جوڭشەن ئونىۋېرسىتېتىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن دوكتۇرانتى ئابدۇقادىرجان روزى تۇتقۇن قىلىنغان

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاي ئاخباراتلىرىدا يېقىنقى يىللاردا مەدھىيەگە كۆمۈلگەن ۋە كەسپىي جەھەتتىكى نەتىجىلىرى بىلەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىمۇ تونۇلغان دوكتورانت ئابدۇقادىرجان روزى بۇ يىل4-ئايدا جوڭشەن ئونىۋېرسىتېتىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن. 6 ئايدىن بېرى ئىز-دېرىكى بولمايۋاتقان ئابدۇقادىرجان روزى ھەققىدە مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، ئۇنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى جوڭشەن ئونىۋېرسىتېتى خادىملىرى تەرىپىدىن دەلىللەندى.

«بەيدۇ» ئۇچۇر ئامبىرىدا تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئابدۇقادىرجان روزى 2015-يىلى خىتاي بويىچە ئىنگىلىز تىلى مۇسابىقىسىدە بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن. 2018-يىلى جوڭشەن ئونىۋېرسىتېتى بويىچە «يىللىق مەشھۇر شەخس»، شۇ يىلى يەنە جوڭشەن ئونىۋېرسىتېتى بويىچە «يېڭى دەۋر كۈچلىرى» نامىدىكى ئۈلگىلىك شەخس بولۇپ باھالانغان. ئۇ يەنە كامبىرىج ئونىۋېرسىتېتى سودا ئىنگىلىز تىلى بويىچە ئالىي گۇۋاھنامە ساھىبى ۋە خىتاي مەملىكەتلىك كوكوكولا ئىنگىلىز تىلى مۇسابىقىسى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ باھالىغۇچىسى بولغان. خىتاينىڭ «سوخۇ» تورىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، جوڭشەن ئونىۋېرسىتېتى رەھبەرلىرى 2019-يىلى 1-ئايدا ئابدۇقادىرجاننىڭ قەشقەردىكى ئائىلىسىنى زىيارەت قىلىپ، بۇ ئائىلىنىڭ ئابدۇقادىرجاندەك بىر ئىقتىدار ئىگىسىنى يېتىشۈرگەنلىكىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن.

تەپسىلاتى...

تۈرمىدە 15 يىل يېتىپ ئامان چىققان قېيىماخۇن قارى، لاگېردا ئىككى يىل يېتىپ جەسىتى چىققان

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

لاگېردىكى خورلاشنىڭ تۈرمىدىن نەچچە ھەسسە ئېغىر ئىكەنلىكى لاگېر گۇۋاھچىلىرى تەرىپىدىن كۆپ قېتىملاپ تەسۋىرلەنگەنىدى. مانا مۇشۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، ئىلگىرى ئۈرۈمچى 1 ‏-تۈرمىدە 15 يىل جازا مۇددىتىنى تۈگىتىپ ئامان چىققان، دىنىي زات قېيىماخۇن قارى، 2017 ‏-يىلى لاگېرغا سابىق مەھبۇسلار قاتارىدا سولىنىپ ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ جەسىتى چىققان.

توققۇزاقلىق مۇھاجىرنىڭ ئۆتكەن ھەپتە رادىومىزغا يوللىغان ئىنكاسىدا يەنە بايان قىلىنىشىچە، توققۇزاق بۇلاقسۇ 4 ‏-كەنت مەسچىتىنىڭ خاتىبى قېيىماخۇن قارى، 2017 ‏-يىلى سابىق مەھبۇسلار قاتارىدا تۇتقۇن قىلىنغان. دېيىلىشىچە، 1991 ‏-يىلى بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ 15 يىللىق كېسىلگەن قېيىماخۇن قارى 2006 ‏-يىلى تۈرمىدىن ئامان-ئېسەن چىققان، ئەمما بۇ قېتىم لاگېرغا ئەكېتىلىپ ئىككى يىلدىن كېيىن، ئۇنىڭ جەسىتى ئائىلىسىگە تاپشۇرۇلغان. ئىنكاستا دېيىلىشىچە، 59 يېشىدا ئىككىنچى قېتىم تۇتۇلغىنىدا، ئۇنىڭ سالامەتلىكىدە ھېچقانداق مەسىلە يوق بولۇپ، ئۇ بامدات نامازدىن كېيىن، ئېتىزلىقىدا سۇ تۇتۇۋاتقان مەزگىلدە كەنت ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەنىكەن.

تەپسىلاتى...

توققۇزاق بۇلاقسۇنىڭ يېزا باشلىقى ئابلەت تۇرغۇن «قانات ئاستىغا ئېلىش جىنايىتى» بىلەن 14 يىللىق كېسىلگەن

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئۇيغۇر رايونىدا 2017‏-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا نىسبەتەن كۆپ تەكرارلانغان ئاتالمىش جىنايەت ناملىرىدىن بىرى «قانات ئاستىغا ئېلىش جىنايىتى» بولۇپ، بۇ «جىنايەت گۇماندارى» بولۇپ قالغان كىشىلەرگە بىلىپ ياكى بىلمەي ئىنساندارچىلىق نۇقتىسىدىن ياردەم قىلىپ قالغانلار مانا مۇشۇ قالپاق بىلەن تۇتۇلغان ۋە ئېغىر كېسىۋېتىلگەن. مانا بۇلاردىن بىرى توققۇزاق بۇلاقسۇنىڭ يېزا باشلىقى ئابلەت تۇرغۇن بولۇپ، ئۇ 82 ياشلىق بىر سابىق مەھبۇسنى «تەربىيەلەش» كە ئاپىرىلىدىغانلار تىزىملىكىدىن چىقىرىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن مەزكۇر قالپاق بىلەن 14 يىللىق كېسىلگەن.

ئىنكاس قىلىنىشىچە، 82 ياشلىق كىشىنى «تەربىيەلەش» كە ئېلىپ بېرىش توققۇزاق بۇلاقسۇ يېزىسىنىڭ يېزا باشلىقى ئابلەت تۇرغۇننىڭ ئىدىيەسىدىن ئۆتمىگەن، ئۇ بۇنداق قىلىشنى بۇ تۇتقۇن نامزاتىنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن تەھدىت دەپلا قارىماستىن، بەلكى يەنە ئۆزى خىزمەت قىلىۋاتقان پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىناۋىتى ئۈچۈنمۇ زىيانلىق دەپ قارىغان. ئەمما2017 ‏-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە، ئۇ مەزكۇر قارارى سەۋەپلىك «جىنايەتچىنى قانات ئاستىغا ئېلىش» گۇمانى بىلەن دۆلەت بىختەرلىك ساقچىلىرى تەرىپىدىن چاقىرتىلغان ۋە ئىز-دېرىكى غايىپ بولغان.

تەپسىلاتى...

لاگېردا ۋەزىپە ئۆتىگەن ساقچى نۇرمەمەت يۈسۈپنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقى ئاشكارىلاندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئۈرۈمچىدە لاگېر تۇتقۇنىنى قانات ئاستىغا ئېلىش گۇمانى بىلەن سوراق قىلىنغان ساقچى نۇرمەمەت يۈسۈپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.

رادىومزىغا ئىنكاس قىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى ئات بەيگىسى مەيدانى ساقچىخانىسىنىڭ خادىمى نۇرمەمەت يۈسۈپ، لاگېردا ۋەزىپە ئىجرا قىلىش داۋامىدا، بىر تۇتقۇنغا جىددىي بىر ئەھۋالدا ئىنسانىي نۇقتىدىن يېقىنچىلىق قىلغان. ئۇنىڭ بۇ قىلغىنى ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن بايقىلىپ قېلىپ، ئۈستىدىن تەكشۈرۈلۈش ئېلىپ بېرىلغان. تەكشۈرۈلۈش داۋام قىلىۋاتقان مەزگىلىدە، ئۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. بۇنىڭدىن ئىككى ئايچە ئاۋۋال يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە مۇخبىرىمىزنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ساقچى ئورگانلىرىغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى نەتىجىسىدە دەلىللەندى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

تەپسىلاتى...

سىنگاپوردا ئوقۇپ قايتقان دوختۇر ئابدۇقېييۇم ياسىننىڭ 4 يىلدىن بۇيان تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

قەشقەر كېرەمباغ دوختۇرخانىسىنىڭ ئىز-دېرىكى غايىپ بولغان كەسپىي خادىملىرىدىن بىرى، سىنگاپوردا ئوقۇپ قايتقان مۇدىر ۋىراچ دوختۇر ئابدۇقېييۇم ياسىن ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا ئۇنىڭ 4 يىلدىن بۇيان تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەندى.

ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، چەت ئەلدە ئوقۇپ قايتىش ئۇيغۇر رايونىدا خىتايلار ئۈچۈن مۇئاشى ئۆسۈش، مەرتىۋىسى يۈكسىلىش قاتارلىق كۆپ خىل ئىمتىيازلارنى ئاتا قىلىۋاتقان بولسا، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن «گۇمانلىق ئۇنسۇر» غا ئايلىنىش ۋە ئاخىرىدا تۈرمىگە تاشلىنىش قاتارلىق ئېچىنىشلىق قىسمەتلەرگە مۇپتىلا قىلماقتا. دېيىلىشىچە، بۇنىڭ بىر تىپىك مىسالى سىنگاپوردا ئوقۇپ قايتقان مۇدىر ۋىراچ دوختۇر ئابدۇقېييۇم ياسىندۇر.

تەپسىلاتى...

كورلادا لاگېرغا تىزىملىتىشنى رەت قىلغان ئەركىن سۇلايماننىڭ ساقچىخانىدىن جەسىتى چىققان

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

كورلا ۋەزىيىىتىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرىنىڭ رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، كورلا شەھەرلىك تەمىنات-سودا سارىيىنىڭ تېخنىك ئىشىچىسى ئەركىن سۇلايمان، 7 ‏-ئاينىڭ بىرىنچى ھەپتىسى «تەربىيەلەش» كە ئۆزىنى تىزىملىتىش ئۈچۈن ساقچىخانىغا چاقىرتىلغان. ئەركىن سۇلايمان ئۆزىنىڭ گۇناھسىزلىقىنى بىلدۈرۈپ تىزىملىتىشنى رەت قىلغان. نەتىجىدە شۇ ھەپتىسى ئۆيىدىن مەجبۇرى تۇتۇپ ئەكىتىلگەن ئەركىن سۇلايماننىڭ ئۈچ ھەپتىدىن كېيىن ئائىلىسىگە جەسىتى قايتۇرۇلغان. مۇخبىرىمىزنىڭ كورلاغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى دۋامىدا ۋەقەنىڭ راستلىقى دەلىللەندى.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ ئىنكاسىدا بايان قىلىنىشىچە، كورلا شەھەرلىك تەمىنات-سودا سارىيىنىڭ 25 يىللىق تېخنىك ئىشچىسى ئەركىن سۇلايمان 7‏-ئاينىڭ بىرىنجچى ھەپتىسى «تەربىيەلەش» كە تىزىملىتىش ئۈچۈن ساقچىخانىغا چاقىرتىلغان. ئەركىن بۇ «تەربىيەلەش» كە بېرىشنىڭ سەۋەبىنى سورىغىنىدا، ساقچىلار ئۇنىڭ 5 يىلنىڭ ئالدىدا تۈركىيەدىكى ئىنىسى بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەنلىكى ۋە تېلېفون سۆھبەت خاتىرىسىدە «مەسىلە» كۆرۈلگەنلىكى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ چوقۇم «تەربىيەلەش» كە بېرىشى كېرەكلىكى ئۇقتۇرغان.

تەپسىلاتى...

ئۇچتۇرپاندىكى بىر ئوقۇتقۇچى قىيىنچىلىقى بار ئىككى ئوقۇغۇچىسىغا ياردەم قىلغانلىقى ئۈچۈن 14 يىللىق كېسۋېتىلگەن

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئۇيغۇر رايوندا 2017 ‏-يىلىدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان زور تۇتقۇندا، قىلغان خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى «دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ ئىپادىسى» دەپ قارىلىپ كېسىۋېتىلگەنلەرنىڭ سانى ئاز ئەمەس. كۆپىنچە ھاللاردا تىجارەتچىلەر بۇ قالپاق بىلەن «تەربىيەلەش» كە ئېلىپ كېتىلگەن بولسا، ئۇچتۇرپاننىڭ ئىماملىرىم يېزىسىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى كېرەم ئابدۇراخمان قېيىنچىلىقى بار ئىككى ئوقۇغۇچىسىغا ئىقتىسادىي ياردەم قىلغانلىقى ئۈچۈن 14 يىللىق كېسىۋېتىلگەن. دېيىلىشىچە، بۇ كېسىمگە ئۇنىڭ مەزكۇر ئىككى ئوقۇغۇچىسىنىڭ تېلېفونىدىن «چاتاق» چىقىپ قولغا ئېلىنىشى تۈرتكە بولغان ئىكەن.

تەپسىلاتى...

رەناگۈل غېنى دادىسى تۈگەپ كەتكەندە قىلغان ئىبادەتلىرى سەۋەبلىك 17 يىللىق كېسىلگەن

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

يېقىنقى 4-5 يىلدىن بۇيان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ياردىمىدە خىتاي ھاكىمىيىتى لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قامىغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئىزدەۋاتقانلىقى مەلۇم. ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق قەلبىنۇر غېنى ئاشۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئائىلىسىنىڭ بېشىغا كەلگەن پاجىئەلەرنى ئامېرىكانىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئەپەندىگە ئاڭلىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئىدى.

قەلبىنۇر غېنى ئامېرىكانىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئەپەندى بىلەن ئۆتكەن يىلى 3-دىكابىردا كۆرۈشكەن. ئۇ رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مايك پومپېيو ئەپەندى بىلەن بولغان سۆھبىتى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇچرىغان تەھدىتلەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن پومپېيو ئەپەندىگە ئائىلەمنىڭ ۋە پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنى ئېيتتىم. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ دۇنيادىلا دوزاخنىڭ كۈنىنى كۆرۈۋاتقانلىقىنى، خەلقئارادىن ياردەم كۈتۈۋاتقانلىقىمىزنى بىلدۈرگەن ئىدىم.»

شۇنىڭدىن كېيىن قەلبىنۇرنىڭ كورلادا تۇرۇشلۇق ئائىلىسى دائىم خىتاي دائىرىلىرىنىڭ سوراق قىلىشىغا ئۇچرىغان. خىتاي دائىرىلىرى قەلبىنۇرغا بىۋاسىتە ياكى ئائىلىسى ئارقىلىق بېسىم قىلىشقا باشلىغان. ھەتتا قەلبىنۇرغا ئاچىسى رەناگۈل غېنىنىڭ ئاۋازلىق ئۇچۇرىنى يوللىغان بولۇپ، ئاچىسى ئۇنىڭدىن «قالايمىقان ئىشلارغا ئارىلاشماسلىق» نى تەلەپ قىلغان.

قەلبىنۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاچىسى رەناگۈل غېنى ئەسلىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئىككى بالىنىڭ ئانىسى ئىكەن. ئۇ 2018-يىلى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن بولۇپ، قەلبىنۇرنىڭ يېقىندا ئالغان خەۋىرىگە قارىغاندا ئۇ بۇ يىل 5-ئايدا لاگېردىن تۈرمىگە يۆتكەلگەن ئىكەن.

تەپسىلاتى...

ئاتا-ئانىسى ئېغىر جازالانغان غۇلجادىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە 42 ئوقۇغۇچىغا «ئالاھىدە سىياسىي تەربىيە» بېرىلگەن

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

2017‏-يىلدىن بۇيان، ئۇيغۇر رايونىدىكى مەكتەپلەردە ئاتا-ئانىسى ياكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى تۇتقۇندا بولۇش ئاساسەن ئومۇمىييۈزلۈك ئەھۋالغا ئۆزگىرىش بىلەن بىرلىكتە، ئاتا-ئانىسى ئېغىر جازاغا ئۇچرىغان بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا مەكتەپلەردە «ئالاھىدە سىياسىىي تەربىيە» ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە مەزكۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھىي كەيپىياتى ۋە ئوقۇش نەتىجىسدە ئېغىر مەسىلە كۆرۈلىۋاتقانلىقى ئىنكاس قىلىنماقتا. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ئىنكاسلارغا ئاساسەن ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، غۇلجا ناھىيەسىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە ئاتا-ئانىسى تۇتقۇندا بولغان 42 ئوقۇغچىغا پەرقلىق سىياسىي تەربىيە ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ دەرس نەتىجىسىدە ئېغىر چېكىنىش بولغانلىقى ئاشكارىلاندى.

ئۇيغۇر رايونىنىڭ مائارىپ ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، ئۆتكەن يىلنىڭ بېشىدا مەكتەپلەرگە ئاتا-ئانىسى ئېغىر جازالانغان ئوقۇغۇچىلارغا «ئالاھىدە سىياسىي تەربىيە» بېرىش ھەققىدە بىر ئۇقتۇرۇش چۈشكەنلىكىنى ئىنكاس قىلدى. دېيىلىشىچە، بۇ ئۇقتۇرۇشتا ئاتا-ئانىسى ئېغىر كېسىۋېتىلگەن ئوقۇغۇچىلارغا تەسەللىي بېرىش تەشەببۇس قىلىنغان ۋە بىر تەرەپتىن بۇ بالىلاردا ھۆكۈمەتكە قارىتا نارازىلىق كەيپىياتى شەكىللىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەلەپ قىلىنغان.

تەپسىلاتى...

ئامېرىكانى زىيارەت قىلىپ قايتقان كارخانىچى مەخەتجان ئەلقۇتنىڭ ھېلىھەم «تەربىيەلەش» تە ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى ئۆتكەن ئايدا رادىيومىزغا ئىنكاس يوللاپ، قەشقەر يېڭىشەھەردىكى قابىل كارخانىچىلاردىن مەخەتجان ئەلقۇتنىڭ 2014-2015‏-يىللىرى ئامېرىكانى زىيارەت قىلىپ قايتاندىن كېيىن تۇتۇلغانلىقى ۋە تا ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى يولۇقىنى مەلۇم قىلغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ قەشقەر يېڭىشەھەردىكى ئالاقىدار ئورگانلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، مەخەتجان ئەلقۇتنىڭ 2017‏-يىلى تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە تا ھازىرغىچە «تەربىيەلەش ئورنى» دا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

ئىنكاس قىلىنىشىچە، قابىل كارخىچى مەخەتجان ئەلقۇت كارخانىچىلاردىن تەشكىللەنگەن بىر زىيارەت ئۆمىكى تەركىبىدە 2014‏- ۋە 2015-يىللىرى ئامېرىكاغا ئىككى قېتىم زىيارەتكە كەلگەن. ئىككىنجى قېتىملىق كېلىشىدە ھامىلدار ئايالى پەرىدە ئىلغار ئامېرىكادا يەڭگىگەن ۋە بۇ4-قىز پەرزەنتى ئامېرىكا پاسپورتىغا ئېرىشكەن. ئۇلار ئەر-ئايال يۇرتىغا قايتىپ بىر مەزگىلدىن كېيىن، يەنى2017-يىلى 5-ئايدا مەخەتجان ئەلقۇت تۇتقۇن قىلىنغان ۋە تا ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى غايىپ بولغان.

تەپسىلاتى...