يوللانغان ۋاقتى:2022-03-07| سەھىپە: ئۇيغۇر خەۋەرلىرى جازا لاگېرلىرى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش خەۋەرلەر شەرقىي تۈركىستان خەۋىرى نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر
خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى نۇرمەمەت ئۆمەر ئۇچقۇن. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)
«كۆزۈڭنى ئاچ، ئۆزۈڭنى تاپ ئەركەكلەر» ناملىق ماقالىلەر توپلىمىنىڭ ئاپتورى، «چوڭ شاھمات تاختىسى» ناملىق ئامېرىكا ئىستراتېگىيە دەستۇرىنى ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلغان نۇرمەمەت ئۆمەر ئۇچقۇننىڭ 10 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى ۋە نۆۋەتتە كېرىيە تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقى دەلىللەندى.
ئىنكاس قىلىنىشىچە، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى نۇرمەمەت ئۆمەر ئۇچقۇن «دۆلەت مەدەنىيىتىنى چەتكە قېقىش» ۋە «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش» بىلەن ئەيىبلىنىپ 10 يىللىق كېسىۋېتىلگەن. بۇ ئۇچۇر نۇرمەمەت ئۆمەر ئۇچقۇننىڭ نۆۋەتتە نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان ساۋاقدىشى ھۈسەنجان ئەپەندى تەرىپىدىن ئىگىلەنگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئەدەبىيات، تەرجىمە، تەتقىقات ۋە كومپيۇتېر قاتارلىق كۆپ خىل ساھەدە ئۆزىنى پۇختا يېتىلدۈرگەن ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە مەزكۇر ساھەلەردە كۆزگە كۆرۈنەرلىك مېۋىلەرنى سۇنۇپ كېلىۋاتقان نۇرمەمەت ئۆمەر ئۇچقۇن 2018 -يىلىنىڭ بېشىدا تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ئىككى يىل ئاۋۋالقى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا دەلىللەنگەن بولسىمۇ، ئەمما كېسىلگەن-كېسىلمىگەنلىكى نامەلۇم ئىدى. ئۇنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ھۈسەنجان ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئالاقىدار قاناللىرى ئارقىلىق، نۇرمەمەت ئۆمەر ئۇچقۇننىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ئىزچىل مەلۇمات ئىگىلىگەن ۋە ئۇنىڭ كېرىيە تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقىدىنمۇ خەۋەر تاپقان.
تەپسىلاتى...