ھىلال تېلېۋىزىيىسىدە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى

يېقىندا تۈركىيە ھىلال تېلېۋىزىيىسىنىڭ ‘بەخت قوڭغۇزى’ ناملىق ئۆسمۈرلەر پروگراممىسىغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن جەمئىيەتنىڭ زەيتىنبۇرنۇ شۆبىسىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى بالىلار يەسلىدىن قىز ‏-ئوغۇل بولۇپ تاللانغان  15 نەپەر ئۇيغۇر ئۆسمۈر پەرزەنتى قاتناشتى.

بۇ پروگراممىغا ھىلال تېلېۋىزىيىسىنىڭ خادىمى ئەخمەت شاھىن ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. پروگرامما، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى خۇرشىدە خانىم , شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ نامىدا ھىلال تېلېۋىزىيىسىگە تەشەككۈر بىلدۈرۈپ رىياسەتچى ئەخمەت شاھىنغا  گۈل دەستە تەقدىم قىلىش بىلەن باشلاندى.

بۇ پروگرامما ھىلال تېلېۋىزىيىسىدە سۈنى ھەمراھ ئارقىلىق نەق مەيداندىن تارقىتىلدى. پروگراممىدا ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى مىللىيچە كىيىم ‏- كېچەك ۋە چىمەن دوپپا كىيىشكەن بولۇپ، ئۆسمۈر بالىلار ناخشا ئوقۇش، ئۇسۇل ئويناش، شېىر دېكىلىماتىسيە قىلىش، ئويۇن كۆرسىتىش قاتارلىق ھەر خىل نومۇرلار تەقدىم قىلدى.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق داىمىي كومىتېتى يىغىنىدا ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك پىلانى مۇزاكىرە قىلىندى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى

2 – ئاينىڭ 27 – كۈنىدىن 3 – ئاينىڭ 1 – كۈنىگىچە گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى داىمىي كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا، ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك پىلانى مۇزاكىرە قىلىندى.

تونۇلغان زىيالىي رىزا سەمىدى، تۈركىيە ئىزمىر ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ۋە ئەنقەرە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىلەر يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ۋە يىغىن جەريانىدا سۆز قىلىپ ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە بۇ داۋانى قانداق ئېلىپ بېرىش ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق ۋەكىللىرى يىغىن قارارلىرى ھەققىدە توختالدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى

26 – فېۋرال ميۇنخېندا باشلانغان  دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجراىيە كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنى 1 – مارت كۈنى ئۆزىنىڭ ۋەزىپىلىرىنى تاماملاپ غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى. ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ۋەكىللىرى شۇنداقلا سىياسىي ئەربابلىرى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ يىغىن ئەھۋالى ھەمدە قارارلىرى توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق باياناتى: د ئۇ ق نىڭ دائىمىي كومىتېت كېڭەيتىلگەن يىغىنى غەلىبىلىك ئاياغلاشتى

2010-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى

 2 – ئاينىڭ 26 – كۈنى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە باشلانغان  دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنى ئۆزىنىڭ بارلىق كۈنتەرتىپلىرىنى تولۇق ئورۇنلاپ، 3 – ئاينىڭ 2– كۈنى كەچتە غەلىبىلىك ئاياغلاشتى.

 بۇ نۆۋەتلىك يىغىنغا،   د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدا ئامېرىكا، كانادا، بېلگىيە، ئەنگلىيە، نورۋېگىيە، گوللاندىيە، شۋېتسىيە، شۋېتسارىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ياپونىيە، تۈركىيە، ئاۋسترىيە، فرانسىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق 15 دۆلەتتىن كەلگەن 60 قا يېقىن ۋەكىل قاتناشقان ئىدى.

 4 كۈن داۋام قىلغان بۇ قېتىمقى يىغىندا، د ئۇ ق رەئىسى،  مۇئاۋىن رەئىسلىرىنىڭ ۋە باش كاتىپنىڭ خىزمەت دوكلاتى، شۇنداقلا د ئۇ ق فوندىنىڭ مالىيە دوكلاتى، ھەرقايسى كومىتېت، مەركەزلەرنىڭ تولۇقلىما دوكلاتلىرى ۋە تەپتىش ھەيئىتىنىڭ دوكلاتى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، نەتىجىلەر مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، تەجرىبە – ساۋاقلار يەكۈنلەندى.

يىغىندا، د ئۇ ق نىڭ تەشكىلى مەسىلىلىرى، رەھبەرلىرىنىڭ كونكرېت ۋەزىپە تەقسىماتى، دۇنيا ۋەزىيىتى ۋە نۆۋەتتە مىللىي ھەرىكىتىمىزدە مەۋجۇت بولۇۋاتقان جىددىي مەسىلىلەر، د ئۇ ق نىڭ 2010 – يىللىق خىزمەت پىلانى،  د ئۇ ق نىڭ بۇندىن كېيىنكى سىياسىي مەيدانى، 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 1 – يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ھەققىدىكى پىلانلار، د ئۇ ق فوندىنى يەنىمۇ كۈچلەندۈرۈش مەسىلىسى، د ئۇ ق تەركىبىدىكى تەشكىلاتلاردا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ كونكرېتنى چارىلىرى، شۇنداقلا ئىنتېرنېت تور بەتلىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە د ئۇ ق گە بىۋاسىتە ئاممىدىن كەلگەن ئىنكاسلار… قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە چوڭقۇر ۋە ئەتراپلىق مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلدى. 

تەپسىلاتى...

گېرمانىيىدە ئەركىن ئالپتېكىننىڭ 70 ياشقا كىرگەنلىكى قۇتلۇقلاندى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى

2 – ئاينىڭ 28 – كۈنى كەچتە گېرمانىيىنىڭ مۈنخېن شەھىرىدىكى لىمان رېستورانتتا سىياسىيون ئەركىن ئالپتېكىننىڭ 70 ياشقا كىرگەنلىكى قۇتلۇقلاندى. بۇ قۇتلۇقلاش تويىغا، دۈنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن مۈنخېنغا  14 دۆلەتتىن كەلگەن 50 ئەتراپىدا ۋەكىل ۋە گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 150 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.

بۇلارنىڭ ئىچىدە د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، پېشقەدەم زىيالىي رىزا سەمەدى، قەھرىمان غوجامبەردى ۋە باشقا داىمىي كومىتېت ئەزالىرىمۇ بار ئىدى.

د ئۇ ق نىڭ سابىق رەئىسى ئەركىن ئالپتېكىننىڭ 70 ياشقا كىرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ توينى دۈنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ئەنۋەرجان ئۆتكۈزۈپ بەرگەن بولۇپ، دولقۇن ئەيسا رىياسەتچىلىك قىلغان بۇ تويدا ئەنۋەرجان ئەپەندى ئەركىن ئالپتېكىڭە ئالتۇن مېدال تەقدىم قىلدى. رابىيە قادىر خانىم ئەركىن ئالپتېكىڭە تون كېيدۈردى ۋە ئۇنىڭغا يۇقىرى باھا بەردى.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2010-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى

بۈگۈن ئاخىرلاشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجراىيە كومىتېتى يىغىنىغا، ئامېرىكا، تۈركىيە، گېرمانىيە، قازاقىستان قاتارلىق 15 دۆلەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ۋەكىللىرى بولۇپ 60 تىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان.

بىر قىسىم تەشكىلات ۋەكىللىرى ئۆزلىرىنىڭ يىغىندىن ئالغان تەسىراتلىرى ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق نىڭ دائىمىي كومىتېت كېڭەيتىلگەن يىغىنى گېرمانىيىدە باشلاندى

2010-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنى 2 – ئاينىڭ 26 – كۈنى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە رەسمىي باشلاندى.

بۇ نۆۋەتلىك يىغىنغا،  ئامېرىكا، كانادا، بېلگىيە، ئەنگلىيە، نورۋېگىيە، گوللاندىيە، شۋېتسىيە، شۋېتسارىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ياپونىيە، تۈركىيە، ئاۋسترىيە، فرانسىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق 15 دۆلەتتىن 60 قا يېقىن ۋەكىل قاتناشتى.

بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ 2 – ئاينىڭ 26 – كۈنى كەچتىكى ئېچىلىش مۇراسىمىغا، ھەرقايسى ئەللەردىن كەلگەن قۇرۇلتاي دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى، قۇرۇلتاي تەركىبىدىكى ھەرقايسى تەشكىلاتلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرىدىن سىرت يەنە گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ ئىشتىراك قىلدى.

تەپسىلاتى...

ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش ۋەقەسىدە ئىرەنسىزلىك قىلىش بىلەن ئەيىبلەندى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى

كامبودژادىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ مەسىلىسىگە ئارىلاشقان ئاۋستىرالىيىلىك 2 دىنىي پاالىيەتچى، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش ۋەقەسىدە ب د ت مۇساپىرلار ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلارنىڭ مەسىلىگە ئېرەنسىزلىك بىلەن قارىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن دېنىس كوھلان ۋە تايا خۇنت ئىسىملىك ئاۋستىرالىيىلىك بۇ ئىككى خانىم مۇساپىرلار خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر خەلقئارا دىنىي تەشكىلاتنىڭ خادىملىرى ئىدى.

تايا خۇنت كامبودژادىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ مەسىلىسىگە ئارىلاشقان بولۇپ، ئۇ ئاخبارات ۋاستىلىرىغا بەرگەن بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىق ئىشىنى كامبودژا بېجىرىۋاتقانلىقىدىن ئەنسىرەشكە باشلىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئىشنى ب د ت مۇساپىرلار ئىدارىسىگە مەلۇم قىلىپ، ئۇلارنى كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەپسىلاتى...

رابىيە قادىر خانىم جەنۋەدە `4 ‏- نۆۋەتلىك دۇنيا ئۆلۈم جازاسىغا قارشى تۇرۇش` يىغىنىدا سۆز قىلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، شۋېتسارىيىدە ئېچىلغان` 4 ‏- نۆۋەتلىك خەلقئارالىق دۇنيا ئۆلۈم جازاسىغا قارشى تۇرۇش` يىغىنىدا سۆز قىلدى. ئۇ يىغىندا قىلغان سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆلۈم جازاسى بېرىش ئارقىلىق ئۆلتۈرۈپلا قالماستىن، تۈرمىلەردە، ساقچى ئىدارىلىرىدە قىيناپمۇ ئۆلتۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

رابىيە قادىر خانىم نۇتقىدا، نۇقتىلىق ھالدا 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە توختالغان.

شىۋېتسارىيىنىڭ پايتەختى جەنۋەدە  ئېچىلىۋاتقان ` 4 ‏- نۆۋەتلىك خەلقئارالىق دۇنيا ئۆلۈم جازاسىغا قارشى تۇرۇش` يىغىنىغا 120 دەك دۆلەتتىن مىنىستىرلار، پارلامېنت ئەزالىرى، ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە ئىنسان ھەقلىرى پاالىيەتچىلىرى قاتناشقان. 

مەزكۇر يىغىنغا  رابىيە خانىم بىلەن بىللە قاتناشقان ئالىم سېيىتوف زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ يىغىندا قىلغان سۆزى  ۋە پائالىيەتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى. 

تەپسىلاتى...

قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ۋە ياپوندىكى ئۇيغۇرلار

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى

2 – ئاينىڭ 26 – كۈنىدىن 3 – ئاينىڭ 2 – كۈنىگە قەدەر گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە چاقىرىلىدىغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى داىمىي كومىتېتنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىغا، ئامېرىكا، كانادا، تۈركىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، گېرمانىيە، گوللاندىيە، شۋېتسارىيە، شۋېتسىيە، نورۋېگىيە، فرانسىيە قاتارلىق 10 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن 60 قا يېقىن ۋەكىل قاتناشماقچى.

تۈنۈگۈندىن ئېتىبارەن قازاقىستان، ياپونىيە، نورۋېگىيە، شۋېتسىيە قاتارلىق بەزى ئەللەردىن ۋەكىللەر كېلىشكە باشلىدى.

ئۇندىن باشقا يەنە، قىرغىزىستان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رامازان دىرىلدايوف ئەپەندىمۇ قۇرۇلتاي رەئىسى رابىيە خانىمنىڭ ئالاھىدە تەكلىپىگە ئاساسەن بۇ قېتىمقى يىغىنغا  قاتنىشىش ئۈچۈن بۈگۈن گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن ئىدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رامازان ئەپەندىنى ھەمدە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئىلھام ئەپەندىلەرنى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئىگىلىدۇق.

تەپسىلاتى...