ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى: «ئۇيغۇر تىلى ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ جان تومۇرىدۇر»

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 16– ئىيۇن

بۈگۈن، يەنى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى «خەلقئارا ئۇيغۇر تىلى كۈنى».

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 2015-يىلى قارار ئېلان قىلىپ، ھەر يىلى 15-ئىيۇن كۈنىنى «خەلقئارا ئۇيغۇر تىلى كۈنى» قىلىپ بېكىتكەندىن بۇيان، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئانا تىلغا مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئارقىلىق بۇ كۈننى تەبرىكلەپ كەلمەكتە.

بۈگۈن باش شتابى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى «خەلقئارا ئۇيغۇر تىلى كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە بىردەك ھەرىكەتكە كېلىپ، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ جان تومۇرى بولغان ئۇيغۇر تىلىنى قوغداشقا چاقىرىق قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، خەلقئارا جەمئىيەتتىن خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارىتا بېسىم ئىشلىتىشنى، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي چەكلىمە ۋە مىللىي كىملىكنى يوقىتىش سىياسەتلىرىگە چەك قويۇشنى تەلەپ قىلدى.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق نىڭ 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 8 -يىللىقى مۇناسىۋېتى بىلەن ئۇيغۇر جامائىتىگە چاقىرىقى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى

2017-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى


شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۈگۈنكى زامان تارىخىدىكى ئەڭ پاجىئەلىك قەتلىئاملاردىن بىرى بولغان 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 8 يىللىق خاتىرە كۈنى يېتىپ كەلمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۆلتۈرۈش، تۇتقۇن قىلىش، تۈرلىك شەكىللەردە باستۇرۇش، مېڭە يۇيۇش سىياسىتى تېخىمۇ ۋەھشى، بارغانسىرى ۋەھىمىلىك بىر شەكىلدە داۋاملىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 8 يىللىقىنى جىددىي پوزىتسىيەدە خاتىرىلەش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلماقتا.

تەپسىلاتى...

خەلقئارا جەمئىيەت چوقۇم خىتاي دۆلەت زوراۋانلىقىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار ئۈچۈن ھەققانىيەت ۋە ئادالەت تەلەپ قىلىشى لازىم

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پىروگراممىسى
2017 – يىلى 8– ئىيۇن

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پىروگراممىسى تيەنئەنمېن مەيدانى قىرغىنچىلىقىنىڭ يىللىق خاتىرە كۈنىدە خىتاي دېموكراتچىلىرى تەرەپتە تۇرىدۇ ھەمدە 28 يىل بۇرۇن ئادەتتىكى خىتاي پۇقرالىرى شوئار قىلغان ئەركىنلىك غايىسىنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پىروگراممىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنى 1989- يىلى 4- ئىيۇندا ئادەتتىكى خىتاي پۇقرالىرى قىرغىن قىلىنغانلىقىدەك بىر ھەقىقەتنى ئاشكارىلاشقا ھەمدە خىتاي دۆلەت زوراۋانلىقىنىڭ بارلىق قۇربانلىرىنى ئادالەتكە ئېرىشتۈرۈشكە چاقىرىدۇ.

تيەنئەنمېن مەيدانى قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش ھېلىمۇ خىتاينىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ھەر قانداق ۋاقتا ئوخشاشلا مۇھىم، چۈنكى شى جىنپىڭ ھاكىميىتىنىڭ دىكتاتورلىقى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە ھەمدە خىتايدا نامايىشچىلار ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان باشقا قىرغىنچىلىقلار سىر پېتى قالماقتا.

تەپسىلاتى...

ياۋروپا ئىتتىپاقى – خىتاي باشلىقلار يىغىنىدا كەم بولسا بولمايدىغان بەش ئىسىم

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى
2017 – يىلى 31– ماي

ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينى ناھەق تۈرمىگە قامالغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىشى لازىم

لوتتې لېكت(Lotte Leicht)

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى ياۋروپا بۆلۈمى ۋە بريۇسسېل ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى

تەن جازاسى، ناھەق تۈرمىگە قاماش، تىنچ شەكىلدە ئىپادىلەشتىن تارتىپ دىنىي ئىبادەتلەر ۋە توغۇلغانبالىلارنىڭ سانىغىچە بولغان چەكلىمىلەر: بۇلارنىڭ ھەممىسى بۈگۈنكى خىتايدا ئادەتكە ئايلانغان كىشىلىك ھوقۇق تاجاۋۇزچىلىقلىرى. شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئالى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بۇ ھەپتە بريۇسسېلغا يېتىپ كېلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى – خىتاي باشلىقلار ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتايدىكى يۈكسەك جاسارەتكە ئىگە بولغان كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى، ئادۋوكاتلار ۋە زىيالىيلار ئېغىر جىسمانىي زەربىگە ئۇچراۋاتقان بولىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۆۋەندىكى بەش شەخسكە قىلغان مۇئامىلىسى بۈگۈنكى خىتايدىكى مۇستەبىت سىياسەتنىڭ قىسقارتىلغان كۆرۈنىشىدۇر:

تەپسىلاتى...

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىنىڭ ب د ت بىناسىدىن چىقىرىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدە ئورتاق بايانات

ۋاكالەتسىز خەلقلەر ۋە مىللەتلەر تەشكىلاتى
2017 – يىلى 9– ماي

2017- يىلى 26- ئاپرېل، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە ۋاكالەتسىز مىللەتلەر ۋە خەلقلەر تەشكىلاتى(UNPO)نىڭ ئەزاسى دولقۇن ئەيسا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەرلىك خەلقلەر مەسىلىلىرى دائىمىي مۇنبىرى(UNPFII)گە قاتنىشىۋاتقاندا مەجبۇرىي ھالدا ب د ت بىناسىدىن چىقىرىۋېتىلگەن. كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقلىرى تەشكىلاتى ۋە ۋاكالەتسىز مىللەتلەر ۋە خەلقلەر تەشكىلاتى قاتارلىق تەشكىلاتلار بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ ئىشنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى ھەققىدە تولۇق چۈشەنچە بېرىلىشىنى ۋە يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ئىپادىلەش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.

تەپسىلاتى...

خەۋەرنامە | 2017-يىلى ماي 5-سانى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نەشرىيات-تەشۋىقات كومىتېتى، 2017-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نەشرىيات-تەشۋىقات كومىتېتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىۋاتقان «خەۋەرنامە»نىڭ بۇ قېتىملىق بەشىنچى سانىدا، قۇرۇلتىيىمىزنىڭ يېقىندا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى، ئۇيغۇر ۋە شەرقىي تۈركىستانغا ئائىت مۇھىم خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولالايسىلەر.

خەۋەر نامىنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى چېكىڭ:

https://drive.google.com/file/d/0B_6RLY3pt-jSeFZDZnpVVEZsanM/view?usp=sharing

تەپسىلاتى...

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پىروگراممىسى: خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى چەتئەللەردىكى مۇستەقىل ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ئېچىۋېتىشى لازىم

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پىروگراممىسى
2017 – يىلى 6– ماي

2017- يىللىق دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنىدە، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پىروگراممىسى خىتاينى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاخبارات چەكلىمىلىرىنى توختىتىشقا چاقىردى

2017- يىللىق دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنىدە، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پىروگراممىسى (UHRP) خىتاينى شەرقىي تۈركىستاندا دۇچ كەلگەن ئاتالمىش مىسلىسىز بىخەتەرلىك تەھدىتىنى ئىسپاتلاشقا چاقىرىدۇ. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پىروگراممىسى ئۈرۈمچى ۋە بېيجىڭ دائىرىلىرىدىن چەتئەللەردىكى مۇستەقىل ئاخبارات خادىملىرىنىڭ توسالغۇسىز ھالدا شەرقىي تۈركىستانغا كىرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى دەۋا قىلىۋاتقان ئاتالمىش مۇقىمسىزلىقنى ۋە شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويۇلۇۋاتقان تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىنى باھالىشىغا يول قويۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ.

تەپسىلاتى...

ﮔﻮﻟﻼﻧﺪﯨﻴﻪﺩﻩ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ  ” ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ  ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻛﯧﯖﯩﺸﻰ”  ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﺶ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ مۇراجىئەت

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى
2017-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى

ﺋﻪﺳﺴﺎﻻﻣﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻜﯘﻡ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﮪﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﻪﺯﯨﺰ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭ،

ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺭﻩﮪﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﺭﯨﻴﺎﺳﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪﻩ 2017 – ﻳﯩﻠﻰ 5 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 3 – ﻛﯜﻧﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﻰ ﺩﺍﺋﯩﻤﯩﻲ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻥ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ، ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ” ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ  ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻛﯧﯖﯩﺸﻰ”    ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻨﻰ 2017 – ﻳﯩﻠﻰ 7 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 21 – ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻦ 23 – ﻛﯜﻧﯩﮕﯩﭽﻪ ﮔﻮﻟﻼﻧﺪﯨﻴﻪﻧﯩﯔ ﺋﺎﻣﺴﺘﯧﺮﺩﺍﻡ ﺷﻪﮪﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯧﭽﯩﺶ  ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ.

ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﻨﯩﯔ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺭﻩﮪﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩ ﺩﯗﻕ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪﻩ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ  ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ   ” ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ  ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻛﯧﯖﯩﺸﻰ”  ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﯩﻠﯩﺪﯗ.

تەپسىلاتى...

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پىروگراممىسىنىڭ باياناتى: خىتاي باستۇرۇشلىرىنى «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرى» نامىدا داۋاملاشتۇرماقتا

 ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پىروگراممىسى

2017 – يىلى 18 – ئاپرىل

img_thumb

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پىروگراممىسى خىتاينىڭ يېڭىدىن يولغا قويغان «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامنامىسى»نىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە ئىبادەتلىرىگە چەكلىمە قويۇش ئارقىلىق ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇققا ئوچۇق ئاشكارا دەخلى تەرۇز قىلىشىغا قارىتا ئەندىشىسىنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پىروگراممىسى مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەتلەر، كۆپ تەرەپلىك ئورگانلار ۋە ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاينى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىدىكى، بولۇپمۇ دىنىي ئەركىنلىك جەھەتتىكى مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشقا ئەسكەرتىشكە چاقىرىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 29- مارت ماقۇللىغان «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامنامىسى» 1- ئاپرېلدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. بۇ يېڭى تەدبىرلەر بۇندىن بۇرۇن شەرقىي تۈركىستان ئىجرا قىلىنغان قانۇن – نىزاملار، يەنى 2015- يىلى ماقۇللانغان «ش ئۇ ئا ر دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش نىزامنامىسى» ۋە 2016- يىلى ماقۇللانغان «ش ئۇ ئا ر نىڭ خىتاينىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامنامىسى» ئاساسىدا ماقۇللانغان.

ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايون بولغان شەرقىي تۈركىستاندا بۇنداق قاتتىق قانۇن – بەلگىلىمىلەرنىڭ ماقۇللىنىشى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى باستۇرۇشىنىڭ قاراتمىلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى. بۇ سەۋەبتىن، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پىروگراممىسى خىتاي باستۇرۇشلىرىنى قانۇن – تۈزۈملەر شەكلىدە قانۇنلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ دەپ قارايدۇ.

تەپسىلاتى...

خەۋەرنامە | 2017-يىلى ئاپرىل 4-سانى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نەشرىيات-تەشۋىقات كومىتېتى، 2017-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى

xewername4_copy

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نەشرىيات-تەشۋىقات كومىتېتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىۋاتقان «خەۋەرنامە»نىڭ بۇ قېتىملىق تۆتىنچى سانىدا، قۇرۇلتىيىمىزنىڭ يېقىندا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى، ئۇيغۇر ۋە شەرقىي تۈركىستانغا ئائىت مۇھىم خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولالايسىلەر.

خەۋەر نامىنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى چېكىڭ:

https://drive.google.com/open?id=0B_6RLY3pt-jSdnQ5RlF4bHZNNWc

 

 

تەپسىلاتى...