نورۋېگىيىدە نورۇز ئايىمى قۇتلۇقلاندى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى

نورۇز ئايىمى يىتىپ كېلىش بىلەن تەڭ نورۋېگىيىدىكى ئۇيغۇرلار نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ھەر يىلدىكىگە ئوخشاشلا پايتەخت ئوسلودا داغدۇغىلىق ھالدا نورۇز پاالىيىتى ئۆتكۈزدى.

نورۇز پاالىيىتى باشلىنىشتىن ئىلگىرى ئالدى بىلەن 5 – ئىيۇل شېھىتلىرىنىڭ روھىغا ئاتاپ خەتمە قۇرئان قىلىندى.

نورۇز پاالىيىتى مىللىي ئەنئەنىۋى ناخشا – مۇزىكىلار ئىچىدە كۆڭۈللۈك باشلاندى.يىراق – يېقىندىن كەلگەن مېھمانلار خانىم – قىزلار ئېتىپ ئەكەلگەن تۈرلۈك مەززىلىك تاماقلارغا ئېغىز تەگكەچ ئۆز – ئارا مۇڭداشتى ۋە سالاملاشتى.ياشلار ئورۇنلىغان ناخشا – مۇزىكا، يالغۇز كىشىلىك ئۇسۇل ۋە ساما ئۇسۇلدىن باشقا تۆت ياشلىق كىچىك دوست ئوغۇزۇمنىڭ ئورۇنلىشىدىكى جېكسونچە ئۇسۇل ۋە دىلتۇمار قىزنىڭ ئورۇنلىشىدىكى ئىسكرۇپكا مۇزىكىسى مېھمانلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

پائالىيەت جەريانىدا يەنە، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلىمى ئېلىپ بېرىلىپ يېڭىدىن رەىس ۋە باش كاتىپلار سايلاپ چىقىلدى. تەشكىلاتقا يېڭىدىن رەىس بولۇپ سايلانغان  پەرھات ياقۇپ ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

يېڭىدىن سايلانغان  باش كاتىپ تۇرسۇن شەمشى ئەپەندى بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەر ھەققىدە توختالدى.

تەپسىلاتى...

ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋاشىڭتوندا نورۇز بايرىمىنى قۇتلۇقلاپ پائالىيەت ئۆتكۈزدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار نورۇز بايرىمىنى كۈتۈۋالدى، شۇلارنىڭ قاتارىدا ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ ئۇزاق يىللاردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان بۇ بايرامنى ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلىرى بىلەن قۇتلۇقلىدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ئۇيۇشتۇرغان نورۇز پاالىيىتىگە، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم قاتناشتى ۋە مۇھىم سوز قىلدى.

تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئەقىدە ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن نورۇز بايرىمى ھەققىدە نەق مەيداندىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىنى سىلەرنىڭ دىققىتىڭلارغا سۇنىدۇ.

تەپسىلاتى...

‘ھۈر شەرقىي تۈركىستان’ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا نېمە يېڭىلىقلار بولدى؟

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى

3 – ئاينىڭ 20 – 21 – كۈنلىرى ئىستانبۇلدا “ھۈر شەرقىي تۈركىستان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ” ئۆتكۈزۈلدى. ئامېرىكا، بەزى ئەرەب دۆلەتلىرى ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن پروفېسسور، مۇتەخەسسىس، ئادۋوكات، ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە ئىنسان ھەقلىرى پاالىيەتچىلىرىدىن بولۇپ 20 ئەتراپىدا ئىلىم ئادىمى سۆز قىلدى.

ئىككى كۈن داۋام قىلغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە ئەتراپلىق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى. بۇ يىغىنغا  ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار ۋە تۈركلەردىن بولۇپ 1000 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.

تۈركىيىدە شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا كۆپ ساندا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلغان بولسىمۇ، بۇ يىغىن ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ يىغىنغا  تىبەت ۋە ئۆكتىچى خىتايلاردىنمۇ ۋەكىللەرنىڭ قاتنىشىشى، يىغىندا بەزى يېڭى تەكلىپلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى يىغىننىڭ ئەھمىيىتىنى كۈچەيتتى.

بىز بۇ يىغىن ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن مىكرافونىمىزنى يىغىنغا  قاتناشقان ئۇيغۇرلارغا ئۇزاتتۇق.

تەپسىلاتى...

ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى

” ئىستانبۇل تىنچلىق بىرلەشمىسى” نام ئاستىدا ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 3 كۈنلۈك يىغىن بۈگۈن باشلاندى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن تەكلىپ قىلىنغان  دوكتور، پروفېسسور، تەتقىقاتچى ئالىملار ۋە يىغىندا سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىنغان  شەخس قاتارلىقلار ئىستانبۇلغا يېتىپ كەلدى.

بۈگۈن كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، يىغىنغا  قاتنىشىش ئۈچۈن چەتەلدىن كەلگەن مېھمانلار ئىستانبۇلدىكى توپكاپى سارىيى، ئاياسوفىيا، پاناروما، سۇلتان ئەخمەد مەسچىتى قاتارلىق مۇزېي ۋە تارىخى ئورۇنلارنى زىيارەت قىلدى، ۋە خاتىرە رەسىمگە چۈشتى.

 كېيىن تۈركىيە كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىنىڭ مەركىزىدە، يىغىنغا  قاتنىشىش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن شەخسلەرنى كۈتۈۋېلىش زىياپىتى بېرىش مۇناسىۋىتى بىلەن يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا تۈركىيە ئىھھ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىنىڭ مەسۇللىرىدىن ئۆمەر فارۇق ئەپەندى سۆز قىلىپ، ھۆر شەرقىي تۈركىستان يىغىنى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

يىغىندا يەنە، ئاۋسترالىيىدىن كەلگەن ئاۋسترالىيە ئىسلام جەمئىيىتى ۋە ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەىسى ئابدۇسالام ئابدۇغېنى، تىبەتلەرنىڭ ۋەكىلى تسەتەن سامدۇپ ئەپەندى، ۋە ئەرەب دۇنياسىدا تونۇلغان ئىۇردانىيىلىك مەشھۇر يازغۇچى دوكتور ئەكرەم ھىجازى قاتارلىق شەخسلەر سۆز قىلىپ، بۇ قېتىمقى يىغىن ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى بۇ يىغىن جەريانىدا يەنە، دۇنيانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىدىن كەلگەن مېھمانلار ئۆزلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆز – ئارا بىر – بىرى بىلەن تونۇشتى.

تەپسىلاتى...

گوللاندىيىلىكلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقى كۈچەيمەكتە

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 3-ئاينىڭ 18

گوللاندىيە ئۇيغۇرلىرىنىڭ يىللاردىن بۇيان ئېلىپ بارغان سىياسىي ۋە مەدەنىي تەشۋىقاتلىرىنىڭ تەسىرى بىلەن، ئۇيغۇرلارغا قىزىققۇچى ۋە ھېسداشلىق قىلغۇچى گوللاندىيىلىكلەرنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپىيىپ بارغان.

گوللاندىيە ئۇيغۇر ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەىسى غەيرەت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى نەپەر گوللاندىيىلىك خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ گوللاندىيە تىلىنى ئۆگىنىشى ئۈچۈن ھەقسىز ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، 3 – ئاينىڭ 17 – كۈنى ئامىستېردامدا تۇنجى قېتىملىق دەرسنى باشلىغان.

ئۇيغۇرلارغا گوللاندىيە تىلىدىن ھەقسىز دەرس بېرىشكە مەسئۇل بولغان نېيلاند خانىم، كۇرس تاماملانغاندىن  كېيىن نەق مەيداندىن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان كۆچمەنلەرنىڭ نورمال تۇرمۇش ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن بۇ تىلنى چوقۇم ئۆگىنىشى زۆرۈرلۈكىنى، ئۆزىنىڭ خىتاي زۇلۇمدىن قېچىپ گوللاندىيىدە سىياسىي پاناھلىق تىلەشكە مەجبۇر بولغان ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىدىن كۆپ مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ قېتىمقى كۇرسقا قاتناشقا ئەھمەتجان ئەپەندىم بولسا، ئۆزىنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەييارلىق سىنىپىدا ئوقۇۋاتقانلىقىنى، گوللاندىيە ئۇيغۇر ياردەم تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ تىل كۇرسىنىڭ ئۆزىگە كۆپ ياردىمى بولىدىغانلىقىدىن ئۈمىدلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

گوللاندىيە ئۇيغۇر ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەىسى غەيرەت ئەپەندىم، ئۇيغۇرلارغا ھەقسىز دەرس بېرىشنى زىممىسىگە ئالغان بۇ ئىككى نەپەر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىدىن بەلگىلىك چۈشەنچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئۇلار ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقىنى مۇشۇ خالىس خىزمىتى ئارقىلىق ئىپادىلىمەكچى بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

تەپسىلاتى...

ئىستانبۇلدا ‬خەلقئارالىق ‘‬ھۆر ‬شەرقىي ‬تۈركىستان’ ‬يىغىنى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى

تۈركىيىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ” ئى ھا ھا” كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 2010 – يىلى 3 – ئاينىڭ 20 – 21 – كۈنلىرى تىنچلىق بىرلەشمىسى نام ئاستىدا ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ كۇلتېر ۋە سەنئەت مەركىزىدە” ئىشغالىيەتنىڭ 61 – يىلىدا ھۆر شەرقىي تۈركىستان يىغىنى” ناملىق خەلقئارالىق يىغىن ئۆتكۈزۈلىدۇ.

بۇ يىغىنغا  دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئالىملار، سىياسىي پاالىيەتچىلەر تەشكىلات رەھبەرلىرى بولۇپ كۆپ ساندا كىشى تەكلىپ قىلىنغان،  ئاسىيا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن تەكلىپ قىلىنغان  رەھبەرلەر يىغىنغا  قاتنىشىش ئۈچۈن ئىستانبۇلغا كېلىشكە باشلىدى. ئىستانبۇلدا يىغىن تەييارلىقى جىددىي داۋام قىلماقتا.

يىغىن باشلىنىشقا بىر قانچە قالغان بىر پەيتتە خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى جۇڭ جېلىڭ باشچىلىقىدىكى3 كىشىلىك بىر ھەيئەت، ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىنى زىيارەت قىلىپ، ۋەقىپنىڭ رەىسى بۈلەنت يىلدىرىم ئەپەندى بىلەن ئۇچراشتى، بۇ ئۇچرىشىشتا خىتاي باش كونسۇلى جۇڭ جېلىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بەرگەن.

تەپسىلاتى...

ئۇيغۇرلار ئەنقەرەدە تۈرك پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى

قەيسىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى د ئۇ ق مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك، ئەنقەرە شۆبىسىنىڭ باشلىقى ھايرۇللاھ، ئۇيغۇر تەشكىلاتىنىڭ ئادۋوكاتى ھاقان ئىشىقلاردىن تەركىب تاپقان 3 كىشىلىك ھەيئەت 3 – ئاينىڭ 16 – كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىنى زىيارەت قىلدى.

ئۇلار تۈركىيە پارلامېنت ئەزالىرىدىن مەمەت ئەكىجى، مەمەت تەكەلىوغلۇ، بۇرخان قاياتۈرك، شەنول بال ۋە ئاۋنى دوغان ئەپەندىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇلار پارلامېنت ئەزالىرىغا بەزى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن بۇ ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارغان ھەيەتنىڭ باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا

2010-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى

د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىيىشىنىڭ جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 13-نۆۋەتلىك يىغىنىغا قاتناشتى.

بدت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىيىشى ھەر يىلى 3 قېتىم يىغىن ئوتكۇزىپ، ھەر قايسى دۆلەت ۋە رايونلاردىكى  كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارىدۇ. كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ 13-نۆۋەتلىك يىغىنى  3-ئاينىڭ 1-كۈنى جەنۋەدىكى مەركىزىدە  باشلانغان  بولۇپ، 3-ئاينىڭ 26-كۈنىگىچە داۋام قىلىدۇ.

د ئۇ ق يىللاردىن بۇيان بدت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە.

تەپسىلاتى...

رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكا دىپلومات ئاىلە – تاۋابىئاتلىرى جەمئىيىتىنىڭ يىغىنىغا قاتناشتى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، بۈگۈن ئامېرىكا دىپلومات ئاىلە – تاۋابىئاتلىرى جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن بىر سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

 بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنى ئامېرىكىدا يىلدا بىر قېتىم خاتىرىلىنىدىغان ئاياللار ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىندا رابىيە خانىم ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە، تارىختا ۋە بۈگۈن ئويناۋاتقان روللىرى ھەققىدە سۆز قىلدى.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق داىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ روھى قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىغا يەتكۈزۈلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى

يېقىندا قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئالمۇتا ئەتراپىدىكى جايلاردا ياشايدىغان بىر توپ ئۇيغۇرلار ئالمۇتا شەھىرىدىكى بىر رېستورانغا  توپلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ غەربتىكى سىياسىي پاالىيىتىگە داىر مەسىلىلەر ئۈستىدە دوكلات ئاڭلاش پاالىيىتى ئۆتكۈزگەن.

پاالىيەتنىڭ نېگىزلىك تېمىسى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ گېرمانىيىدە چاقىرىلغان داىمىي كومىتېت يىغىنى ۋە جەنۋەدە چاقىرىلغان “ئۆلۈم جازاسىغا قارشى تۇرۇش خەلقئارا يىغىنى” نىڭ روھىنى يەتكۈزۈشتۇر. يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىلى قەھرىمان غوجامبەردى دوكلات بەرگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

تەپسىلاتى...