يوللانغان ۋاقتى:2011-06-20| سەھىپە: د ئۇ ق تەرىپىدىن چىقىرىلغانلار
ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى
2011 – يىلى 6 – ئاينىڭ 20 – كۈنى
مەرھۇم ئۇستازىمىز ئارسلان ئالىپتېكىن ئەپەندى ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىنى شەرقىي تۈركىستانىڭ مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىگە ئاتىغان، بۇ شەرەپلىك يولدا زور پىداكارلىق ۋە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن، ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقىمىزنىڭ قايغۇ ۋە شاتلىققا ئورتاق بولۇپ كەلگەن مۇنەۋۋەر زاتلىرىمىزنىڭ بىرى ئىدى.
مەرھۇم ئۇستازىمىز ئارسلان ئەپەندىم يەنە بىر دىيانەت ۋە ساخاۋەت ئىگىسى بولۇپ، مۇھاجىرەتتە، بولۇپمۇ تۈركىيەدە قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان كۆپلىگەن شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم قىلغان ۋە بۇ جەھەتتە زور بەدەللەرنى تۆلىگەن ئىدى.
بولۇپمۇ مەرھۇم ئارسلان ئەپەندىم چەتئەللەردىكى شەرقىي تۈركىستان ياشلىرى ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ ئاكتىپ قوللىغۇچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، 1993 – يىلى تۈركىيەدە “شەرقىي تۈركىستان ياشلىرى” گېزىتىنىڭ نەشر قىلىنىشى ئۈچۈن ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن كۆپ ياردەمچى بولغان ئىدى.
بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ تۈركىيەدىكى تەرەققىياتى ۋە كۈچلۈك تەسىرىنى ھەرگىزمۇ مەرھۇم ئارسلان ئەپەندىمنىڭ قوشقان تۆھپىلىرى ۋە كۆرسەتكەن پىداكارلىقلاردىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ !
ئارسلان ئەپەندىمنىڭ ۋاپاتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقى شەرەپلىك، غۇرۇرلۇق ۋە پىداكار بىر ئوغلانىدىن ئايرىلدى، مىللىتىمىزنىڭ بەشى ساق بولسۇن !
ئاخىرىدا، مەرھۇمنىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن پۈتۈن ئالىپتېكىن ئائىلىسىدىن سەمىمىي ھال سورايمىز !
ئەزىز خەلقىمىز مەرھۇمنى ئەبەدىي چەكسىز سۆيگۈ ۋە سېغىنىش ئىچىدە ياد ئېتىدۇ !
چەكسىز قايغۇ ۋە ئېھتىرام بىلەن :
ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى ئىدارە ھەيئىتى
2011 – يىلى 6 – ئاينىڭ 20 – كۈنى
گېرمانىيە – ميۇنخېن
تەپسىلاتى...