يوللانغان ۋاقتى:2010-02-03| سەھىپە: د ئۇ ق تەرىپىدىن چىقىرىلغانلار
2010-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى
بۈگۈن شۋېتسارىيە ھۆكۈمىتىنىڭ، 7 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان گۇنتانامو تۈرمىسىدە ناھەق تۇتۇلۇپ تۇرۇۋاتقان ئەركىن مەخمۇت، بەختىيار مەخمۇت ئىسىملىك ئىككى نەپەر قېرىندىشىمىزنى قوبۇل قىلىش ھەققىدە رەسمىي قارار ئالغانلىقى پۈتۈن ئۇيغۇرلارنى چەكسىز سۆيۈندۈردى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز، خىتاينىڭ شۇنچە بېسىمى ۋە تەھدىتىگە پىسەنت قىلماي، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق پرىنسىپلىرىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىپ، ئىككى نەپەر قېرىندىشىمىزغا يېڭى ھاياتلىق يولى بەخش ئەتكەن شۋېتسارىيە ھۆكۈمىتىگە ۋە شۋېتسارىيە خەلقىگە پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقى نامىدىن رەھمەت ئېيتىمىز !
شۋېتسارىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جەسۇر ۋە مەدىنى قارارى، خىتايدىن ئالىدىغان ئىقتىسادى مەنپەئەتلەر بەدىلىگە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىشىلىك ھەق – ھوقۇقلىرىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىغا كۆز يۇمۇپ كەلگەن بەزى ئەللەرگە ئۈلگە ۋە مەدەت بولغۇسى !
بىز يەنە گۇنتانامودىكى ئىككى قېرىندىشىمىزنىڭ قايتا نىجاتلىققا ئېرىشكەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ۋە كەلگۈسى تەقدىرىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن، شۇنداقلا گۇنتانامودا ناھەق تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنى ئاقلاش ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ خەلقىمىزگە سېلىۋاتقان زۇلۇم ۋە بېسىملىرىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە پاش قىلىش يولىدا زور كۈچ سەرپ قىلغان خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى، ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى … قاتارلىق بارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا، يىللاردىن بۇيان گۇنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز كۈرەش قىلغان ئادۋوكاتلارغا، تەرجىمانلارغا ۋە ھېسداشلىق قىلغان بارلىق ئۇيغۇر ۋەتەنداشلىرىمىزغا، د ئۇ ق تەركىبىدىكى بارلىق تەشكىلاتلارغا، شۇنداقلا شۋېتسارىيە جامائەتچىلىكىگە ئەمىلى پائالىيەتلىرى، ھەرىكەتلىرى بىلەن ئىجابىي تەسىر قالدۇرغان شۋېتسارىيە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتى ۋە ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا چوڭقۇر مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز.
تەپسىلاتى...