ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى پارلامېنتنىڭ «شىنجاڭدىكى ۋەھشىلىكلەرنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىش تەكلىپىنى رەت قىلغان

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئەنگىلىيەنىڭ بورىس جونسون ھۆكۈمىتى ئەنگىلىيە پارلامېنتىنىڭ «شىنجاڭدىكى ۋەھشىلىكلەرگە قارىتا ئەنگىلىيەنىڭ تەدبىر قوللىنىش مەسئۇلىيىتى» گە دائىر تەلەپلىرىگە جاۋاپ بېرىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلغان. بىراق ھۆكۈمەت پارلامېنتنىڭ ئەندىشىلىرىنى ب د ت پەن، مائارىپ، مەدەنىيەت تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇش، ئەنگىلىيەدىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى بىلەن ئالاقە ئورنىتىش تەكلىپلىرىنى قوبۇل قىلغان. ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىلىشى، لېكىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» جىنايىتىنى سوتنىڭ بېكىتىشى كېرەك ئىكەن.

ئەنگىلىيە پارلامېنتى بۇ يىل 4-ئايدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىپ، ھۆكۈمەتنىڭمۇ بۇ ۋەھشىلىكنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ قوبۇل قىلىشنى، ئۇنىڭغا قارىتا بەزى كونكىرېت تەدبىرلەرنى ئېلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ئەنگلىيە ئاۋام پالاتاسى تاشقىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئاشكارلىشىچە، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى 14-نويابىر پارلامېنتنىڭ تاشقىي ئىشلار كومىتېتىغا دوكلات سۇنۇپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى سىياسىتىنى شەرھىيلىگەن.

تەپسىلاتى...

«شىنجاڭدىكى لاگېرلارنى ئىزدەش» ناملىق سىن كۆرۈنۈشىدىكى لاگېرلار كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئۆتكەن يىلى «باز فىد» (BuzzFeedNews)‏ خەۋەر تورى «خىتاي مۇسۇلمانلارنى تۈرمىگە سولاش ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ مەخپىي يېڭى ئۇل ئەسلىھەلەرنى قۇردى» ناملىق بەش بۆلۈملۈك بىر تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلغانىدى. بۇ تەكشۈرۈش دوكلاتىدا ئۇلار خىتاينىڭ خەرىتە سۇپىسى بولغان بەيدۇ خەرىتىسىدىن كۆرۈنمەيدىغان قىلىپ قويۇلغان ئورۇنلارنىڭ لاگېرلار ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىغانىدى. بۇ تەكشۈرۈش ماقالىسىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئانالىزچىسى ئالىسون كېللىر ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدا «خىتاينىڭ قاتتىق نازارەت ۋە كونترول قىلىشى سەۋەبىدىن ژۇرنالىستلار ئۇيغۇر رايونىغا ئائىت ئۇچۇرلارغا ئېرىشىش قىيىن ئىدى. شۇڭا بىز سۈنئىي ھەمراھ تەسۋىرى سۈرىتىدىن پايدىلاندۇق» دەپ يازغان.

تەپسىلاتى...

لاگېر شاھىتلىرىنىڭ گېرمانىيەدە ئېلىپ بېرىۋاتقان گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتى زور تەسىر قوزغىغان

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ھازىر فرانسىيەدە ياشاۋاتقان لاگېر شاھىتى گۈلباھار ھېيتۋاجى بىلەن گوللاندىيەدىكى لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىقنىڭ 11-ئاينىڭ 6-كۈنى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە باشلانغان گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتى داۋاملاشماقتا.

گېرمانىيەدىكى «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» نىڭ مەسئۇلى ئەسقەر جان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى بىرلىتە ئۇيۇشتۇرغان بۇ پائالىيەت گېرمانىيە تاراتقۇلىرى، سىياسىيونلىرى ۋە ئاۋام خەلقنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە قارىتىشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن. يەنى بۇ پائالىيەت گېرمانىيە خەلقىنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا تارتىش، شۇنداقلا بۇنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىش ئىكەن.

تەپسىلاتى...

«يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى خاتىرە مۇزېيى» خەلقئارا جامائەتنى ئۇيغۇرلارنى قوغداش ئۈچۈن يەنىمۇ كۆپ ھەرىكەت قىلىشقا چاقىردى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

9-نويابىر كۈنى ئامېرىكادىكى «يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى خاتىرە مۇزېيى» نىڭ سىمون-سكجود ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەتقىقات مەركىزى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەخسۇس دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. دوكلاتقا «بىزنى ئاستا-ئاستا يوقاتماقچى: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ھۇجۇمى» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بولۇپ، بۇ كەڭ كۆلەملىك دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

ئاخبارات يىغىنىدا مۇزېيىنىڭ مەسلىھەتچىلەر كېڭىشى بولغان ۋىجدان كومىتېتىنىڭ رەئىسى توم بېرنشتېين كىرىش سۆز قىلىپ: «بىز بۇ دوكلاتتا ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان كۈلپەتلەر ھەققىدىكى جىددىي ئەندىشىلىرىمىزنى ئىپادىلىدۇق. دوكلاتىمىز قوغدىلىشقا تېگىشلىك گۇرۇپپىلارنى قوغداش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلمىغاندا ۋە ياكى تولۇق ھەرىكەت قىلمىغاندا قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدىغانلىقى ھەققىدە بېرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىدۇر» دېدى.

تەپسىلاتى...

غوپۇر ئەبەي: خىتاي ئىككى قېرىندىشىمنى مەن بىلەن ئۆزلىرى سۆزلەشتۈرۈپ، ئارقىدىن «بۆلگۈنچى بىلەن سۆزلەشتى» دەپ تۇتقۇن قىلدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاي دائىرىلىرى غۇلجا بايتوقايدىكى تىجارەتچى شۈكۈر ئەبەينىڭ بىر ساياھەت گۇرۇپپىسى بىلەن تۈركىيەگە چىقىشىغا رۇخسەت قىلغان، ئارقىدىن 4 يىل ئۆتكەندە، ئۇنى شۇ چەتئەل زىيارىتى سەۋەبلىك لاگېرغا سولىغان؛ 2019-يىلىغا كەلگەندە دائىرىلەر مەزكۇر ئائىلىدىن ئەختەم ئەبەينى گوللاندىيەدىكى ئاكىسى غوپۇر ئەبەي بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىشكە رۇخسەت بەرگەن، ھەتتا ئۆزلىرى سۆزلىشىشنى ئورۇنلاشتۇرغان، ئارىدىن 6 ئاي ئۆتكەندە، ئۇنى چەتئەلدىكى ئاتالمىش بۆلگۈنچى ئاكىسى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلغان. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

غۇلجا بايتوقايدىكى تىجارەتچى شۈكۈر ئەبەي، 2013-يىلى دائىرىلەرنىڭ تەستىقى بىلەن بىر ساياھەت ئۆمىكى تەركىبىدە تۈركىيەگە بېرىپ كەلگەن. 2017-يىلىغا كەلگەندە، ئۇنىڭ بۇ ساياھىتى يېرىم كېچىدە ئۆيىدىن بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈلۈپ تۇتۇپ كېتىلىشكە سەۋەب بولغان.

بۇ ئەھۋالنى شۈكۈر ئەبەينىڭ گوللاندىيەدىكى ئىنىسى غوپۇر ئەبەي، 2018-يىلىنىڭ بېشىدا بىر گۇۋاھلىق باياناتى ئارقىلىق دۇنياغا ئاشكارىلىغان. نەتىجىدە شۈكۈر ئەبەي ۋە ئۇنىڭ بىر تۈركۈم ئۇرۇق-تۇغقانلىرى لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەن ۋە ئۇلارنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى، مەخسۇس بىر ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن گوللاندىيەدىكى غوپۇر ئەبەيگە ئۇقتۇرۇلغان. ھەتتا دائىرىلەر غوپۇر ئەبەينىڭ چوڭ ئىنىسى ئەختەم ئەبەينى ئائىلە ئەزالىرىغا ۋاكالىتەن ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرۇشقا بېكىتكەن. غوپۇر ئەبەي ئىنىسى ئەختەم ئەبەي بىلەن قەرەللىك ھالدا كۆرۈشۈپ تۇرغان ۋە تەبىئىي ھالدا قىلىشقان گەپ-سۆزلىرىدە، دائىرىلەرنىڭ چىشىغا تېگىپ قويماسلىققا ئالاھىدە دىققەت قىلغان. شۇنداق تۇرۇقلۇق، غوپۇر ئەبەينىڭ، ئىنىسى ئەختەم ئەبەي بىلەن ئۇشتۇمتۇت ئالاقىسى ئۈزۈلگەن. ئۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئالاقە تورى ئارقىلىق، ئىنىسى ئەختەم ئەبەينىڭ 2020-يىلى 12-ئايدا «گوللاندىيەدىكى بۆلگۈنچى ئاكىسى بىلەن كۆرۈشكەن» دېگەن سەۋەب بىلەن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغان. بىر مەزگىلدىن كېيىن كىچىك ئىنىسى شاكىر ئەبەينىڭمۇ ئوخشاش سەۋەب بىلەن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان.

تەپسىلاتى...

تۈرمىدە 15 يىل يېتىپ ئامان چىققان قېيىماخۇن قارى، لاگېردا ئىككى يىل يېتىپ جەسىتى چىققان

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

لاگېردىكى خورلاشنىڭ تۈرمىدىن نەچچە ھەسسە ئېغىر ئىكەنلىكى لاگېر گۇۋاھچىلىرى تەرىپىدىن كۆپ قېتىملاپ تەسۋىرلەنگەنىدى. مانا مۇشۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، ئىلگىرى ئۈرۈمچى 1 ‏-تۈرمىدە 15 يىل جازا مۇددىتىنى تۈگىتىپ ئامان چىققان، دىنىي زات قېيىماخۇن قارى، 2017 ‏-يىلى لاگېرغا سابىق مەھبۇسلار قاتارىدا سولىنىپ ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ جەسىتى چىققان.

توققۇزاقلىق مۇھاجىرنىڭ ئۆتكەن ھەپتە رادىومىزغا يوللىغان ئىنكاسىدا يەنە بايان قىلىنىشىچە، توققۇزاق بۇلاقسۇ 4 ‏-كەنت مەسچىتىنىڭ خاتىبى قېيىماخۇن قارى، 2017 ‏-يىلى سابىق مەھبۇسلار قاتارىدا تۇتقۇن قىلىنغان. دېيىلىشىچە، 1991 ‏-يىلى بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ 15 يىللىق كېسىلگەن قېيىماخۇن قارى 2006 ‏-يىلى تۈرمىدىن ئامان-ئېسەن چىققان، ئەمما بۇ قېتىم لاگېرغا ئەكېتىلىپ ئىككى يىلدىن كېيىن، ئۇنىڭ جەسىتى ئائىلىسىگە تاپشۇرۇلغان. ئىنكاستا دېيىلىشىچە، 59 يېشىدا ئىككىنچى قېتىم تۇتۇلغىنىدا، ئۇنىڭ سالامەتلىكىدە ھېچقانداق مەسىلە يوق بولۇپ، ئۇ بامدات نامازدىن كېيىن، ئېتىزلىقىدا سۇ تۇتۇۋاتقان مەزگىلدە كەنت ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەنىكەن.

تەپسىلاتى...

توققۇزاق بۇلاقسۇنىڭ يېزا باشلىقى ئابلەت تۇرغۇن «قانات ئاستىغا ئېلىش جىنايىتى» بىلەن 14 يىللىق كېسىلگەن

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئۇيغۇر رايونىدا 2017‏-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا نىسبەتەن كۆپ تەكرارلانغان ئاتالمىش جىنايەت ناملىرىدىن بىرى «قانات ئاستىغا ئېلىش جىنايىتى» بولۇپ، بۇ «جىنايەت گۇماندارى» بولۇپ قالغان كىشىلەرگە بىلىپ ياكى بىلمەي ئىنساندارچىلىق نۇقتىسىدىن ياردەم قىلىپ قالغانلار مانا مۇشۇ قالپاق بىلەن تۇتۇلغان ۋە ئېغىر كېسىۋېتىلگەن. مانا بۇلاردىن بىرى توققۇزاق بۇلاقسۇنىڭ يېزا باشلىقى ئابلەت تۇرغۇن بولۇپ، ئۇ 82 ياشلىق بىر سابىق مەھبۇسنى «تەربىيەلەش» كە ئاپىرىلىدىغانلار تىزىملىكىدىن چىقىرىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن مەزكۇر قالپاق بىلەن 14 يىللىق كېسىلگەن.

ئىنكاس قىلىنىشىچە، 82 ياشلىق كىشىنى «تەربىيەلەش» كە ئېلىپ بېرىش توققۇزاق بۇلاقسۇ يېزىسىنىڭ يېزا باشلىقى ئابلەت تۇرغۇننىڭ ئىدىيەسىدىن ئۆتمىگەن، ئۇ بۇنداق قىلىشنى بۇ تۇتقۇن نامزاتىنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن تەھدىت دەپلا قارىماستىن، بەلكى يەنە ئۆزى خىزمەت قىلىۋاتقان پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىناۋىتى ئۈچۈنمۇ زىيانلىق دەپ قارىغان. ئەمما2017 ‏-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە، ئۇ مەزكۇر قارارى سەۋەپلىك «جىنايەتچىنى قانات ئاستىغا ئېلىش» گۇمانى بىلەن دۆلەت بىختەرلىك ساقچىلىرى تەرىپىدىن چاقىرتىلغان ۋە ئىز-دېرىكى غايىپ بولغان.

تەپسىلاتى...

كورلادا لاگېرغا تىزىملىتىشنى رەت قىلغان ئەركىن سۇلايماننىڭ ساقچىخانىدىن جەسىتى چىققان

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

كورلا ۋەزىيىىتىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرىنىڭ رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، كورلا شەھەرلىك تەمىنات-سودا سارىيىنىڭ تېخنىك ئىشىچىسى ئەركىن سۇلايمان، 7 ‏-ئاينىڭ بىرىنچى ھەپتىسى «تەربىيەلەش» كە ئۆزىنى تىزىملىتىش ئۈچۈن ساقچىخانىغا چاقىرتىلغان. ئەركىن سۇلايمان ئۆزىنىڭ گۇناھسىزلىقىنى بىلدۈرۈپ تىزىملىتىشنى رەت قىلغان. نەتىجىدە شۇ ھەپتىسى ئۆيىدىن مەجبۇرى تۇتۇپ ئەكىتىلگەن ئەركىن سۇلايماننىڭ ئۈچ ھەپتىدىن كېيىن ئائىلىسىگە جەسىتى قايتۇرۇلغان. مۇخبىرىمىزنىڭ كورلاغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى دۋامىدا ۋەقەنىڭ راستلىقى دەلىللەندى.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ ئىنكاسىدا بايان قىلىنىشىچە، كورلا شەھەرلىك تەمىنات-سودا سارىيىنىڭ 25 يىللىق تېخنىك ئىشچىسى ئەركىن سۇلايمان 7‏-ئاينىڭ بىرىنجچى ھەپتىسى «تەربىيەلەش» كە تىزىملىتىش ئۈچۈن ساقچىخانىغا چاقىرتىلغان. ئەركىن بۇ «تەربىيەلەش» كە بېرىشنىڭ سەۋەبىنى سورىغىنىدا، ساقچىلار ئۇنىڭ 5 يىلنىڭ ئالدىدا تۈركىيەدىكى ئىنىسى بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەنلىكى ۋە تېلېفون سۆھبەت خاتىرىسىدە «مەسىلە» كۆرۈلگەنلىكى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ چوقۇم «تەربىيەلەش» كە بېرىشى كېرەكلىكى ئۇقتۇرغان.

تەپسىلاتى...

ئۇچتۇرپاندىكى بىر ئوقۇتقۇچى قىيىنچىلىقى بار ئىككى ئوقۇغۇچىسىغا ياردەم قىلغانلىقى ئۈچۈن 14 يىللىق كېسۋېتىلگەن

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئۇيغۇر رايوندا 2017 ‏-يىلىدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان زور تۇتقۇندا، قىلغان خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى «دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ ئىپادىسى» دەپ قارىلىپ كېسىۋېتىلگەنلەرنىڭ سانى ئاز ئەمەس. كۆپىنچە ھاللاردا تىجارەتچىلەر بۇ قالپاق بىلەن «تەربىيەلەش» كە ئېلىپ كېتىلگەن بولسا، ئۇچتۇرپاننىڭ ئىماملىرىم يېزىسىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى كېرەم ئابدۇراخمان قېيىنچىلىقى بار ئىككى ئوقۇغۇچىسىغا ئىقتىسادىي ياردەم قىلغانلىقى ئۈچۈن 14 يىللىق كېسىۋېتىلگەن. دېيىلىشىچە، بۇ كېسىمگە ئۇنىڭ مەزكۇر ئىككى ئوقۇغۇچىسىنىڭ تېلېفونىدىن «چاتاق» چىقىپ قولغا ئېلىنىشى تۈرتكە بولغان ئىكەن.

تەپسىلاتى...

رەناگۈل غېنى دادىسى تۈگەپ كەتكەندە قىلغان ئىبادەتلىرى سەۋەبلىك 17 يىللىق كېسىلگەن

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

يېقىنقى 4-5 يىلدىن بۇيان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ياردىمىدە خىتاي ھاكىمىيىتى لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قامىغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئىزدەۋاتقانلىقى مەلۇم. ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق قەلبىنۇر غېنى ئاشۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئائىلىسىنىڭ بېشىغا كەلگەن پاجىئەلەرنى ئامېرىكانىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئەپەندىگە ئاڭلىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئىدى.

قەلبىنۇر غېنى ئامېرىكانىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئەپەندى بىلەن ئۆتكەن يىلى 3-دىكابىردا كۆرۈشكەن. ئۇ رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مايك پومپېيو ئەپەندى بىلەن بولغان سۆھبىتى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇچرىغان تەھدىتلەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن پومپېيو ئەپەندىگە ئائىلەمنىڭ ۋە پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنى ئېيتتىم. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ دۇنيادىلا دوزاخنىڭ كۈنىنى كۆرۈۋاتقانلىقىنى، خەلقئارادىن ياردەم كۈتۈۋاتقانلىقىمىزنى بىلدۈرگەن ئىدىم.»

شۇنىڭدىن كېيىن قەلبىنۇرنىڭ كورلادا تۇرۇشلۇق ئائىلىسى دائىم خىتاي دائىرىلىرىنىڭ سوراق قىلىشىغا ئۇچرىغان. خىتاي دائىرىلىرى قەلبىنۇرغا بىۋاسىتە ياكى ئائىلىسى ئارقىلىق بېسىم قىلىشقا باشلىغان. ھەتتا قەلبىنۇرغا ئاچىسى رەناگۈل غېنىنىڭ ئاۋازلىق ئۇچۇرىنى يوللىغان بولۇپ، ئاچىسى ئۇنىڭدىن «قالايمىقان ئىشلارغا ئارىلاشماسلىق» نى تەلەپ قىلغان.

قەلبىنۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاچىسى رەناگۈل غېنى ئەسلىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئىككى بالىنىڭ ئانىسى ئىكەن. ئۇ 2018-يىلى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن بولۇپ، قەلبىنۇرنىڭ يېقىندا ئالغان خەۋىرىگە قارىغاندا ئۇ بۇ يىل 5-ئايدا لاگېردىن تۈرمىگە يۆتكەلگەن ئىكەن.

تەپسىلاتى...