د ئۇ ق نىڭ قازاقىستان ۋەكىللىرى ميۇنخېنغا يېتىپ كەلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى

بۇ ھەپتە گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان د ئۇ ق داىمىي ھەيەتلەر يىللىق يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن قازاقىستاندىن كەلگەن ۋەكىللەر ئۆمىكى 24 ‏- فېۋرال كۈنى ميۇنخېنغا  يېتىپ كەلدى.

تونۇلغان سىياسىيون ئالىم رېزا سەمىدىي ۋە د ئۇ ق نىڭ قازاقىستاندىكى يېتەكچىلىرىدىن ئابدۇرىشىت قاتارلىق ۋەكىللەر مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 5 ‏- ئىيۇل قانلىق ۋەقەسىدىن كېيىنكى پائالىيەتلىرى ۋە بۇ قېتىملىق د ئۇ ق نىڭ يىغىنىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرى ھەققىدە توختالدى.

تەپسىلاتى...

رابىيە قادىر خانىم جەنۋەدە `4 ‏- نۆۋەتلىك دۇنيا ئۆلۈم جازاسىغا قارشى تۇرۇش` يىغىنىغا قاتناشتى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، شۋېتسارىيىدە ئېچىلغان “4 ‏- نۆۋەتلىك دۇنيا ئۆلۈم جازاسىغا قارشى تۇرۇش” يىغىنىغا قاتناشتى.

بۇ يىغىنغا  120 ئەتراپىدا دۆلەتتىن مىنىستىرلار، پارلامېنت ئەزالىرى، ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە ئىنسان ھەقلىرى پاالىيەتچىلىرى قاتناشقان بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئالىم سېيىتوف قاتناشقان.

يىغىندا ئەڭ كۆپ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىۋاتقان خىتاي ۋە ئىرانغا  ئوخشاش دۆلەتلەر ئەيىبلىگەن.

رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئالىم سېيىتوف زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى يىغىن ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق نىڭ دائىمىي كومىتېت يىغىنى ميۇنخېندا چاقىرىلىدۇ

2010-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى

5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن بۇيان، ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقىمىزنىڭ ۋەزىيىتى كۈندىن – كۈنگە ئېغىرلاشماقتا، تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ زەنجىرسىمان ئىنكاسى ھازىرمۇ پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان مىقياسى بويىچە ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىپ كەلمەكتە.

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ ۋەقەنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان كەڭ كۆلەملىك قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا 10 مىڭلىغان بىگۇناھ قېرىنداشلىرىمىز يولسىزلارچە تۇتقۇن قىلىنىپ قاراڭغۇ زىندانلارغا مەھكۇم بولدى، قىسقىغىنە بىرقانچە ئاي ئىچىدە پەقەت ئۈرۈمچى ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن 30 دىن ئارتۇق قېرىندىشىمىز ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى، يۈزلىگەن قېرىندىشىمىز تۈرمىلەردە ۋەھشىيلەرچە ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلدى.


ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، ۋەتەن سىرتىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مىللىي ھەرىكىتىمىزمۇ زور تارىخىي سىناققا دۇچ كەلدى، ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقىمىز بىزدىن ئۆزلىرى چېكىۋاتقان بۇ كۈلپەتلەرنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تېخىمۇ جانلىق ۋە ئۈنۈملۈك شەكىلدە تۇيغۇزۇپ، خەلقئارا جامائەتچىلىكىنىڭ كۈچى بىلەن خىتايغا جىددىي بېسىم پەيدا قىلىشىمىزنى، بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرى چېكىۋاتقان چىدىغۇسىز زۇلۇملارنى بىرئاز بولسىمۇ يەڭگىللىتىشىمىزنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈشمەكتە.

تەپسىلاتى...

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ ئومۇمى سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى

2010-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى

مەركىزى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى” ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى ” تەشكىلاتىنىڭ 17 – نۆۋەتلىك ئومۇمى يىغىنى 2 – ئاينىڭ 21 – كۈنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۆتكۈزۈلدى.

د ئۇ ق تەركىبىدىكى ” ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى” تەشكىلاتى بولسا، غەرب دۇنياسىدا، جۈملىدىن ياۋروپادا قۇرۇلغان تۇنجى ئۇيغۇر تەشكىلاتى بولۇپ، 1991 – يىلى ئەركىن ئالپتەكىن , ئەنۋەرجان، ئۆمەر قانات ۋە ئەسقەرجان … قاتارلىق ئەپەندىلەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە قۇرۇلۇپ پائالىيەت باشلىغان ئىدى.

ھازىرغا قەدەر بۇ تەشكىلات، شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر داۋاسىنى دۇنياغا، جۈملىدىن ياۋروپا ئەللىرىگە تونۇتۇش جەھەتتە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپلا قالماستىن، يەنە، ” دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى قۇرۇلتىيى “, ” شەرقىي تۈركىستان ( ئۇيغۇرىستان ) مىللىي قۇرۇلتىيى ” ۋە ھازىرقى”دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ” قاتارلىق مەركىزى تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ قۇرۇشىدۇ تۈرتكۈلۈك مۇھىم رول ئوينىغان ۋە بۇ قۇرۇلتايلارغا ساھىبخانىلىق قىلغان ئىدى.

نۆۋەتتە”دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ” مەركىزى ئورگىنى بىلەن”ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى ” تەشكىلاتىنىڭ ئىشخانىسى بىرگە بولۇپ، ئۆزئارا يېقىندىن ھەمكارلىشىپ ۋە ماسلىشىپ خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە.

” ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى ” تەشكىلاتىنىڭ بۇ قېتىم ميۇنخېن شەھىرىدە چاقىرىلغان 17 – نۆۋەتلىك ئومۇمى يىغىنىدا ئالدى بىلەن باش كاتىپ غەيۇر قۇربان ئەپەندىم دوكلات بېرىپ، تەشكىلاتنىڭ ئۆتكەن ئىككى يىلدىن بۇيان ئېلىپ بارغان سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.

تەپسىلاتى...

ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيەت مەكتىپى دەرس باشلىدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى

ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىڭتون شەھىرى يېنىغا جايلاشقان ۋىرگىنىيە شتاتىنىڭ فاىرفاكىس شەھىرىدە 2 – ئاينىڭ 21 – كۈنى، خەلقئارا ئانا تىل بايرىمى كۈنى ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيەت مەكتىپى ئېچىلىش مۇراسىمى بىلەن دەرس باشلىدى.

ئېچىلىش مۇراسىمىغا كۆپ ساندا ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلىرى بىلەن بىرلىكتە قاتناشقان بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئېچىلىش مۇراسىمىدا نۇتۇق سۆزلەپ، پەرزەنتلەرنى ئۆز مەدەنىيىتى بىلەن تەربىيىلەشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

ۋاشىڭتون شەھىرى يېنىدىكى ۋىرگىنىيە، مەرىيلەند شتاتلىرىغا تارقالغان ئۇيغۇرلار ئۇزۇندىن بۇيان ئۆز پەرزەنتلىرىنى ئانا تىل ۋە مىللىي مەدەنىيەت بىلەن تەربىيىلەيدىغان بىرەر ئورۇننىڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلغان ئىدى. مەزكۇر مەكتەپ ئۇيغۇر جامائىتى ۋە ئاتا – ئانىلارنىڭ تەلىپى ھەم قىزغىن قوللىشى بىلەن تېخى يېقىندا قۇرۇلغان ئاياللار كېڭىشىنىڭ يىغىنىدا قارار قىلىنغان  بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل قىزغىنلىقىنى تۈرك جاماەتلىرىمۇ قوللاپ، مەكتەپ ئۈچۈن ئورۇن ئاجرىتىپ بەردى.

تەپسىلاتى...

ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى ب د ت باش كاتىپىغا يېزىلغان خەتكە ئىمزا توپلاش پائالىيىتى قوزغىدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى

ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى يېقىندا مەزكۇر تەشكىلات نامىدىن ب د ت باش كاتىپى بان كىمۇنغا  يېزىلغان خەتكە ئىمزا توپلاش پائالىيىتى قوزغىغان بولۇپ، بۇ خەتتە ب د ت باش كاتىپىدىن “5 – ئىيۇل ۋەقەسى”دىكى باستۇرۇشنى سۈرۈشتۈرۈپ، ۋەقەدە تۇتقۇنغا  ئۇچرىغانلارنى قويۇپ بېرىش، ۋەقەگە قاتناشقانلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى توختىتىشقا كۈچ چىقىرىشنى تەلەپ قىلغان.

ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ب د ت دىكى ئالاقىچىسى كەسېي پولىاسنىڭ مەسۇللۇقىدىكى بۇ پائالىيەتكە بۈگۈن 20 كۈن بولاي دەپ قالدى. بان كىمۇنغا  يېزىلغان خەتتە، “خىتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ نامايىشچىلارنى قانۇن سىرتىدا ئۆلتۈرگەنلىكى”، “داىرىلەر 2009 ‏‏ – يىلى ئىيۇلدا ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن تىنچ نامايىش ۋە مىللىي توقۇنۇش جەريانىدا، كېيىنكى كۈنلەردە سادىر قىلغان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى چوڭقۇر ئەندىشە ياراتقانلىقى”نى ئىلگىرى سۈرگەن.

تەپسىلاتى...

قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى ئاماننىساخان فوندى قۇردى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى

ئامانىساخان 16 ‏- ئەسىردە ياشىغان يەكەن خانلىقىنىڭ پادىشاھى سۇلتان ئابدۇرېشىتخاننىڭ خانىشىدۇر. لېكىن ئامانىساخاننىڭ نامى ئۇنىڭ ئۇيغۇر مۇزىكا تارىخىغا قوشقان تۆھپىسى بىلەن مەشھۇر.

يېقىندا قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى بىر فوندى جەمئىيەت قۇرۇپ، بۇ جەمئىيەتكە ئامانىسساخاننىڭ نامىنى بەرگەن ۋە “ئامانىسساخان‏ – ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئاۋازى” ناملىق بىر ژۇرنال تەسىس قىلغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

تەپسىلاتى...

ئىستانبۇلدىن كەلگەن ئۇيغۇر ھەيئەت ئەنقەرەدە مۇھىم پائالىيەتلەر ئېلىپ باردى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى

ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ھىدايۇتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە باش كاتىپى ئالىمجان بۇغدا باشچىلىقىدىكى 4 كىشىلىك ھەيئەت 2 – ئاينىڭ 15 ۋە 16 – كۈنلىرى ئەنقەرەدە ناھايىتى مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى.

ئۇلار بۇ ئىككى كۈن جەريانىدا بەزى سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ باشلىقلىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەم چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئىستانبۇلدىن كەلگەن مەزكۇر ئۇيغۇر ھەيئەت تۈركىيە پارلامېنتىدا بەزى مىنىستىر ۋە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەردى شۇنىڭدەك بۇ ھەقتە تەييارلىغان دوكلاتىنى ئۇلارغا سۇندى.

ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى ئۆزلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى پائالىيەتلىرى ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

تەپسىلاتى...

ئامېرىكا ئاياللار كومىتېتى نامايىش بۆلۈمى خىزمەت پىلانىنى بېكىتتى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى

ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتى تېخى قۇرۇلغىنىغا بىر ئاي بولمىغان ۋاقىت ئىچىدە، كومىتېتىنىڭ پائالىيەتلىرىنى سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن جىددىي تەييارلىق كۆرمەكتە.

مەزكۇر كومىتېت تارمىقىدا مائارىپ، تەشۋىقات ۋە دىنىي بۆلۈملەر تەسىس قىلىنغاندىن  سىرت، يەنە نامايىش ئۇيۇشتۇرۇش بۆلۈمى تەسىس قىلىنغان  بولۇپ، ئاياللار كومىتېتىنىڭ 14 ‏- فېۋرال كۈنىدىكى يىغىنىدا، بۆلۈمنىڭ خىزمەت پىلانلىرى، بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىي زۇلۇمىغا نارازىلىق بىلدۈرۈشتە قانداق شەكىلدە نامايىش ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا دوكلات بېرىلدى ۋە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلدى. يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ قېتىمقى ئاياللار كومىتېتىنىڭ يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن كومىتېت رەئىسى زۇبەيرە خانىم بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

تەپسىلاتى...

ئۇيغۇرلار ئەنقەرەدە ئىشخانا ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى

3 – ئاينىڭ 14 – كۈنى تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ئەنقەرەدە يېڭى ئېچىلغان ئىشخانىدا يىغىلىپ ئىشخانىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

ئېچىلىش مۇراسىمىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان باشچىلىقىدىكى ھەيئەت ۋە قەيسەرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 40 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.

ئەنقەرەدە ئېچىلغان ئىشخانىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن تۈركىيىدە شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ يېڭى بىر پەللىگە يەتكەنلىكىنى، شۇڭا ئەنقەرەدە چوڭ ئىشخانا ئاچقانلىقىنى، بۇ ئىشخانىنىڭ تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىش بېجىرىش ئورنى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تەپسىلاتى...