دئۇق: 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قانلىق قىرغىنچىلىقىنىڭ 6 – يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ھەققىدە چاقىرىق
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2015-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى
شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ قانلىق قىرغىنچىلىقلارنىڭ بىرى بولغان ۋە خەلقئارادا زور تەسىر قوزغىغان 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 6 – يىللىقى يېقىنلىشىش ئالدىدا تۇرماقتا.
ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى يۈز بەرگىنىگە 6 يىل بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ خەلقىمىزنىڭ يۈرىكىگە سالغان ئازابلىق يارىلىرى ساقايغىنى، تېخى ئاققان قانلار قۇرۇغىنى يوق.
ئۆتكەن بىر يىل يەنى 2014-يىلى، خەلقىمىز ئۈچۈن ئەڭ پاجىئەلىك ۋە قايغۇلۇق يىل بولدى. 2014-يىلى 5-ئايدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان “بىر يىللىق قاتتىق زەربە بېرىش” ھەرىكىتى بىلەن، مىڭلىغان بىگۇناھ ياشلىرىمىز تۇتقۇن قىلىندى، يۈزلىگەن ھەتتا مىڭلىغان ئىنسانلىرىمىز ئۆلتۈرۈلدى. 7-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى يەركەن قىرغىنچىلىقىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆلگەن كىشى سانىنى 96 نەپەر دەپ كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما بىزگە كەلگەن ئۇچۇرلاردا بىر قانچە مىڭ كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇماتلار بار.
تەپسىلاتى...