ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن مەخسۇس ئۇيغۇر سىنىپى ئېچىلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى

ھەر قانداق مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىشتا شۇ مىللەتنىڭ، تىلى، دىنى، ئۆرپ ‏- ئادىتى، كۈلتۈر ‏- مەدەنىيىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. چەتەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردە ئۆزلىرىنىڭ مىللىي سالاھىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر سىنىپلىرى تەسىس قىلىپ، ئەۋلادلارغا ئۇيغۇرچە دەرس ئۆتۈپ كەلمەكتە.

بۇ سىنىپقا ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىدىكى ئوخشىمىغان باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن 50 نەپەر ئۆسمۈر تىزىملاتقان بولۇپ، بۇ سىنىپتا ھەر ھەپتىدە ئىككى قېتىم ئىككى سائەتتىن دەرس ئۆتۈلمەكتە. بۇ سىنىپتا ئاساسلىقى ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكى، ئىسلام دىنىدىن ساۋات، ئەدەپ ‏- ئەخلاق، ئۇيغۇر ئۆرپ ‏- ئادەتلىرى، كۈلتۈر ‏- مەدەنىيەتلىرى ھەققىدە دەرس ئۆتۈلمەكتە.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، بۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى توپلاپ، ئىستانبۇلنىڭ تارىخىي ئورۇنلىرىنى زىيارەت قىلدۇرۇش، دېڭىز ساھىلىغا سەيلىگە چىقىش، ئۇيغۇرچە ئويۇن ئويناش دېگەڭە ئوخشاش پاالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلماقتا. ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردىن بىرى.

تەپسىلاتى...

رابىيە قادىر خانىم نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە ھاففىڭتون گېزىتى گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى

خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئىنتېرنېتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ۋە بېيجىڭدا شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى ئېچىشى، ۋەزىيەت كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ دىققىتىنى يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇر مەسىلىسىگە مەركەزلەشتۈردى. مانا بۇ پۇرسەتتە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ھاففىڭتون گېزىتى (ھۇففىڭتون پوست) دە ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ يېڭى سىياسىتىگە قارىتا ئۆز كۆز قارشلىرىنى بايان قىلدى.

رابىيە خانىم ھۇففىڭتون گېزىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ يالغۇز ئىقتىسادى مەسىلە ئەمەسلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى. رابىيە قادىر خانىمنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ يىلتىزى سىياسىي ۋە قانۇنىي ھەق-ھوقۇق مەسىلىسىدۇر؛ ئەگەر مەسىلىنىڭ سىياسىي قىسمى مۇزاكىرە قىلىنمىسا، شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى يەنە يۈز قېتىم ئېچىلسىمۇ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.

رابىيە خانىم ماقالىسىدە، ئۇيغۇر رايونىغا 2000 ‏- يىلىدىن باشلاپ غەربنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانى بويىچە كۆپ مىقداردا مەبلەغ سېلىنغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر رايونىدا بەلگىلىك دەرىجىدە تەرەققىيات بارلىققا كەلگەنلىكىنى، ئەمما بۇ تەرەققىياتنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي پەرقنى زورايتىشتىن باشقا ئىشقا يارىمىغانلىقىنى، شۇڭا بۇ قېتىمقى شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنىڭمۇ ئۇيغۇرلارغا مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

رابىيە خانىم ماقالىسىدە شىنجاڭ خىزمەت يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھالقىما تەرەققىيات پىلانىنى “كونا چاقىرىقنىڭ يېڭى شوئار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى” دەپ كۆرسەتتى.

تەپسىلاتى...

ئىستانبۇلدا ئانىلار كۈنىنى تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى

ئانىلار ئۇلۇغ، ئانىلار مۇقەددەس، دۇنيادا ئىنسان ئۈچۈن ئۇنى تۇغۇپ چوڭ قىلىپ، يېتىشتۈرگەن جاپاكەش ئانىدىن ئۇلۇغ ۋە ئەڭ قەدىرلىك بىرى بولمىسا كېرەك. مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى ئاياللار بۆلۈمىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ۋەخپىنىڭ مەركىزىدە ئانىلار كۈنىنى تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

مۇراسىمغا تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ۋەخپىنىڭ ئايال مەسۇللىرىدىن ئەممار خانىم، دوكتور مەھتابخانىم، ئىلگىرى شەھەر باشلىقى بولغان شاىرە ناگاھان ئاكايورباي خانىم، تۈركمەن ئېلى جەمئىيىتىنىڭ مەسۇللىرىدىن ئايسەل قۇشجۇ ۋە لەيلە خانىملار قاتناشتى. مۇراسىمغا يەنە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر، تۈرك ئانىلاردىن 100 گە يېقىن كىشى قاتناشتى. مۇراسىمغا شاىرە نۇرەلا كۆكتۈرك خانىم رىياسەتچىلىك قىلدى.

مۇراسىمدا ئۇيغۇر ئانىلار ھەققىدە، شېىر دېكلاماتسىيە قىلىندى ۋە ناخشا ئوقۇلدى، ۋەكىللەر سۆزگە چىقىپ، ئۇيغۇر ئانىلارنىڭ نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلىرى ھەققىدە توختالدى. ئاخىرىدا مۇراسىمغا قاتناشقان ئانىلارغا ھەدىيە تەقدىم قىلىندى.

تەپسىلاتى...

دۇنيا ياشلىرى ۋە مەدەنىيەتلىرى ئۇچرىشىش پائالىيەتلىرى ئەنقەرەدە ئاخىرلاشتى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى

5 – ئاينىڭ 14 – كۈنىدىن 20 – كۈنىگىچە داۋاملاشقان دۇنيا ياشلىرى ۋە مەدەنىيەتلىرى ئۇچرىشىش پاالىيىتى تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدىكى ئاتاتۈرك مەدەنىيەت مەركىزىدە داغدۇغىلىق ئاخىرلاشتى.

63 دۆلەتتىن 3 مىڭ ئەتراپىدا ياش قاتناشقان بۇ ئۇچرىشىشتا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسىنىڭ باشلىقى ھايرۇللاھ ئەفەندىگىل رەھبەرلىكىدىكى 5 كىشىلىك ھەيئەت قاتناشتى. ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، ئۆرپ – ئادەتلىرى، ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رەسىملەر قويۇلغان بۆلۈم ئاچتى.

بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇرلار 63 دۆلەتتىن كەلگەن ياشلارغا شەرقىي تۈركىستاننى تونۇشتۇرغانلىقىنى، تۈركىيىنىڭ تەنتەربىيە ۋە ياشلار ئىشلىرى مىنىستىرى ھەم پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان تۈركىيە تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ مەسۇلى مۇستافا قاۋاس ئەپەندى ئۆزلىرىنىڭ 10 يىلدىن بېرى بۇ خىل پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقى ۋە بۇنىڭدا ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە ئورۇن بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: “بىز ياشلار قۇلۇبى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۆتكەن 10 يىلدىن بېرى تۈرك دۇنياسىغا، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتىمىز. بىز دۇنيا دۆلەتلىرىگە ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز. بۇنىڭدىن كېيىنكى دۇنيا ياشلىرى ۋە مەدەنىيەتلىرى ئۇچرىشىش پائالىيەتلىرىدە داۋاملىق تۈردە ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىمىز.”

تەپسىلاتى...

ئىستانبۇلدا ئوسمان باتۇرنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 5-ئاينىڭ 19

سۈرەت، 2010 ‏- يىلى 5 ‏- ئاينىڭ 16 ‏- كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئوسمان باتۇرنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدىن بىر كۆرۈنۈش.

مۇراسىمغا ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، زەيتىنبۇرنۇ رايونىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، تۈرك دۇنياسى قانداش خەلقلەر جەمئىيىتىنىڭ مەسۇلى، تۈركىيە پارتىيىسى ۋە تۈركىيە ئۆزگەرتىش ھەرىكىتى پارتىيىسىنىڭ ۋەكىللىرى شۇنداقلا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ‏- قازاقلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

مۇراسىم، شېھىتلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ، بىر مىنۇتلۇق سۈكۈتتە تۇرۇش ۋە ئىستىقلال مارشى ئوقۇش بىلەن باشلاندى. مۇراسىمغا ئىستانبۇل ‏- زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق ھۆكۈمەت مەجلىسىنىڭ ئەزاسى خىزىربەك غەيرەتۇللاھ رىياسەتچىلىك قىلدى.

مۇراسىمدا، مانىسا ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ‏- ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تارىخ بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى “ئوسمان باتۇر ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشى ” دېگەن تېمىدا، بەيكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ‏- ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تارىخ بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور مۇزەپپەر ئۆرەكلى ئەپەندى “ئوسمان باتۇرنىڭ مىراسى نېمە ۋە ئۇنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟” دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.

دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى، ئوسمان باتۇرنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئالتاي خەلقىنى كۈرەشكە چاقىرىپ يازغان بىر پارچە مەكتۇپىنى ئوقۇپ مۇنداق دېدى: “مەن، خىتاي تەشكىلاتى مېنى تۇتۇۋالمىسۇن ۋە ياكى چارۋىچىلارنى خارلىمىسۇن دەپلا ئۇرۇشمايۋاتىمەن، 11 يىلدىن بېرى خىتاي پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلدى ۋە ئالتە چوڭ سىياسەتنى بۇ يەردە يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. قازاقلار بىلەن باشقا مىللەتلەرنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى سۆزلەيدۇ، ئەمما 10 نەچچە يىلدىن بېرى قازاقلار بۇنىڭغا قارشى چىقمىدى. ئەمدى قارايدىغان بولساق، سۆزلىگەنلىرى بىلەن ئەمەلىيىلەشتۈرگەنلىرىنىڭ دەل ئەكسىچە ئىش قىلىۋاتقان خىتاي تەشكىلاتى بىلەن قارشىلىشىۋاتىمىز، خىتاي تەشكىلاتى ئەۋەتكەن ئاتالمىش ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر قازاقلارنى تۇتقۇن قىلدى. قازاقلاردىن بىر ئارمىيە قۇرۇشنىڭ ئورنىغا ئۇلارنىڭ قوللىرىدىكى قوراللارنى تارتىۋالدى. دىننى قوغداشنىڭ ئورنىغا مەسچىتلەرنى يىقىتتى، چارۋا ماللارنى تارتىۋالدى. باجنى تۆۋەنلىتىشنىڭ ئورنىغا كۆپەيتتى، تىجارەت قىلىش چەكلىنىپ، قازاق خەلقى كەمبەغەل ھالغا چۈشۈپ قالدى. بىز چارۋا مال ئەمەس، بىز ئىنسان، بىز پۈتكۈل مىللەتلەرگە ئوخشاش ھوقۇققا ئىگە بولۇشنى تەلەپ قىلىمىز !”

تەپسىلاتى...

ئۇيغۇر تاماقلىرى قەيسەرى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن تاماق بايرىمىغا قاتناشتۇرۇلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى

يېمەك – ئىچمەك بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى بەلگىلەيدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرىدۇر. ئۇيغۇر تاماقلىرى قەدىمىي تارىخقا ئىگە. بۇرۇن ئۇيغۇر تاماقلىرى پەقەت خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىلا ياخشى تونۇلغان بولسا، ھازىر ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن پۈتۈن دۇنيادا تونۇلۇشقا باشلىدى.

ئۇيغۇر تاماقلىرى ئۈچ كۈندىن بۇيان تۈركىيىنىڭ قەيسەرى شەھىرىدىكى ئەرجىيەس ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان تاماق بايرىمىدا كۆرسىتىلمەكتە. مەزكۇر تاماق بايرىمىغا تۈركىيىنىڭ 81 ۋىلايىتىدىن كەلگەن كىشىلەر قاتنىشىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن قەيسەرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئاياللار كومىتېتىنىڭ باشلىقى رابىيە ئىلكتۈرك خانىم ۋە مۇئاۋىن باشلىقى خەيرىگۈل خانىملار قاتناشتى.

ئەرجىيەس ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئۇيغۇر تاماقلىرىنى تونۇشتۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرى، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى مەسۇللىرىدىن ئابلىكىم ئەپەندى ھەم ئۇيغۇر تامىقى يەۋاتقان خېرىدارلار مەزكۇر پائالىيەت ۋە ئۇيغۇر تاماقلىرى ھەققىدە توختالدى.

تەپسىلاتى...

قازاقىستاندا شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 65 – يىللىقىنى ۋە بارىن ئىنقىلابىنىڭ 20 – يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

د ئۇ ق تەشۋىقات مەركىزى
2010-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى

د ئۇ ق نىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندىمنىڭ تەشكىللىشى ۋە رىياسەتچىلىكىدە، 4 – ئاينىڭ 8 – كۈنى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە، 1944 – يىلىدىكى  شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 65 – يىللىقىنى ۋە 1990 – يىلى 4 – ئاينىڭ 5 – كۈنى يۈز بەرگەن بارىن ئىنقىلابىنىڭ 20 – يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

ئالمۇتا شەھىرىنىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان سۇلتان قورغان مەھەللىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن  ۋە جەمئىي 3 سائەتتىن ئارتۇق داۋام قىلغان بۇ قېتىمقى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە ، قازاقىستاننىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ياشايدىغان شەھەر، ناھىيە، يېزا ۋە مەھەللىلەردىكى ئۇيغۇر ۋەكىللىرى، ئەينى چاغدىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسىگە ئوفىتسېر ۋە جەڭچى بولغان غازىلار ۋە د ئۇ ق نىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 300 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.

نۆۋەتتە قازاقىستاندا ھاياتتا تۇرۇۋاتقان مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېر – جەڭچىلىرىنىڭ ئومۇمى سانى 50 كە يېقىن بولۇپ، بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ئۇلارىڭ 37 نەپىرى ئىشتىراك قىلدى.

بۇ قېتىمقى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسىنىڭ سابىق كاپىتانى ۋە قازاقىستان خەلق يازغۇچىسى مەسىمجان زۇلپىقار ئەپەندىم سۆز قىلىپ، 1944 – يىلى ئىلىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەقسىتى ۋە غايىسى، شۇنداقلا مىللىي ئارمىيىنىڭ قەھرىمانلىق ئىش – ئىزلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.

تەپسىلاتى...

گېرمانىيىدە بارىن شېھىتلىرى خاتىرىلەندى

د ئۇ ق تەشۋىقات مەركىزى
2010-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى
 
يېقىنقى زامان مىللىي كۈرەش تارىخىمىزدا ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان بارىن ئىنقىلابىنىڭ 20 – يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن، 4 – ئاينىڭ 4 – كۈنى مەركىزى ئورگىنى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى د ئۇ ق ئىشخانىسىدا  بارىن شېھىتلىرىنى ئەسلەش ۋە ئۇلارنىڭ روھى ئۈچۈن مەخسۇس نەزىر – چىراغ  ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇلدى.
 
د ئۇ ق مەركىزى ئورگىنى، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى، گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتى ۋە گېرمانىيە چوڭلار مەشرىپى تەرىپىدىن بىرلىكتە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە، ئالدى بىلەن د ئۇ ق دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە بارىن شېھىتلىرى، 5 – فېۋرال غۇلجا ھەرىكىتى شېھىتلىرى، 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى شېھىتلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ھۆرلۈكى ئۈچۈن ئەزىز جانلىرىنى پىدا قىلغان بارلىق شېھىتلىرىمىزنىڭ روھى ئۈچۈن قۇرئان – كەرەم ئوقۇپ ئۆتۈلدى.

 
پائالىيەت جەريانىدا يەنە، د ئۇ ق تەشۋىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇل مۇدىرى ۋە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات يورۇڭقاش ۋە دىنىي زاتلىرىمىزدىن ئابدۇجېلىل ئەمەت ھاجىملار، بارىن ئىنقىلابىنىڭ مەيدانغا  كېلىش ۋە ئۇنۇڭ خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلۇش جەريانى، بارىن ئىنقىلابىنىڭ مىللىي كۆرۈشىمىزدىكى تارىخىي ئەھمىيىتى، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى سىياسىي تەسىرى، زەينىدىن يۈسۈپ باشچىلىقىدىكى  بارىن شېھىتلىرىمىزنىڭ يۈرەكنى لەرزىگە سالىدىغان قەھرىمانلىق ئىش – ئىزلىرى ھەققىدە كۆپچىلىككە ئەتراپلىق مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.

تەپسىلاتى...

رابىيە خانىم گوللاندىيە سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئامېرىكىغا قايتىپ كەلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەىسى رابىيە قادىر خانىم تۈنۈگۈن كەچ گوللاندىيە سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئامېرىكىغا قايتىپ كەلدى. گوللاندىيە سەپىرى رابىيە خانىمنىڭ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ياۋروپا ئەللىرىدە ئېلىپ بارغان 3 ‏- قېتىملىق زىيارىتىدۇر.

رابىيە خانىمنىڭ مۇخبىرىمىزغا ئەسكەرتىشىچە، ئۇ بۇ قېتىمقى سەپىرىدە گوللاندىيە پارلامېنتى ۋە ھۆكۈمىتىدىكى سىياسەتچى ھەم ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشۈپ، “5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسى”دىن كېيىن گوللاندىيىگە قېچىپ چىققان ئۇيغۇر مۇساپىرىغا پاناھلىق بېرىش مەسىلىسىنى مەركەزلىك ئوتتۇرىغا قويغان.

ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، “5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسى”دىن كېيىن چەتەلگە قېچىپ چىقىپ، گوللاندىيە ھۆكۈمىتىدىن پاناھلىق تەلەپ قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 100 دىن ئاشقان بولۇپ، لېكىن گوللاندىيە ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسىغا ھازىرغىچە ئىجابىي جاۋاب بەرمىگەن.

رابىيە خانىمنىڭ ئەسكەرتىشىچە، گوللاندىيە پارلامېنت ئەزالىرى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا چوقۇم پاناھلىق بېرىشكە ۋەدە بەرمىگەن، لېكىن بۇ مەسىلە ئۈستىدە گوللاندىيە ھۆكۈمىتى بىلەن سۆزلىشىپ، قولىدىن كېلىدىغان تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رابىيە خانىم بۇ قېتىم گوللاندىيىگە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تەكلىپىگە بىناەن ئامېستىردامدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق فىلىم فېستىۋالىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بارغان ئىدى. ئۇ، بۇ جەرياندا گوللاندىيە ھۆرىيەت ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئىككى ئالىي بىلىم يۇرتىدا نۇتۇق سۆزلىگەن.

خىتاينىڭ ئامېستىردامدىكى باش ئەلچىخانىسى بۇ ئۇنىۋېرسىتېتلارغا بېسىم ئىشلىتىپ، يىغىننى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن يىغىننى ئۇيۇشتۇرغۇچى تۈرك ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ چىڭ تۇرۇشى ئاستىدا خىتاينىڭ تەلىپى رەت قىلىنغان.

تەپسىلاتى...

ئاياللار ھوقۇقى توغرىسىدا ئېچىلغان خەلقئارا يىغىنىدا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئاۋازى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى

2010 ‏- يىلى 3 ‏- ئاينىڭ 28 ‏- كۈنى ئىستانبۇلنىڭ ئەلىەمرى كۈلتۈر مەركىزىنىڭ يىغىن زالىدا، سادەر يەنى خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ‘ئوخشىمىغان جۇغراپىيىدە ياشاۋاتقان ئاياللار ھەققىدىكى كۆز قاراشلار’ تېمىسىدا خەلقئارالىق بىر يىغىن ئۇيۇشتۇرۇلدى.

يىغىنغا،  ھەر قايسى دۆلەتلىرىدىن كېلىپ، ئىستانبۇلنىڭ ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇۋاتقان قىز ئوقۇغۇچىلار ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان چەتئەللىك ئاياللار بولۇپ 400 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. يىغىنغا  ئامېرىكىدىن تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ئاىشە سىلوكۇم خانىم رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا سادەر يەنى خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى شەيما خانىم ئېچىلىىش نۇتىقى سۆزلەپ،  دۇنيانىڭ قايسى جايلىرىدا  ئىشغال قىلىنغان  ۋە ئۇرۇش بولۇۋاتقان رايونلاردىكى ئاياللارنىڭ دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلىرى ۋە ئاياللارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلەر ھەققىدە توختالدى. 

كېيىن ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى مۇستافا ئالتۇنتاش ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئىستانبۇلدا 11 ئورۇندا ئاياللارنىڭ پاناھلىنىش ئۆيى بارلىقىنى، ئاياللار مەسىلىسى ۋە  قىيىن ئەھۋالدا قالغان ئاياللارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن داۋاملىق خىزمەت ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىننىڭ كېيىنكى قىسمىدا ئافرىقا، چىچەنىستان، پەلەستىن , شەرقىي تۈركىستان، بالقان، بوسنىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ ئايال ۋەكىللىرى ئايرىم ‏- ئايرىم سۆز قىلىپ، ئۆزلىرى ياشاۋاتقان رايونلاردىكى ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىي، نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلىرى ۋە كىشىلىك ھەق ‏- ھوقۇقلىرىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە دەپسەندە بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە سۆز قىلدى.

تەپسىلاتى...