شىۋېتسىيىدە خىتاينىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭغا قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 03-ئاينىڭ 30-كۈنى

خىتاي دۆلىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى بىر ئۆمەك – 28 چېسىلادىن باشلاپ 4 كۈنلۈك شۋېتسىيە زىيارىتىنى باشلىغان ئىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شىۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بۈگۈن يەنى – 30 چېسلا شۋېتسىيە پارلامېنتنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ خىتايغا قارشى نارازىلىقىنى ئىپادىلەش بىلەن بىرگە شۋېتسىيە ھۆكۈمىتىدىن خىتاي بىلەن بولغان سودا سۆھبىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئېلىپ باردى.

نامايىشنى شىۋېتسىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى تەشكىللىگەن بولۇپ، ئۇيۇشمىنىڭ رەئىسى ئابدۇللا نامايىش ھەققىدە ئۇچۇر تەپسىلىي ئۇچۇر بەردى.

نامايىشقا، ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئەزەربەيجان دۇنيا قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ ئىشتىراك قىلىپ شۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە، سودىنى دەپ ئەخلاقى مەجبۇرىيىتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا چاقىردى.

شۋېتسىيە ئاخباراتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شى جىنپىڭ شۋېتسىيە باش ۋەزىرى فرېدىرىك رايىنفېلت بىلەن ئۇچراشقان بولۇپ، ئۇچرىشىشتا باش ۋەزىر فرېدىرىك رايىنفېلت خىتايدىكى ئۇچۇر ئەركىنلىكى ۋە ئىنتېرنېت قامالى ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان، ئەمما شى جىنپىڭ باش ۋەزىرىنىڭ سۆزىگە ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىگەن.

تەپسىلاتى...

” ياۋروپادا نەۋرۇز – 2010 ” سەنئەت كېچىلىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى

د ئۇ ق تەشۋىقات مەركىزى
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى

شەنبە كۈنى، يەنى، 3 – ئاينىڭ 27 – كۈنى كەچتە گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى 600 كىشىلىك ھەشەمەتلىك زالدا ئۆتكۈزۈلگەن ” ياۋروپادا نورۇز – 2010 ” سەنئەت كېچىلىكى، ھەم چەتئەللىك دوستلارنىڭ، ھەم ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى.

ئويۇن ئاخىرىدا، بەزى مىنىستىر، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ئامېرىكا، ئىسپانىيە  قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ كونسۇلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان چەتئەللىك دوستلار، ” بۈگۈنكى سەنئەت كېچىلىكى ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى، شۇنداقلا تىنچلىقپەرۋەر، سەنئەت سۆيەر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدۇق، بۈگۈنكى سەنئەت نومۇرلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نۆۋەتتىكى روھ ھالىتى، ئەركىنلىك ۋە ھۆرلۈككە بولغان تەلپۈنۈشى چوڭقۇر سىڭدۈرۈلگەن، ھەقىقەتەنمۇ ئىنتايىن ھاياجانغا  تولغان ئۇنتۇلماس بىر كېچە ياشىدۇق ” دەپ تەرىپلەشتى.

يەنە بەزى گېرمان تاماشىبىنلار، ” مۇشۇنداق يۇقىرى مەدەنىيەتلىك، سەنئەتخۇمار، ئىنسانپەرۋەر ۋە تىنچلىق سۆيەر بىر خەلققە قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشكە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ۋىجدانى قانداقمۇ چىدىغاندۇ ? ئۇيغۇر خەلقى چوقۇم ھۆر ۋە ئەركىن ياشاش ھوقۇقىغا ئېرىشىشى لازىم ” دەپ ئىپادە بىلدۈرۈشتى.

بۈگۈنكى سەنئەت كېچىلىكى، 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان قەھرىمان ئوغۇل – قىزلارغا بېغىشلانغان  ” روھ ئانا ” ئىسىملىك تراگېدىيىلىك ئۇسۇل بىلەن باشلانغان  بولۇپ، ئۇسۇلدىن بۇرۇن تاماشىبىنلارغا ئۆتكەن يىلى يۈز بەرگەن 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ ئومۇمى جەريانى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە گېرمانچە ئىزاھات بېرىپ ئۆتۈلدى.

تەپسىلاتى...

رابىيە قادىر خانىم گوللاندىيە مۇساپىرلار لاگىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 03-ئاينىڭ 29-كۈنى

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم گوللاندىيىنىڭ مۇساپىرلار لاگېرىدا تۇرۇۋاتقان 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى زىيارەت قىلىپ ئۇلاردىن ھال سورىدى.

رابىيە قادىر خانىم 3 – ئاينىڭ 28 – كۈنى چۈشتە ئادۋوكات مارتىن بېرگ ئەپەندى، ئالىم سېيىتوف ئەپەندى ۋە گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن بىرگە، مۇساپىرلار لاگېرىغا بېرىپ ئۇيغۇر مۇساپىرلاردىن ھال سوراش بىلەن بىرلىكتە ئۇلارنىڭ تىزىملىكىنى چىقىرىپ گوللاندىيىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىغا سۇنغان.

رابىيە قادىر خانىم 200 ئەتراپىدا مۇساپىر ئۇيغۇرنى كۆرۈپ كۆڭلىنىڭ قاتتىق يېرىم بولغانلىقىنى، بۇندىن كېيىنكى پائالىيەتلىرىدە مۇساپىرلار مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ گوللاندىيە ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇرلار ھەققىدە يالغان مەلۇماتلارنى بېرىش ئارقىلىق بۇ مۇساپىرلارنىڭ ئىلتىجاسىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى توسۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

بىز بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن رابىيە قادىر خانىم بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

تەپسىلاتى...

تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلات ۋەكىللىرى ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىنى تەقدىرلىدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 03-ئاينىڭ 29-كۈنى

تۈركىيىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىدىن تەركىب تاپقان 15 كىشىلىك بىر ھەيئەت ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىنى زىيارەت قىلىپ، بۇ ۋەخىپنىڭ رەئىسى بۈلەنت يىلدىرىم قاتارلىق مەسئۇللار بىلەن ئۇچراشتى.

بۇ ئۇچرىشىشتا شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى سىيىت تۈمتۈرك، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باشلىقى ھامۇتخان كۆكتۈرك، شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى تىبەت يۈجەتۈرك قاتارلىق مەسئۇللار ئايرىم ‏- ئايرىم سۆز قىلىپ ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىنىڭ رەئىسى بۈلەنت يىلدىرىم ئەپەندىگە ‘ھۆر شەرقىي تۈركسىتان’ نامى ئاستىدا ئۇيۇشتۇرغان يىغىن ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتتى.

بۇ ئۇچرىشىشتا يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلىرى ھەققىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلدى. بۇ جەريانىدا ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىنىڭ رەئىسى بۈلەنت يىلدىرىم شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: “بىزنىڭ بىرىنچى مەقسىتىمىز، خىتاي نوپۇسىغا قارشى ئىسلام بىرلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش، بىز تۈركلەر بىلەن، ئەرەبلەر بىلەن، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە ھىندونېزىيە بىلەن ئىسلام قۇرۇلتىيى تەشكىلاتىنىڭ ئەتراپىغا توپلىشىپ، خىتايغا قارشى شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن بىر ئىش قىلىشىمىز كېرەك، تۈركىيە بۇنى قىلالايدۇ، خىتاينىڭ تۈركىيىدىن قورقىدىغان ئاجىزلىقى، تۈركىيىنىڭ ئىسلام قۇرۇلتىيى تەشكىلاتىنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خىتايغا قارشى ھەرىكەتكە ئاتلاندۇرۇشىدىن ئەندىشە قىلىشتۇر.”

تەپسىلاتى...

ئۇيغۇرلار شۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي مۇئاۋىن دۆلەت رەىسى شى جىنپىڭنىڭ سكاندىناۋىيە دۆلەتلىرىگە قاراتقان زىيارىتى، جۈملىدىن ئۇنىڭ شۋېتسىيە زىيارىتىنى باشلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، شۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ھەققىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياننامىسىدە ئۆتكەن يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى  ھەمدە ھازىرغىچە ئۆلۈم جازاسى بېرىشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە يەنە، 5 – ئىيۇل ۋەقەسى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى قىسقىچە ئەسلىتىپ ئۆتۈلگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئۆزلىرىنىڭ خىتاي مۇئاۋىن رەىسى شى جىنپىڭنىڭ شۋېتسىيە زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن شۋېتسىيە باش مىنىستىرىغا خەت يېزىپ، شۋېتسىيە ھۆكۈمىتىدىن 5 – ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ سەۋەبى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرمىدىكى ئەھۋالى ھەم جازالىنىش ئەھۋاللىرى ئۈستىدە خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى .

تەپسىلاتى...

رابىيە قادىر خانىم گوللاندىيىدە خەلقئارا فىلىم فېستىۋالىغا قاتناشتى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەىسى رابىيە قادىر خانىم گۇللاندىيىگە يېتىپ بېرىپ يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق فىلىم فېستىۋالىغا قاتناشتى. فېستىۋالنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن ئۇ، ئاخبارات مۇخبىرلىرىغا ھەمدە فېستىۋال قاتناشچىلىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىزنىڭ رابىيە خانىم بىلەن بىرلىكتە فېستىۋالغا قاتنىشىۋاتقان ئالىم سېيىتوف ئەپەندى بىلەن قىلغان سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

تەپسىلاتى...

“ھۆر شەرقىي تۈركىستان” ماۋزۇلۇق يىغىن ھەققىدە سۆھبەت

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى

3 – ئاينىڭ 20 – 21 – كۈنلىرى تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەق ۋە ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ رولى ۋە خىتاينىڭ ئىسلاھاتقا قارشى تىركىشىشى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ كېلەچىكى دېگەڭە ئوخشاش تېمىلاردا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

بۇ يىغىندا ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابدۇسالام ئابدۇغېنى ئەپەندى سۇنغان  “شەرقىي تۈركىستان: ئىقتىسادىي ھاياتتىكى چەكلىمىلەر يوقسۇللۇق ۋە ئىجتىمائىي چەكلىمىلەر” ماۋزۇلۇق ماقالە يىغىن ئەھلىنىڭ قاتتىق دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىدى. بىز بۇ ماقالىنى چۆرىدىكەن ھالدا ئابدۇسالام ئابدۇغېنى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

تەپسىلاتى...

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىككە چىققانلىقىنى تەبرىكلىدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى

د ئۇ ق گۈەنتانامودىن قويۇپ بېرىلىپ، شۋېتسارىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىككى نەپەر ئۇيغۇرنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مەخسۇس تەبرىكنامە ئېلان قىلدى، د ئۇ ق تەبرىكنامىسىدە، يەتتە يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان گۈەنتانامو تۈرمىسىدە ناھەق تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بەختىيار مەخمۇت بىلەن ئەركىن مەخمۇت ئاكا – ئۇكا ئىككىيلەننىڭ ھۆرلۆككە ئېرىشىپ، 23 – مارت كۈنى شۋېتسارىيىگە كېلىپ ئورۇنلاشقانلىقىنى پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقى نامىدىن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

د ئۇ ق نىڭ باش كاتىپى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىومىز ئارقىلىق ئىككى ئۇيغۇرنىڭ ھەقىقىي ئەركىنلىككە ئېرىشكەنلىكىنى تەبرىكلىدى.

باش كاتىپ دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يەنە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭنىڭ بەختىيار مەخمۇت ۋە ئەركىن مەخمۇتلارنىڭ شۋېتسارىيىگە يەرلەشتۈرۈلگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن شۋېتسارىيە ھۆكۈمىتىگە بىلدۈرگەن نارازىلىقى توغرىسىدىمۇ تاختالدى.

شۋېتسارىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ، شۋېتسارىيىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىغا يېڭىدىن قېتىلغان بۇ ئىككى قېرىندىشىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، شۋېتسارىيە شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەىسى ئەندەلى ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

ئەندەلى ئەپەندى سۆزىدە يەنە، شۋېتسارىيە مەتبۇاتلىرىدا بەختىيار مەخمۇت ۋە ئەركىن مەخمۇتلار ھەققىدە خەۋەلەر ئېلان قىلىنىۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇ ئىككىيلەننىڭ بىر مۈددەت ئارام ئېلىشىنى كۆزدە تۇتقان شۋېتسارىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرچە مەتبۇاتلارنىڭ ئۇلارنى بىۋاسىتە زىيارەت قىلىشىغا ئىجازەت بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

تەپسىلاتى...

تۈركىيىنىڭ قاھرامانماراش ۋىلايىتىدە ‘خىتاينىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان’ تېمىسىدا يىغىن چاقىرىلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى

تۈركىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان قاھرامانماراش ۋىلايىتىنىڭ گۆكسۈ ناھىيىسىدە “خىتاينىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان” تېمىسىدا يىغىن چاقىرىلدى. 3 – ئاينىڭ 23 – كۈنى چۈشتىن كېيىن چاقىرىلغان بۇ يىغىنغا  دۈنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئالاھىدە تەكلىپ بويىچە قاتناشقان ۋە سۆز قىلغان.

ئۇ بۇ ۋىلايەتكە ئېلىپ بارغان زىيارىتى جەريانىدا شەھەر باشلىقى رامازان خۇرچ ۋە ۋالىي جەمالەتتىن دېمىرجىوغلۇ قاتارلىق كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلاتقان.

شۇ كۈنى ئاخشىمى قاھرامانماراش ۋىلايىتىدە تارقىتىلىدىغان ئاقسۇ تېلېۋىزىيىسىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلاتقان سېيىت تۈمتۈرك باشچىلىقىدىكى 3 كىشىلىك ھەي ‘ئەت 3 – ئاينىڭ 24 – كۈنى قەيسەرىگە قايتىپ كەلگەن. بىز بۇ پاالىيەتلەر ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن د ئۇ ق مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

تەپسىلاتى...

گۈەنتانامودىكى ئىككى ئۇيغۇر ئەركىنلىككە ئېرىشتى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ھەربىي داىرىلىرى، گۇەنتانامو تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تەن جازاسى تۈپەيلى خىتايغا قايتۇرۇلمايدىغانلىقىنى ئەمما، قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى قارار قىلغاندىن كېيىن، بۈگۈڭە قەدەر 17 نەپەر ئۇيغۇر، ئالبانىيە، پالاۋ، بېرمۇدا، شۋېتسىيە ۋە شۋېتسارىيە قاتارلىق 5 دۆلەتكە يەرلەشتۈرۈلدى.

ئاخىرقى قېتىم شۋېتسارىيە دۆلىتىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان، بەختىيار مەخمۇد ۋە ئەركىن مەخمۇد ئاكا – ئۇكىلار، 22 – مارت دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 7 دە ئايروپىلانغا  ئولتۇرۇپ، گىرۇزىيىدە بىر قانچە سائەت توختىغان بولۇپ، سەۋەبى ئۇلار بىلەن بىرگە گۈەنتانامو تۈرمىسىدە تۇتۇقلانغان  3 نەپەر ئەرەب گىرۇزىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

بەختىيار بىلەن ئەركىن سەيشەنبە ئەتىگەن شۋېتسارىيە ۋاقتى سائەت 10 يېرىمدا شۋېتسارىيىنىڭ زۇرىخ ئايروپىلان ئىستانسىسىغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، شۋېتسارىيىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت خادىملىرىدىن تەشكىللەڭەن 20 گە يېقىن كىشى تەرىپىدىن كۈتۈۋېلىنغان.  بەختىيار ۋە ئەركىن شۋېتسارىيىدىن، گۈەنتانامونىڭ ئىگۇانا لاگېرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان روشەن ئابباس خانىم بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، شۋېتسارىيە زېمىنىغا قەدەم باسقاندىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ خۇشاللىقىنى بىلدۈرگەن.

تەپسىلاتى...