قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى 8 – مارتنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى

خەلقئارا 8 – مارت ئاياللار كۈنى قىرغىزىستاندا تەنتەنە بىلەن تەبرىكلەندى. قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارمۇ بۇ كۈننى “ئىنتىزار” ئۇيغۇر رېستورانىغا يىغىلىش ئارقىلىق قىزغىن كۈتۈۋالدى.

 قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئىتتىپاق جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان بۇ يىغىلىشقا بىشكەك، توقماق، قارا بالتا شەھەرلىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىن كەلگەن 200 گە يېقىن ئايال شۇنىڭدەك قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېۋنىڭ مەسلىھەتچىسى ئايبېك پولاتبېكوۋ، ئالىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى پەرھات ھاجى تۆلەندىبايېۋ قاتارلىق ئەربابلارمۇ قەدەم تەشرىپ قىلغان.

يىغىندا ئاياللار كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەىسى گۈلنار مەسۈموۋا ئېچىلىش سۆزى قىلدى. يىغىندا قىرغىزىستاندا ھەر ساھەدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئاياللار قاتناشقان بولۇپ، يىغىن جەريانىدا يەنە ئاياللار ئىتتىپاق كومىتېتىدا ئاكتىپ خىزمەت كۆرسىتىۋاتقان بىر قىسىم ئاياللار مۇكاپاتلاندى. يىغىن ئاخىرىدا سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسىتىلدى.

تەپسىلاتى...

رابىيە قادىر خانىم جەنۋەدە ‘ئىنسان ھەقلىرى ئالىي’ يىغىنىدا سۆز قىلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەىسى رابىيە قادىر خانىم، شۋېتسارىيىنىڭ پايتەختى جەنۋەدە ئېچىلغان “ئىنسان ھەقلىرى ئالىي يىغىنى”دا سۆز قىلدى.

ئۇ يىغىندا قىلغان  سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى ئاڭلاتقان. ئۇ نۇتقىدا نۇقتىلىق ھالدا 5-ئىيۇل  ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە توختالغان. شۋېتسارىيىنىڭ پايتەختى جەنۋەدە  ئېچىلىۋاتقان  “ئىنسان ھەقلىرى ئالىي  يىغىنى”غا 55  ئەتراپىدا دۆلەتتىن ئىنسان ھەقلىرى  تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە ئىنسان ھەقلىرى پاالىيەتچىلىرى قاتناشقاندىن باشقا 800 ئەتراپىدا مېھمان قاتناشقان. 

رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئالىم سېيىتوۋ  زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ،  پائالىيەتلىرى ۋە بۇ يىغىن  ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

تەپسىلاتى...

دۇق: ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارا يىغىن ھەققىدە ئۇقتۇرۇش

دۇقنىڭ 2007-يىلىدىن بۇيان يولغا قويۇپ كەلگەن، ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنىڭ “دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق، خەلقئارا قانۇن…” پروگراممىسى يالغۇز شەرقىي تۈركىستان تەشكىلات رەھبەرلىرىنىڭلا كۇچلىك ئالقىشىغا ئېرىشىپ قالماستىن، مۇھاجىرەتىكى كۆپلىگەن ۋەتەنداشلىرىمىزنىڭمۇ كۇچلىك قىزىقىشى ۋە قولىشىغا ئېرىشىپ كەلدى.

دۇق، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى (ئۇنپو)نىڭ ھەمكارلىشىشى ۋە ئامېرىكا دەموكىراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ ماددىي ياردەم قىلىشى بىلەن  2007-يىلى 5-ئايدا گوللاندىيىنىڭ دەن ھااگ شەھىرىدە، 2008-يىلى 4-ئايدا گېرمانىيىنىڭ بېرلىن شەھىرىدە، 2009-يىلى 5-ئايدا ئامېرىكىنىڭ ۋاشىڭتون شەھىرىدە، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە خەلقئارالىق يىغىن ۋە خەلقئارا قانۇن، دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق كۇرسلىرى ئېچىش ئارقىلىق دۇقنى مەركەز قىلغان شەرقىي تۈركىستان مىللىي ھەرىكىتىنى خەلقئارا قانۇنلارغا ماس ھالدا كۈچلەندۈرۈش، ئۇيغۇر رەھبەرلىرى ۋە سىياسىي پاالىيەتچىلەرنىڭ ماھىرلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش جەھەتلەردە زور ئىلگىرىلەشلەر، ئىجابىي نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرىلدى.
 
قۇرۇلتىيىمىز 4-قېتىملىق پروگراممىسىنى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ۋە ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرىنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن 2010-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى.

تەپسىلاتى...

ئامېرىكا ئۇيغۇر تىلى مەكتىپىدە ئوقۇغۇچىلار سانى كۈندىن – كۈڭە كۆپەيمەكتە

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، ئاياللار كومىتېتى تەرىپىدىن يېڭىدىن قۇرۇلغان “ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىش مەكتىپى” نىڭ دەرس باشلىغانلىقىغا 3 ھەپتە بولدى.

 بىز مەزكۇر مەكتەپ ھەققىدە رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا مەلۇمات بېرىش ئۈچۈن، 7 – مارت كۈنى مەكتەپكە بېرىپ ئەھۋال ئىگىلىدۇق. بۇ مەكتەپتە كىچىكى 4 ياش، چوڭى 19 ياشقىچە ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلىرى دەرس ئاڭلاۋاتقان بولۇپ، مەكتەپكە كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 60 كە يەتكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

تەپسىلاتى...

ھىلال تېلېۋىزىيىسىدە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى

يېقىندا تۈركىيە ھىلال تېلېۋىزىيىسىنىڭ ‘بەخت قوڭغۇزى’ ناملىق ئۆسمۈرلەر پروگراممىسىغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن جەمئىيەتنىڭ زەيتىنبۇرنۇ شۆبىسىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى بالىلار يەسلىدىن قىز ‏-ئوغۇل بولۇپ تاللانغان  15 نەپەر ئۇيغۇر ئۆسمۈر پەرزەنتى قاتناشتى.

بۇ پروگراممىغا ھىلال تېلېۋىزىيىسىنىڭ خادىمى ئەخمەت شاھىن ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. پروگرامما، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى خۇرشىدە خانىم , شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ نامىدا ھىلال تېلېۋىزىيىسىگە تەشەككۈر بىلدۈرۈپ رىياسەتچى ئەخمەت شاھىنغا  گۈل دەستە تەقدىم قىلىش بىلەن باشلاندى.

بۇ پروگرامما ھىلال تېلېۋىزىيىسىدە سۈنى ھەمراھ ئارقىلىق نەق مەيداندىن تارقىتىلدى. پروگراممىدا ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى مىللىيچە كىيىم ‏- كېچەك ۋە چىمەن دوپپا كىيىشكەن بولۇپ، ئۆسمۈر بالىلار ناخشا ئوقۇش، ئۇسۇل ئويناش، شېىر دېكىلىماتىسيە قىلىش، ئويۇن كۆرسىتىش قاتارلىق ھەر خىل نومۇرلار تەقدىم قىلدى.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق داىمىي كومىتېتى يىغىنىدا ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك پىلانى مۇزاكىرە قىلىندى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى

2 – ئاينىڭ 27 – كۈنىدىن 3 – ئاينىڭ 1 – كۈنىگىچە گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى داىمىي كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا، ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك پىلانى مۇزاكىرە قىلىندى.

تونۇلغان زىيالىي رىزا سەمىدى، تۈركىيە ئىزمىر ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ۋە ئەنقەرە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىلەر يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ۋە يىغىن جەريانىدا سۆز قىلىپ ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە بۇ داۋانى قانداق ئېلىپ بېرىش ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق ۋەكىللىرى يىغىن قارارلىرى ھەققىدە توختالدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى

26 – فېۋرال ميۇنخېندا باشلانغان  دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجراىيە كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنى 1 – مارت كۈنى ئۆزىنىڭ ۋەزىپىلىرىنى تاماملاپ غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى. ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ۋەكىللىرى شۇنداقلا سىياسىي ئەربابلىرى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ يىغىن ئەھۋالى ھەمدە قارارلىرى توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق باياناتى: د ئۇ ق نىڭ دائىمىي كومىتېت كېڭەيتىلگەن يىغىنى غەلىبىلىك ئاياغلاشتى

2010-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى

 2 – ئاينىڭ 26 – كۈنى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە باشلانغان  دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنى ئۆزىنىڭ بارلىق كۈنتەرتىپلىرىنى تولۇق ئورۇنلاپ، 3 – ئاينىڭ 2– كۈنى كەچتە غەلىبىلىك ئاياغلاشتى.

 بۇ نۆۋەتلىك يىغىنغا،   د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدا ئامېرىكا، كانادا، بېلگىيە، ئەنگلىيە، نورۋېگىيە، گوللاندىيە، شۋېتسىيە، شۋېتسارىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ياپونىيە، تۈركىيە، ئاۋسترىيە، فرانسىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق 15 دۆلەتتىن كەلگەن 60 قا يېقىن ۋەكىل قاتناشقان ئىدى.

 4 كۈن داۋام قىلغان بۇ قېتىمقى يىغىندا، د ئۇ ق رەئىسى،  مۇئاۋىن رەئىسلىرىنىڭ ۋە باش كاتىپنىڭ خىزمەت دوكلاتى، شۇنداقلا د ئۇ ق فوندىنىڭ مالىيە دوكلاتى، ھەرقايسى كومىتېت، مەركەزلەرنىڭ تولۇقلىما دوكلاتلىرى ۋە تەپتىش ھەيئىتىنىڭ دوكلاتى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، نەتىجىلەر مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، تەجرىبە – ساۋاقلار يەكۈنلەندى.

يىغىندا، د ئۇ ق نىڭ تەشكىلى مەسىلىلىرى، رەھبەرلىرىنىڭ كونكرېت ۋەزىپە تەقسىماتى، دۇنيا ۋەزىيىتى ۋە نۆۋەتتە مىللىي ھەرىكىتىمىزدە مەۋجۇت بولۇۋاتقان جىددىي مەسىلىلەر، د ئۇ ق نىڭ 2010 – يىللىق خىزمەت پىلانى،  د ئۇ ق نىڭ بۇندىن كېيىنكى سىياسىي مەيدانى، 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 1 – يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ھەققىدىكى پىلانلار، د ئۇ ق فوندىنى يەنىمۇ كۈچلەندۈرۈش مەسىلىسى، د ئۇ ق تەركىبىدىكى تەشكىلاتلاردا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ كونكرېتنى چارىلىرى، شۇنداقلا ئىنتېرنېت تور بەتلىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە د ئۇ ق گە بىۋاسىتە ئاممىدىن كەلگەن ئىنكاسلار… قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە چوڭقۇر ۋە ئەتراپلىق مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلدى. 

تەپسىلاتى...

گېرمانىيىدە ئەركىن ئالپتېكىننىڭ 70 ياشقا كىرگەنلىكى قۇتلۇقلاندى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى

2 – ئاينىڭ 28 – كۈنى كەچتە گېرمانىيىنىڭ مۈنخېن شەھىرىدىكى لىمان رېستورانتتا سىياسىيون ئەركىن ئالپتېكىننىڭ 70 ياشقا كىرگەنلىكى قۇتلۇقلاندى. بۇ قۇتلۇقلاش تويىغا، دۈنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن مۈنخېنغا  14 دۆلەتتىن كەلگەن 50 ئەتراپىدا ۋەكىل ۋە گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 150 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.

بۇلارنىڭ ئىچىدە د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، پېشقەدەم زىيالىي رىزا سەمەدى، قەھرىمان غوجامبەردى ۋە باشقا داىمىي كومىتېت ئەزالىرىمۇ بار ئىدى.

د ئۇ ق نىڭ سابىق رەئىسى ئەركىن ئالپتېكىننىڭ 70 ياشقا كىرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ توينى دۈنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ئەنۋەرجان ئۆتكۈزۈپ بەرگەن بولۇپ، دولقۇن ئەيسا رىياسەتچىلىك قىلغان بۇ تويدا ئەنۋەرجان ئەپەندى ئەركىن ئالپتېكىڭە ئالتۇن مېدال تەقدىم قىلدى. رابىيە قادىر خانىم ئەركىن ئالپتېكىڭە تون كېيدۈردى ۋە ئۇنىڭغا يۇقىرى باھا بەردى.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2010-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى

بۈگۈن ئاخىرلاشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجراىيە كومىتېتى يىغىنىغا، ئامېرىكا، تۈركىيە، گېرمانىيە، قازاقىستان قاتارلىق 15 دۆلەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ۋەكىللىرى بولۇپ 60 تىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان.

بىر قىسىم تەشكىلات ۋەكىللىرى ئۆزلىرىنىڭ يىغىندىن ئالغان تەسىراتلىرى ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

تەپسىلاتى...