دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاينىڭ توسقۇنلۇقىنى ئەيىبلىدى
ر ف ئا خەۋىرى
2012-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى
10-ئاپرېل كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياپونىيىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 4-قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيىدە ئېچىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى 9-ئاپرېل كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ياپونىيىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 4-قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيىدە ئېچىلماسلىقىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ئەينى كۈننىڭ ئۆزىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەىسى رابىيە قادىر خانىممۇ ئەركىن ئاسىيا رادىوسى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشىنى ئەيىبلىگەن ئىدى.
سەيشەنبە كۈنى ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، ياپونىيىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 4-قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كېلىدىغان قۇرۇلتاي قاتناشچىلىرىغا چېگرادىن كىرىش ۋىزىسى بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۆز بايانىدا ئۇيغۇر ئاكتىپلىرىغا ۋىزا بېرىلىشنىڭ سەۋەبىنى ئەسكەرتىپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق ئارىسىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ پاالىيەتلىرىگە ئىپادە بىلدۈرۈشىنىڭ مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
تەپسىلاتى...