گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللار كومىتېتى قۇرۇلدى

2010-يىلى 31-يانۋار

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىمىزنىڭ يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ يېتەكلىشى، ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاياللار كومىتېتىنىڭ غەلىبىلىك قۇرۇلغانلىق تۈرتكىسى بىلەن 2010-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتى قۇرۇلدى.

گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللار كومىتېتىنى قۇرۇشتىكى ئاساسلىق مەقسەت گېرمانىيە ئاساسى قانۇنىدا بەلگىلىگەن ماددىلارغا رىئايە قىلغان ئاساستا، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى گېرمانىيە ئىجتىمائىي جەمئىيىتىگە ماسلىشىشقا يېتەكلەش. د ئۇ ق ۋە رابىيە قادىر خانىمنى ھىمايە قىلىپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئوز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش، گېرمانىيە دۆلەت قانۇنى شۇنىڭدەك خەلقئارالىق قانۇن ۋاسىتىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي، دېموكراتىك ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەش. گېرمانىيدىكى ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلەرنى ئوز ئانا تىلى، دىنى، مەدىنىيەت – سەنئىتى ۋە تارىخىنى بىلىدىغان قىلىپ تەربىيىلەپ چېكىش. چۈنكى گېرمانىيىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ۋە بولۇۋاتقان بالىلىرىمىزنىڭ ئوز ئانا تىلىنى ئۆگىنىش ئىمكانىيىتى يوق. گېرمانىيە ۋە ياۋروپادىكى ھەر دەرىجىلىك ئاياللار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى بىلەن مۇناسىۋەت قۇرۇپ، ئۇلارغا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ نۆۋەتتىكى(ۋەتەندىكى)تراگېدىيىسىنى چۈشەندۈرۈپ، ئوز-ئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلىپ ئۇلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە ئوز-ئارا دوستلۇقنى كۈچەيتىش. ئۇيغۇر ۋە گېرمان جامائىتىدىن ئەزا قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ گېرمان جامائىتى ئىچىدىكى تەسىرىنى كۈچەيتىش .

تەپسىلاتى...

خىتاينىڭ ‘5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى باستۇرۇش جەريانىدا 1500 دىن ئارتۇق ئادەمنى قىرىپ تاشلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى

خىتاي داىرىلىرىنىڭ “5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى”نى باستۇرۇش جەريانىدا 1500 دىن ئارتۇق ئادەمنى قىرىپ تاشلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر “بوشۈن” خەۋەرلەر تورىدا 30 – يانۋار ئاشكارىلانغان. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىم داىرىلىرى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نامايىش قىلىش خەۋىرىنى 3 كۈن بۇرۇن تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، نامايىش ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان يول ئېغىزلىرىدا باستۇرۇش تەييارلىقى كۆرگەن.

ھالبۇكى، نامايىشى ھۆكۈمەت داىرىلىرى پەرەز قىلغان لىنىيىدە ئېلىپ بېرىلمىغان بولغاچقا، خىتاي داىرىلىرى دەسلەپتە ئامالسىز قىلغان.

خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرى نامايىش يۈز بەرگەن ئورۇن توغرىسىدا ئاخبارات تاپشۇرۇپ ئالغان بولسىمۇ، ئەمما باستۇرۇش بۇيرۇقى ۋاقتىدا چۈشمىگەچكە، ۋەقە يۈز بەرگەن رايونغا ئىككى سائەت كېچىكىپ يېتىپ بارغان.

خەۋەردە بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن ئېلىنغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق كۆرسىتىلگەن، “تولۇق قوراللىنىپ بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرغان قوراللىق ساقچى قىسىم، ۋەقە يۈز بەرگەن رايوننى دەرھال مۇھاسىرە ئىچىگە ئالغان، كوچا ئېغىزلىرى، ئەتراپتىكى بىنالارنى تولۇق قامال قىلغان ۋە ۋەقە يۈز بەرگەن مەيداندىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنى نەق مەيداندا قىرىپ تۈگەتكەن.”

تەپسىلاتى...

رابىيە خانىم شۋېتسارىيىدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

2010-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە خانىم ۋە مۇئاۋىن رەئىسلەردىن ئەسقەرجان، ئۆمەر قانات، باش كاتىپ دولقۇن ئەيسالار ئىتالىيىدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 1-ئاينىڭ 27-كۈنى كېچىدە شۋېتسارىيىنىڭ پايتەختى بېرىن شەھىرىگە يىتىپ كەلدى.

يېقىنقى بىر-قانچە ھەپتىدىن بۇيان، گۇنتانامو تۈرمىسىدە تۇرۇۋاتقان ئەركىن مەخمۇت، بەختىيار مەخمۇت قاتارلىق ئاكا-ئۇكا ئىككى ئۇيغۇرنى شۋېتسارىيىگە قوبۇل قىلىش-قىلماسلىق مەسىلىسى، شۋېتسارىيە ھۆكۈمىتى، پارلامېنتى، مەتبۇئاتىنىڭ ۋە جامائەتچىلىكىنىڭ كۈچلۈك قىزىقىشىنى ۋە تالاش-تارتىشىنى قوزغىغان قىزىق تېمىلاردىن بىرى بولۇپ كەلمەكتە ئىدى.

شۋېتسارىيە ھۆكۈمىتى، پارلامېنتىنىڭ بىر قىسىم رەھبەرلىرى ۋە شۇنداقلا بارلىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇ ئىككى نەپەر ئۇيغۇرنى شۋېتسارىيە دۆلىتىنىڭ قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن جىددىي پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ئامما خىتاي ھۆكۈمىتى دىپلوماتىيە ۋە ئىقتىسادى كارتىلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئۇ ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلماسلىق ئۈچۈن شۋېتسارىيە ھۆكۈمىتىگە بېسىم قىلدى.

تەپسىلاتى...

گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلار ياۋروپا پارلامېنتىدا

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى

1 – ئاينىڭ 26 – كۈنى، گوللاندىيە ئۇيغۇرلارنى ھىمايە قىلىش جەمئىيىتى رەئىسى غەيرەت ئەپەندى، تىبەتلىكلەر، فالۇڭوڭچىلار ۋە خىتاي دېموكراتىك ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن بىرگە بېلگىيە پايتەختى بريۇسسېلغا بېرىپ، ياۋروپا پارلامېنتى ئەزاسى ۋە گوللاندىيە پارلامېنتى ئەزاسى ھانس ۋان باالەن بىلەن ئۇچرىشىپ سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.

غەيرەت ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشنىڭ ئاساسى مەزمۇنىدىن مەلۇمات بەردى. بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان  بولۇپ، ۋەكىللەر ياۋروپا پارلامېنتى ئەزاسى ھانس ئەپەندىدىن كامبودژادىن تۇتۇپ كېتىلگەن ئۇيغۇرلارنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە گوللاندىيىدىكى مۇھاجىر ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم جەنۇبى تېرول ئاپتونوم رايونىنى زىيارەت قىلدى

2010-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە خانىم، مۇئاۋىن رەئىس ئەسقەرجان، ئۆمەر قانات، باش كاتىپ دولقۇن ئەيسا ئەپەندىلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا 2010-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە ئىتالىيىگە تەۋە بولغان جەنۇبى تېرول ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنى زىيارەت قىلىپ، جەنۇبى تېرولنىڭ پرېزىدېنتى، پارلامېنت ئەزالىرى، ھەرقايسى سىياسىي پارتىيە رەھبەرلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، مەتبۇئات خادىملىرى بىلەن ئۇچۇرۇشۇش ئېلىپ باردى.

رابىيە خانىم باشچىلىقىدىكى د ئۇ ق رەھبەرلىرى 2010-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى ئاپتونوم رايونىنىڭ پايتەختى بوزەن شەھىرىگە يىتىپ كەلدى. رابىيە خانىمنىڭ  ئۇ قېتىمقى زىيارىتى مەركىزى بوزەندىكى ياۋروپا تەتقىقات ئاكادېمىيىسى، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەر تەشكىلاتى، جەنۇبى تېرول ياشلار ئىتتىپاقى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ تەكلىپ قىلىشى ۋە جەنۇبى تېرول ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى قوللىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، تۇنجى پائالىيىتى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى ئەتىگەن سائەت 10.00 دا ياۋروپا تەتقىقات ئاكادېمىيىسىنىڭ مەركىزىدە مەتبۇئات يىغىنى ئۆتكۈزۈش بىلەن باشلاندى.

تەپسىلاتى...

تۈركىيە خالىسانە بىرلەشمە ۋەخپى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان يىغىندا ئۇيغۇرلار

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى

2010 ‏- يىلى 1 ‏- ئاينىڭ 16 ‏- كۈنى تۈركىيە خالىسانە بىرلەشمە ۋەخپىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، تەشكىلاتنى قانداق ئىدارە قىلىش ۋە تەشكىللەش، قانداق قىلغاندا ئاكتىپ ھالغا كەلتۈرۈش توغرىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا  شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان باشچىلىقىدىكى ھەيئەت تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

يىغىنغا  سىياسىي ۋەخپىنىڭ رەىسى فەخرى سولاك ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. مۇراسىمدا مالتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد ۋە ئىگىلىك باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى پروفسسور دوكتور نازىف گۆردوغان ئەپەندى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى قانداق تەشكىللەش ۋە يۈرگۈزۈش توغرىسىدا سۆز قىلدى.

تەپسىلاتى...

گوللاندىيە پارلامېنتىدا 20 ئۇيغۇر ۋە بىر ئۇيغۇر قىز مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى

ئۆتكەن ئايدا 20 نەپەر ئۇيغۇر كامبودژادىن خىتايغا قايتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۆتكەن ھەپتە يەنە گوللاندىيىدە بىر ئۇيغۇر قىزى خىتايغا قايتۇرۇلماقچى بولغان. ئۇ ئۇيغۇر قىز، گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇر ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلىرى، شۇنداقلا گوللاندىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن ئايروپىلاندىن چۈشۈرۈۋېلىنغان  ئىدى.

بۈگۈن گوللاندىيە پارلامېنتىدا 20 ئۇيغۇر ۋە بىر قىز مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان.  مەسىلىنى گوللاندىيىدىكى سوتسىيالىست پارتىيىنىڭ باشلىقى ھارري ۋان بوممەل ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ سۆزىدە كامبودژانىڭ 20 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇشىنىڭ دۇنيادا قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىغانلىقىنى، ياۋروپا بىرلىكىنىڭمۇ كامبودژانى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تەنقىد قىلغانلىقىنى، ئەمما، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ ئەزاسى بولغان گوللاندىيىنىڭ ئۇيغۇر مۇھاجىرلار مەسىلىسىدە كامبودژا ئۆتكۈزگەن خاتالىقنى تەكرارلىغىلى تاس قالغانلىقىنى بايان قىلغان ۋە پارلامېنت ئەزالىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.

تەپسىلاتى...

سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى بىلەن ئۇچراشتى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەىسى سېيىت تۈمتۈرك 2010 ‏- يىلى 1 ‏- ئاينىڭ 16 ‏- كۈنىدىن 18 ‏- كۈنىگىچە ئىستانبۇلنى زىيارەت قىلىپ، بىر يۈرۈش خىزمەت پائالىيەتلىرى ئېلىپ باردى.

سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بۇ زىيارىتى جەريانىدا، ئىستانبۇل مۇئاۋىن ۋالىيسى مەھمەت ئېلى ئۇلۇتاش ئەپەندى بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇيغۇرلار ۋە “5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى” ھەققىدە دوكلات بەردى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە پىكىرلەشتى.

سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى يەنە، ئىستانبۇل شەھەرلىك نوپۇس ۋە ۋەتەنداشلىق مۇدىرى مەھمەت گۈڭۆر ئەپەندىنى زىيارەت قىلىپ، تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس ‏- ۋەتەنداشلىق ئىشلىرى ھەققىدە سۆھبەتلەشتى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە گىراجدانلىقىغا ئۆتۈشى ئۈچۈن شەرتلەرنى يېنىكلىتىش ھەققىدە بىر قانچە تۈرلۈك تەلەپ سۇندى. سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىستانبۇل مەركىزى ساقچى ئىدارىسىنى زىيارەت قىلىپ ساقچى ئىدارىسىنىڭ چەتەللىكلەر ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ ساقچى باشلىقى بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق رۇخسەت خېتى ھەل قىلىش قاتارلىق بىر قىسىم مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەتلەشتى.

تەپسىلاتى...

ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتى يېڭى پائالىيەتلىرىنى باشلىدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتى يېقىندا ئامېرىكىنىڭ ۋىرجىنىيە شتاتىدا رەسمىي قۇرۇلۇپ، پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتىنىڭ رەىسى زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم، مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يېڭى قۇرۇلغان مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتى ھەمدە تەشكىلاتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى پائالىيەت پىلانلىرى ھەققىدە توختالدى.

تەپسىلاتى...

ئىستانبۇلدا ‘ئۇيغۇر ۋەزىيىتى’ ھەققىدە دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى

2010 ‏- يىلى 1 ‏- ئاينىڭ 16 ‏- كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن جەمئىيەت يىغىن زالىدا ‘ئۇيغۇر ۋەزىيىتى” ھەققىدە دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىنغا  دۇنيانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىدىن ئىستانبۇلغا كېلىپ ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلاردىن كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. يىغىنغا  خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مەسۇللىرىدىن ناجى ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلىش بىلەن باشلاندى. يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەىسى سېيىت تۈمتۈرك يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە ھازىرقى ۋەزىيىتى شۇنداقلا 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ئالدى كەينىدىكى ۋەزىيەت ھەققىدە تەپسىلىي دوكلات بەردى.

تەپسىلاتى...