گوللاندىيە پارلامېنتىدا 20 ئۇيغۇر ۋە بىر ئۇيغۇر قىز مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى

ئۆتكەن ئايدا 20 نەپەر ئۇيغۇر كامبودژادىن خىتايغا قايتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۆتكەن ھەپتە يەنە گوللاندىيىدە بىر ئۇيغۇر قىزى خىتايغا قايتۇرۇلماقچى بولغان. ئۇ ئۇيغۇر قىز، گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇر ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلىرى، شۇنداقلا گوللاندىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن ئايروپىلاندىن چۈشۈرۈۋېلىنغان  ئىدى.

بۈگۈن گوللاندىيە پارلامېنتىدا 20 ئۇيغۇر ۋە بىر قىز مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان.  مەسىلىنى گوللاندىيىدىكى سوتسىيالىست پارتىيىنىڭ باشلىقى ھارري ۋان بوممەل ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ سۆزىدە كامبودژانىڭ 20 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇشىنىڭ دۇنيادا قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىغانلىقىنى، ياۋروپا بىرلىكىنىڭمۇ كامبودژانى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تەنقىد قىلغانلىقىنى، ئەمما، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ ئەزاسى بولغان گوللاندىيىنىڭ ئۇيغۇر مۇھاجىرلار مەسىلىسىدە كامبودژا ئۆتكۈزگەن خاتالىقنى تەكرارلىغىلى تاس قالغانلىقىنى بايان قىلغان ۋە پارلامېنت ئەزالىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.

تەپسىلاتى...

سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى بىلەن ئۇچراشتى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەىسى سېيىت تۈمتۈرك 2010 ‏- يىلى 1 ‏- ئاينىڭ 16 ‏- كۈنىدىن 18 ‏- كۈنىگىچە ئىستانبۇلنى زىيارەت قىلىپ، بىر يۈرۈش خىزمەت پائالىيەتلىرى ئېلىپ باردى.

سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بۇ زىيارىتى جەريانىدا، ئىستانبۇل مۇئاۋىن ۋالىيسى مەھمەت ئېلى ئۇلۇتاش ئەپەندى بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇيغۇرلار ۋە “5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى” ھەققىدە دوكلات بەردى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە پىكىرلەشتى.

سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى يەنە، ئىستانبۇل شەھەرلىك نوپۇس ۋە ۋەتەنداشلىق مۇدىرى مەھمەت گۈڭۆر ئەپەندىنى زىيارەت قىلىپ، تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس ‏- ۋەتەنداشلىق ئىشلىرى ھەققىدە سۆھبەتلەشتى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە گىراجدانلىقىغا ئۆتۈشى ئۈچۈن شەرتلەرنى يېنىكلىتىش ھەققىدە بىر قانچە تۈرلۈك تەلەپ سۇندى. سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىستانبۇل مەركىزى ساقچى ئىدارىسىنى زىيارەت قىلىپ ساقچى ئىدارىسىنىڭ چەتەللىكلەر ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ ساقچى باشلىقى بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق رۇخسەت خېتى ھەل قىلىش قاتارلىق بىر قىسىم مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەتلەشتى.

تەپسىلاتى...

ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتى يېڭى پائالىيەتلىرىنى باشلىدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتى يېقىندا ئامېرىكىنىڭ ۋىرجىنىيە شتاتىدا رەسمىي قۇرۇلۇپ، پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتىنىڭ رەىسى زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم، مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يېڭى قۇرۇلغان مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتى ھەمدە تەشكىلاتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى پائالىيەت پىلانلىرى ھەققىدە توختالدى.

تەپسىلاتى...

ئىستانبۇلدا ‘ئۇيغۇر ۋەزىيىتى’ ھەققىدە دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى

2010 ‏- يىلى 1 ‏- ئاينىڭ 16 ‏- كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن جەمئىيەت يىغىن زالىدا ‘ئۇيغۇر ۋەزىيىتى” ھەققىدە دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىنغا  دۇنيانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىدىن ئىستانبۇلغا كېلىپ ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلاردىن كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. يىغىنغا  خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مەسۇللىرىدىن ناجى ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلىش بىلەن باشلاندى. يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەىسى سېيىت تۈمتۈرك يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە ھازىرقى ۋەزىيىتى شۇنداقلا 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ئالدى كەينىدىكى ۋەزىيەت ھەققىدە تەپسىلىي دوكلات بەردى.

تەپسىلاتى...

تۈركىيە پارلامېنتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى نەۋزات پاقدىل د ئۇ ق ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى

تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى نەۋزات پاقدىل ئەپەندى د ئۇ ق مۇئاۋىن رەىسى، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن د ئۇ ق تەپتىش ھەيئىتى ئەزاسى ھايرۇللا ئەفەندىگىل ئەپەندىنى پارلامېنت بىناسىدىكى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلدى.

ناھايىتى قىزغىن ئۆتكەن بۇ ئۇچرىشىشتا سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي ھەيەتلىرىنىڭ ئارقا – ئارقىدىن تۈركىيىنى زىيارەت قىلىپ ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە يالغان مەلۇمات بېرىۋاتقانلىقىنى تۈرك رەھبەرلىرىنىڭ خىتايلارنىڭ گەپلىرىگە ئىشەنمەسلىكى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

تەپسىلاتى...

ب د ت ئەنقەرە شۆبىسى بىلەن خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ر ف ئا خەۋىرى

2009-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى

كامبودژا تەرىپىدىن 20 ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلىشى تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق قايغۇغا چۆمدۈردى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش مەقسىتى بىلەن 12 – ئاينىڭ 23 – كۈنى تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق شۆبىسى بىلەن خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلۈپ مۇخبىرلارغا بايانات بېرىلدى.

نامايىش ئاخىرىدا خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن 20 ئۇيغۇرغا سىمۋول سۈپىتىدە 20 ئاق گۈل بىلەن قارا گۈلچەمبىرەك خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئىشىكىگە قويۇلدى.

بۇ نامايىشنى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، بۇ نامايىشقا يەنە تۈركىيىدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن بىرى بولغان تۈرك دۇنياسى تەشكىلاتلار بىرلىكى مەسئۇللىرىمۇ قاتناشتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

تەپسىلاتى...

ئۇيغۇر ۋەكىللىرى كالىفورنىيىدە تەيۋەنلىكلەرگە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى چۈشەندۈردى

ر ف ئا خەۋىرى

2009-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھەمراھى، ئوبزورچى سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى بىلەن ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى، يېقىندا ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىنىڭ لوس – ئانجېلېس شەھىرىدە “تەيۋەن دوستلىرى” جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان يىغىنغا  تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

بۇ يىغىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تەيۋەنلىكلەرنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا تۇتقان پوزىتسىيىسىنى چۈشىنىش پۇرسىتى بولدى، شۇنداقلا تەيۋەنلىكلەرنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە بولغان ھىمايىسىنى قولغا كەلتۈردى.

ئالىم سېيىتوف ۋە سىدىق ھاجى روزى ئەپەندىلەر يىغىندا يەنە ئايرىم – ئايرىم نۇتۇق سۆزلەپ، تەيۋەنلىكلەرگە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك مەسىلىلىرى توغرىسىدا ئەتراپلىق مەلۇمات بەردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/tepsili_xewer/uyghur-teywen-munasiwiti-12232009190754.html/story_main?encoding=arabic

تەپسىلاتى...

رابىيە خانىمنىڭ ياۋروپادىكى 7 دۆلەتكە قىلغان زىيارىتى

2009-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە دۇق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، دۇق باياناتچىسى ئالىم سەيىتوف ئەپەندىمنىڭ ھەمراھلىقىدا 11 – ئاينىڭ 20 – كۈنى باشلىغان بۇ قېتىمقى ياۋروپا زىيارىتىنى، 12 – ئاينىڭ 15 – كۈنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ ئامېرىكىغا قايتىپ كەلدى.

رابىيە خانىم بۇ قېتىمقى ياۋروپا زىيارىتى جەريانىدا ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ئىتالىيە، شۋېتسىيە، گېرمانىيە، شۋېتسارىيە، ئاۋسترىيە، فرانسىيە ۋە گوللاندىيە قاتارلىق 7 دۆلەتنى زىيارەت قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ۋەكىللىرى، بۇ ئەللەرنىڭ ھۆكۈمەت ۋە پارلامېنت مەسئۇللىرى، شۇنداقلا تۈرلۈك كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، سىياسىي پارتىيىلەر ۋە ئاممىۋى گۇرۇپپىلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كەڭ دائىرىدە ئۇچۇرۇشۇپ، ئۇلارغا 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ ھەقىقىي جەريانى ۋە ماھىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.

تەپسىلاتى...

گېرمانىيىدە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش

Germaniye namayish3.2009.12.102009-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى

دۇق مەركىزى ئورگىنى ۋە دۇق تەركىبىدىكى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ  61 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە مەخسۇس نامايىش ئۇيۇشتۇرۇپ، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي تازىلاش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە قارىتا نارازىلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

تەپسىلاتى...

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى گېرمانىيىدە قۇربان ھېيتلىق چاي بەردى

2009-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى

قۇربان ھېيت، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىڭ يىلدىن بۇيان ئىپتىخار ۋە سۆيۈنۈش بىلەن تەبرىكلەپ كەلگەن دىنىي ۋە مىللىي بايرىمى .مۇشۇ مۇبارەك كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن،ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى ميۇنخېن شەھىرىدە 29 –نويابىر كۈنى گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مۇبارەك بايرىمىنى تەبرىكلەپ قوي سويۇپ چاي بەردى.

تەپسىلاتى...