ئۇيغۇرلار شۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي مۇئاۋىن دۆلەت رەىسى شى جىنپىڭنىڭ سكاندىناۋىيە دۆلەتلىرىگە قاراتقان زىيارىتى، جۈملىدىن ئۇنىڭ شۋېتسىيە زىيارىتىنى باشلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، شۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ھەققىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياننامىسىدە ئۆتكەن يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى  ھەمدە ھازىرغىچە ئۆلۈم جازاسى بېرىشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە يەنە، 5 – ئىيۇل ۋەقەسى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى قىسقىچە ئەسلىتىپ ئۆتۈلگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئۆزلىرىنىڭ خىتاي مۇئاۋىن رەىسى شى جىنپىڭنىڭ شۋېتسىيە زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن شۋېتسىيە باش مىنىستىرىغا خەت يېزىپ، شۋېتسىيە ھۆكۈمىتىدىن 5 – ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ سەۋەبى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرمىدىكى ئەھۋالى ھەم جازالىنىش ئەھۋاللىرى ئۈستىدە خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى .

تەپسىلاتى...

رابىيە قادىر خانىم گوللاندىيىدە خەلقئارا فىلىم فېستىۋالىغا قاتناشتى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەىسى رابىيە قادىر خانىم گۇللاندىيىگە يېتىپ بېرىپ يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق فىلىم فېستىۋالىغا قاتناشتى. فېستىۋالنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن ئۇ، ئاخبارات مۇخبىرلىرىغا ھەمدە فېستىۋال قاتناشچىلىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىزنىڭ رابىيە خانىم بىلەن بىرلىكتە فېستىۋالغا قاتنىشىۋاتقان ئالىم سېيىتوف ئەپەندى بىلەن قىلغان سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

تەپسىلاتى...

“ھۆر شەرقىي تۈركىستان” ماۋزۇلۇق يىغىن ھەققىدە سۆھبەت

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى

3 – ئاينىڭ 20 – 21 – كۈنلىرى تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەق ۋە ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ رولى ۋە خىتاينىڭ ئىسلاھاتقا قارشى تىركىشىشى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ كېلەچىكى دېگەڭە ئوخشاش تېمىلاردا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

بۇ يىغىندا ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابدۇسالام ئابدۇغېنى ئەپەندى سۇنغان  “شەرقىي تۈركىستان: ئىقتىسادىي ھاياتتىكى چەكلىمىلەر يوقسۇللۇق ۋە ئىجتىمائىي چەكلىمىلەر” ماۋزۇلۇق ماقالە يىغىن ئەھلىنىڭ قاتتىق دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىدى. بىز بۇ ماقالىنى چۆرىدىكەن ھالدا ئابدۇسالام ئابدۇغېنى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

تەپسىلاتى...

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىككە چىققانلىقىنى تەبرىكلىدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى

د ئۇ ق گۈەنتانامودىن قويۇپ بېرىلىپ، شۋېتسارىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىككى نەپەر ئۇيغۇرنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مەخسۇس تەبرىكنامە ئېلان قىلدى، د ئۇ ق تەبرىكنامىسىدە، يەتتە يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان گۈەنتانامو تۈرمىسىدە ناھەق تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بەختىيار مەخمۇت بىلەن ئەركىن مەخمۇت ئاكا – ئۇكا ئىككىيلەننىڭ ھۆرلۆككە ئېرىشىپ، 23 – مارت كۈنى شۋېتسارىيىگە كېلىپ ئورۇنلاشقانلىقىنى پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقى نامىدىن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

د ئۇ ق نىڭ باش كاتىپى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىومىز ئارقىلىق ئىككى ئۇيغۇرنىڭ ھەقىقىي ئەركىنلىككە ئېرىشكەنلىكىنى تەبرىكلىدى.

باش كاتىپ دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يەنە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭنىڭ بەختىيار مەخمۇت ۋە ئەركىن مەخمۇتلارنىڭ شۋېتسارىيىگە يەرلەشتۈرۈلگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن شۋېتسارىيە ھۆكۈمىتىگە بىلدۈرگەن نارازىلىقى توغرىسىدىمۇ تاختالدى.

شۋېتسارىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ، شۋېتسارىيىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىغا يېڭىدىن قېتىلغان بۇ ئىككى قېرىندىشىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، شۋېتسارىيە شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەىسى ئەندەلى ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

ئەندەلى ئەپەندى سۆزىدە يەنە، شۋېتسارىيە مەتبۇاتلىرىدا بەختىيار مەخمۇت ۋە ئەركىن مەخمۇتلار ھەققىدە خەۋەلەر ئېلان قىلىنىۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇ ئىككىيلەننىڭ بىر مۈددەت ئارام ئېلىشىنى كۆزدە تۇتقان شۋېتسارىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرچە مەتبۇاتلارنىڭ ئۇلارنى بىۋاسىتە زىيارەت قىلىشىغا ئىجازەت بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

تەپسىلاتى...

تۈركىيىنىڭ قاھرامانماراش ۋىلايىتىدە ‘خىتاينىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان’ تېمىسىدا يىغىن چاقىرىلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى

تۈركىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان قاھرامانماراش ۋىلايىتىنىڭ گۆكسۈ ناھىيىسىدە “خىتاينىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان” تېمىسىدا يىغىن چاقىرىلدى. 3 – ئاينىڭ 23 – كۈنى چۈشتىن كېيىن چاقىرىلغان بۇ يىغىنغا  دۈنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئالاھىدە تەكلىپ بويىچە قاتناشقان ۋە سۆز قىلغان.

ئۇ بۇ ۋىلايەتكە ئېلىپ بارغان زىيارىتى جەريانىدا شەھەر باشلىقى رامازان خۇرچ ۋە ۋالىي جەمالەتتىن دېمىرجىوغلۇ قاتارلىق كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلاتقان.

شۇ كۈنى ئاخشىمى قاھرامانماراش ۋىلايىتىدە تارقىتىلىدىغان ئاقسۇ تېلېۋىزىيىسىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلاتقان سېيىت تۈمتۈرك باشچىلىقىدىكى 3 كىشىلىك ھەي ‘ئەت 3 – ئاينىڭ 24 – كۈنى قەيسەرىگە قايتىپ كەلگەن. بىز بۇ پاالىيەتلەر ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن د ئۇ ق مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

تەپسىلاتى...

گۈەنتانامودىكى ئىككى ئۇيغۇر ئەركىنلىككە ئېرىشتى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ھەربىي داىرىلىرى، گۇەنتانامو تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تەن جازاسى تۈپەيلى خىتايغا قايتۇرۇلمايدىغانلىقىنى ئەمما، قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى قارار قىلغاندىن كېيىن، بۈگۈڭە قەدەر 17 نەپەر ئۇيغۇر، ئالبانىيە، پالاۋ، بېرمۇدا، شۋېتسىيە ۋە شۋېتسارىيە قاتارلىق 5 دۆلەتكە يەرلەشتۈرۈلدى.

ئاخىرقى قېتىم شۋېتسارىيە دۆلىتىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان، بەختىيار مەخمۇد ۋە ئەركىن مەخمۇد ئاكا – ئۇكىلار، 22 – مارت دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 7 دە ئايروپىلانغا  ئولتۇرۇپ، گىرۇزىيىدە بىر قانچە سائەت توختىغان بولۇپ، سەۋەبى ئۇلار بىلەن بىرگە گۈەنتانامو تۈرمىسىدە تۇتۇقلانغان  3 نەپەر ئەرەب گىرۇزىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

بەختىيار بىلەن ئەركىن سەيشەنبە ئەتىگەن شۋېتسارىيە ۋاقتى سائەت 10 يېرىمدا شۋېتسارىيىنىڭ زۇرىخ ئايروپىلان ئىستانسىسىغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، شۋېتسارىيىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت خادىملىرىدىن تەشكىللەڭەن 20 گە يېقىن كىشى تەرىپىدىن كۈتۈۋېلىنغان.  بەختىيار ۋە ئەركىن شۋېتسارىيىدىن، گۈەنتانامونىڭ ئىگۇانا لاگېرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان روشەن ئابباس خانىم بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، شۋېتسارىيە زېمىنىغا قەدەم باسقاندىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ خۇشاللىقىنى بىلدۈرگەن.

تەپسىلاتى...

تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار نورۇز بايرىمىنى تۈركىي مىللەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى

نورۇز بايرىمى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئەڭ قەدىمىي مىللىي بايرىمى بولۇپ، تارىخىي مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا  تۈركىي مىللەتلەر 2000 يىلدىن بېرى تەبرىكلەپ كەلمەكتە ئىكەن. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى 1991 – يىلىدىن بېرى ھەر يىلى ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە دۈنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تۈركىي مىللەتلەردىن ئىلىم ئادەملىرى ۋە سەنەتچىلەرنى تۈركىيىگە تەكلىپ قىلىپ ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ نورۇز بايرىمىنى قۇتلىماقتا.

بۇ بايرام تۈركىيىدە 3 – ئاينىڭ 18 – كۈنىدىن 30 – كۈنىگىچە تەبرىكلىنىدۇ. تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدە 3 – ئاينىڭ 18 – كۈنى ۋە 22 – كۈنى ئىككى چوڭ پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پاالىيەتلەرگە شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى مەسئۇللىرى ۋە پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت رەسمىي تەكلىپ بويىچە قاتناشتى.

خەلقئارالىق بۇ پائالىيەتلەردە قازاقىستان، ئەزەربەيجان، تۈركمەنىستان، تاتارىستان، باشقۇردىستان ۋە سىبىرىيىدىكى تۈركىي مىللەتلەردىن ئىلىم ئادەملىرى قاتناشتى ۋە ئۆز مىللەتلىرىدىكى نورۇزنى ئاڭلاتتى. كېيىن چېدىر قۇرۇپ ئۆز مەدەنىيەتلىرىنى تونۇشتۇردى. ئۇيغۇرلارمۇ بۇنى پۇرسەت بىلىپ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتتى.

بۇ ھەقتە پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ۋە خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

تەپسىلاتى...

رابىيە قادىر خانىم ئامىستىردامدا ئۆتكۈزۈلگەن ئەھمىيەتلىك فىلىم فېستىۋالىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يولغا چىقتى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە گوللاندىيىدىكى ئەھمىيەتلىك فىلىم جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان، ئامىستىردامدىكى خەلقئارالىق فىلىم فېستىۋالىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بۈگۈن ۋاشىڭتوندىن ئايرىلىپ يولغا چىقتى.

رابىيە قادىر خانىم مەزكۇر فىلىم فېستىۋالىغا قاتناشقاندىن سىرت يەنە، گوللاندىيە ھۆكۈمەت خادىملىرى بىلەن ئۇچرىشىدىكەن. بۇ جەرياندا يەنە رابىيە قادىر خانىمنى گوللاندىيىدىكى داڭلىق مەتبۇاتلار زىيارەت قىلىدىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

تەپسىلاتى...

رابىيە قادىر خانىم گوللاندىيىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارا كىنو فېستىۋالىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يولغا چىقتى

2010-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم گوللاندىيىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارالىق كىنو فېستىۋالىغا قاتنىشىش ئۈچۈن، بۈگۈن يەنى 3 – ئاينىڭ 23 – كۈنى ۋاشىڭتوندىن يولغا چىقتى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى 10 كۈن داۋام قىلىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ مەزكۇر فېستىۋالغا قاتناشقاندىن باشقا گوللاندىيىدىكى بىر تۈركۈم ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە جامائەت ئەربابلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ. ئۇ يەنە گوللاندىيىدىكى مۇھىم ئاخبارات ۋە مەتبۇئات ئورۇنلىرىنى زىيارەت قىلىدۇ.

گوللاندىيىدە مۇشۇ ئاينىڭ 25 – كۈنىدىن 31 – كۈنىگە قەدەر ئۆتكۈزۈلىدىغان مەزكۇر فېستىۋالغا، جەمئىيەتتىكى مۇھىم مەسىلىلەرنى تېما قىلغان ۋە جەمئىيەتكە تەسىر كۆرسىتىش كۆچى چوڭ بولغان فىلىملەر قاتناشتۇرۇلىدىغان بولۇپ، ” ئەھمىيەتلىك فىلىملەر” نامىدىكى بۇ خەلقئارالىق كىنو فېستىۋالىغا ؛ رابىيە خانىم ھەققىدە ئىشلەڭەن ” مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى ” ناملىق فىلىممۇ تاللانغان.  شۇڭا رابىيە خانىم فېستىۋالنىڭ شەرەپ مېھمىنى سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىنغان.  رابىيە خانىم فېستىۋالنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىشى ۋە فېستىۋال داۋامىدا مۇخبىرلارنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشى مۇمكىن.

تەپسىلاتى...

ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ‘ھۆر شەرقىي تۈركىستان’ ناملىق يىغىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 3-ئاينىڭ 22كۈنى

2010 – يىلى 3 – ئاينىڭ 20 – 21 – كۈنلىرى ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ كۇلتېر – سەنئەت مەركىزىنىڭ يىغىن زالىدا، ئى ھا ھا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن “ئىستانبۇل تىنچلىق مۇنبىرى” نام ئاستىدا خەلقئارالىق “ھۆر شەرقىي تۈركىستان” ناملىق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىنغا  تۈركىيە ئىچى ۋە سىرتىدىن كۆپ ساندا ئۇيغۇرشۇناس تەتقىقاتچى ئالىملار، پارلامېنت ئەزالىرى، سىياسىي پارتىيە ۋەكىللىرى، ئاممىۋى تەشكىلات رەھبەرلىرى بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى، يىغىنغا  يەنە تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن مىڭغا يېقىن كىشى قاتناشقان بولۇپ 2 كۈن داۋام قىلغان يىغىننى باشتىن ئاخىر دىققەت بىلەن ئاڭلىدى.

يىغىندا ئى ھا ھا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىنىڭ رەىسى بۈلەنت يىلدىرىم، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش نازىرى ئابلىكىمخان مەخسۇم، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەىسى ھامۇت كۆكتۈرك، تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى ھۆسنۈ تونە ئەپەندى، ساادەت پارتىيىسىنىڭ ئىستانبۇل شۆبە باشلىقى ئېرول ئەردۇغان قاتارلىق رەھبەرلەر ئېچىلىش نوتىقى سۆزلىدى.

تەپسىلاتى...