللا سەيپۇللايوف (ئالدى رەت ئوتتۇرىدىكى كىشى) نى يوقلاپ بارغاندا چۈشكەن سۈرەت. 2001-يىل ياز، ئۈرۈمچى.

بېيجىڭدىكى مىللەتلەر نەشىرىياتى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ تەجرىبىلىك مۇھەررىرى، «شىنجاڭ تەزكىرەچىلىكى» ژۇرنىلىنىڭ سابىق مەسئۇل مۇھەرىرى، «ئۇيغۇر نامى ۋە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ شەكىللىنىش تارىخى» قاتارلىق يىرىك ئىلمىي ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورى ئابلىز ئورخۇنمۇ يېقىنقى يىللاردا ئىز-دېرىكى ئۇشتۇمتۇت غايىپ بولغان زىيالىلارنىڭ بىرىدۇر. مۇخبىرىمىزنىڭ ئالاقىدار ئىدارە-ئورگانلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، قۇمۇل ۋىلايەتلىك دۆلەت ئامانلىق ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تارىخچى ئابلىز ئورخۇننىڭ 3 يىلدىن بۇيان تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى

مەلۇم بولۇشىچە، تارىخچى ئابلىز ئورخۇن1969 ‏-يىلى قۇمۇلدا تۇغۇلغان، 1991‏-يىلى شىنجاڭ ئونىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ فاكۇلتىتىنى پۈتتۈرۈپ، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق تەزكىرە كومېتىتىدا خىزمەت قىلغان، 1994 ‏-يىلدىن باشلاپ «شىنجاڭ تەزكىرەچىلىكى» ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىگەن. 2008‏-يىلىدىن بۇيان بېيجىڭدىكى مىللەتلەر نەشىرىياتى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ ئالىي مۇھەررىرى، مەزكۇر نەشىرىياتنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. ئابلىز ئورخۇننىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئوقۇرمەنلىرىدىن نورۋېگىيەدە تۇرۇشلۇق ھۈسەنجان ئەپەندىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئابلىز ئورخۇن2018 ‏-يىلنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ئىز-دېرىكى غايىب بولغان.

تەپسىلاتى...

تۇتقۇندىكى پېنسىيونېر نىياز ناسىرنىڭ لاگېردىن جەسىتى چىققان

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ۋاتىكان شەھىرىنىڭ ئىككى ھەسسىسى بىلەن تەڭ، 10،000 جىنايەتچى سىغىدىغان ئۈرۈمچى 3-تۈرمىسىنىڭ ئالدى كۆرۈنۈشى. 2021-يىلى 23-ئاپرېل.

ئائىلىسىدە 3 پەرزەنتى دۆلەت خىزمەتچىسى بولغان، ئۆزىمۇ ئاشلىق ئىدارىسىدىن پېنسىيەگە چىققان 78 ياشلىق نىياز ناسىر، لاگېردا ئېغىر كېسەل ھالىتىدىمۇ قويۇپ بېرىلمىگەن. خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ دادىسىنى كاپالەتكە قويۇپ بېرىش تەلىپى كەسكىن رەت قىلغان. نەتىجىدە 2018‏-يىلى تۇتۇپ كېتىلگەن نىياز ناسىرنىڭ ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرى لاگېردىن جەسىتى چىققان.

توققۇزاقلىق بىر مۇھاجىرنىڭ رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، توققۇزاق ئاشلىق ئىدارىسىنىڭ پېنسىيونېرى نىياز ناسىر دېگەن كىشى 2018-يىلى 76 يېشىدا لاگېرغا ئېلىپ كىتىلگەن. خېلى بىر مەزگىلگىچە ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشتۈرلمىگەن نىياز ناسىر 2018-يىلنىڭ ئاخىرلىرى ئائىلىسى بىلەن ئېكراندا كۆرۈشتۈرۈلگەن. دىيىلىشىچە، نىياز ناسىرنىڭ ئۈچ پەرزەنتى دۆلەت خىزمەتچىسى بولۇپ، ئۇلار دادىسىنىڭ ئېكراندىكى ھالىتىنىڭ بەكمۇ ئاجىز ۋە ناچار ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ سالامەتلىكدىن ئەندىشىە قىلغان. ئۇلار دادىسىنىڭ ئائىلىدە تەربىيەلىنىشىنى تەلەپ قىلىپ كاپالەتكە قويۇپ بېرىش ھەققىدە ئالاقىدار ئورگانلارغا ئىلتىماس سۇنغان. دائىرىلەر نىياز ناسىرنىڭ سالامەتلىكىدە مەسىلە يوقلۇقى ۋە باشقىلاردىن ئالاھىدە ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ لاگېردىن قويۇپ بېرىلىشىنى رەت قىلغان. توققۇزاقتىكى بۇ نەپەر ئۈچ دۆلەت خىزمەتچىسىنىڭ ئىككىسى كومپارتىيە ئەزاسى تۇرۇقلۇق، كۆزلىرى بارغانسېرى چوڭقۇرلاپ، ئىڭەكلىرى چوقچىيىپ ۋە چىرايى تاتىرىپ كېتىۋاتقان دادىسىنى لاگېردىن ئېلىپ چىقىشقا قۇربى يەتمىگەن. ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، نىياز ناسىرنىڭ جەسىتى ئائىلىسىگە تاپشۇرۇلغان.

تەپسىلاتى...

ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى 3-ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا دوكتور ئادرىيان زېنز «شىنجاڭ ھۆججەتلىرى» دىكى يېڭى مەزمۇنلارنى ئاشكارىلىدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

27-نويابىر كۈنى ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ 3-نۆۋەتلىك ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا دوكتور ئادرىيان زېنز يېڭىدىن ئاشكارىلانغان «شىنجاڭ ھۆججەتلىرى» ھەققىدە مۇھىم دوكلات بەردى. مەزكۇر «شىنجاڭ ھۆججەتلىرى» بۇ يىل 9-ئايدا كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر كىشى تەرىپىدىن «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» گە ئەۋەتىپ بېرىلگەن. نەتىجىدە كوللېگىيە ئەزالىرى بۇ ھۆججەتنىڭ راست-يالغانلىقى ۋە ئۇنىڭدىكى مەزمۇنلارنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئۇنى تونۇلغان تەتقىقاتچى ئالىملاردىن دوكتور ئادرىيان زېنز، جەيمىس مىلۋارد ۋەداۋىد توبىنلارغا ئەۋەتكەن.

دوكتور ئادرىيان زېنزنىڭ ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ 3-نۆۋەتلىك ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا كۆرسىتىشىچە، بۇ ھۆججەتلەر خىتاينىڭ مۇتلەق مەخپىي ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن. ئۇ شۇنداقلا 2019-يىلى نامسىز بىر ھۆكۈمەت ئەزاسى تەرىپىدىن نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتىگە ئەۋەتىپ بېرىلگەن ۋە گېزىتتە «شىنجاڭ ھۆججەتلىرى» دېگەن نامدا ئېلان قىلىنغان ھۆججەتلەرنىڭ ئەينىسى بولۇپ، ئىلگىرى نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى بۇ ھۆججەتلەرنىڭ ئاز بىر قىسمىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەسلى نۇسخىسىنى ۋە تولۇق مەزمۇنىنى ئېلان قىلمىغان.

ئادرىيان زېنزنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ھۆججەتلەر شى جىنپىڭ ۋە باشقا مەركىزى ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ بىر قانچە مۇھىم سۆزىنى، چېن چۈەنگو ۋە ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ يوليورۇقلىرىنى، مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ تارىخ، دىن ۋە بىڭتۈەننىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك 3 پارچە ھۆججىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. 2014-يىلىغا ئائىت ھۆججەتلەرنىڭ ئىچىدىكى بىرى «مەخپىيەتلىك دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى» دەپ دەرىجىلەنگەن بولۇپ، بۇ ئادەتتە خىتاينىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكى دەرىجىلىك ھۆججەتلىرىگە بېرىدىغان دەرىجىسى ئىكەن ۋە ئاشكارىلانغان تەقدىردە «دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مەنپەئەتىگە ئالاھىدە ئېغىر زىيان سالىدۇ» دەپ يېزىلغان ئىكەن. يىغىپ ئېيتقاندا بۇ خىتاي دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ «ئەڭ مەخپىي» بايانلىرى ئاساسىدىكى ھۆججەتلەرنىڭ ئاممىغا ئاشكارىلانغان تۇنجى ئۆرنىكى ئىكەن. ئادرىيان زېنز بۇ ھۆججەتلەر ئارقىلىق شى جىنپىڭ ۋە باشقا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇيرۇقلىرى ۋە يەرلىكتە يۈرگۈزۈلگەن سىياسەتلەر ئارىسىدىكى زىچ باغلىنىشنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

تەپسىلاتى...

ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى پارلامېنتنىڭ «شىنجاڭدىكى ۋەھشىلىكلەرنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىش تەكلىپىنى رەت قىلغان

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئەنگىلىيەنىڭ بورىس جونسون ھۆكۈمىتى ئەنگىلىيە پارلامېنتىنىڭ «شىنجاڭدىكى ۋەھشىلىكلەرگە قارىتا ئەنگىلىيەنىڭ تەدبىر قوللىنىش مەسئۇلىيىتى» گە دائىر تەلەپلىرىگە جاۋاپ بېرىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلغان. بىراق ھۆكۈمەت پارلامېنتنىڭ ئەندىشىلىرىنى ب د ت پەن، مائارىپ، مەدەنىيەت تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇش، ئەنگىلىيەدىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى بىلەن ئالاقە ئورنىتىش تەكلىپلىرىنى قوبۇل قىلغان. ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىلىشى، لېكىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» جىنايىتىنى سوتنىڭ بېكىتىشى كېرەك ئىكەن.

ئەنگىلىيە پارلامېنتى بۇ يىل 4-ئايدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىپ، ھۆكۈمەتنىڭمۇ بۇ ۋەھشىلىكنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ قوبۇل قىلىشنى، ئۇنىڭغا قارىتا بەزى كونكىرېت تەدبىرلەرنى ئېلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ئەنگلىيە ئاۋام پالاتاسى تاشقىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئاشكارلىشىچە، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى 14-نويابىر پارلامېنتنىڭ تاشقىي ئىشلار كومىتېتىغا دوكلات سۇنۇپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى سىياسىتىنى شەرھىيلىگەن.

تەپسىلاتى...

«شىنجاڭدىكى لاگېرلارنى ئىزدەش» ناملىق سىن كۆرۈنۈشىدىكى لاگېرلار كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئۆتكەن يىلى «باز فىد» (BuzzFeedNews)‏ خەۋەر تورى «خىتاي مۇسۇلمانلارنى تۈرمىگە سولاش ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ مەخپىي يېڭى ئۇل ئەسلىھەلەرنى قۇردى» ناملىق بەش بۆلۈملۈك بىر تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلغانىدى. بۇ تەكشۈرۈش دوكلاتىدا ئۇلار خىتاينىڭ خەرىتە سۇپىسى بولغان بەيدۇ خەرىتىسىدىن كۆرۈنمەيدىغان قىلىپ قويۇلغان ئورۇنلارنىڭ لاگېرلار ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىغانىدى. بۇ تەكشۈرۈش ماقالىسىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئانالىزچىسى ئالىسون كېللىر ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدا «خىتاينىڭ قاتتىق نازارەت ۋە كونترول قىلىشى سەۋەبىدىن ژۇرنالىستلار ئۇيغۇر رايونىغا ئائىت ئۇچۇرلارغا ئېرىشىش قىيىن ئىدى. شۇڭا بىز سۈنئىي ھەمراھ تەسۋىرى سۈرىتىدىن پايدىلاندۇق» دەپ يازغان.

تەپسىلاتى...