د ئۇ ق رەھبەرلىرى توكيودا ئىككى مۇھىم پائالىيەتكە قاتناشتى

ر ف ئا خەۋىرى
2018 – يىلى  3-ئاپرىل

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىنى دېموكراتىيە بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتقان دۆلەتلەرگە ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزمەكتە.

بۇ مەقسەت بىلەن 4-ئاينىڭ 1-كۈنى ياپونىيەنىڭ پايتەختى توكيودىكى مەتبۇئات مەركىزىدە دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مەزكۇر يىغىندا د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى ئۆمەر قانات ئەپەندى ۋە د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندىلەر سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيەت توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن.

تەپسىلاتى...

«5 مىڭ كىشىلىك نامايىش تەشۋىقات گۇرۇپپىسى» قۇرۇلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2018 – يىلى  29-مارت

د ئۇ ق نىڭ تەشەببۇسى بىلەن 26 – مارت كۈنى «5000 كىشىلىك نامايىش تەشۋىقات گۇرۇپپىسى» قۇرۇلۇپ خىزمەتلىرىنى باشلىدى.

26 – مارت كەچ سائەت 8 بىلەن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا يېتەكچىلىكىدە باشلانغان بۇ يىغىنغا گېرمانىيە، نورۋېگىيە، شۋېتسىيە، گوللاندىيە قاتارلىق ئەللەردىن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بەلگىلىك تەسىرى بولغان 7 نەپەر تەشۋىقات ماھىرلىرى قاتناشتى. يىغىن 2 سائەت داۋام قىلدى.

تەپسىلاتى...

ياپونىيەنىڭ ئوكىناۋا ۋىلايىتىدە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ئاڭلىتىلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2018 – يىلى  29-مارت

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ۋاكالەتچىسى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى دۈشەنبە كۈنى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 25-مارت ياپونىيەنىڭ ئوكىناۋا ۋىلايىتىىدە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدىكى دوكلات بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياپونىيەدىكى «ئوكىناۋا مۇداپىيە مۇنبىرى» ناملىق تەشكىلاتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ئېچىلغان ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدىكى دوكلات بېرىش يىغىنغا ئوكىناۋا ۋىلايىتىدىكى پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قىزىققۇچى ھەر ساھەلەردىكى ئەرباپلاردىن تەخمىنەن 100 دەك كىشى قاتناشقان.

تەپسىلاتى...

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدا يىغىن ئېچىلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2018 – يىلى  27-مارت

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى 25-مارت كۈنى ئىستانبۇلدا يىشىن ئۇيۇشتۇردى. يىغىنغا تۈركىيەدىكى ھەر قايسىي شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى، ئۇيغۇر پىشقەدەملىرى، تۈرك تەتقىقاتچىلار، يازغۇچىلار، مۇخبىرلار ۋە بىر قىسىم جەمئىيەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ 100 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.
يىغىندا سابىق پارلامېنت ئەزالىرى، يازغۇچى-تەتقىقاتچىلار ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار رەھبەرلىرى سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەت-پائالىيەتلىرى توغرىسىدا مۇھىم تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تەپسىلاتى...

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى مىيۇنخېندا نورۇز پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

ر ف ئا خەۋىرى
2018 – يىلى  27-مارت

25-مارت كۈنى گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ميۇنخېن شەھىرىدە داغدۇغىلىق  نورۇز پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياردىمى ۋە قوللىشى، «ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 25-مارت كۈنى چۈشتىن كېيىن گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نورۇز پائالىيىتىگە ميۇنخېن ۋە يېقىن ئەتراپتىكى شەھەرلەردىن كەلگەن كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار قاتناشتى. ميۇنخېندىكى بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ بۇ پائالىيەتكە تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
تەپسىلاتى...

«تەيۋەن خەلقى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تەقدىرىدىن ساۋاق ئېلىشى لازىم»

تۈركىستان ۋاقتى خەۋىرى
2018 – يىلى  26-مارت

تەيۋەن بىرلىك پارتىيىسى 23- مارت كەچتە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئىئانە توپلاش زىياپىتى ئۆتكۈزدى. نەق مەيداندىكى سەھنىدە تەيۋەن مۇستەقىلچىلىرى، شەرقىي تۈركىستان، خوڭكوڭ مۇستەقىلچىلىرى، دېموكراتىك ئىلگىرىلەش پارتىيىسى ۋە دەۋرنىڭ كۈچى قاتارلىقلارنىڭ بايراقلىرى ئېسىلدى. ھەممەيلەن بىرلىكتە «پادىشاھلىق» ۋە «شى»غا قارشى شوئارلارنى توۋلىدى.

زىياپەتكە قاتناشقان شەرقىي تۈركىستان ۋەكىلى ئۆز خەلقىنىڭ ۋە مۇنقەرز بولغان دۆلىتىنىڭ تەقدىرىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، تەيۋەن خەلقىنىڭ ئويغىنىشى ئۈچۈن ئۇلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى؛ خوڭكوڭ مۇستەقىلچىلىرىنىڭ ۋەكىلى بولسا، تەيۋەننىڭ خوڭكوڭنىڭ 20 يىل بۇرۇن خىتايغا قايتقان ساۋىقىنى ئەستە تۇتۇشىنى تەلەپ قىلدى، «دۆلەت مارشىنى ئوقۇمىسا قامىلىدۇ» دېدى.

تەپسىلاتى...

تەيۋەندە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىيىتىدىن دوكلات بېرىلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2018 – يىلى  26-مارت

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ۋاكالەتچىسى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى 23-مارت كۈنى تەيۋەندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تەيبېيدا ئېچىلىۋاتقان «تەيۋەن بىرلىك پارتىيەسىنىڭ 2018-يىللىق يىغىلىشى» دا ئۆزىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ۋاكالىتەن يىغىنغا قاتناشقانلىقىنى ۋە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

تەپسىلاتى...

دولقۇن ئەيسا UNPO يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلاتتى

ر ف ئا خەۋىرى
2018 – يىلى  24-مارت

«ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى» نىڭ 26-نۆۋەتلىك ئىدارە ھەيئىتى يىغىنى 23-مارت كۈنى بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا باشلاندى. 19-مارتتىن باشلاپ ياۋروپا پارلامېنتىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى «ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ قېتىملىق ئىدارە ھەيئەتلەر يىغىنىغا ئىشتىراك قىلدى.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق رەھبەرلىرى تۈركىيە پارلامېنتىدا مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى

ر ف ئا خەۋىرى
2018 – يىلى  24-مارت

بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن قۇرۇلتاي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئۆمەر سەردار ئەپەندى، «تۈركىيە-ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرى گۇرۇپپىسى» نىڭ مەسئۇلى ئىسمائىل ئەمراھ قارايەل ئەپەندى، پارلامېنت ئەزاسى ۋەدات بىلگە ئەپەندى ۋە پارلامېنت ئەزاسى كامىل ئايدىن ئەپەندىلەر بىلەن ئايرىم ئايرىم ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا تەييارلىغان ئىككى دوكلاتنى سۇندى.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق رەھبەرلىرى ياۋروپا پارلامېنتىدىكى زىيارىتىنى داۋام قىلماقتا

ر ف ئا خەۋىرى
2018 – يىلى  22-مارت

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىرى بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ياۋروپا پارلامېنتىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان زىيارەتلىرىنى داۋام قىلماقتا.

نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلودىكى «نوبېل ئەركىنلىك سارىيى» دا ئۆتكۈزۈلگەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ھەمدە ئۇيغۇر ياشلىرىنى دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇنىي بىلىملەر بىلەن تەربىيەلەش كۇرسى قاتارلىق بىر يۈرۈش پائالىيەتلىرىنى 18-مارت كۈنى ئاخىرلاشتۇرغان د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە قۇرۇلتاي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندىلەر 19-مارت كۈنى بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلغا يېتىپ كېلىپ، ياۋروپا پارلامېنتىدا ئېلىپ بارىدىغان 5 كۈنلۈك زىيارىتىنى رەسمىي باشلىدى.

تەپسىلاتى...